سۆيگۇ ۋە ئېتىقاد

ھېكايە، ئاپتۇرى:- ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)
ئىلىنىڭ تۆت كوچا دىگەن يېرىدە ئەخمەت موزدۇز دىگەن كېشىنىڭ دۇكېنى بار ئىدى. دۇكان تۆت كوچىنىنىڭ دوخمۇشىدىلا بولۇپ، بىر دېرىزىلىك كېچىكلا دۇكان ئىدى. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ پاكار دۇكانلىرى كوچىنىڭ تۆت ئىغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاۋات بىر مەھەلە بازىرىنى پەرپا قىلغان ئىدى.
ئەخمەت موزدۇزنىڭ دۇكانىنىڭ دېرىزىسى تالاغا قاراپ تۇرغانلىغى ئۈچۈن، كوچىدا ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى دىگۇدەك كۆرۇپ تۇراتتى. بۇ بازاردىكى ھەممىسى ئۆزىگە تونۇش كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇتىدىكى ئاياقلېرنى ئاساسەن ئۆزى تىككەن ئىدى. ئەخمەت موزدۇز بۇ بازاردىن 500 مېتىر يېراقلىتىكى تاركوچىدىكى قورادا ئولتۇراتتى. مۇشۇ سەۋەپتىن بۇ ئەتراپتىكى ھەممە كېشىنى تونۇيتى. ئۆز قولى بىلەن تىككەن بەزى ئۆتۇكلەر ئۇنىڭ قولىدىن ئەڭ ئاز دىگەندە بىرقانچە قىتىم ئۆتكەن ئىدى. ئۆتۇكلەرنىڭ بەزىلىرىگە ياماق سالسا، بەزىلىرىگە يېڭى چەم سالاتتى، بەزىلىرىنىڭ پاشنىسىنى يېڭىدىن قويسا، بەزىلرىنىڭ رانتتىلىرىنى تىكەتتى.
ئەخمەت موزدۇزنىڭ ئىشى بەك كۆپ ئىدى، ئۇ بىرچەتتىن يېڭى زاكاس قىلغان ئاياقلارنى تىكسە يەنە بىر چەتتىن كونا ئاياقلارنىڭ ياماقچىلىغىنىمۇ قىلاتتى. ئۇ ھۈنەرگە ناھايىتى پۇختا بولۇپ، ئاياقلارنى ھەم سىلىق ھەم پۇختا تىكەتتى. سۈپەتلىك ماتېرىيال ئىشلىتەتتى. ئاياقنىڭ رانتتىلىرىدىكى تىكىشلەرنى ناھايىتى ئۇششاق، سىلىق تىككەچكە كېشى كۆزىگە چىكىلگەن كەچتىدەك كۆرۇنەتتى. پەدەزلىرنىمۇ شۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن قىلاتتىكى پۈتكەن ئاياقنى قولىغا ئىلىپ، كۆزدىن يېراقراق تۇتۇپ، ئۇياق-بۇياققا ئۆرۇپ بىر قاراۋىتىپ، جەينىگى بىلەن يەنە بىر سۇرتۇپ پاقىرتىۋىتەتتى. زاكاس ئاياقلارغا كۆپ پۇلمۇ ئالامايتى، داۋاملىق ۋەدىسىدە تۇراتتى، ۋەدە بەرگەن ۋاقىت ئىچىدە قىلالىسا ئىشنى قوبۇل قىلاتتى، قىلالمىسا يالغان سۆزلىمەيتى. ھەممە ئادەم ئەخمەتنى تونىغاچقا قولىدا ئىش ئۇزۇلمەيتى. ئىشقىلىپ ئەخمەت ئومدان ئادەم ئىدى. بىراق ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن پالاكەتلەر ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ خوراتقان ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ بەخىتلىك بىر ئائىلىسى بار ئىدى، ۋاپادار ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن ئادەتتىكى پۇراقلاردەك نورمال خاتىرجەم بىر ھاياتنى بار ئىدى. چوڭ ئوغلى ئوتتۇرمەكتەپنى پۇتتۇرۇپلا تىجارەت قىلىمەن دەپ ئىشكىر ئۆلكىلەرگە كەتكەن ئىدى، ئۇ يەردە زەھەرلىك چىكىملىك تىجارەتلەرگە ئارلىشىپ، ئاخىرى ئۆزىنىمۇ نابۇت قىلىپ ئۆلگەن ئىدى. بۇ تېراگىدىيەدىن كېيىن ئايالىمۇ كىسەل تۇتۇپ يېتىپ، داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئىدى. ئەخمەت 12 ياشلىق ئوغلى بىلەن قالغان ئىدى. ئەخمەت ئوغلىنى ناھاياتى ئەتىۋارلاپ باقاتتى. ھالال يېگىزۇپ، پاكىز كىزگۇزۇپ، سەھەردە مەكتەپكە ئۆز قولى بىلەن ئۇزۇتۇپ چوڭ قىلىۋاتاتتى. ئەمما يەنە ئاسماندىن چۇشكەن بىر تال تاش ئىزدەپ-سوراپ ئەخمەتنىڭ بىشىغا چۇشكەن ئىدى. ئوغلى دەريا بويىغا سۇ ئۇزگىنى بىرىپ، ئىقىپ كېتىپ ۋاپات بولدى. ئەخمەت يۈرەكلىرى ئىزدىراپ ئىچىدە مىڭ پارە بولغان ئىدى. ئۆزى ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ چوڭ قىلىۋاتقان ئوغلىنى قارا تۇپراققا ئۆز قولى بىلەن كۆمدى.
