You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىزگە راستلا ئۇيغۇر قىزلىرى قالماسمۇ؟

بىزگە راستلا ئۇيغۇر قىزلىرى قالماسمۇ؟

مۇستافا ئوغۇز

   ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە جوڭگونىڭ تاشقى سودىسىنى ئەڭ جانلاندۇرۇپ كەلگەنلەر، جۈملىدىن جوڭگۇنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىشىدە ئەڭ تۈرتكىلىك رول ئويناپ كىلىۋاتقانلار مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن تىجارەتچىلەردۇر دىسەك ھىچ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇلار ئىچىدە تۈركىيەدىن كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭمۇ تەسىرى خىلى كۈچلۈك. 10-20 يىللىق سودا ئالاقىسى بولغانلاردىن نۇرغۇن بولۇپ، ئاز بولمىغان سانائەت تۈرلىرى بويىچە زاۋۇت ۋە شىركەت قۇرغانلار ياكى يەرمەنكە باھانىسىدە كىلىپ-كىتىۋاتقانلار كۆپ بولدى. تۈركىيەدىن جوڭگۇغا كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ كۆپ سالمىقى كوردلار ھىساپلىنىدۇ. بۇ سودىگەرلەر جوڭگودىكى تىجارىتىدە كۆپرەك ئۇيغۇرلارغا تايىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. ئەڭ دەسلەپتە كەلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللەتچىلىك ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ :» بىز ھەممىمىز تۈرك قارداش، سىلەر بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز…» دىگەندەك ياغلىما، شىكەر گەپلەر بىلەن ئالداپ، ئەرزان مائاشقا ئۆلگىچە ئىشلەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. بىز ئۇيغۇرلار ئاقكۆڭۈل كەلگەچكە، ئارىمىزدا ئاسانلا ئىشىنىپ ئۆز ئىشىمىزدىن چارە كۆرۈپ ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بەرگەنلىرىمىز ھەم بولدى. كىيىنلەردىن كۆزىمىز ئىچىلدى بولغاي، تۈرك بىلەن كوردنىڭ پەرقىنى ئايرىيالايدىغان بولدۇق. ھىسياتقا ئالدىنىدىغان ئۇيغۇر ئاساسەن قالمىدى، تەرجىمان ئۇيغۇر بالىلار ئەمەلىياتچان بولۇپ كەتتى. چۈنكى كەلگەنلەر ئىچىدىكى » ۋاللاھى» «ئىنشائاللاھ» «قارداشىم» دىگەن كەلىمىلەرگە تىلى كۆنەك، ئەمما يۈرىكى بۆلەك تۈرك ۋە كورد ئاز بولمىغانلىقتىن ئۇيغۇر تەرجىمان بالىلارغا ئۇ گەپلەر قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان كوردلار ئىچىدە دىندار بولمىغانلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئانچە خوشى يوق. دىندارلار مۇسۇلمانلىق مۇھەببىتى بىلەن مۇئامىلە قىلسا، دىندار بولمىغانلىرى بىر قىسىم خەنسۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارا-قويۇق بەرگەن باھاسىغا ئەگىشىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنى » قويمىچى، ساختىپەز، مەينەت، ۋەھشىي»دەپ قارايدۇ. ھەتتا يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە شۇ گەپلەر سۆزلەنگىنىدە: » توغرا دەيسەن، ئۇيغۇرنىڭ قويمىچىسى، ساختىپىسى بار، مەينەت ھەم ۋەھشىيلىرىمۇ بار. مەسىلە ئادەم كۆرگىنىنى سۆزلەيدۇ. كۆرمىگىنىنى يوق دەپ ھىساپلايدۇ، مانا بۇ سەن بىزدىكى ئادىلسىز ھەقىقەت قارىشى. ئەسلى ئىنسان قانداق بولسا شۇنداق خاراكتىردىكى ئادەم ئەتراپىغا توپلىنىدۇ، سىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھايىڭ ماھىيەتتە ئۆزۈڭگە بەرگەن باھايىڭ ھىساپلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.» دەپ ئاغزىنى تۇۋاقلىغان ۋاقىتلىرىم ھەم بولدى. ئەلۋەتتە، ئىنكار قىلمايمەنكى، باھا ئۈستىگە باھا قېتىپ ئوتتۇرلۇقتا پىرسەنت يەپ خىرىدارىنى قويغان ئۇيغۇر تەرجىمان بالىلار قەدەمدە بىر. خىرىدارى بەرگەن ئۈلۈشكە شۈكۈر قىلىپ، ھارامدىن تېرىقچە تەما قىلماي ھالال ياشاۋاتقان يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ئۇيغۇرۇم ھەم قەدەمدە بىر. 

