You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شاھ مىجىت: قومۇل ۋاڭلىرىنى بىلەمسىز؟

شاھ مىجىت: قومۇل ۋاڭلىرىنى بىلەمسىز؟

قومۇلدا ئۆتكەن مۇھەممەت شاھى غازىبەگدىن بىشىر ۋاڭغىچە:

باغداشتا « ئەبجەد(ابجد) ئىلمىي ھەققىدە قىسقىچە» دېگەن يازمامنىڭ ئاخىرىسىدا « چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن يازمامنى قومۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ (1700 –يىلى) گىچە يازغان ئىدىم. بۇ يازمام ئەبەيدۇللا تارخان بەگدىن  بىشىر ۋاڭغىچە   (1949-يىلىغىچە) بولغان دەۋر ۋە ۋاڭلىق ھەم نەسەبلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئەۋەلقى ۋە بۇ يازمام بىرلەشكەندەقومۇل ۋاڭلىرىنى بىر قەدەر تولۇقراق چۈشىنەلەيمىز.

 

مۇھەممەت شاھى غازى (1660-يىلىدىن 1675-يىلىغىچە) بەگ 16-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام دىنى ئۈچۈن نۇرغۇنقانلىق ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئاخىرى- ( قالماق قەبىلىلىرى)ئەڭ كۆپ ئورۇنلىشىۋالغان قومۇل، بارىكۆللەردە ئىسلام دىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ( ئاقسۇ،يەركەنت) خانلىقى-مۇھەممەت شاھىنى ئىسلام مەركىزى ئەرەبىستان خەلىپىلىكىگە ياردەم سوراپ ماڭدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام خەلىپىلىكى، ئەسھابى بەدەر ئەۋلادلىرىدىن بولغان تۆت كىشىنى باش قىلىپ مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي قوشۇننى ياردەم ئۈچۈن يولغا سالىدۇ. مۇھەممەت شاھى غازى ئاقسۇ، يەركەنتكە قايتىپ كېلىپ، قوشۇننى كۆپەيتىپ، ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قومۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان قومۇلنىڭ توغۇچى رايونىدىن ۋە بۈگۈر كۆۋرۈكى ۋە باشقا جىلغىلارغا ئورۇنلىشىپ ئالغان قالماق قەبىلىلىرى قوشۇن تەييارلاپ قويىدۇ. قومۇلدىكى قالماق-مۇڭدار خوتۇنمۇ 300 كىشىلىك قوشۇننى ياردەمگە ماڭدۇرىدۇ. بۇ جايدا ئۈچ كېچە-كۈندۈزقانلىق ئۇرۇش بولۇپ، ئاخىرى مۇھەممەت شاھى  غەلىبە قىلىدۇ ۋە قومۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ دەۋرلەردە توغۇچى، لاپچۇق، قارادۆۋە، سۇمقاغا رايونلىرىدا، جاغاتاي ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. قومۇل شەھىرى- شەھەر ئىچىدە ئايال قالماق مۇڭدار خوتۇن دېگەن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. دېمەك- مۇھەممەت شاھى  غەلىبە قىلىپ قومۇلغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپقان مۇڭدار خوتۇن قارشى ئېلىش تەييارلىقىنى كۆرىدۇ. مۇھەممەت شاھى قومۇلغا يىتىپ كەلگەندە مۇڭدار خوتۇن قومۇل شەھىرىنىڭ غەرىبىدىكى «گۈەن تىڭزا» دېگەن جايغا قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىققان. شۇنىڭ بىلەن مۇڭدار خوتۇن تېنچلىق بىلەن تەسلىم بولغان. مۇھەممەت شاھى  غازى بەگ قوشۇنلىرى بىلەن شەھەرئىچىگە كىرىپ-ھازىرقى ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئورداخى مەھەللىسىدە ئورۇن ئالغان.