مانا بۇ ھاياتتىكى ئۆز بىشىغا كەلگەن بالالاردىن ئەخمەت شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىگە چۆككەنكى ھەتتا ئاللاھقا ئىسيان قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
ئەخمەت شۇنچىلىك ئېغىر روھى بوھران ئىچىدە قالدىكى، كۆپ ۋاقىتلىرىدا ئۆلۇمنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆزىدەك بىر قېرىنى ئەمەس بەلكى ياپ-ياش ئوغلىنى ئېلىپ كەتكەن ئاللاھقا كايىپ ئاچچىقلايتى، بۇ ئادالەتسىز دۇنياغا ئىسيان قىلاتتى. بىر ئۆكۇنۇش ئىچىدە بىئارام بولۇپ، يۇرەكلىرى قۇشلاردەك تىپىرلايتى.
بىر كۈنى دۇكانغا توققۇز يىل قۇتسال يەرلەرنى ئايلانغان، مۇقەدەس تۇپراقلاردا ئىلىم-تەسىس قىلغان ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي، ئەركىن، تەبىي، ئاددى سالام بىرىپ دۇكانغا كىرىپ كەلدى. بوۋاي ئەخمەتنىڭ كونا تونۇشلىرىدىن ئىدى.
ئەخمەت ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆز دەرتلىرىنى تۆكۇشكە باشلىدى.“ ئەمدى ياشاشنى خالىمايمەن پىرىم، ئاللاھ بۇ جىنىمنى ئالسا قۇتۇلسام. ئاللاھتىن تىلىگىم پەقەتلا بۇ. مەن بۇ ھاياتتا ھېچقانداق ئۇمۇدى بولمىغان، تۇگەشكەن بىر ئادەممەن، ھازىر مەن روھى بەدىنىدىن ئايرىلغان بىر مۇردىدەك بولۇپ قالدىم“ دىدى.
ئاق ساقال: „ ئەخمەت سەن بۇنداق گەپلەرنى دەپ ھىچ ياخشى قىلماۋاتىسەن. ئاللاھنىڭ ئىشىغا بىر نىمە دىيەلمەيسەن، ساڭا ياشاشنى نېسىپ قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئەڭ توغرىسى بۇدۇر. سېنىڭ ئۇمۇدسىزلىك پاتقىقىغا پىتىپ قىلىشىڭنىڭ سەۋەبى نىمە بىلەمسەن؟ چۈنكى سەن ئۆزەڭ ئۈچۈن، ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن ياشاشنى ئويلاۋاتىسەن“
ئەخمەت: „ ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا باشقا نىمە ئۈچۈن ياشىساق بولاتتى؟“
ئاق ساقال. „ باشقىلارنىڭ بەختتى ئۈچۈن ياشىشىڭ كىرەك، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشاش دىمەك ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش دىمەكتۇر. مادەمكى ئۇ ساڭا ھايات بەردى، سەنمۇ ھاياتىڭنى ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشىشىڭ كېرەك. مۇشۇنداق ئىتىقات بىلەن ياشىغاندا ھەم ئۆزەڭگە ھەم ئەتراپىڭدىكىلەرگە سۆيگۇ بىلەن قارايسەن“
ئاق ساقال بىردەم تۇرۋالدىدە ئاندىن كەسكىن قىلىپ مۇنداق دىدى: „ ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كېرىمنىڭ تەغابۇن سۈرەسىنىڭ 11-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ“ كىشىگە يەتكەن ھەرقانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى سەۋرىگە يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر“
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىتقاتىنى، ئىماندىكى سەمىمىيەتلىرى ۋە ئاللاھقا بولغان قۇللۇقىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەر خىل بەلالار بىلەن سىنايدۇ. بۇنداق چاغدا بىز ئىنسانلار سەۋرە قىلىشىمىز لازىم. سەبرە قىلىش ئارقىلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىپ، ئەتراپىمىزدىكى بىزدىنمۇ ناچار ئەخۋالدا قالغان ئىنسانلارغا سۆيگۇ بىلەن ياردەمدە بولساق ئۆزىمىز چۇشكەن بۇ روھى چۇشكۇنلۇكتىن قۇتۇلىمىز. سەن ئەمەر مىنىڭ دىگىنىمدەك قىلساڭ ھەممە نەرسە سەن ئۈچۈن ئاسانلىشىدۇ“ دىدى.
ئەخمەت بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن .“ ئاللاھ ئۈچۈن قانداق ياشايمەن؟“ دىدى.
