You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇيقۇ توغرىسىدا چۈشەنچە

ئۇيقۇ توغرىسىدا چۈشەنچە

Uyqu دوكتۇر مەمەت ئىمىن (ئامىرىكا)

ئۇيقۇ كۈندۈلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ھوزۇرلۇق پالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھاياتىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. ئۇيقىنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقى بىزنىڭ كۈندۈلۈك پالىيەتلىرىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتۈپ قالماستىن بەلكى سالامەتلكىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيقىمىز ياخشى بولمىسا بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىز تۆۋەن بولىدۇ، ئۈگۈنۈش، خىزمەت ئۈنىمىزگە تەسىر يىتىدۇ، ھەتتا ماشىنا ھەيدىگەندە مۈگىدەپ قىلىپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر بولۇشى، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋەپ ئىلىپ كىلىشىمىز مۈمكىن.

بىز نىمە ئۈچۈن ئۇخلايمىز؟

ئۇيقۇ، بىزگە نىسبەتەن بارلىق نورمال پالىيەتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ قويۇپ ئارام ئىلىش دىمەك بولسىمۇ، بىراق بەدىنىمىزگە بولۇپمۇ مىڭىمىزگە نىسبەتەن ئۇيقۇ دىمەك بەدەننىڭ بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك پالىيەت جەريانىدىن يەنە بىر خىل ئوخشىمىغان فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت جەريانىغا ئۆتۈش دىمەكتۇر.

ئۇخلاش يالغۇز بىر خىل ئارام ئىلىش جەريانى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى كۈندۈزلىكىدىن پەرىقلىق بىر خىزمەت جەريانىغا كىرىشتۇر. بىز ئۇخلىغاندا بەدەنىمىزدىكى ھەر قايسى ئورگانلار بولۇپمۇ مىڭىمىز ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز ئۇخلىغاندا مىڭىمىز بىز كۈندۈزلىكى كۆرگەن شەيىلەرنى، ئۈگەنگەن بىلىملەرنى رەتلەپ، قايتا تەرتىپكە سىلىپ، ئۇلارنى خاتىرلەيدۇ، ئىسىمىزدە ساقلاش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.

ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلشكە ياردەم بىرىدىغان ھورمۇن دەل بالىلار ئۇخلىغاندا ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار يىتەرلىك ئۇخلىمىسا ئۆسۈپ يىتىلشكە ياردەم بىرىدىغان ھورمۇن يىتەرلىك ئىشلەپ چىقىرىلماي، نەتىجىدە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ بەدىنىدە زەخمىگە ئۇچۇرغان ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلار دەل بىز ئۇخلىغان مەزگىلدە رىمىنۇت قىلىنىپ ئەسلىگە كىلدۇ. بەدىنىمىزنىڭ كىسەللىككە تاقابىل تۈرۈش كۈچىگە يەنى ئىمىييۇنۇت كۈچىگە ياردەم بىرىدىغان ھورمۇنلار بىز ئۇخلىغاندا ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننىڭ ئىنىرگىيە ئىشلىتىشىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ھورمۇنلارمۇ دەل بىز ئۇخلىغاندا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.

ئادەم قىنىق ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇشى، نەپەس ئىلىشى ئاستىلايدۇ، قان بىسىمى تۆۋەنلەيدۇ. يۈرەكنىڭ خىزمەت يۈكى تۆۋەنلەپ، يۈرەك ياخشى ئارام ئالىدۇ.

ئۇيقۇ قانچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئۇيقۇ ئۇخلاۋاتقاندىكى كۆزنىڭ ھەركەت قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقۇ، كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقۇ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ، كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيغا يەڭگىل ئۇيقۇ (1-باسقۇچ ئۇيقۇ)، ئوتۇرال دەرىجىدىكى ئۇيقۇ (2-باسقۇچ ئۇيغا) ۋە ئىغىر ياكى قىنىق ئۇيقۇ (3-باسقۇچ ئۇيقۇ) دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇرۇنقى ئۇيقۇ باسقۇچىنى بۆلۇش بويىچە كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقۇ 4 باسقۇچقا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر ئاساسەن بۇ 3 باسقۇچ كۆپ قولۇنۇلماقتا.