 

مۇھەممەت شاھى  غازى بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ بىر نەچچە مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوردا قۇردى. مۇھەممەت شاھى  غازى بەگدىن- تاكى يۈسۈپ ۋاڭغىچە مۇشۇ جاينى ئوردا تۇتۇپ كەلگەن. مانا شۇندىن باشلاپ ئورداخى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ ۋاقىتلار 16-ئەسىرنىڭ 7-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قومۇلنىڭ تاغ رايونلىرى بولغان ( ئاراتۈرۈك، تۈركۆل، نوم، ئاداق) قاتارلىق رايونلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاراپتان باشچىلىقىدىكى قالماق قالدۇقلىرى تەرىپىدىن قومۇلغا خەۋپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مۇھەممەت شاھى غازى بەگ زور قوشۇن تەييارلاپ، مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئارقا سەپ قىلىپ قويۇپ، مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن باركۆل، ئاراتۈرۈك ناھىيىلىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ، باركۆل ناھىيىسىگە كېلىپ ئىككى كۈن تۈشكۈن قىلىپ ئەھۋال ئىگەللەيدۇ. باركۆلدىكى قالماق قالدۇقلىرىنىڭمۇ ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىن –تۈركۆل، ئاداق، نوم قاتارلىق رايونلارنىڭ ئارىلىقىدىن قاراسىڭىر ئۇزۇن بۇلاق، قاپاق يار دېگەن ئورۇنلارغا ئورۇنلىشىپ قوشۇن تەييارلاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاراتۈرۈك ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئاخىرى نىشان قىلىنغان جايغا- ( ئۇزۇن بۇلاققا يېقىن كېلىدىغان قارا سىڭىردا) تۈشكۈن قىلىپ تەييارلىق كۆرگەندىن كېيىن تۆت كېچە كۈندۈز قاتتىق قانلىق ئۇرۇش بولىدۇ. بۇ جاينىڭ يەر شەرت-شارائىتى مۇھەممەت شاھى غازىغا ئوڭايسىز بولغاچقا، مۇھەممەت شاھىنىڭ قوشۇنلىرى كۆپرەك قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ قالىدۇ. ئەرەبىستان تەرىپىدىن ياردەم ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن قوشۇنمۇ مۇشۇ جايدا كۆپرەك قىرىلىپ كېتىدۇ. قالماق قوشۇنلىرىمۇ زور دەرىجىدە قىرىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ياردەمچى ئارقا سەپ قوشۇن يېتىپ كەلگۈچىلىك قالغان قوشۇن بىلەن گىرەلىشىپ ئۇرۇش قىلىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا، مۇھەممەت شاھنىڭ سول قولى مۈرىسى بىلەن ئېغىر يارىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ مېيىپلەنگەن قول ئاز قىسىمدىكى گۆش بىلەن ساڭگىلاپ قالغاندا، مۇھەممەت شاھى غازى قولىنى بېغىشىدىن تۇتۇپ ئۈزۈپ ئېلىپ قۇرال ئورنىدا ئىشلىتىپ، ھالسىزلانغۇچىلىك ئۇرۇش قىلغان. مانا شۇ ۋاقىتتا ياردەمچى ئارقا سەپ يېتىپ كېلىش بىلەن قانلىق چوڭ ئۇرۇش باشلىنىپ قالماق قوشۇنلىرى ئېغىر قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، ئامالسىز چېكىنىپ قاچقان. كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ باي رايونىدىن ئۆتكۈزۈپ تاشلاپ، ئىسلام بايرىقىنى قاداپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەت شاھى غازى خېلىلا ئېغىر ھالسىزلىنىپ يېتىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن قومۇلغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئوغلى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ ئۆز قولى بىلەن داۋالاپ كۆرگەن بولسىمۇ، ساقيىش ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلىكتىن مۇھەممەت شاھى  غازىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن داۋالاشنى توختاتقان. مانا شۇ ۋاقىتتا ئوغلى ئەبەيدۇللا تارخانغا ۋەسىيەت قالدۇرغان. ( ئادالەتلىك بىلەن يۇرت سوراش ھەققىدە) مۇشۇ ۋەسىيەتنىڭ كەينىگە ئۇلاپ نەسەبنامە يازدۇرغان ( شاھى مەشىرەپتىن-يارى مۇھەممەت غازىغىچە) يېزىپ قالدۇرغان. مانا شۇندىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن نەسەپنامىدۇر.

