You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئاۋىستىرالىيەدە ئوقۇش

ئاۋىستىرالىيەدە ئوقۇش

ئاۋسترالىيەدە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشنى خالايدىغان ۋەتەندىكى ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

1. ئاۋسترالىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر: تۆۋەنكى توربەتدىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى تاپىسىز: http://www.australian-universities.com/list
بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتارلاردا تۇرىدىغانلىرى:

University of Melbourne
University of Sydney
Australian National University
University of New South Wales
RMIT University    (Royal Melbourne Institute of Technology)
Monash University
University of Western Australia
University of Queensland
Deakin University

2. ئىنگلىزچە سەۋىيەگە قويغان شەرتى: ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار توئەفل بىلەن ئىئەلتس نىڭ نەتىجىسىنى ئەتىراپ قىلىدۇ. مەسىلەن، مەلبورۇن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ ئىمتىھانلارغا بەلگىلىگەن ئۆلچىمى تۆۋەندىكى توربەتىدىن تاپىسىز: http://www.services.unimelb.edu.au/admissions/guide/english_pg_reqs.html
بەزى مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى سەل تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، تەپسىلىي ئەھۋالنى ھەربىر مەكتەپنىڭ توربېتىگە كىرىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئىزدەش ئۇسۇلى:
•  مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ توربېتىگە كىرىسىز، مەسىلەن: www.monash.edu.au
• باشبەتدە چوقۇم ”Search“ دېگەن بىر يەر بولىدۇ. بۇ يەرگە ”Postgraduate English Requirement“ دەپ كىرگۈزىسىز
• نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇلىنىشلار چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3-سىدە سىزگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇر بار، يەنى
http://www.monash.edu/international/englishrequirement/

3. قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك: ئاۋسترالىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش جەريانى ياكى ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتدىن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا http://www.meripet.com دىكى “How to apply for an American university”دېگەن مەزمۇندىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

4. ئاۋسترالىيەدە مۇكاپات پۇلى: ۋەتەندىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىيالى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەممىدىن ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇكاپات پۇلى ئېلىپ كەلگەن ياخشى. بىراق، ئاۋسترالىيەدە مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئامېرىكىغا قارىغاندا سەل تەس، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ۋە ماگىستېرلىق ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق. بىراق سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق. ئادەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرەر مەكتىپىدە ماگىستېرلىقنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز، دوكتورلۇقتا مۇكاپات پۇلى ئېلىشقا يول ئېچىلىدۇ. ئەگەر سىز ۋەتەندە ياكى باشقا دۆلەتلەردە ماگىستېرلىقنى ئېلىپ، دوكتورلۇقنى ئاۋسترالىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن كېلىمەن دېسىڭىزمۇ مۇكاپات پۇلى ئېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىسمەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇغىچىلىرى ئۈچۈن بېرىدىغان بىر مۇكاپات پۇلى بار. ئۇنى ئائۇسائىد سچولارشىپس دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگومۇ مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل. بىرى بىۋاسىتە ئاۋسترالىيەدىن ئىلتىماس قىلىش، يەنە بىرى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش. تەپسىلىي ئەھۋالنى تۆۋەندىكى توربېتىدىن كۆرۈڭ:
http://www.ausaid.gov.au/scholar/studyin.cfm#ads
جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئېھتىمال بۇ يەر بىلەن ئالاقە قىلىشدىن ئىلگىرى شىنجىئاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ، تەپسىلىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسىڭىز ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى،مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇ مۇكاپات پۇلىغا تېگىشلىك سانلارنى ھەربىر ئۆلكىلەرگە تەقسىم قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئاندىن يەرلىك مائارىپ نازارىتى قايسى ئىدارىدىن، قايسى كەسىپدىن، يەنە كىمنىڭ بېرىشىنى بېكىتىشى مۇمكىن:

ADS Scholarship Inquiries
Tel: 86-10-64352856
Fax: 86-10-64352857
Email: adschina@163bj.com
Address: 3-3-502, Dongrunfengjing
Nanshiliju, Chaoyang District Beijing, 100016, P R China
Website: www.adschina.org

يەنە بىر مۇكاپات پۇلى IPRS((International Post Graduate Research Scholarships. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ مۇكاپات پۇلى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇكاپات پۇلى.
http://www.dest.gov.au/archive/highered/research/documents/iprs2000.htm
http://www.usyd.edu.au/io/scholarships/iprs.html
بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مۇكاپات پۇللىرى بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى شۇ مەكتەپنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، ”Scholarships for internationalstudents ”
نى ”search“ قا كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: Melborun ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرى تۆۋەندكى بەتتە:       http://www.services.unimelb.edu.au/scholarships/pgrad/international
Sydney ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ: http://www.usyd.edu.au/io/scholarships/index.html
Monash ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ: http://www.monash.edu/international/scholarships
5. ئوقۇغۇچى ۋىزىسى: ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، سىز ۋىزا ئىلتىماسىڭىزنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىسىز. ئۇلار تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سىزگە خەۋەر قىلىدۇ. ئەگەر مۇكاپات پۇلىڭىز بولسا، ۋىسا ئېلىشىڭىز تەسكە توختىمايدۇ. ئائىلىڭىز بولسا بالا چاقىڭىزنىمۇ ئاسانلا ئېپچىقىپ كېتەلەيسىز. ۋىسا توغرىلىق تەپسىلىي ئۇچۇرنى بۇ توربېتىدىن كۆرۈڭ: http://www.immi.gov.au/study/index.htm

ئەسكەرتىش: ئاۋسترالىيەگە ئوقۇغۇچى ۋىزىسىدىن باشقا ھەرقانداق ۋىزا بىلەن كېلىپ، ئۇ ۋىزىنى ئوقۇغۇچى ۋىزىسىغا ئۆزگەرتىپ ئوقۇشقا كىرىمەن دېسىڭىز رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سىز چوقۇم كەلگەن دۆلىتىڭىزگە قايتىپ بېرىپ، ۋىزىڭىزنى ئوقۇغۇچى ۋىزاسىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشقا كىرەلەيسىز.