بىز ئۇخلىغاندا ئۇيقىمىزنى ئەلۋەتتە بۇ باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئۇخلىمايمىز، بىراق بىزنىڭ ئۇقىمىز بۇ باسقۇچلار بويىچە يۈز بەرگىنى ئۈچۈن، ئۇنى بىلىش بىزنىڭ ئۇيقۇ جەريانىنى تولۇق چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن نورمالسىزلىقلارنى ھەل قىلىشىمىزگە يەردەم بىرىدۇ.

ئۇيقۇ

بىز ئۇخلاشقا باشلىغاندىن كىيىن ئۇيقۇمىز، كۆزىمىز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقىنىڭ 1-باسقۇچدىن باشلىنىدۇ. 1-باسقۇچ ئۇيقۇ يەڭگىل ئۇيقۇ بولۇپ؛ كۆزنىڭ ھەركىتى ئاستا بولىدۇ؛ مۇسكۇل بوشايدۇ؛ يۈرەك، نەپەس رىتىمى ئاستىلايدۇ. ئۇندىن كىيىن 2-باسقۇچ ئۇيقۇ باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا كۆزنىڭ ھەركىتى تامامەن توختايدۇ.  3-باسقۇچ ئۇيقۇ ئىغىر يەنى قىنىق ئۇيقۇ بولۇپ، بىز بۇ باسقۇچتىكى ئۇيقىغا كىرگەندىن كىيىن ئاسان ئويغانمايمىز، يۈرەك، نەپەس رىتىمىمىز تىخىمۇ ئاستىلايدۇ؛ مۇسكۇللار بوشايدۇ؛ ئەڭ ياخىشى ئارام ئالىمىز. كىچىك بالىلاردا كۆرۈلۈدىغان كۆپىگە سىيىپ قويۇش، ئۇخلاۋىتىپ يول ماڭىدىغان ئىشلار دەل مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بىرىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئۇيقىمىز كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقۇ باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا كۆزىمىزنىڭ ھەركىتى تىز بولىدۇ؛ نەپەس، يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى ۋە قان بىسىم ئىگىز پەس بولىدۇ؛ پۇت قول مۇسكۇللىرى ۋاقىتلىق تامامەن پالەج ھالەتكە كىرىدۇ. بىزنىڭ چۈش كۆرىشىمىز دەل مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بىرىدۇ؛ مۇسكۇللىرىمىز پالەچ ھالەتتە بولغاچقا، چۈشىمىزدە ھىچقانداق ھەركەت قىلالمىغاندەك، ۋە ياكى پۇت قولىمىز باغلاغلىقتەك ھىس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن تولۇق بىر ئۇخلاش جەريانى تاماملىنىدۇ، ۋە ئۇىنڭدىن كىيىن بۇ جەريانلار تەكرارلىندۇ؛  3-باسقۇچ ئۇيقۇ ئازلاپ، كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقۇ جەريانى بارا بارا ئۇزۇرايدۇ. كىيىنكى يىرىم كىچىدە بىز  3-باسقۇچ ئۇيقىغا كىرمەيمىز؛ تاڭ ئىتىش ئالدىدا ئۇيقىمىز ئاساسەن كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقۇ بولىدۇ.

ئۇيقۇ1

نىمە بىزنى ئۇخلىتىدۇ؟

نىمە بىزنى ئۇخلىتىدۇ؟ يەنى ئۇخلىشىمىزغا نىمە سەۋەپ بولىدۇ ۋە ياكى بىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرى قىلغان نەرسە نىمە؟ گەرچە ئۇخلاش بەدىنىمىزنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجى بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئۇخلىشىمىز ۋە ئويغىنىشىمىز بەدىنىمىزدىكى بەزى ماددىلار تەرىپىدىن تەڭشىلىدۇ. بەدىنىمىزدە بىزنىڭ ئۇخلىشىىمىزغا سەۋەپ بولغان، يەنى بىزنى ئۇخلىتىدىغان ئامىللار كۆپ ۋە مۈرەككەپ بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىر قەدەر تونۇپ يەتكەن ئىككى خىل ماددا ئۇيقۇ بىلەن ئالاھىدە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئەدەنىسايىن، يەنە بىرى بولسا مەلاتونىن.