ئاق ساقال : „ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنى قانداق ياشاش توغرىسىدا، مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزگە يىگىرمە ئۈچ يىل جەريانىدا ئاستا-ئاستا ۋەھى ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنى چۇشۇرگەن. سېنىڭ ساۋادىڭ بولغاندىكىن. قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئېلىپ ئوقۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ ھاياتتا قانداق ياشاشنى ئۈگۈنىسەن. قۇرئان ئىنسانغا ھەرنەرسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ“ دەپ قۇرئاندىكى يۇسۇپ پەيغەمبەرنىڭ ھېكايىسىنى قىسقىچە بايان قىلدى:
„ھەزرىتى يۇسۇپ ئۆزىنىڭ ھەسەتخور قېرىنداشلىرىنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ بىر قۇدۇققا تاشلىنىلدۇ، قۇدۇقتىن بىر سودىگەرلەر كارۋانى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، مىسىرنىڭ قۇل بازىرىدا سېتىلدۇ. خىزمەتچى بولغان ئۆينىڭ خانىمى زىلەيخا ئۇنىڭغا كۆيۇپ قالىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنى زىناغا مەجبۇرلايدۇ ئەمما لېكىن يۇسۇپ قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە تۆھمەتكە ئۇچراپ زىندانغا تاشلىندۇ. يىللارچە زىنداندا ياتقان ھەزرىتى يۇسۇپ ھېچ ئۇمۇدسىزلەنمەي سەۋرە قىلىدۇ. ئاللاھقا ھېچ بىر ۋاقىت ئىسيان قىلمايدۇ. ئاخىردا زىنداندىن چىقىپ مىسىرغا ۋەزىر بولىدۇ.
ئىنساننى بالا ۋە مۇسىبەتلەردىن پەقەت ئاللاھلا قۇتقۇزىدۇ، پۈتۈن دەرتلەرنىڭ دەرمانى ئاللاھ ئىكەنلىگىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. ھېچ بىر ۋاقىت ئۇمۇتسىزلەنمەسلىگىمىز لازىم. ئۇمۇدسىزلىككە چۆكۇپ ئۆزىنى ئۆلتۇرۇش دىنىمىزدا چوڭ گۇناھتۇر. بۇ ھايات ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئەڭ چوڭ ئامانىتىدۇر. بۇ ئامانەتنى ئاللاھ ئۆزى ئالمىغىچە ئۆزىمىز قوغدىشىمىز، روھ بەدەندە بولىدىكەن ئاللاھتىن ئۇمۇدىمىزنى ئۇزمەسلىگىمىز لازىم. شۇڭا ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا چۇشۇرگەن مۇقەدەس كىتابى قۇرئاننى ئوقۇش ئارقىلىق روھىمىزغا شىپا تاپىمىز.
قۇرئان ئىنسانلارنىڭ ھەم بىئولوگىيەلىك ھەمدە پىسخولوگىيىلىك كېسەللىرىگە شىپالىقتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ يۇسۇپ سۈرەسىنىڭ 57- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسانلار ! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەرتكە شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى“
ئاق ساقال بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خۇندى ئۇسسۇزلۇقتا جان تالىشىۋاتقان قۇشنىڭ ئاغزىغا سۇ تامچىتقاندەك ئۇلۇغ ئىش قىلغان ئىدى.
ئەخمەتنىڭ مۇزلىغان يۇرىگى ئىللىدى. ئاق ساقالنىڭ ئاۋازلىرى نازۇك بىر قەلىپتىن چىقىۋاتقان بىر مۇڭدەك تۇيۇلدى. بوۋاينىڭ نۈر باسقان يۇزىدىكى شۇنچىلىك ئىنچىك ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان سىزىقلاردىن بىر مۇقەدەس يول كۆرۇڭەندەك بولدى.
ئۇ كۈن ئاق ساقال خوشلوشىپ ماڭغاندىن كېيىن، ئەخمەت ئۇۋگىلىرىدا تۇخۇملىرنى يېرىپ چىقىپ، يېڭى بىر ھاياتقا خوشاللىق بىلەن قەدەم باسقان قۇشلاردەك دۇكاندىن سىرتقا چىقتى، قىشنىڭ سوغ، ساپ ھاۋاسىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئىلىپ قەددىنى رۇسلاپ ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن بىر نەزەر تاشلىدۇ، ھەممە نەرسە ئاستا -ئاستا كۆزىگە ئىللىق، گۈزەل كۆرۇنۇشكە باشلىدى.
ئۇ ھېچ ۋاقىتنى ئۆتكۇزۇۋەتمەستىنلا ئۇدۇل كىتابخانىغا بىرىپ، چوڭ خەتلىك بىر قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سېتىۋالدى ۋە ئوقۇشقا باشلىدى.
ئەسلىدە ئەخمەت قۇرئاننى ئالغاندا روزا-رامزاندىن باشلاپ رەسمى ئوقۇيمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. بىراق ئوقۇشقا باشلىغاندا كۆڭلىدە شۇنداق بىر ھىس پەيدا بولۇشقا باشلىدىكى، ئۇنى قولىدىن چۇشۇرمىدى. ھەر كۈنى ئوقۇدى بەزى كەچلىرى يېرىم كېچىنىڭ بوپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى. قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدا شۇنداق ئىسىل ئۆزگۇرۇشلەر بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئېغىر كېسەلدىن ساقايغان كېشىنىڭ بۇ دۇنياغا يېڭىدىن كېلىپ قالغىنىدەك بىر تۇيغۇدا ئىدى. ئۆي ۋە دۇكانلىرىنى پاكىز تازلاپ، رەتلەپ، ئۆزىنىمۇ تۇزەشتۇرۇپ، پاكىز كېيىنىپ نامازنىمۇ باشلىۋالغان ئىدى.