 

مۇھەممەت شاھى  غازى نۇرغۇن قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن جايلارنى پەتى قىلىپ، غەلىبە قازىنىپ كەلگەنلىكتىن، ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھېكىم بەگ دېگەن نام بېرىلگەن. مۇھەممەت شاھى غازى ھېكىم بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، تەخمىنەن ( 16-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا ئۆتكەندە) ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جۇڭغارىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ زاۋالىققا يېتىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم جوڭغار قالماق قالدۇقلىرى، بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا ئانچە-مۇنچە توپىلاڭ چىقىرىپ تۇرغانلىقتىن، دۆلەتنى تېنچلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەنچىڭ خانلىقى تازىلاش قوشۇنى ماڭدۇرۇپ، توپىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇپ- قومۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ، مانا شۇ مەزگىلدە قومۇل شەھىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدە (توغۇچى-بۈگۈر كۈۋرۈكى قالماق جىلغىسى ئەتراپىغا) ئورۇنلاشقان جۇڭغار قالدۇقلىرى ( خۇلدان) باش كۆتۈرۈپ، ئۆز ئوغلى بالجور دېگەن باش قىلىپ، قومۇلغا ماڭدۇرغانلىقىنى خەۋەر تاپقان ئەبەيدۇللا تارخان بەگ، ئەللىك كىشىلىك قوشۇننى،سۇلتان پالۋان دېگەن كىشىنى باش قىلىپ، قومۇل كېچىكىگە بەش چاقىرىم يىراقلىقتىكى قۇلايلىق جايغا، پىنھان ھالدا مۆكتۈرۈپ قويىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: بۇ يەردەبىر ۋەقەنى قىستۇرۇپ قويۇش توغرا كېلىپ قالدى. ئەبەيدۇللا تارخان بەگ بۇ خەۋەرنى قانداق ئۇقۇپ قالغان دېگەندە، توغۇچىنىڭ قالماق جىلغىسى ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان قالماق ئاھالىلىرىدىن بىر كىشىنىڭ ئايالى ناھايىتى ئۇزۇن يىللىق پولداڭ كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالغانلىقتىن بۇ كېسەل ئۈچۈن قالماق نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ كەتكەن. قالماق ئەبەيدۇللا تارخان بەگ ناھايىتى ئۇستا تېۋىپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قومۇلغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبەيدۇللا تارخان بەگنىڭ ھوزۇرىغا كىرىدۇ، ئەبەيدۇللا تارخانبەگ بۇلارنى ياخشى مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋېلىپ كېسەلنى داۋالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەل ساقىيىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى بۇ كېسەل تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، قالماق ناھايىتى خۇش بولۇپ، ئەبەيدۇللا تارخان بەگنى رازى قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەبەيدۇللا تارخان بەگ كۆنمەيدۇ. خالىس، ھەقسىز داۋالىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇقالماق ناھايىتى خۇش بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. شۇندىن كېيىن بۇ قالماق ئەبەيدۇللاتارخان بەگنىڭ ھوزۇرىغا پات-پات كېلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان. باش كۆتۈرمەكچى بولغان خولداننىڭ ئىشىنى مۇشۇ قالماق يەتكۈزگەن ئىكەن. لېكىن بۇ قالماقنىڭ ئىسمى نېمە ئىكەنلىكىنى نامەلۇم. ئەبەيدۇللا تارخان بەگ بۇ قالماقنى پولداڭ قالماق دەپ ئاتىغان.

