You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئاخىرقى بەش مىنۇت

ئاخىرقى بەش مىنۇت

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

تاڭ سەھەردە ئاق دېڭىزنىڭ  كۆپ-كۆك سۇلىرى ئۈستىدىن ئامان – ئىسەن ئۆتكەن سالقىن شامال كۈن نۇرىدا قاردىغان يۇزۇمنى شەپقەتلىك بىلەن سىپاپ ئۆتۇپ، تۈركىيە ئانتالىيە ۋىلايىتى ئالانيا ساھىلىنى بويلاپ، ئاندىن دېڭىز ياقىسىدىكى چوڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارنىڭ يانلىرىدىن سىپىلاپ ئۆتۈپ،  يول چېتىدىكى چىرايلىق بىزەلگەن مېھمانخانىلار ئارىسىدىن سوزۇلۇپ ئۆتۈپ، شەھەرنىڭ بوش كوچىلىرىغا، خېرىدارسىز بازارلارغا ۋە ھەيۋەتلىك قەلئە تاملىرىغا بېرىلىپ سوقۇلاتتى.
تال گۈل، پىكىس ۋە پالما دەرخلىرى بىلەن بىزەلگەن قىرغاقتىكى پىيادىلەر يوللىرىدا تەرگە چۆمۈلۈپ چېنىقىپ يۇگۈرەۋاتقان  ياۋروپالىقلاردىن باشقا ئادەم كۆرۇنمەيىتتى.  پەقەت ئاخشام دېڭىزغا سالغان تورلىرىنى يىغىش ئۈچۈن چىققان بېلىقچىنىڭ كېمىسى تۈزۈكرەك ئولجا يوقمۇ نىمە، ھورۇنلۇق بىلەن قىرغاققا يىقىنلاپلا  كېلىۋاتاتتى.

كېمىگە قادالغان تۈركىيەنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنىڭ پايانسىز  دېڭىزدىكى شولىسى، دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن بىرگە كۆپ-كۆك دېڭىز سۈيى ئىچىدە ھەيۋەتلىك لەپىلدەپ تۇراتتى. كېمە قىرغاققا يېقىنلىغانسىرى دېڭىز سۈيى تېخىمۇ دولقۇنلاشقا باشلىدى. دولقۇنلۇق سۇ بىلەن بىرگە  بايراق شولىسىمۇ قىرغاقتىكى تاشلارغا كېلىپ قاتتىق ئۇرۇلاتتى. سۇ بىلەن شولا ئاپئاق كۆپۈككە ئايلىناتتى ۋە يەنە ئاستا ساقىپ بىپايان دېڭىزغا سىڭىپ كىتەتتى.

مەن پايانسىز دېڭىزغا، تاغدەك دولقۇنلۇنۇپ يۇكسەلگەن سۇلارغا، بايراقنىڭ سۇدىكى شولىسىغا، ئۆركەشلىگەن سۇنىڭ يەنە چۆكۈشىگە، سۇنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقۇتۇپ ئەرزىمەس ئاپئاق كۆپۈكلەرگە ئايلىنىشىغا ۋە كۆپۈكلەرنىڭ يەنە دېڭىزغا قوشۇلۇشىغا  قاراپ، ئەقلىمدىن غىل-پال قىلىپ بىر تىراگىدىيەنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ سىماسى ئۆتتى.

ئۆركەشلىگەن دېڭىز سۈيىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ، كۆپۈكلەرگە ئايلىنىشىغا يەنە تويماي قاراپ تەپەككۈر خېياللىرىغا غەرق بولدۇم. باشتا تۇيغۇلۇرۇم ئوچۇق ۋە چوڭقۇر بولۇشتىن ئۇزاق ئىدى. دېڭىزغا قارىغانسىرى ئۆزلىگىدىن چوڭقۇرلاپ باردى. داۋاملىق تەكرارلىنىدىغان دېڭىز دولقۇنلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مېنى ئىنساننىڭ ھايات قانۇنىيەتلىرىگىچە سۆرەپ كىردى.