ئەدەنىسايىن كۈندۈزلىكى ۋە ياكى بىز ئوغاق ۋاقىتتا ئىشلەپ چىقىرلىپ بەدەندە توپلىشىدۇ، كىچىدە ۋە ياكى بىز ئۇخلىغاندا پارچىلىنىدۇ. ئەدەنىسايىن بەدەندە توپلىشىپ مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە، بىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرى قىلىدۇ، ۋە ئۇخلاش ئارقىلىق پارچىلىنىڭ ئۆزىنىڭ بەاەندىكى تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ.

مەلاتونىن بولسا مىڭىدىكى بىر كىچىك  بەز  تەرىپىدىن ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدىغان ھورمۇن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئۇيقىمىزنىڭ كىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. بەدىنىمىزدە ئاجىرتىلىپ چىققان مەلاتونىن كۆپ بولغانسىرى بىزنىڭ ئۇيقىمىز شۇنچە كىلىدۇ. مەلاتونىن بەدىنىمىزدىكى بىئولوگىيەلىك سائەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇياش ئولتۇغاندا، ياكى ھاۋا تۇتۇق بولغاندا، كىچىدە كۆپ ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدۇ؛ كۈندۈزلىكى ۋە ياكى يورۇقلۇقتا توۋەنلەيدۇ. بالىلاردا ۋە ياشلاردا كۆپ ئىشلەپ چىقىرلىدۇ، ياشانغانلاردا ئازلايدۇ.

ئۇيقۇ2

داۋاملىق كىچە كۈندز ئالمىشىپ ئىشلەيدىغانلاردا، ئۇيقۇ ۋاقتى قالايمىقان كىشىلەردە، ۋە ياكى 5 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت پەرىقى بار رايۇنلارغا كۆپ سەپەرگە چىقىدىغانلاردا، مەلاتونىن ئىشلەپ چىقىرىش قالايمىقانلىشىدۇ، ۋە شۇ سەۋەپتىن  ئۇيقىمۇ قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.

مەلاتونىن ساقلىقنى ساقلاش دورىسىنىڭ ئۇيقىسى كەلمەيدىغانلارغا ۋە ياكى ئاسان ئۇخلىيالمايدىغانلارغا نىسبەتەن قىسقا مۇددەت (بىر نەچچە كۈندىن بىر نەچچە ھەپتە) كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۈنىمى بار، بولۇپمۇ 55 ياشتىن يۇقۇرى ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئۈنىمى تىخمۇ ياخشى،  بىراق  ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنىمى توغۇرسىدا كۆپ تەتقىقات نەتىجىسى يوچ، ھەم بەزى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.

ئۇندىن باشقا بىزنىڭ ئىمۇنت سىستىمىمىز ئىشلەپ چىقارغان سايتوكايىنىز دەپ ئاتالغان بىر خىل ماددىمۇ بىزنىڭ ئۇخلىشىمىزغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. سايتوكايىنىز بىزنىڭ ئىمىمنۇنىت سىستىمىمىزنىڭ بەزى يۇقۇملۇنۇش ۋە ئاستا خارەكتىرلىق ياللۇغلۇنۇش بىلەن كۆرەش قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۇخلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىز كۈنىگە قانچە سائەت ئۇخلىساق، يىتەرلىك ئۇخلىغان بولىمىز؟

ئىنسانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىدا پەرىق زور بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوخشاش بولمايدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۈنىگە 16 – 18 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

مەكتەپ يىشىغا توشمىغان كىچىك بالىلار كۈنىگە 11 – 12 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

مەكتەپ يىشىدىكى بالىلار كۈنىگە ئەڭ كەم دىگەندە 10 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

بالاغەتكە يەتكەنلەر كۈنىگە 7 – 8 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

ياشانغانلارمۇ ئوخشاشلا  كۈنىگە 7 – 8 سائەت ئۇخلاشقا ئىھتىياجلىق.

بىزنىڭ ئۇيقىمىزنىڭ يىتەرلىك بولۇش بولماسلىقىدا مۇھىم بولغان ئامىل يالغۇز ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقىت بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇيقىمىزنىڭ سۈپىتىمۇ ناھايتى مۇھىمدۇر.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ساغلام بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىدە پەرىق چوڭ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش  مۈمكىن، بىراق بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىدە پەرىق زور بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش قىيىن.

ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى يۇقۇرى بولغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن  كۈنىگە 6 سائەت ئۇخلاش پۈتۈنلەي يىتەرلىك بولىشى مۈمكىن، بىراق ئۇخلاش سۈپىتى ياخشى بولمىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن كۈنىگە 10 سائەت ئۇخلاشمۇ يىتەرلىك بولماسلىقى مۈمكىن، يەنى 10 سائەت ئۇخلاپمۇ  ئۇيقۇغا قانماسلىقى مۈمكىن. شۇڭا ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىغانغا باھا بىرىشتە يالغۇز ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا ئاساسلىنىش يىتەرلىك ئەمەس.

ئۇيقۇ بىنورماللىقنىڭ تۇرلىرى

ئۇيقۇ بىنورماللىقى ياكى ئۇيقىنىڭ نورمالسىزلىقىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1) ئۇخلىيالماسلىق، يەنى ئۇخلاش قىيىن بولۇش؛ بۇ خىل ئەھۋال كۆپۈنچە ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ئۇخلىيالماسلىقىدا مەلۇم سەۋەپلەر بولسىمۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇخلىيالماسلىقىدا ھىچقانداق سەۋەپ يوق. بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار ئۇيقىسى ناھايتى كەم بولسىمۇ، مۈگدەپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ بولمايدۇ، ھەم ئۇخلايمەن دەپمۇ ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ؛

2) ئۇيقۇ يىتەرلىك بولماسلىق، يەنى تۇرمۇش ۋە خىزمەت تۈپەيلىدىن ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلالماسلىق. . بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار كۈندۈزلىكى ئاسان مۈگدەپ قالىدۇ، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

3) ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەن بولۇش؛ بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار گەرچە ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلسىمۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئارتۇق ئۇخلىسىمۇ، يەنىلا ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ، كۈندۈزلىكى داۋاملىق مۈگدەپ چىقىدۇ، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ. روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، بەدەندىكى ھەر خىل كىسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق، راھەتسىزلىك تۈپەيلەدىن ياخش ئۇخلىيالماسلىقنى مۇشۇ تۈرگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

4) ئۇخلىغاندا مەلۇم سەۋەپلەر (ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش) تۈپەيلىدىن مىڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، يەنى مىڭە ئاستا خاراكتىرلىك ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ھالىتىدە غىدىقلىنىپ، ياخشى ئارام ئالالماسلىق. بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلارمۇ گەرچە ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلسىمۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئارتۇق ئۇخلىسىمۇ، يەنىلا ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ، كۈندۈزلىكى داۋاملىق مۈگدەپ چىقىدۇ، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

5) كۆپ ئۇخلاش، داۋاملىق مۈگدەپ تۇرۇش، ئولتۇرغان يەردە ئۇخلاپ قىلىش؛ بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار گەرچە ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلسىمۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئارتۇق ئۇخلىسىمۇ، يەنىلا ئۇيقۇسىغا قانمىغاندەك ھىس قىلىدۇ، ئارتۇق ئۇخلاش ئارقىلىق بۇ خىل ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئۇيقۇ بىنورماللىقنىڭ ئىپادىلىرى

1) ئۇخلاش قىيىن بولۇش، ئۇخلاش ئۈچۈن كارۋاتقا چىقىپ يىتىپ يىرىم سائەت ئىچىدە ئۇخلىيالماسلىق.

2) ئۇيقۇسى بەك سەگەك بولۇش، ئازراق ۋاراڭ چۇرۇڭ تۈپەيلىدىن ئويغۇنۇپ كىتىش.

3) كىچىدە قايتا – قايتا كۆپ قىتىم ئويغۇنۇپ كىتىش؛

4) يىرىم كىچىدە ئويغۇنۇپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۇخلىشى قىيىن بولۇش؛

5) كۆپ ئۆرۈرۈلۈش ۋە مىدىرلاش؛

6) ئىغىر ۋە قالايمىغان خوررەك تارتىش؛

7) ئۇخلاۋىتىپ قالايمىقان گەپ قىلىش ۋە جۆيلۈش؛

8) داۋاملىق قارا بېسىش ۋە قاباھەتلىك چۈش كۆرۈش؛

9) داۋاملىق مۈگدەپ تۈرۈش؛

ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىغاندا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللار

ئەگەر ئۇيقۇمىزنىڭ سۈپىتى تۆۋەن ۋە ياكى ئۇخلىغان ۋاقتىمىز يىتەرلىك بولمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۈمكىن.