 

باش كۆتۈرگەن قولدان ئوغلى بالجۇرنى بىر قىسىم قۇراللاندۇرۇلغان ئادەملىرى بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ يولغاسالىدۇ. بالجۇر، ئەبەيدۇللا ماڭدۇرغان سۇلتان پالۋاننىڭ باشچىلىقىدىكى قوشۇن بارجايغا يېتىپ كەلگەندە سۇلتان پالۋاننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچىرايدۇ. نەتىجىدە بالجۇرنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بالجۇر بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ.

 

ئەبەيدۇللا تارخانبەگ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ قالدۇقلارنى تازىلاش قوشۇنىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، قوشۇنىنى ئېلىپ، توغۇچى رايونىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئەبەيدۇللا تارخان بەگ قومۇل كېچىكىگە يېتىپ كەلگەندە مۆكۈنۈپ ياتقان بالجۇر ھۇجۇمىغا ئاتلىنىدۇ، لېكىن ئەبەيدۇللا تارخان بەگنىڭ قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمىگەن. بالجۇر ئامالسىز چېكىنىپ توغۇچى شەھىرىگە بېرىۋالىدۇ. ئەبەيدۇللامۇ كەينىدىن قوغلاپ توغۇچىنىڭ قولايلىق بىر جايىغا ئورۇنلىشىپ، ئەبەيدۇللا بالجۇرغا ئەلچى قويىدۇ. لېكىن بالجۇر، ئۆزىنىڭ پىلانلاپ قويغان شەرتىنى ئىزھار قىلىدۇ ( بىز ئىككى تەرەپ ھەربىي قوشۇنلارنى ئىككى تەرەپكە تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرىدا ئىككىمىز چېلىش قىلساق، بۇ چېلىشتا كىم غەلىبە قىلسا،توغۇچىنى شۇ سورىسۇن، دېگەن شەرتنى ئېيتىدۇ) بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەبەيدۇللا مەرتلىك قىلىپ، بۇ شەرتكە كۆنىدۇ. ئەمما ئەبەيدۇللانىڭ قوشۇن باشلىقلىرى بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ كۈن مۇددەت بىلەن تەييارلىق قىلىپ تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئىش باشلاشنى شەرت قىلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇددەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى( يېرىم كېچىدە) ھېلىقى پولداڭ قالماق ئارقىلىق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ( يەنى بالجۇر يالاڭغاچ تۇغما سۈپەتكە كېلىپ پۈتۈن تېنىغا چوشقا مېيىنى قويۇق سۈرتۈپ شۇپېتى مەيدانغا چۈشىدىغانغا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىكەن) شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەبەيدۇللا تارخان بەگ، دەرھال ئويلايدۇ. ئەگەر شۇ ئەھۋال بىلەن مەيدانغاچۈشسە ئۆزىنىڭ يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ كېچىدىلا يولغا چىقىپ كېتىدۇ. قومۇل كېچىكى ( بۈگۈر كۆۋرۈكىدە) مۈكۈنۈپ ياتىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بالجۇر، خوشال بولۇپ مەن غەلىبە قىلدىم دەپ تۇغما يالىڭاچ پېتى سەپ تارتىپ يولغا چىقىدۇ. دەل شۇ جايغا ( بۈگۈر كۆۋرۈكىگە يېتىپ كەلگەندە) كۈۋرۈك تېگىگە مۈكۈنۈپ ياتقان سۇلتان پالۋان ئوقيا بىلەن قارىغا ئېلىپ، بالجۇرنى يىقىتىدۇ. بالجۇر يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن ئادەملىرى چۆرىسىنى قوۋۇلداپ توپلىشىپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بالجۇر ۋە ئادەملىرىنى تېرە-پېرەڭ قىلىۋېتىدۇ. بالجۇر مەغلۇپ بولۇپ ئۆلىدۇ. ئاتىسى خولدان ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ زەھەر ئىچىپ ئۆلىدۇ ۋەشۇنىڭ بىلەن قومۇلدىكى قالدۇق قالماق توپىلاڭچىلىرى تازىلىنىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭچىلارنى تازىلاشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ مەنچىڭ خانلىقى ئەنگە ئالىدۇ. ئەبەيدۇللاغا تارخان دېگەن ئۇنۋان بېرىدۇ. دۆلەت ۋە يۇرت ئىچى تېنچلانغاندىن كېيىن شەھەر قۇرۇش پىلانچىلىرىنى تەييارلاپ، ئاندىن شەھەر سېپىلىنى سوقتۇرۇپ، كۆركەملىك ئوردىغا تۇتۇش قىلىدۇ. ئەبەيدۇللا تارخان ( دارخان) بەگ17-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى ۋاپات بولىدۇ (كاڭشى خاننىڭ دەۋرلىرىگە ئۆتكەن ۋاقىت بولسا كېرەك).