ھەي! ئىنسان ھاياتى نىمە دىگەن قىسقا ھە! ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت نىمە دىگەن رەھىمسىز ھە! بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىز، پىلانلىرىمىز، ئۈمىدلىرىمىز ئومۇمەن بىزنىڭ بارلىقىمىز ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. خۇددى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆپۇكلىرىدەك ۋە بايراقنىڭ شولىسىدەك.  دىمەك ھەممىمىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ شولىسى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز، نىمە دىگەن تىراگىدىيەلىك ھە؟

مەن كۆزۇمىنىڭ كۆرۇش قۇۋۋىتى يەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى دېڭىز سۈيىگە دىققەت بىلەن قاراپ، بەش مىنۇت يەنى 300 نى ئىچىمدە ساناپ، سۇنىڭ قىرغاققا كىلىش شەكلىنى كۈزەتتىم. سۇ ماڭا قاراپ بىر چۆكۈپ بىر كۆتۈرۈلۈپ كىلىۋاتاتتى، مەن بىر تەرەپتىن  سۇغا تىكىلىپ تۇرۇپ دولقۇننى كۈزەتسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىمدە ساناۋاتاتتىم. بۇ بەش مىنۇت خۇددى ئىنساننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى بەش مىنۇتتەك تۇيۇلدى. مەن جىددىلىشىۋاتاتتىم. دولقۇنلار كۆزۇمنى قايمۇقتۇراتتى. دېڭىز سۈيى تېزلىك بىلەن ئۆركەشلەپ ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى. ئاخىرقى مىنۇتلار يېتىپ كەلدى. ساناق 300 گە يىقىنلاۋاتاتتى، سۇ دولقۇنلاۋاتاتتى، بىردىنلا ئاجايىپ كۆتۈرۈلگەن بىر دولقۇن كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ، مىڭ يىللاردىن بىرى دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيى يۈزىنى يالاپ ھەر خىل شەكىلگە ئەكىلىۋەتكەن ساھىل تاشلىرىغا كېلىپ ئۇرۇلدى. ئاخىرقى بەش مىنۇت تۇگىدى. مەن كۈزەتكەن سۇ خۇددى ئۆلۈك تەندەك ئۆز ماھىيىتىنى ۋە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقۇتۇپ كۆپۇككە ئايلاندى ۋە ئاستا بەدەندىن ئايرىلغان روھتەك قايتا ساقىپ، ئىككىنجى ھاياتىنى باشلىغاندەك بىپايان دېڭىزغا سىڭىپ كەتتى. دەل ماشۇ چاغدا مەيىن بىر شامال تىترەك ۋۇجۇدۇمنى سىپاپ ئۆتتى.
كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىلەر ئېنىق بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ بىرىۋاتاتتى. ئىچكى دۇنيامىزدا ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان قايغۇلار، قاباھەتلىك چۈشلەر بىلەن بىرگە چوڭقۇر بىر بەخت، خوشاللىق ۋە ئۈمىدلەرنى بىرلىكتە قوبۇل قىلىپ، بۇ ھاياتنى سۆيۈپ تۇرۇپ ياشىشىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھىس قىلدۇردى.

ھايات ھەقىقەتەن قىسقا ئىدى، خۇددى دېڭىزنىڭ كۆز يەتكەن ئارلىقىدىكى كۆپ-كۆك تىنچ سۇنىڭ ئاستا-ئاستا  دولقۇنلاپ كېلىپ، ئاخىرى ھەيۋەتلىك بىر دولقۇن بىلەن قىرغاققا ئۇرۇلۇشىچىلىك ئارلىقتىكى بەش مىنۇت ئىدى.
ئەگەر مۇشۇ  بەش مىنۇت ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى بولسا قانداق قىلغان بولاتتۇق؟
مەن تەپەككۇر خېياللىرىغا يەنە چۆكتۈم، پۈتۈن زىھنىمنى يېغىپ مۇنداق ئويلۇدۇم:

دار ئالدىدا  ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر مەھكۇم، قوللىرى ئارقىغا باغلانغان، بوينىغا سىرتماق سېلىنغان ۋە پۇتىغا بىر كۆتەك قويۇلغان، ئۈمىدسىز كۆزلىرى بىلەن پەرىشان ھالدا قاراپ تۇرغان بىر 23 ياشلاردىكى بالا كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇ بالىنىڭ بۇ دۇنيادا پەقەتلا بەش مىنۇت ۋاقتى بار ئىدى. مانا بۇ بەش مىنۇت ۋاقىت بۇ يېگىتنىڭ بۇ دۇنيادىكى پۈتمەس-تۈگمەس ۋاقتى ئىدى. مانا بۇ بەش مىنۇت بولسا ئۇ ناتىۋان بالىنىڭ بارلىق بايلىقى ئىدى. بۇ بەش مىنۇت ئىچىدە ئۇ يېگىت شۇنچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغاندەك بىر تۇيغۇدا ئىدى. يەنى بۇ بەش مىنۇت بالا ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ئىدى. ھەتتا يېگىت بۇ بەش مىنۇتتا بەزى ئىشلارنى قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئاتا-ئانىسى ۋە دوست-يارەنلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋىلىش ئۈچۈن بۇ بەش مىنۇتتىن ۋاقىت ئاجراتقان ئىدى. نەتىجىدە كۈرۈشۈش ئۈچۈن ئىككى مىنۇت ئاجراتتى. بۇ ھاياتتا ئۆز-ئۆزىنى ئويلاش ئۈچۈن ئىككى مىنۇت ئايرىغان ئىدى. قالغان بىر مىنۇت ۋاقىتتا ئەتىراپقا ئەستايىدىل تويۇپ – تويۇپ بىر قارىۋىلىشنى ئارزۇ قىلدى.
مانا بۇ ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش مىنۇتى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم پىلانلىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىدى. مانا بۇ بىز ئىنسانلاردا يۈز بېرىش مۇقەررەر بولغان ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنىڭ ئاخىرقى بەش مىنۇتى ئىدى.