   تۈركىيەدىكى باش شىركىتىمىزنىڭ دېرىكتورى بازار تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ھەر 3 ئايدا بىر قىتىم گۇاڭجۇغا كىلەتتى. يىقىندا يەنە كىلىپ قايتتى. بۇ كىشى ئۆزى كورد مىللىتىدىن بولۇپ، قول ئاستىدا تۈرك، كورد ھەم ئەرمەنىيلەر ئىشلەيدۇ. يىقىندا بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان زاۋۇتلارغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. مەلۇم كۈنى، تەكشۈرۈشتىن كەچ قايتقان بولغاچقا، ئارلىقنىڭ ئۇزاق بولۇشى سەۋەبىدىن تۈرك رىستۇرانىغا بارماي، خۇيزۇ قېرىنداشلارنىڭ مەلۇم پاكىز ئاشخانىسىغا كىردۇق. باش شىركەت دېرىكتورى بۇ قىتىم شىركىتىمىزنىڭ چوڭ بىر خىرىدارىنىمۇ بىللە بازار تەكشۈرۈشكە ئىلىپ كەلگەن ئىدى، ئۆزى دىندار كورد ئاكىمىز ئىكەن. ئۈچىمىز تاماق يىگەچ ھەر تىمىدا پاراڭغا چۈشتۇق، بۇ ئارىدا شىركەت دېرىكتۇرىمىز تۇيۇقسىز :» مۇستافا، مۇشۇ خۇيزۇلار سىلەر ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك تەقۋا ئىكەن جۇمۇ » دەپ قالدى. » قانداق دەيسىز ؟» دىدىم. » كۆپىنچىسى ئاشخانا ئاچىدۇ، ئاشخانىلىرىدا قۇرئان ئوقۇيدۇ، مەسچىتلەردىمۇ ئەڭ كۆپ يەنە مۇشۇلار، قالايمىقان ئىشى يوق، يامان ئاتىقى يوق.» ئۇنىڭ بۇ قارىشىغا ئوشۇق گەپ قىلغۇم كەلمىگەن بولسىمۇ، لىكىن ئاغزىمنى تاتلاپ سالغىنى راست ئىدى: » بەلكىم دىگىنىڭىز توغرىدۇ، ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قايسى مىللەتتىن بولسۇن تەقۋا كىشى كۆپەيسە خوشال بولىمىز. لىكىن سىز ھاياتىڭىزدا قانچە ئۇيغۇر بىلەن، قانچە خۇيزۇ بىلەن ھەمدەستىرخان بولدىڭىزكى، بۇ ھۆكۈمنى چىقاردىڭىز ؟ » دەپ سورىدىم. » كۆپ ئەمەس» دىدى. » ئەمىسە، ھاياتىڭىزدا كۆرگەن نەچچە ئون ئۇيغۇرنى نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرغا تەمسىل قىلىش سىزچە ئادىللىقمۇ ؟» دەپ كۆزىگە قارىدىم، «ئەلۋەتتە، ئادىللىق ئەمەس، ئەمما…»دەپ گەپ ئويناتتى، ئۇلاپلا دىدىم :» تۈركىيەدە نۇرغۇن قىزلار ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا، ھەتتا دادىسىدىن ھىيتىقىماستىن تاماكا سوراپ چىكىدۇ، ئورانغان ئاياللارنىڭمۇ تاماكا چەككەنلىكىنى ئىستانبۇلدا، ئەنقەرەدە كۆپ كۆردۈم. بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلاردا كوچىدا ئوچۇق ئاشكارە چىكىدىغان بۇنداق ئەھۋال ئاساسەن يوق، چېكىدىغانلار بولسىمۇ ئۈستى يىپىق سورۇنلاردا چىكىدۇ. ئۇنداق قىزلارنى بىز «ناشايان» ئىشى بار دەپ گۇمان قىلىمىز. بىزدە ھەتتا ئوغۇل بالا چېغىدا، چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چىكەلمەيدۇ. مەن بۇنىڭغا قاراپلا، ئۇيغۇر قىزلىرى تۈركىيە قىزلىرىدىن بەكرەك ھايالىق دىسەم سىزچە بولامدۇ؟ تاماكا چىكىش ياكى چەكمەسلىك مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى خالاس، ھايالىق ئۆلچىمىنى بىكىتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن شەرتلەر كىرەك. شۇڭا ھۆكۈم چىقارماق ئاسان، ئەمما ھۆكۈمدە ئادىل بولماق تەس» دىدىم. شۇنىڭ بىلەن گەپ تىپىپ بىرەلمىگەن دېرىكتور » تاماق ئوخشاپتۇ ھە » دەپ مەنىلىك كۈلۈمسىرىدى. 