1) ئەتىگەندە ئۇخلاپ ئويغانغاندا جۇشقۇن ھىس قىلماسلىق؛

2) ھارغىنلىق ھىس قىلىش؛

3) بىشى ئاغرىش؛

4) ئۇيقۇغا قانماسلىىق؛

5) كۇندۇزى مۇگدەپ قىلىش ۋە ياكى پۇتۇن كۇن ئەسنەپ چىقىش؛

6) ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتنىڭ ئۈنىمى تۆۋەن بولۇش؛

7) روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ئاسان چۈشكۈنلۈشۈش، ئاسان ئاچچىقلىنىش؛

8) توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش، توغۇرا قارار بىرىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىش؛

9) كىچىك بالىلارنىڭ ئۇيقىسى يىتەرلىك بولمىغاندا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار چوڭلاردىن ئازراق پەرىقلىق بولۇپ، كۆپ ھەركەت قىلىدىغان، دىقىتىنى بىر يەرگە يىغالمايدىغان، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرىس كاللىسىغا چۈشمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۈمكىن.

ئۇزۇن مەزگىل يىتەرلىك ئۇخلىمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر

1) روھى كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىش، مىجەزى ئوسال بولۇپ قىلىش؛

2) ئىسىدە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى توۋەنلەپ كىتىش؛

3) ئىنىرگىيەنى كونتۇرۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچراش ۋە ئاسان سەمىرىپ قىلىش؛

4) دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىى يۇقۇرلاش؛

5) يۇرەك مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقۇرلاش؛

6) يۇقۇرى قان بىسىمى كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقۇرلاش ؛

7) ئوپكە قىزىل قان تومۇر بىسىمى يۇقۇرى بولۇش خەتىرى يۇقۇرلاش ؛

8) ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچىراش؛

9) ئاسان قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇراش؛

ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

1) قىنىق چاي ۋە قەھۋە

2) بەزى دورىلار؛ بەزى دورىلار ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرسا، يەنە بەزى دورىلار ئادەمنى ئۇخلۇتۇپ قويىدۇ؛

3) تاماكا (نىكوتىن)؛

4) ھاراق (ھاراق ئىچكەندە، ئادەم گەرچە ئاسان ئۇيقىغا كىرىپ كەتكەن بىلەن، بىراق ھاراق ئۇيقىنىڭ  سۈپىتىگە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.)

5) كەچلىك تاماقنى كۆپ يىيىش؛

6) ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ ئۇسۇزلۇق ئىچىش؛

7) ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ چىنىقىش ۋە ياكى ئىغىر ھەركەت قىلىش. ھارغىنلىق ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرسىمۇ بىراق ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

8) روھى كەيپىياتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر، يەنى ئالاھىدە قايغۇرۇش، ھاياجانلىنىش، قورقۇش، ئەندىشە قىلىش، روھى چۈشكۈنلۈشۈش، روھى بىسىم، جىددىلىشىش، كۆپ ئويلۇنۇش قاتارلىقلار؛

9) ئۇخلاش مۇھىتى، يەنى ئۇخلايدىغان ئورۇننىڭ راھەتلىك ئەھۋالى، جىم -جىتلىقى، يورۇقلۇقى، پاكىزلىقى، تىمپىراتۇرسى، ۋە ھاۋاسىنىڭ ساپلىقى.

10) تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن داۋاملىق ئۇخلاش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش؛

11) ئۇخلاش ئادىتى ۋە ئۇخلاش بەدەن ھالىتى؛

12) كۈندۈزى كۆپ ئۇخلاش ياكى ئۇخلاش ۋاقتى قالايمىقان بولۇش؛

ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر

ئۇخلىيالماسلىق ياكى ئۇيقۇسى قىيىن بولۇش ؛ 失眠  Insomnia
بۇ خىلدىكى ئۇخلىيالماسلىقنىڭ ئىنىق بىر سەۋەبى يوق بولۇپ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۇيقۇسى ئالاھىدە كەم بولىدۇ، ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇخلىغان ۋاقتى شۇنچە ئاز بولسىمۇ، كۈندۈزلىكى مۈگدەپ قالمايدۇ.