 

ئەبەيدۇللا تارخان بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئوغلى گۇپى بەگكە قالىدۇ. لېكىن گۇپى بەگ ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋارسلىق قىلىش-ئۇنىڭ ئوغلى ئىمىنگە قالىدۇ.خانلىق ئىمىننى ھاكىم بەگلىكى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندە گۇڭلۇق مەنسەپكە كۆتۈرىدۇ. ئۇ 10 يىل گۇڭ بولۇپ، 17-ئەسىرنىڭ تەخمىنەن 30نەچچىنچى يىللىرىغا ئۆتكەندە، ئىمىن گۇڭ ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋارسلىق ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپكە قالىدۇ. يۈسۈپ تەختكە چىققاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قىسىم توپىلاڭچىلار مەيدانغا چىققان. يۈسۈپ ئاتاقلىق پالىۋانلار بىلەن قوشۇن ئەۋەتىپ بېسىقتۇرغان. مانا شۇ ۋاقىتتا يۈسۈپكە خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ ۋاڭلىق مەنسەپ بېرىلگەن. مانا شۇندىن باشلاپ قومۇلدا ۋاڭلىق تۈزۈم مەيدانغا كەلگەن. يۈسۈپ ۋاڭ 29يىل ۋاڭ بولۇپ ئۆتكەن. يۈسۈپ ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن (17-ئەسىرنىڭ 60-ىنچى يىللىرى) ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاق ۋاڭ بولدى. ئىسھاق ۋاڭ تەختكە چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئالدىغا بىر نەچچە قېتىملار سالامغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭلار خانلىقنىڭ ئالدىغا سالامغا بارغاندا قانداق يوسۇن-قائىدىلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى تولۇق بىلمىگەنلىكتىن خانغا يارىماس ئەھۋاللار سادىر بولۇپ قالغانلىقتىن، ئىسھاق ۋاڭ قايتىپ بېرىپ، خوتەن ۋاڭلىقىنىڭ ئۈچ يىل تەربىيىسىنى كۆرۈشنى بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ۋاڭ قايتىپ چىقىپ تەييارلىق كۆرۈپ ئۈچ يىل مۇددەتلىك ئاساسىدا خوتەن ۋاڭلىقىنىڭ ھوزۇرىغا كېلىدۇ. مانا شۇ جەريانىدا ئۇكىسى ئەخمەت تەيجى باغداش تېغىغا بېرىپ ئاكىسى ئىسھاق ۋاڭغا ئاتاپ تاغ باغرىدا راۋاق سالدۇرىدۇ. ئاشلىق تېرىلغۇ ئېتىزلىرىنى كېڭەيتىپ بىر قىسىم جايلارغا مېۋىلىك باغ بىنا قىلدۇرۇپ، ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دەل ئۈچىنچى يىلى ئىسھاق ۋاڭ قايتىپ كەلگەندە ئىچى سېسىق كىچىك تەيجىلەر ئەكسىنچە ئىسھاق ۋاڭغا ئەخمەت تەيجىنى چاقىدۇ. ئىسھاق ۋاڭ، ئۇكىسى ئەخمەت تەيجىنى ۋاقىرتىپ:- سەن ۋاڭلىق تالىشىپ، ئۆزۈڭگە راۋاق ۋە باغ –بوستانلارنى تەييارلاپسەن. قاچان ۋاڭلىقنى تارتىپ ئالماقچى، دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇكىسى ئەخمەت تەيجى گەپ قىلماستىن كەينىگە يېنىپ چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن مەھكەم بېكىتىپ يېتىۋالىدۇ. ھەتتا ئاش-تاماقمۇ يېمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەل بولۇپ ئېغىر يېتىپ قالىدۇ. ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. مانا شۇۋاقىتتا ئۇكىسى ئەخمەت تەيجىگە قاتتىق كۆڭۈل ئاغرىقى كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشۈنۈپ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، يىغا-زارە قىلىدۇ. مانا شۇ ئۇكىسى ئەخمەت تەيجى ۋاپات بولغاندا، ئىسھاق ۋاڭنىڭ ئوغلى ئەدىشىر ئوۋ قىلىشقا چىقىپ كەتكەن، بۇ خەۋەر يەتكەندىن كېيىن ئەدىشىر كەينىگە يېنىپ مۇنداق دېگەن: « ئەدىشىر ئوۋغا، كەينىدىن غەۋغا» دېگەن سۆزنى قىلغان. مانا شۇندىن كېيىن، ئەدىشىر ئوۋغا، كەينىدىن غەۋغا دېگەن سۆز خەلق ئىچىدە تەمسىل بولۇپ قالغان.