   يىقىندا باش شىركەت دېرىكتورى ۋە بىرنەچچە كىشى بىلەن مەلۇم بىر زاۋۇتقا ئېكسكۇرسىيەگە باردۇق، بۇ زاۋۇت بىر خەنسۇ ئايالى بار كوردنىڭ ئاچقان زاۋۇتى ئىكەن. بۇ كورد ئاكىمىز 15 يىلدىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خەنسۇچىنى خىلى ياخشى سۆزلەيتتى. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا مىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلدى. ئالدىمدا شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. چاي ئېچىپ سۆھبەت قىلىۋاتقان چېغىمىزدا تىما ئۇزىراپ مىنىڭ تۇرمۇش مەسىلەمگە ئۆتتى، بۇ يىل تۇرمۇش قۇرۇش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتتۈم، ئۇ ئاكىمىز تۇيۇقسىز: » سىلەر ئۇيغۇرلاردا ئوغۇل تەرەپنىڭ ماشىنا، خىزمەت، ئۆي بولمىسا بولمايدۇ دىگەن تەلەپ  بولمىغاندىكىن، ئازغىنە پۇلغا توي قىلىۋىتىسەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇردىن قىز ئالماق تەسمۇ ئەمەس.» دىدى. مەن سىلىق ھالەتتە: » بىزدىمۇ ئۇنداق تەلەپ بار، ھازىر بارغانسىرى ئەدەپ كېتىپ بارىدۇ» دىدىم. ئۇ ئاكىمىز قوپاپ: » ئۇيغۇرنى مەن سەندىن بەكرەك بىلىمەن، سىلەردە قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئاسان. ھازىرلا تىلىفۇن قىلىپ 20 قىزنى ئۆزۈم بىلەن توي قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرەلەيمەن.» دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورسىقىم كۆپتى: » ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ قىزى ئۇنداق ئەرزان ئەمەس، بىزدە ئىپپىتى ئۈچۈن ئۆلگەن قىز ساماندەك. سىلەرنىڭمۇ قىزلىرىڭلارنى مەن كۆرگەن، سىلەردىمۇ ئەرزان قىز ئاز ئەمەس، سەن 20نى كەلتۈرسەڭ، مەنمۇ سىلەرنىڭكىدىن 200نى كەلتۈرەلەيمەن.» دىدىم. غۇلجىلىق پوپاڭلىقىم سەل ئەسقاتتى بولغاي، ئۇ كىشى سەل پەسكويغا چۈشتى. ئاندىن ئۆزىنى سەل تۇتىۋىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى: » مۇستافا دىگىنىڭ توغرا، بىزدىمۇ يوق ئەمەس، بىراق ئاچچىقىڭ كەلمىسۇن، ساڭا دەپ بىرەي، مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى تونۇيمەن. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇنىڭ مەلۇم ئورگانىدا ئىشلەيدىغان يولدىشى بار بىر كادىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن شاڭخەيدە تونۇشقان، تونۇشۇپلا ئۇزۇن ئۆتمەي، ماڭا ئەركىلىگىنى تۇردى يولدىشى بار تۇرۇپ. مۇشۇ گواڭجۇدىمۇ تۈركىيەلىك ۋە باشقا يەرلىكلەرگە ئاشنا بولۇپ يىتىشىپ بىرىۋاتقان ئاقسۇلۇق، قەشقەرلىك، كورلىلىق ۋە ئۈرۈمچىلىك 20-30 قىزنى تونۇيمەن. ئىشقىلىپ چەتئەللىك بولسىلا سۈيىنى چىقىرىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئاز ئەمەس بۇ يەردە، ئاشنىسى بولۇپ ياشاپ ئۆتۈشكە ھەم رازى» دىدى. ئاخىرىدا : » ھەر مىللەتتە بار ئىشلار بۇ، كۆرگەن بىرنەچچە قىزغا قاراپلا، بىر پۈتۈن مىللەت قىزىغا باھا بەرمەڭ. ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنىدا بولمىغان قىز دىگەن ھەرخىل ئېزىقتۇرۇشلارغا ئاسان ئۇچرايدىغان گەپ » دەپ گەپنى خۇلاسلىغان بولدۇم. ئەمما يۈرۈكۈمنى ئىت-مۈشۈك تاتلىغاندەك بولۇپ كەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ دىگەن ئەھۋاللىرى راست ئىدى. مەنمۇ گواڭجۇدا 5 يىلدىن بۇيان ياشاپ كەلدىم، يۇقاردا تىلغا ئالغىنى كەم بولسا بولىدۇكى، ئارتۇق ئەمەس ئىدى. خەنسۇ بايلارغا ئۆزىنى ھەپتىلىك، ئايلىق ئىجارىگە بىرىۋاتقان ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى قىزلىرىمىز ھەم بار ئىدى.  

   تۆت يىل بۇرۇن بولسا كىرەك، پويىزدا گۇاڭجۇغا كىلىۋاتاتتىم، يان تەرىپىمگە بىر ئۇيغۇر قىزى چۈشكەن ئىدى. سەپەر جەريانىدا پاراڭلىشىپ كەلدۇق، ئۆزى 25 ياشلار چامىسىدىكى ناھايىتى يۈزى تۆۋەن ئەخلاقلىق قىز ئىكەن، جەنۇپتىن بولۇپ، ھەدىسى گۇاڭجۇدا بىر ئەرەپنىڭ شىركىتىدە ئىشلەپ، چېقىشىپ قىلىپ توي قىلغان ئىكەن. بۇ قىزنىڭ گۇاڭجۇغا مىڭىش سەۋەبىنى سورىغىنىمدا بەرگەن جاۋابى مىنى چۆچۈتتى. ئەسلىدە، ھەدىسىنىڭ ئەرەپ يولدىشى بىر 50 ياشلاردىكى بىر قىتىم توي قىلىپ ئاجراشقان، بالىسى بار مىسىرلىق ئەرەپنى تونۇشتۇرغان ئىكەن. ھەدىسىمۇ توغرا كۆرۈپتۇ، شۇڭا سىڭلىسىنى توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان ئىكەن. قىز دەسلەپ ئۇنىماي كەپتۇ. چۈنكى ئۆزىنى ئەمرىگە ئىلىشقا ۋەدە بىرىپ مەيدىسىگە ئۇرغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى بار ئىكەنتۇق. ئەپسۇس، يىگىت تۇيۇقسىز ۋەدىسىدىن يىنىۋىلىپ بىلدۇرمەستىن باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىپ كىتىپتۇ. بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان قىز ھەدىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ نىكاھ قىلغىنى گۇاڭجۇغا ماڭغان ئىكەن. يۈرۈكۈم شۇنچىلىك ئىچىشتى. بىر تەرەپتىن شۇ غورۇرسىز يىگىتكە غەزەپلەنسەم، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قىزنىڭ ساددا قارارىغا ئۇھسىندىم. قارارىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلدىم. دىنىمىز ئوخشاش