كۆپ ئۇخلاش كىسىلى، كۈندۈزى كۆپ ئۇخلاش كىسىلى؛ 嗜睡症Hypersomnia
تۇتقاقلىق ئۇيقۇ بىسىش كىسىلى؛  发作性嗜睡病Narcolepsy
جۆيلۈش   Sleep talking
ئايدىڭ سەيلىسى   梦游症 Sleepwalking
قارا بىسىۋىلىش  Nightmare
كىچىدە چۆچۈش   Night terror, Sleep terror 夜惊
ئۇخلاۋاتقاندا پاچىقى مىدىرلاش كىسىلى؛  夜间肌肉阵挛症 Periodic limb movement disorder
نەپەس يولى توسۇلۇپ قىلىش خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كىسىلى؛ 阻塞性睡眠呼吸暫停(Obstructive Sleep Apnea,OSA)
نىرۋا خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسى ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كىسىلى؛  中樞神經性睡眠呼吸暫停(Central Sleep Apnea,CSA)
ئارلاشما خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسى ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كىسىلى؛  混合性睡眠呼吸暫停(Mixed Apnea)
يۇقارقى كىسەللەردىن باشقا بەدەندىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر بولۇپمۇ ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللىكلەر  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق ۋە ھەر خىل راھەتسىزلىكلەر ئۇيقۇغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىىدۇ. مەزى بىزى ياللۇغى ۋە مەزى بىزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلار كىچىدە بىر نەچچە قىتىم كىچىك تەرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغىنى ئۈچۈن، ياخشى ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

ئۇيقۇ نورمالسىزلىقىغا دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش

ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى دېگىنىمىز ئۇخلىيالماسلىق، يىتەرلىك ئۇخلىماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش، ئۇخلىغاندا مىڭە يىتەرلىك ئوكسىگىنغا ئېرىشەلمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلار ئۆز ئارا پەرىقلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ ئوخشاش ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارغا دىئاگۇنۇز قويۇش، ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ پەرىقلىق. بەزى خىلدىكى ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى نىرۋا كىسەللىكلەر بولۈمىگە تەۋە بولسا، يەنە بەزى خىلدىكى ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى نەپەس يولى كىسەللىكلەر بۆلىمىگە تەۋە، يەنى بەزى خىلدىكى ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى بەش ئەزا بۆلىمىگە تەۋە بولسا، يەنە بەزى خىلدىكى ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى روھى كىسەللىكلەر بۆلىمىگە تەۋە. شۇڭا ئۇيقۇ نورمالسىزلىقىغا دىياگۇنۇز قويۇشتا ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوخشىمىغان بۆلۈملەرگە كۆرۈنۈپ، ئوخشىمىغان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش ئارقىلىق، كونكىرىت دىياگۇنۇز قويۇشقا توغۇرا كىلىدۇ.

ئۇيقۇ نورمالسىزلىقىغا دىئاگۇنۇز قويۇشتا ئەڭ كۆپ قوللۇنىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

Polysomnography 多导睡眠图   Multiple sleep latency test) MSLT)

Maintenance of wakefulness test) MWT)

ئۇيقۇ نورمالسىزلىقىغا نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈلەر ئىلىپ بىرىلغاندىن كىين، ئەگەر ھازىرقى تېخنىكا دائىرسىدە تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ چىققىدەك كىسەللىكلەر بايقالسا شۇنىڭغا ئاساسەن داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، ئۇيقۇ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىكلەرنى داۋالاش كىرەك. ئەگەر ھازىرقا تېخنىكا دائىرسىدە تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ چىققىدەك كىسەللىكلەر بايقالمىسا، ئۇنىۋېرسال داۋالش ئىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئۇيقۇ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق ئامىلاردىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش، روھى كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئاكىتىپ دۇنيا قارىشىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.