بۇرۇن داۋاملىق ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئايالىنى باللىرىنى ئويلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇپ، ئاھ-زارلىنىپ ئۆتكەن بولسا ئەمدى ھازىر ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىماي داۋاملىق ئاللاھقا ھامد بولسۇن! شۇكرى بولسۇن يا رەممبىم! دەپ كۈنلىرىنى مەنىلىك. سۆيگۇ بىلەن ئۆتۇزىدىغان بولدى.
ئاق ساقال بىلەن سۆزلىشتىن بۇرۇن ئۇيەر بۇيەرلەرگە بىرىپ چاي-پاي ئىچەتتى، ئالدىغا ھاراق-شاراب كەپ قالسا پوش دىمەي گۇپپىدە قوياتتى. بەزىدە ئاغىنلىرى بىلەن ئاشپۇزۇلغا كېرىپ ھاراق ئىچىپ، مەس دەلدەڭشىگەن ھالدا تۆت كوچىغا كېلەتتى. يولدا ئوڭ-تەتۇر گەپلەرنى دەپ، بەزىدە كۈلسە بەزىدە يېغلايتى، ياكى بىرەسىگە سوقۇلۇپ، ئارقىسىغا بېشىنى سىڭايان قىلىپ بۇرۇلۇپ قاراپ، بىرنىمىلەرنى دەيتى ھازىر بولسا بۇ ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بىراقلا قۇتۇلغان ئىدى.
بەخىتلىك ۋە تەرتىپلىك بىر ھاياتى بارلىققا كەلگەن ئىدى. تاڭ سەھەر ئەزان تولاش بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ. مەھەلە مەجىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ناماز قىلاتتى. ئىشلىرىدىمۇ ئىلگىرلەش بولدى. سەھەردە دۇكاننى ئىچىپ، ئىشىنى „بىسسىملا“ دەپ باشلايتى. ئىشى تۇگگىچە ئىشلەيتى.
قۇرئاننىمۇ داۋاملىق ئوقۇۋاتاتتى. ئوقۇغانسىرى ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن نىمە ئىستىگەنلىگىنى، بۇ ھاياتتا قانداق ياشاشنىڭ كېرەكلىگىنى، ھەقىقى ئىتىقاتنىڭ ئۆزى سۆيگۇ مۇھەببەت ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى. قەلبى بارغانسىرى يورۇيتى، ھوزۇر ئالاتتى.
دەم ئىلىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يەنە ئادىتى بويىچە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن دېرىزە تۆۋىگە قويۇلغان ئۇستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. تالادا قار دانچىلىرى يەڭگىل-يەڭگىل يەرگە قاراپ چۇشۇپ پۈتۈن پاسكىنچىلىقنىڭ ئۇستۇنى يېپىپ، كوچىنى خۇددى خاتا يېزىلغان خەتلەرنى پاكىز ئۆچۇرۋەتكەن دەبتەر ۋارىقىدەك قىلىپ قويغان ئىدى.
قارلار بىز ئىنسانلارغا يېڭى بىر كەلگۇسىنى يارىتىش ئىمكانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھاياتلىق يولىمىزنى ئاقارتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئەخمەت قارلارغا تىكىلىپ قاراپ ئۇلارنى ئەستايىدىل كۇزەتتى. يەرگە قاراپ چۇشىۋاتقان كۇرمىڭلىغان قارلارنىڭ بەزىلىرى بىر نۇقتىغا كەلگەندە ئېھتىيارسىز توختاپ ئۆزىگە ئوخشاشدىغانلارنى ئىزدەۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياقلارغا قاراپ تىڭىرقاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز كەلگەن سوغۇق شاماللار ئۇلارنى ئۇچاتىپ ئەكىلىپ دېرىزىگە ئۇراتتى. دەل ماشۇ چاغدا ئاق ساقال ئېيتقان مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ مۇنداق سۆزى يادىغا كەلدى:“ قار دانچىلىرى قانچىلىك گۈزەل چۈشەندۇردىكى، بىر-بىرلىرىگە ھىچ زىيان بەرمەستىنمۇ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىغىنى“
قارلارنىڭ بۇ ئېسىل ئالىجاپلىقىنى ئويلىغان ئەخمەتنىڭ يۇزىدە تەبەسسۇم ئەكىس ئەتتى. قارلار ئۇنىڭ ئىچىدىكى ساپ بىر تۇيغۇنى ئويغاتتى. يەرگە چۇشكەن ھەر قار دانچىلىرىغا قاراپ، ھاياتنىڭ قانچىلىك پاكىز ۋە ساپ ئىكەنلىگىنى چۇشەندى. ئاپپاق قارنىڭ لەپپىلدەپ يېڭىشىنى پۈتۈن كائىنات ئاڭلاۋاتقاندەك ئەتراپ جىم-جىت ئىدى.