بولسىمۇ، ئۆرپ-ئادەت پەرقى تۈپەيلى نۇرغۇن رىيازەت چىكىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ياش پەرقىنىڭ چوڭلۇقى، چەتئەلدىكى دىشۋارنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا تارتقان دىشۋارغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقى، ھەرتۈرلۈك ئەھۋاللار يۈز بەرسە، ۋاقتى كەلسە ھەدىسىنىڭمۇ ئارا تۇرۇپ بولالمايدىغانلىقى، قۇرۇق نان يىسىمۇ يەنىلا ئۆز ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىدىم. ئاخىرىدا، بۇ قىزنىڭ بىر گىپى مىنى ئويغا سېلىپ قويدى: » مۇستافا، بىزنىڭ يىگىتلەر ئايالىغا ھەقىقىي كۆيۈنمەيدۇ، پۇلى بارمۇ ئۇرىدۇ، پۇلى يوقمۇ ئۇرىدۇ. بىلىملىكىمۇ ئۇرىدۇ، بىلىمىسىزىمۇ ئۇرىدۇ. ئائىلىگە مەسئۇلىيەت ئاجىز، سىرتتا ئويناپ يۈرىدۇ، ئىشقىلىپ، ئەرلىرىمىزدە ئەركەكلىك يوق.»دىدى. گەرچە، بۇ گەپكە داماللىققا رەددىيە قايتۇرغان بولساممۇ، لىكىن مىنى ئىزچىل ئويلاندۇرۇپ كەلدى. ھازىر ئويلىسام، شۇ سۆزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار ئىكەن. يۇرتلىرىمىزدىكى توي-تۆكۇنلەردە ئىسراپچىلىق ئىنتايىن كۆپەيدى. بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ئاياللار، بىراق، ئۆينىڭ تۈۋرىكى بولمىش ئەرلەر بۇنىڭ ھىسابىنى قىلمىدى. ھەددىدىن ئاشقان ئىشلارنى ئەرلىك مەسئۇلىيىتى بىلەن تىزگىنلىمىدى. بەزى ئەرلىرىمىزنىڭ ئاياللىرىغا بەرگەن مۇھەببىتى پەقەت تويدىن بۇرۇنغا ئاران-ئاران يىتىدۇ، تويدىن كىيىن زىيادە ئەمەلىياتچان بولۇپ كىتىدۇ. بالىلىرىغا كۆيۈم ئاز، ھەتتا كوچىدىكى يىڭى تونۇشقان ئاغىنىسىغا قىلغان ئىلتىپاتنى ئۆيدىكى نەچچە يىللىق ھالال جۈپتىگە ھەم پەرزەنتلىرىگە قىلمايدۇ. ئۆزى ھورۇن، تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆينى باقمايدۇ، خوتۇنىدىن تەما قىلىدۇ. ئۆزلىرى پاھىشە ئوينايدۇ، پاھىشىنى مەنسىتمەيدۇ. نۇرغۇن ياشلىرىمىز جەمئىيەتكە پاھىشە كۆپەيتىشكە ھەسسە قۇشىدۇ،-يۇ، لىكىن تويىغا 100% لىك ئىپپەتلىك قىز ئىزدەيدۇ. ئەمما تاپالماي قىينىلىدۇ. ئەسلى بىز شۇ قارا يولغا كىرگەنلەرنى تارتىپ چېقىشىمىز ياكى ھىچ بولمىغاندا ئىتتىرمەسلىكىمىز كىرەك ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندە غۇلجىدا ياشاپ ئۆتكەن بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىسىمغا كەلدى، ئۇ زات بىر كاتتا پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ، توغرا يولدىن ئاداشقان بىر نامى يامان پاھىشە ئايالنى ئەمرىگە ئىلىپ، شۇ يولدىن قايتۇرۇپ چىققان ئىدى، مۇشۇ ئىشى تۈپەيلى غۇلجىدا ئالاھىدە ھۆرمىتى بولۇپ ئۆتكەن. بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتكىنىدە ئۆلۈمىگە ئىنتايىن كۆپ ئادەم كەلگەن ئىدى.  