يېگىت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، بېشىنى تىك تۇتۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان نۇرغۇن كۆزلەرگە قارىدى. بۇ كۆزلەرنىڭ بەزىلىرى چارىسىز ۋە ئۈمىدسىز بولسا، بەزىلىرى تولا يىغلاپ قۇرۇپ قىزارغان كۆزلەر ئىدى، يەنە بەزىلىرى نەپرەتكە تولغان بولسا بەزىلىرى سەمىمىي ھېسياتقا ۋە ئىچ ئاغرىتىشقا تولغان كۆزلەر ئىدى، يەنە بەزىلىرى تېخى ئۈمىد – ئارزۇلارغا تولغان بولۇپ ئۆز نۇرىنى يوقاتمىغان كۆزلەر ئىدى. ئۇ پۈتۈن كۆزلەر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۇچرۇشۇپ، بىرمۇ-بىر خوشلاشتى. ۋاقىت ئۆتۇۋاتاتتى ۋە ئاخىرقى ئۈچ مىنۇت قالغان ئىدى. يېگىت ئۆزى توغرىسىدا ئويلاندى. نىمە ئويلىغانلىقىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتتى. دىمەككى ئۇ ھازىر بۇ دۇنيادا بار ۋە ياشاۋاتتى. ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن كىم بىلىدۇ نىمىلەر بولىدىغانلىغىنى، كىم بىلىدۇ كىملەرنىڭ ياشايدىغانلىقى، ياكى باشقا بىر ئىش يۇز بىرىدىغانلىغىنى. ئۇنداقتا كىمگە نىمە بولىدۇ؟ بۇ يەردە بولامدۇ؟ مانا بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشى كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا يېقىن ئەتراپتىكى مەسجىتنىڭ گۇمبىزىدىكى ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز كۈن نۈرىدا پارلاپ تۇراتتى ۋە شۇنداق بىر مۇڭ بىلەن ئەزاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. يېگىتنىڭ ئىچى يورۇغان ئىدى. دەل ماشۇ چاغدا بالا ناھايىتى زوق بىلەن مەسجىت تەرەپكە قارىغىننى ئويلىيالىدى. ئەمما جاللاتنىڭ كېلەڭسىز بەدىنى يىقىنلاپ كېلىپ، كۆزى بالىنىڭ پۇتىدىكى كۆتەككە تىكىلگەن ئىدى. بالا چاقنىغان ھىلال ئايدىن كۆزىنى ئۈزمىدى. بۇ نۇرلار ئۇنىڭ يېڭى بىر ھاياتى ئىكەنلىكىنى، يەنە تەخمىنەن ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئاشۇ نۈرلارغا ئارىلىشىپ كىتىدىغانلىغىنى ئويلاپ، ھىس تۇيغۇسىدا بىر قورقۇنۇچ پەيدا بولدى. بۇ قورقۇنۇچقا نەپرەتلىنەتتى، ئەمما قانداقتۇر يەنە ئۈمىدكە چۈمدى. ئەگەر ئۆلمىسەم ياكى ھاياتىمنى ئارقىغا قايتۇرالىسام، بۇ مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئىش بولغان بولاتتى ۋە پۈتۈن ۋاقىت ماڭا ئائىت بولغان بولاتتى. كاشكى شۇنداق بولغان بولسا، ھەر بىر مىنۇتنى بىر ئەسىرگە ئايلاندۇرۇپ، سېكۇتنىمۇ بوش ئۆتكۈزمەي ھېسابىنى قىلغان بولاتتىم، دەپ ئويلاۋاتقاندا بىر مىنۇت ۋاقىت قالغان ئىدى. يىگىت پۈتۈن جاسارىتىنى يىغىپ بېشىنى تىك تۇتۇپ، ئوتقاشتەك چاقنىغان كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا قارىدى دە، قانداقتۇ غايىپتىن كەلگەن بىر كۈچ بىلەن ۋىنگىرىيە شائىرى، چار روسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان  ساندۇر پېتوفىي (1823-1849) نىڭ شېئىرلىرىدىن مۇنداق بىر مىسرانى ئېيتتى:

ھايات مەن ئۈچۈن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىلىسىدىن،
ئەركىنلىك ئازاتلىق ئۈچۈن مەن پەقەت.

شۇنىڭ بىلەن تەڭ جاللاتنىڭ كېلەڭسىز پۇتى شەپقەتسىزلىك بىلەن كۆتەككە تەگدى  ۋە يېگىتنىڭ قارا بىر جۇپ  كۆزىدىن ئاققان بىر تامچىدىن ياش غەزەپ  ۋە ئاچچىق دەرت -ئەلەمگە بىلەن تولغان مەسۇم يۈزىدىن يۇمۇلاپ چۇشۇپ، ئانا تۇپراققا سىڭىپ كەتتى.

دەل ماشۇ چاغدا، ئاق دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ قىرغاققا قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەھشەتلىك ئاۋازى مىنى خېيالدىن سىلكىپ ئويغاتتى. پۇتلىرىم دېڭىزدىن ئىتىلىپ چىققان شاكىراپقا چىلاقلىق، ئۈستىنى ئاپئاق كۆپۈكلەر يېپىپ تۇراتتى.  يۈزۈمدە ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىغان بىر غەزەپتىن باشقا بىر نەرسە يوقتى. لېكىن كۆپ-كۆك دېڭىزنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرىغا قاراپ ئۆز-ئۆزەمگە:  «ئۆلۇم بۈيۈك بىر نۇر بىلەن كۆرۈشۈشتۇر، يەنە بىر ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر» دەپ پىچىرلىدىم دە، روھىمنىڭ بوشلىقىنى يېڭى بىر نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.

30.08.2016،  گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top