ئەخمەت قۇرئاننى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى.
„ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچىلىك ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۇيۇك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ“ (نىسا سۈرەسىنىڭ 40-ئايىتى)
«ئەگەر ئاللاھقا شۇكۇر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سېلەرگە ئازاپ قىلىپ نىمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۇكۇر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىسىنى بىلگۇچىدۇر.» (نىسا سۈرەسى 147-ئايەت)
ئەخمەت ئويلىدى ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولغانلىرى بىلەن قولدىن بىرىپ قويغانلىرىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاللاھقا شىكايەت قىلىش، ئىسيان قىلىش، خىرس ۋە ھەسەت قىلىشى مۇمكىن، مۇمكىن ئەمەس بەلكى دەل شۇ يولغا يۇزلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاللاھقا شۇكرى قىلىپ، ئۆز ھالىمدىن رازى بولۇشۇم لازىم. مەن ئۆز ئىمكانلىرىم بىلەن ھەتتا باشقىلارغا ياردەم قىلىشىم كېرەك. قىيىنچىلىققا يولوققان ئىنسانلارغا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىم بىلەن يىقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەسىللىرىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى تىپىشىم كېرەك. مانا ماشۇنداق ئالىجاپ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلغاندىن كۆرە ئۇلگە بولىدىغان ئىنسان بولۇشىم كېرەك دەپ ئويلىدى. دەل ماشۇ پەيتتە ئۆزىنى روھىنىڭ تېنىدىن ئايرىلىپ، نۈرغا ئوخشاش بوشلۇقتا ئايلىنىپ يۇرگەندەك ھىس قىلدى. داۋاملىق ئوقۇدى، ئاخىرى چارچىغان كۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتتى.
بۇگۇن ھاۋا ئوچۇق ئىدى. قۇياشنىڭ مىڭلىغان نۈرلىرى تۆت كوچا مەھەلىسى كىيگەن تەبىئەت توننى ئاق ياقۇتەك چاقنىتتىۋەتكەن ئىدى. بەزىدە تۇيۇقسىز كەلگەن شامال پۈتۈن قىيىنچىلىقلار ئۇستىدىن غەلبە قىلغاندەك پاكار ئۆگزىلەر ئۇستىدىن قارلارنى سۇپۇرەتتى.
ئەخمەت موزدۇز ناھايىتىمۇ ھاياجان ئىدى . ئىچىدە پەيدا بولغان ئېسىل چۇشەنچىلەر ئۇنى خوشاللىق ۋە بەخىتكە مۇيەسسەر قىلغان ئىدى. ئۇ شۇ بەخت ئىچىدە دۇكاندا ئىشىنى باشلىۋەتكەن بولسىمۇ نىمىشكىدۇ دۇكانغا بىرسى كېلىدىغاندەك دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ-قاراپ قوياتتى. دېرىزە تۆۋىدىن بىرسى ئۆتسە دەرھال ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىگىگە دىققەت قىلىپ قارايتى. كوچىدا تونۇيدىغان تونىمايدىغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆتەتتى، بىراق ئىچىلىرىدىن دىققىتىنى تارقىدەك بىرەسى كۆرۇلمەيتى. بىر چاغدا دېرىزە تۆۋىدە بىر ساتقۇچى موماينىڭ تۇرغىننى كۆردى. موماينىڭ بىر قولىدا ئالما سېلىنغان بىر سېۋەت بار بولۇپ، ئالما ئاز ئىدى. ھەقاچان كۆپىنى سېتىپ بولغان ئىدى. يېرىم سېۋەت بۇ ئالمىنىڭ ئۇستى يۇمشاق پاختىلىق ئەسكى چاپان بىلەن يېپىلغان بولۇپ ئۇستىگە كېشىلەر ئالما ئىكەنلىگىنى بىلسۇن دىگەندەك قىلىپ بىر تال ئالمىنى چىقىرىپ قويغان ئىدى. ئالمىنىڭ سارغايغان يۇزى ئۇششۇپ يېنىپ، موماينىڭ پۇرلەشكەن يۇزىدەك بولۇپ قالگغان ئىدى. موماينىڭ يەنە بىر قولىدا تارازا بار