ئىسھاق ۋاڭ 15 يىل ۋاڭلىق قىلغان.

 

17-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئىسھاق ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋارسلىق ئۇنىڭ ئوغلى ئەدىشىرگە قالىدۇ. ئەدىشىر 40 يىل ۋاڭلىق قىلىدۇ.

ئەدىشىر 18-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت بىشىر ۋاڭ بولغان. مۇھەممەت بىشىر ۋاڭلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن يۇرت ئىشلىرىگە بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن. مەسىلەن: ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىنى يولغا قويغان ۋە مەدرىسلەرنى بىناقىلغان، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن. مانا بۇ دەسلىپىدىكى ئىشلىرىدۇر. ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېتىپ، بەزەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەقلىدىن ئېزىپ قانلىق قىرغىنچىلىق قىلغان. مەسىلەن: خى لاۋۋا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. ئىككىنچى، مۇشۇ قىرغىنچىلىق قىلىش پىلانىنى تۈزگەن ۋاقتىدا پەتھىنۇش دېگەن تەيجىسى بۇ پىلانغا قاتتىق نارازى بولۇپ مۇنداق قىلىش ئېغىر  ئادالەتسىزلىكتۇر مۇنداق قىلىش خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇرۇن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىشى توغرا ئىدى، بۈگۈندىن باشلاپ مەن بۇ ئىشقا ئارىلاشمايمەن، دەپ ئوردىدىن چىقىپ كەتكەن. بىرمەزگىل ئۆتكەندە خانلىقتىن ئالاقە چىقىدۇ. بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا،قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا ئارقا تىرەك بولماقچى بولغان كىم؟ بۇنى ئېنىقلاپ خانلىققا دەرھال يوللاش كېرەك دېيىلگەن. « ئاساسىي ئارقا تىرەك پەتھىنۇش» دەپ تۆھمەت قىلىپ خانلىققا يوللايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا خانلىقتىن ئالاقە يېتىپ چىقىدۇ. ئالاقىدا مۇنداق دېيىلگەن: توپىلاڭچىلارنىڭ ئارقا تىرىكى بولغان پەتھىنۇش تەيجىگە ئۆي ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. ئاندىن پۈتۈن يەر –زېمىن، مال-مۈلۈك دۇنياسى دۆلەت خەزىنىسىگە مۇسادىرە قىلىپ ئېلىنسۇن. مۇھەممەت بىشىر ۋاڭ ئاخىرى ئامالسىز پەتھىنۇش تەيجىنى ئايالى رەنا خېنىم بىلەن موجۇر دېگەن بىر ئوغلىنى قېلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇ ۋەقە تەخمىنەن 18-ئەسىرنىڭ40-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.