   نۇرغۇنلىرىمىز ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ بىلىم ئىلىشنى شۇنچە تەكىتلەپ كەلدۇق، ئۇلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتتۇق. ئەمما، بوزۇقچىلىق شۇ بىلىملىكلەردە ئەڭ ئەۋج ئالدى. چۈنكى بىز بىلىم ئىلىپ قانداق ھايات قىلىشنى ئۆگەتكىنىمىز بىلەن، ياشاشتىكى سەۋەبنى ئۆگەتمىدۇق. دوكتۇر بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىغىزلىرىمىز قۇرۇپ كەتكۈچە چۈشەندۇردۇق، بىراق ئادەم بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۇرۇشنى ئوشۇقچە دەپ بىلدۇق. چۈنكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن ئادەم بولۇش پەقەت جان ساقلاشتىن ئىبارەت بولدى. ئۆزىمىز يىتەرلىك ھەقىقىي ئادەم بولۇپ ياشىيالمىدۇق، قانداقمۇ بالىلىرىمىزغا ئۆگىتەلەيمىز؟! قىزلار ئەسلى دادىغا، ئاكىغا ياكى يولدىشىغا تايىنىپ ياشاشتىن، يەنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن مۇكەممەللىكنى، ئەركىنلىكنى، ھەقىقىي بەختنى ھىس قىلالايتتى. چۈنكى بۇ قىزلارنىڭ تەبىئىتى ئىدى. بىراق، بىز ئۇلارغا بۇ خىل قوغدىلىنىش ئەركىنلىكىنى ئاتا قىلالمىدۇق. ئۇلارنى تايىنىشتىن مەھرۇم قىلدۇق. ئەرلەردەك مۇستەقىللىق قاراش يىتىلدۇرگۈزدۇق. ئۇلارمۇ ئەرلەردەك خالىغانچە ئۇزاقلارغا كىتەلەيدىغان، قىلغان ئەمىلىنىڭ ھىسابى سورالمايدىغان، ئۆزىنىڭ جىنىنى ئۆزى جان ئېتىدىغان «مۇھاپىزەت قىلىنمايدىغان» ھالەتكە كەلدى. بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھىسسىي مىللەت، شۇڭا سىرتنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە قىممەت قارىشىنى ئىتتىك ئۆزلەشتۈرەلەيمىز. مانا بۇ ئالاھىدىلىك قىزلىرىمىزنىڭ قىممەت قارىشىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى. قىسمەن جەھەتتە، چەتئەللىككە چوقۇنۇشنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ ئەھۋال خەنسۇ قىزلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان قىزلىرىمىزغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى، بارا-بارا دىيارىمىزغا سىڭىپ كىردى. قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا، بەكرەك ھىسياتقا تايىنىپ قارار چىقىرىدىغان بولغاچقا، زىيادە ئەركىنلىك قىزلىرىمىزنى مەۋھۇم قوللارنىڭ قۇلى قىلىپ قويدى. ھەتتا شۇ قۇللىقتىن ھوزۇر ئالىدىغان ئاڭقاۋلىققا قەدەر تەرەققىي قىلدى. ئوغۇللىرىمىزغا كەلسەك، كىچىكىدىن ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى يىتىلدۇرمىدۇق. نىكاھتىن ئاجراشقان ياكى نىكاھ ئۇلى ئاجىز ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۆۋەن بولىدۇ. بىزدە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋالى كۈنسەيىن كۆپەيدى. مانا بۇ ئوغۇل پەرزەنتلەردىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ يىتىلىشىنى بوغۇپ قويدى. ئۆتكەن يىللىرى ھۆكۈمەت خىزمەت تاپالمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارغا قارىتا يىڭىچە ياخشى سىياسەت چېقىرىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىرنەچچە يىللىق ھەقسىز بىلىم ئاشۇرۇشنى يولغا قويدى. لىكىن، توي قىلغان شۇنچە «ئەركەك» خوتۇنىنى ئوقۇشلارغا ئۆزى ئۇزىتىپ قويدى، بۇ جەرياندا بىر چىرايلىق ئوقۇپ كەتكەن قىزلارمۇ كۆپ. ئەمما، نەچچىسى