ئىدى. موماي ئالما سېۋېتىنى يەرگە قويدى دەل ماشۇ چاغدا بېشىغا يىرتىق قۇلاقچا كېيگەن بىر بالا كېلىپ مۇزلىغان ئالمىنى ئېلىپ قاچاي دىگەندە موماي تۇيۇپ قالدىدە بالىنىڭ چاپىنىدىن تۇتىۋالدى. بالا قۇتۇلۇش ئۈچۈن چاپىنىنىڭ پېشىنى تارتىشقا باشلىدى. ئەمما موماي ئىككى قولى بىلەن چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. شۇ ئارلىقتا بالىنىڭ قۇلاقچىسى يەرگە چۇشتى، موماي چاققانلىق بىلەن بالىنىڭ يۇمران قارا چېچىن كاپلا قىلىپ تۇتتى، بالا قىلتاققا چۇشكەن قۇشلاردەك تىپىرلاپ ۋاقىراپ كەتتى، موماي ئۆزىنىڭ ۋىجىككىنە بەدىنىگە ياراشمىغان قوپال بىر ئاۋازى بىلەن ۋاقىراپ تىلللايتى. بۇ ئەسسەبى ئاۋازدىن تام تۆۋىدە تۆگۇلۇپ تۇرغان مەھەلە ئىتىمۇ قورقۇپ تام ياقىلاپ قىچىشقا باشلىدى. ئەخمەت موزدۇز قولىدىكى يىڭنە بىلەن پىگىزنى ئىش ئۇستېلىگە قويدىدە، تېزلىك بىلەن سىرتقا قاراپ ئىتىلدى. موماي بالىنى تىللاۋاتاتتى. ئۇنىڭ باشلىرىغا ئۇرۇپ ساقچىغا تۇتۇپ بېرىدىغانلىغىنى دەۋاتاتتى. بالا قارشىلىق بىلدۇرۇپ:“ مەن بىرنەرسە ئالمىدىم، نىمە ئۇرىسەن؟ قويۇۋەت مىنى“ دەپ ۋاقىرايتى. ئەخمەت موزدوز ئۇلارنى ئاجىرتىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. بالىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ مومايغا „چوڭ ئاپا، سادىغاڭغا كىتەي بالىنى قويۇۋەت“. موماي:“ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك بىر ساۋاق بىرەيكى، ھەرگىز ئۇنۇتمىسۇن. ساقچىغا تاپشۇرۇپ بىرەي مومۇسىنى يېسۇن!“ئەخمەت موزدوز مومايغا يالۋۇردى:“ قويۋەت چوڭ ئاپا، بۇندىن كېيىن قىلمايدۇ، مەن كېپىل“.
ئاخىرى موماي بالىنى قويۋەتتى، بالا قۇتۇلغاندىن كېيىن قەپەزدىن قۇتۇلغان قۇشتەك قاچماقچى بولدى ئەمما ئەخمەت موزدوز تۇتىۋالدى.“ مومايدىن كەچۇرۇم سورا، بۇندىن كېيىن مۇنداق ئىشنى قىلما، ئالمىنى ئالغانلىغىڭنى مەن كۆردۇم“دىدى. بالا بۇنىڭ بىلەن يېغلاپ تۇرۇپ كەچۇرۇم سوراشقا باشلىدى. „ ھە ئەمدى ئال بۇ ئالمىنى مەن ساڭا بىرىمەن“ دەپ سېۋەتتىكى ھېلىقى مۇزلىغان ئالمىنى بالىغا تەڭلىدى. ئەخمەت موزدوز مومايغا قاراپ „پۇلىنى مەن بىرىمەن“ دىدى. موماي:“ بۇنداق قىلساق بۇ بەڭۋاشلار ھەدىدىن ئېشىۋالىدۇ. بۇنىڭدەكلەرگە شۇنداق بىر دەرس بىرىسەنكى، ئاچچىقىنى بىر ھەپتە ئۇنۇتمىسۇن“.
ئەخمەت موزدوز:“ ئاھ چوڭ ئاپا، بىز شۇنداق ئويلايمىز ئەمما ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ئۇنداق ئەمەس. بىر تال ئۇششۇك ئالما ئۈچۈن بۇ سەبى بالىنى ئۇرۇدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟“
موماينىڭ ئاغزى يۇمۇلدى، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
ئەخمەت موزدوز:“ ئاللاھ بىزدىن دائىم ئەپۇ قىلىشىمىزنى ئارزۇ قىلىدۇ، بولمىسا ئۇمۇ بىزنى ئەپۇ قىلمايدۇ. كىم بولسا بولسۇن بىر-بىرىمزنى ئەپۇ قىلىشىمىز لازىم، بولۇپمۇ نىمە قىلىۋاتقانلىغىنى بىلمەيدىغانلارنى“
موماي بېشىنى لىڭشىتىپ:“ شۇنداق، ئەمما بۇ بالىلارمۇ بەكمۇ ھەددىدىن ئىشىپ كەتتى“.
ئەخمەت موزدوز:“ مانا بىزدەك ئاق-قارىنى پەرق ئىتىدىغان چوڭلارنىڭ ۋەزىپىسى، ئاشۇ نىمېنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان ئۆسمۇرلەرگە توغرىسىنى مىھرىۋانلىق بىلەن شۇشەندۇرۇپ كۆرسىتىش، ئۇلارغا گۈزەل نەرسىلەرنى ئۈگۈتۇش بۇرچىمىزدۇر“ دىدى.