 

يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن كېيىن خۇيزۇ توپىلاڭچى قوشۇننىڭ باشلىقى- داۋۇت خەلپە دېگەن كىشى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپ قومۇلغا كېلىپ، مۇھەممەت بىشىر ۋاڭنى ئۆلۈمگە مەنسۈپ قىلىدۇ ۋە بۇلاڭ-تالاڭغا كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ قوشۇنى ۋە يەرلىك قوشۇن بىرلىكتە، داۋۇت توپىلاڭچىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. داۋۇت توپىلاڭچى قوشۇنلىرى كۆپرەك قىرىلىپ كەتكەنلىكتىن، قېچىپ يوقىلىدۇ. بۇ ۋاقىت 18-ئەسىرنىڭ60-نچىنچى يىللىرىغا توغرا كېلەتتى. مانا بۇ ۋاقىتنى « دايۈەنشۈەي » يىغىلىقى دەپ ئاتىلىپ قالغان.

 

مۇھەممەت بىشىر ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى غولام مۇھەممەت ۋاڭلىققا تەيىنلەنگەن. لېكىن غولام مۇھەممەت، تۇغما پالەچ ( پۇتى-قولى ئاجىز) تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشىنى مېھرىبانۇ چىڭۋاڭ ( پۇجۇڭ) خېنىم ئورۇنلىغان. غولام مۇھەممەت ئۆلگەندىن كېيىن خانلىقتىن مېھرىبانۇ پۇجۇڭ خېنىم چىڭۋاڭ قىلىپ تەيىنلەنگەن. بۇ، 18-ئەسىرنىڭ 68-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. مېھرى بانۇ چىڭۋاڭ بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، يۇرتنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن: دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا، سۇ-ئىنشائات ئىشلىرىغا،ئىلىم-مەرىپەت ۋە بىر قىسىم سەنئەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. گادايلار سېڭىدەپ ئايرىم ساڭ قۇرغان. ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋاڭلاردىن تارتىپ يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلق ئۈستىدىكى بىر قىسىم سېلىقلارنى ئازايتقان. بىر قىسىم باجلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھەتتا بىر يىلدا ئىككى ئۈچ قېتىم دېگۈدەك يۇرت ئىچىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن. يېزا-قىشلاقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرگەن. دېمەك، مېھرى بانۇ چىڭۋاڭ قومۇل ۋاڭلىرى ئىچىدە، يۇرت ۋە خەلقنى ئادالەتلىك بىلەن سورىغان ۋاڭلارنىڭ بىرى.

 

مېھرىبانۇ چىڭۋاڭ 18-ئەسىرنىڭ 70 نەچچىنچى يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن.

مېھرىبانۇ چىڭۋاڭنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، بىرى ئولتۇرغان مەپە ئۆرۈلۈپ ۋەقەدە قازا قىلىدۇ. ( چوڭىنى چوڭئاي پۇجۇڭ خېنىم، كىچىكىنى كىچىك ئاي پۇجۇڭ خېنىم دەپ ئاتايتتى) كىچىك قىزىنى شاھمەخسۇت خوتۇنلۇققا ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاڭلىق شاھ مەخسۇتقا ئۆتىدۇ. شاھ مەخسۇت1930-يىلى ۋاپات بولۇپ، 55 يىل ۋاڭ بولىدۇ. شاھ مەخسۇتنىڭ ۋاڭلىقىغا ئوغلى نەزەر ۋارسلىق قىلىدۇ. نەزەر ئۆلگەندىن كېيىن ۋارسلىق ئوغلى بىشىرگە قالىدۇ. بىشىر ۋارسلىق قىلىدىغان يىللار ( 1950-يىلى) بولۇپ بىشىر ئۆلۈپ قومۇلدىكى ۋاڭلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆتىدۇ.

مەنبە: قومۇل تارىخ ماتېرىياللىرى 190-بەت

باغداش مۇنبىرىدىن ئىلىندى

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top