6. ئاۋسترالىيەدە ئوقۇش خىراجىتى: ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەم ئوخشىمىغان كەسپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتدە بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 15000-25000 ئائۇد (ئاۋسترالىيە دوللىرى) كېتىدۇ. بۇ پۇل 2005-يىلى 2-ئاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە، تەخمىنەن 90000-150000 خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىلدا مەجبۇرى 300 ئائۇد ئەتراپىدا سالامەتلىك سۇغۇرتا پۇلى تۆلەيسىز. ئاۋسترالىيەدە ماگىستېرلىق ئادەتدە بىر يېرىم يىلدا تۈگەيدۇ. دوكتورلۇق ئۈچ يېرىم يىلدىن 4 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

7. ئاۋسترالىيەدە تۇرمۇش خىراجىتى: ئىكك ياكى 3 ياتاقلىق ئۆيدە باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرسىڭىز، ئېيىغا 350-500 ئائۇد كېتىشى مۇمكىن. بۇنى پۈتۈنلەي ئۆينىڭ ئورنى ۋە شارائىتى بەلگىلەيدۇ. تاماقنى ئۆزىڭىز ئېتىپ يېسىڭىز، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل كەتمەيدۇ. بىر ئايدا 200-300AUD يېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت قاتناش، پارچە-پۇرات چىقىملارنى قوشسا بىر ئايدا بىر ئادەمگە 600-900 AUD ئەتراپىدا پۇل كېتىشى مۇمكىن. بۇنى ئەلۋەتتە يەنە سىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ.

8. ئاۋسترالىيەدە خىزمەت: ئوقۇغۇچى ۋىزىڭىز بىلەن ھەپتىسىگە 20 سائەت قانۇنلۇق خىزمەت قىلالايسىز. ئەگەر سىز ئائىلىڭىز بىلەن بىللە تۇرسىڭىز، سىزگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن كەلگەن جۆرىڭىزنىڭ تولۇق خىزمەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئوخشىمىغان شەھەرلەردە خىزمەت پۇرسىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. Sydney، Melborun دېگەندەك چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ. مەسىلەن، رېستۇرانلاردا كۈتكۈچىلىك قىلسىڭىز سائىتىگە 8-12 AUD غا ئىشلەيسىز. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسىگە ياردەم قىلسىڭىز 15-30 AUD ئالىسىز. ئۇنىۋېرسىتېتلەردە دەرس ئۆتسىڭىز 75 AUD ئەتراپىدا ئالىسىز.

يۇقىرىدا يازغان ئۆلچەمنى پەقەت ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم دەپ ھېسابلاڭ. يالغۇز بىر ئادەمگە ئادەتتە تاماق پۇلى ھەپتىدە 40-60 AUS دوللار كېتىشى مۇمكىن. (رېستۇرانلارغا كىرىش بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.)  ياتاق پۇلى ھەپتىدە 70-120 AUS دوللارغىچە بولىدۇ. قاتناش خىراجىتى ھەپتىدە ئەڭ تۆۋەن ھېسابتا 25 دوللار كېتىدۇ (ھەپتىلىك بېلەت ئالسىڭىز). ئەگەر ئۆزىڭىز ماشىنا ھەيدىسىڭىز قىممەترەك توختايدۇ.  قالغانلىرى ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە باغلىق. ئادەتدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەرگە، ئاز-تولا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، مەسىلەن، كىنو، تىياتىر كۆرۈش، ساياھەت قىلىش، ئانچە-مۇنچە رېستۇرانلارغا كىرىش دېگەندەك پائالىيەتلەرگە كېتىدىغان خىراجەت يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەنلەرنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

(بۇ قىسىمنى ئاۋسترالىيەدىكى سىڭلىمىز ئايشە ئېلى تەمىنلىگەن.)

More Information about Australian universities

A list of Australian universities may be found in this website: http://www.australian-universities.com
Among these universities, there are some prestigious ones:
University of Melbourne
University of Sydney
Australian National University
Monash University
University of New South
Wales Deakin University
Comparing to the United States of America, it is relatively difficult to get scholarships in Australia, especially for Arts majors. However, there are always possibities if you are outstanding. The best scholarships that you can apply as an international student is IPRS (International Postgraduate Research Scholarships).
Detailed information may be found from these websites:
http://www.dest.gov.au/archive/highered/research/documents/iprs2000.htm
http://www.usyd.edu.au/io/scholarships/iprs.html

(This part was contributed by an Uyghur student in Australia)

Australia Postgraduate Scholarship Database
http://www.jason.edu.au
http://www.dest.gov.au/default.htm

كېلىش مەنبەسى: مەرىپەت تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top