موماي:“مەن بۇ گېپىڭگە قوشۇلىمەن، مىنىڭمۇ يەتتە بالام بار ئىدى، ھازىر پەقەت بىرلا قىزىم قالدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمەن“ دەپ ئۆزىنىڭ ئەخۋالىدىن ، نەۋرىلىرىدىن سۆزلەشكە باشلىدى. „ كۆرگىنىڭدەك كۇچ-قۇۋېتىم قالمىدى، ئەمما تا ھازىرغىچە تىرىشىپ كېتىۋاتىمەن. نەۋرىلىرىمگە بەكمۇ كۆيىنىمەن، قانداق ياخشى نەۋرىلىرىمنىڭ بارلىغىنى بىر بىلسەڭ! ئۆيگە قايتقىنىمدا شۇنداق خوشال قارشى ئالىدىكى مېنى، موما جېنىم موما دەپ يۇزلىرىمگە سۆيۇپ كىتىدۇ“ موماي ناھايىتىمۇ ئىرىپ كەتتكەن ئىدى يېنىدىكى بالىغا قاراپ تۇرۇپ:“ توغرا بالىلىق، بەڭۋاشلىق، بوپتۇ ھىچقىسى يوق“ دىدى. موماي سېۋەتنى كۆتۇرۇپ ماڭماقچى بولغاندا بالا.“ مەن كۆتۇرشۇپ بىرەي موما، مەنمۇ سەن تەرەپكە ماڭىمەن“ دىدى. موماي بېشىنى لىڭشىتتى. سېۋەتنىڭ بىر چېتىنى بالىغا تۇتقۇزدىدە بىرلىكتە يولىغا راۋان بولدى. موماي ئەخمەت موزدوزدىن ھېلىقى بىر تال ئالمىنىڭ پۇلىنى ئېلىشنىمۇ ئۇتتىغان ئىدى. ئەخمەت موزدوز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تەبەسسۇم بىلەن نەزەر سالدى ئۇلار بىرچەتتىن يول ماڭغاچ بىر چەتتىن توختىماي پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
ئەخمەت موزدوز دۇكانغا قايتىپ كېرىپ ئىشىنى باشلىدى بىراق ئارىسىدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراشنى قولدىن بەرمەيتى. بىر ۋاقىتتا ´دەرىزىنىڭ يېنىغا كونا كۇلرەڭ يۇڭ پوپايكا كىيگەن، پۇتىغا كونا ئۆتۇك كىيگەن، قولىدا ئەسكى ئاديالغا ئورۇلغان بىر بالىنى چىڭ باغرىغا بېسىپ تۇتۇپ تۇرغان بىر ياش ئايال پەيدا بولدى. تەڭقى-تۇرقىدىن بۇ يەرگە سىرتىن كەلگەنلىگى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇستى بېشى يالاڭ بولسىمۇ بۇ قاتتىق سوغاققا بەرداشلىق بەرگۇدەك ساغلام ۋۇجۇدى بار دى. بالىنى يۇزىگە ئۇرىۋاتقان سوغۇق شامالدىن قورۇش ئۈچۈن بالىسىنىڭ يۇزىنى يېپىشقا باشلىدى. ئەمما بالىنى قېلىنراق ئوراشقا چارىسىز ئىدى. ئەخمەت بالىنىڭ يېغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ياش ئايال بالىسىنى يېغىسىدىن توختىتىش ئۈچۈن پەپىلەۋاتاتتى. ئەمما ھېچ ئامال قىلىپ يېغىسىنى توختىتالمىدى. ئەخمەت موزدوز ئورنىدىن دەس تۇردىدە سىرتقا چىقىپ: „ ھەي سىڭلىم“ دەپ ۋاقىردى. ياخش ئايال بۇرۇلۇپ ئەخمەتگە قارىدى. ئەخمەت:“ بۇ بالا بىلەن نىمىشقا سوغاقتا تۇرۇسىز؟ بالىنى دۇكاننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ياخشىراق يۆگەۋىلىڭ، كېلىڭ بۇياققا“ دىدى.
ئايال ھاڭۋېقىپ تۇراتتى. كۆز ئالدىدا بىرسى ئۇنى يېنىغا چاقىرۋاتاتتى. ئايال دەرھال ھوشىنى يېغىپ ئىشىك تۆۋىگە كەلدى ۋە سالام بەردى. بۇ چاغدا بالىنىڭمۇ يېغىسى توختىغان ئىدى. ئەخمەت ياش ئايالنى دۇكانغا باشلاپ كىردى.
„ئولتۇر بۇ يەردە قىزىم، مەشنىڭ يېنىغىراق كەل، ھەم بىر ئاز ئىسسىن ھەم بالاڭنى ئومدان ئورۇۋال“ دىدى ئەخمەت. ۋە مەش ئۇستىدىكى چۆگىندىن بىر پىيالىغا ئىسسىق چاي قۇيۇپ ياش ئايالغا سۇندى. „ئىسسىق ئىچ قىزىم ئىچىڭ ئىسسىنسۇن، بالاڭنىمۇ ئىمىتىۋال“ دىدى ئەخمەت ئىش ئۇستىلى تەرپكە بىرىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى. ئايال بالىسىنى ئىمىتىپ بولۇپ، ئومدان ئورۇدى ۋە ئەخمەت موزدوزغا رەخمىتىنى بىلدۇردى. ئەخمەت ياش ئايالنىڭ بۇ يەرلەرگە نىمە ئۈچۈن كېلىپ قالغانلىغىنى سورىدى. ئايال بىردىنلا يىغالاپ كەتتى، قايغۇلۇق زەڭگەر بىر جۇپ كۆزىدىن ئاققان ياشلار سۇلغۇن چىرايىنى يۇيىۋاتاتتى. ئەخمەتگە بۇ ئايالنىڭ يېغىسى كۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى يۇرىگىدىن يىغلاۋاتقاندەك تۇيىلدى.