ئاز ئۇخلاش ۋە ياكى ئۇيقۇسى كەم بولۇش

(睡眠不足Sleep Deprivation)

بالاغەتكە يەتكەنلەر كۈنىگە 7 – 8 سائەت ئۇخلىشى كىرەك بولۇپ، ئەگەر كۈنىگە ئۇخلىغان ۋاقتى 6 سائەتتىن ئاز بولسا ئاز ئۇخلىغان ۋە ياكى ئۇيقۇ كەم بولغان بولىدۇ. ئاز ئۇخلاش ۋە ياكى ئۇيقۇسى كەم بولۇش ئۇ بىر خىل كىسەللىك بولماستىن، ئۇ كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋاقىت جەدىۋىلى، ۋە كۆنگەن ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆپۈنچى ئەھۋالدا ئادەم ئۇزۇن مۇددەت ئاز ئۇخلىىسا ۋە ياكى ئۇيقىسى يىتەرلىك بولمىسا سالامەتلىككە تەسىر قىلىدۇ. ناھايتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ ، ئۇلارغا نىسبەتەن 4 ،5 سائەت ئۇخلاش يىتەرلىك، بۇ كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت شۇنداق ئاز ئۇخلىسىمۇ سالامەتلىكىگە ئالاھىدە تەسىر قىلمىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا.

ئۇخلىيالماسلىق ياكى ئۇيقۇسى قىيىن بولۇش

(失眠  Insomnia)

ئۇخلىيالماسلىق ۋە ياكى ئۇيقۇسى قىيىن بولۇش دېگىنىمىز بەزى يىمەك ئىچمەك، دورا، ھەر خىل روھى ھالەت  ۋە بەزى كىسەللىكلەر  سەۋەبىدىن يىتەرلىك ئۇخلىيالماسلىقنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئۇخلىيالماسلىق ياكى ئۇيقۇسى قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار:

جىددىلىشىش؛
ھاياجانلىشىش؛
كۆڭلى يىرىم بولۇش ۋە قايغۇرۇش؛
ئاستا خارەكتىرلىق ئاغرىق؛
نەپەسى قىسىلىش، ۋە بەزى ئاستا خارەكتىرلىق نەپەس يولى كىسەللىكلىرى؛
مەزى بىزى ئۆسمىسى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك قىتىم سانى كۆپ بولۇش؛
ئۇخلاشتىن بۇرن بەك كۆپ تاماق يىيىش؛
ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىنىق چاي، قەھۋە ئىچىش؛
ھاراق ئىچىش؛
بەزى دورىلار، يەنى روھى ھالىتىنى كۆتۈرىدىغان دورىلار، بەزى قان بىسىمى دورىلىرى؛
بەزى روھى كىسەللىكلەر؛
دائىم كىچە كۈندۈز ئالمىشىپ خىزمەت قىلىش؛
ئۇخلىيالماسلىق ياكى ئۇيقۇسى قىيىن بولۇشنى بىر تەرەپ قىلىش

ئالدى بىلەن ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبنى تېپىپ چىقىش؛
ئۇخلاشنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى مۇھىملىقنى تونۇپ يىتىش ۋە ياخشى تۈرمۈش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش.
كەيپىياتنى تەڭشەش، جىدديلىشىش، كۆڭلى يىرىم بولۇشلاردىن ساقلىنىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋە كۆڭۈل ئىچىشقا ئاكىتىپ قاتنىشىش كىرەك؛
ئۆزىنى راھەت تۇتۇش، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇشنى مەششىق قىلىش؛
ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دورا ۋە يىمەك ئىچمەكتىن ساقلىنىش؛
زۆرۈر بولغاندا مۇۋاپىق ۋاقىت ئۇيقىغا ياردەم بىرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش؛
جۆيلۈش (ئۇخلاۋىتىپ گەپ قىلىش)

جۆيلۈش دىگىنىمىز ئۇخلاۋىتىپ ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەش بولۇپ، سۆزلىگەن سۆزلەر بەزىدە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بەزىدە ئالدى كەينى ئۆز ئارا باغلاشمايدىغان، مەزمۇنى چۈشۈنۈكسىز بولىدۇ. جۆيلۈش ئادەتتە كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقۇ باسقۇچىدا يۈز بىرىدۇ.  جۆيلۈش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۆيلۈش ئەھۋالى بارا بارا ئازلايدۇ. نورمالدا بالاغەتكە يەتكەنلەر ئىچىدە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇنچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.