بىلەن ئويناپ، قورسىقىدا قىلىپ نەچچە قېتىم چۈشۈرۈپ يەنە «پاكىز» ھالدا كەتكەن چوكانلارمۇ ئاز بولمىدى. ھىلىقى مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز يۈرۈپ يەنە ئۆتمەكتە. گۇاڭجۇدا ئۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلاپ، ھەتتا كۆپ كۆرۈپ كەتتىم. ئەگەر شۇ ئەردە ھەقىقىي ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت بولسا، ئايالىنى ھەرگىزمۇ ئۇنداق يەرلەرگە يالغۇز ئەۋەتمەس ئىدى. دىمەك، بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدە ھەقىقىي ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت يوق. تېشى بۇرۇتلۇق ئۆرە ماڭغان ئادەم، ئىچى شورلۇق يۇندا كارىزى…

 

   مەلۇم بىر يىلى، ئاغىنە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغۇرلۇق گەپ قىلىۋىتىپ، بىر ئاغىنىمىز: » بىزدە ئىچكىردىكىدەك زاۋۇتلار كۆپىيىپ، كۆپلەپ چەتئەللىكلەر شىنجاڭغا كىلىپ تىجارەت قىلسا تەرەققىياتىمىز شۇلارغا تىخىمۇ راۋاج تاپقان بولاتتى.» دىدى. مەن ئۆزەم بىلمەستىن: » خۇدايىم ساقلىسۇن دىگىن، ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، پۈتۈن قىزلىرىمىز سەن بىزدەك «مەتۇلار»نى تاشلاپ چەتئەللىككە تىگىۋالىدۇ، سەن بىزگە قىز قالمايدۇ. ھىلىمۇ مەينەت، سەت بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي نى چىرايلىق قىزلىرىمىز ئازغىنە پۇلنىڭ قۇربانى بولۇپ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە پاكىستانلىقلارغا تىگىپ كىتىۋاتىدۇ. كىلىشكەن، پۇلى بار چەتئەللىكلەر كىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرغا قىز قالامدۇ دەيسەن.» دەپ سالدىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ گىپىم ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ يەكۈنى ئىدى. بىراق، ئويلىساق قىلچە ئاساسى يوق گەپمۇ ئەمەس ئىدى. روسلاردا ئىچەرمەنلىك ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەرلىك كۈچى ئاجىزلاپ كىتىشكە باشلىغان. ئۆتكەن بىر ماتىرىيالدا كۆرۈشىمچە ئانالىزچىلار روس ئەرلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئاتىلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ سۇزلىشىشى سەۋەبلىك، روس قىزلىرىنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشى ئەۋج ئالغانلىقى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن. ئەمەلىيەتتە، مەلۇم شەخسنىڭ كىم بىلەن توي قىلىشى ئۆز ئەركىنلىكىدۇر. مەلۇم ئۇيغۇر قىزىنىڭ يات مىللەت بىلەن توي قىلىشى نورمال بىر ھادىسە. بىراق، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەۋج ئىلىشى شۇ جەمئىيەتتە مەلۇم بىر بىنورمالسىزلىق مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. دىمەك، بۇ شۇ مىللەت ئەرلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ جەلپ قىلىش كۈچى قانداقتۇر تاشقى قىياپەتتىلا بولماستىن، بەلكى مەسئۇلىيەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. خەق نىمە دىسە دەپ قالا، شۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى ئوشۇقچە ئەندىشە سوئالنى يەنە قايتا بىر سورىغىم كىلىۋاتىدۇ، بۇ سوئالدىن ئىبرەت ئالغۇچى ئەقىل ئىگىلىرى ھەم چىقىپ قالار.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top