ئۆزىگە تولىمۇ ماسلاشقان گىرىمسىز لەۋلىرىنى ئۇمچەيتكەن ئايال بېشىنى قۇچىغىدىكى بالىسىغا يېقىن ئەكەلگىنىچە بۇقۇلداپ يېغلاپ تۇرۇپ:“ بىز ئەسلىدە يېزىلىق ئىدۇق، بۇندىن بىر يىل بۇرۇن شەھەرگە يولدىشىم بىلەن بىرگە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. بىز بىر ئۆينى ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇردۇق، يولدۇشۇم بىلەن بىر ئاشخانىدا ئاشپەزلىك قىلاتتى، مەن بولسام شۇ ئايخانىدا قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ، تازلىغىنى قىلاتتىم. كۈنلىرىمىز دەسلەپتە يامان ئەمەس كېتىپ باراتتى، ئازراق پۇلمۇ ئىختىسات قىلاغان ئىدۇق. ئەمما بىر كۈنى تۇيۇقسىز كەچتە ئۆيىمىزگە ناتونۇش ئادەملەر كېرىپ، يولدۇشۇمنى ئېلىپ كەتتى، شۇندىن بىرى يولدىشىمدىن ھېچ خەۋەر ئالالمىدىم، بارمىغان يېرىم قالمىدى. كىملەرنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئېلىپ كەتكەنلىگىنى بىلەلمىدىم. تۆت ئاينىڭ ئالدىدا بالام تۇغۇلدى،شۇنىڭ بىلەن ئىشتىنمۇ قالدىم. ئەمدى ئىش ئىزدەۋاتىمەن ئەمما تاپالمىدىم. قول ئىلكىمدە نىمە بولسا سىتىپ ئۆي ئىجارىسى بىلەن قوساققا يېدىم. بالا باققۇچى بولاي دەۋاتىمەن، ئۆز بالام بىلەن بىرگە قوشۇپ باقاي دەپ ئويلىغان. بىر تونۇشۇم مۇشۇ ئەتراپتىكى بىرسىنىڭ ئادېرىسىنى بەرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇياقلارغا كەلگەن ئىدىم، ئۆلتۇرغان يېرىم بۇيەردىن بەك يېراق، بەكمۇ چارچاپ ھەم مۇزلاپ كەتتىم“ دىدى.
ئەخمەت موزدوز ياش ئايالنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كەچ كۇزدە شاختىن ئۇزۇلۇپ يەرگە چۇشكەن ئالمىدەك، دۆككىدەك قىلىپ يۇرىگى ئىزىلگەندەك بولۇپ كەتتى.
ئەخمەت موزدوز يانچۇقىدىن 100 سومنى چىقىرىپ ئايالغا تەڭلىدى. ئايال قەتئىي رەت قىلدى ئەمما ئەخمەت موزدوز كەسكىن قىلىپ:“ بالاڭ ئۈچۈن يەيدىغان بىرنەرسىلەر ئال، بالاڭنى ئويلا“ دەپ پۇلنى قولغا مەجبۇر تۇتقۇزدى ۋە تام تۆۋىدىكى ئىشكاپنى ئىچىپ ئىچىدىن بىر ئەديالنى ئالدىدە ئايالغا تەڭلەپ تۇرۇپ:“بالاڭنى ئورۇۋال، بۇ ئەديال بىر ئاز كونا ئەمما بالاڭنى ئىسسىق تۇتۇشقا يارايدۇ“ دىدى. ئايال بالىسىن ئومدان ئورۇۋالغاندىن كېيىن، قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقتەك تىترەپ تۇرغان يۇرىگىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئېگىلىپ ئەخمەت موزدوزغا تەشەككۇر ئىيتتى.
ئەخمەت موزدوز ئايالنى تالا ئۇزۇتۇپ چىقتى. ياش ئايال مەزمۇت قەدەم تاشلاپ دۇكاندىن ئۇزاقلاشتى.
ھايات ھەقىقەتەن گۈزەل بىر نەرسە، پۈتۈن دەرتلەر، پۈتۈن تەغدىرگە قارىماي ئىنسانلار ئۆز بەختى ئۈچۈن، ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن جاپا چىكىشتىن قورۇقمايدۇ ھە!
ئەخمەت موزدوز دۇكانغا قايتىپ كىردى. دۇكاننىڭ ئىچى يورۇق ئىدى، دېرىزە يۈزىدە ئەكس ئەتكەن كۈننىڭ رەڭمۇ-رەڭ نۈرىلىرى دۇكاننىڭ ئىچىگە چۇشۇپ تۇراتتى. ئەخمەت موزدوز ئۇستىگە ئارتىۋالغان ئېغىر بىر يۇكنى ئىلىۋەتكەندەك يەڭگىل بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەخمەت ئۆز-ئۆزىگە، يا راببىم! سۆيگۇ، مېھرى-شەپقەت ۋە ئېتىقادتا نىمە دىگەن مۆجۇزە بار ھە!.. دىدى.
24.07.2016، گېرمانىيە