ئادەم نىمە سەۋەپتىن جۆيلۈيدۇ؟ ھازىرغا قەدەر جۆيلۈشنىڭ سەۋەبى توغۇرسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر مۈرەككەپ جەريان بولغاچقا، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ ھەر خىل، بەزىلەرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش مۈمكىن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش مۈمكىن ئەمەس. جۆيلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى سەۋەپ ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە يىقىنچاقلاشقا بولىدۇ:

روھى ئامىللار: قورقۇش، جىدديلىشىش، ئەندىشە قىلىش، ئۈمۈدسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش؛
ھەر خىل ياللۇغلىنىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۇقۇرى قىزىتما (قىززىتمىسى يۇقۇرلاپ كىتىش)؛
ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى، ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلى؛
بەزى روھى كىسەللىكلەر؛
ھاراق ۋە بەزى ناركوز، مەس قىلىش دورىلىرى؛
ئىرسي ئامىللار ؛
جۆيلۈش نورمالدا ئەتراپتىكىلەرنىڭ  ئۇيقۇسىىغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا سالامەتلىككە ئالاھىدە زىيانلىق بولمىغاچقا، بەزى كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان جۆيلۈشكە نىسبەتەن ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا،  جۆيلۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەگەر جۆيلۈش ئەھۋالى ئېغىر بولسا ھەم ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، كۈندۈزى مۈگدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسا، ئۇيقۇ ئەھۋالىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، مۇنسىۋەتلىك ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى بايقالسا، شۇنىڭغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

ئەگەر ئالاھىدە باشقا ئەگەشمە ئەھۋاللار بولمىسا، روھى ھالەتنى ياخشىلاش، بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، خىزمەت ۋە ئارام ئىلىشنى رىتىملىق ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق جۆيلۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ. ئالاھىدە دورا يەپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم جۆيلۈشنى داۋالايدىغان ئۇنداق بىر دورىمۇ يوق.

قارا بىسىۋىلىش (قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرۈش)

قارا بېسىۋىلىش دىگىنىمىز بىر خىل قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرۈش بولۇپ قاباھەتلىك چۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقۇ باسقۇچىدا، يەنە كۆپۇنچىسى ئەتىگەندە يۈز بىرىدۇ.  كۆرگەن چۈشنىڭ مەزمۇنى بەزىدە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، مەلۇم قورقۇنۇچلۇق ھادىسە ۋە ياكى مەنزىرە كۆرۈلگەن بولسا ، بەزىدە ئالدى كەينى ئۆز ئارا باغلاشمايدىغان، كۆرۈلگەن قورقۇنۇچلۇق ھادىسە ۋە ياكى مەنزىرە  پۈتۈنلەي قالايمىقان بولىدۇ. قارا بىسىۋىلىش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، قارا بىسىۋىلىش ئەھۋالى بارا بارا ئازلايدۇ. بىراق بالاغەتكە يەتكەنلەر ئىچىدىمۇ قارا بېسىۋىلىش ئەھۋالى خىلى كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ئۇنداقتا بىز نىمە سەۋەپتىن قاباھەتلىك چۈش كۆرىمىز؟ چۈش كۆرۈش مەيلى ئۇ ئادەتتىكى چۈش بولسۇن ۋە ياكى  قاباھەتلىك چۈش بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدىغان تەببې جەريان بولۇپ، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەر ھەر  خىل، بەزىلەرىنىڭ سەۋىپىنى بىلىش مۈمكىن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ سەۋەپىنى بىلىش مۈمكىن ئەمەس. قارا بىسىۋىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەز ى سەۋەپ ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە يىقىنچاقلاشقا بولىدۇ.

ھاياتىدا يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر، بولۇپمۇ روھى دۇنياسىغا ئىغىر تەسىر قىلغان ۋەقەلەر؛
روھى ئامىللار: قورقۇش، جىدديلىشىش، ئەندىشە قىلىش، ئۈمۈتسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش؛
ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنو، ئوقۇغان رومان ۋە ھىكايىلەر؛
ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ ئۇخلاۋاتقاندا پاچىقى ئۆزلىگىدىن ھەركەت قىلىش كىسىلى، ئۇخلاۋاتچاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلى؛
مىڭىنى غىدىقلايدىغان ۋە مىڭە ھەركىتىنى ئاكىتىپلاشتۇرىدىغان بەزى يىمەك، ئىچمەك ۋە دورىلار؛
ھاراق ۋە بەزى ناركوز، مەس قىلىش دورىلىرى؛
بالاغەتكە يەتكەنلەردە قارا بىسىۋىلىش داۋاملىق كۆرۈلسە سالامەتلىككە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىشى، روھى كىسەللىك پەيدا قىلىشى، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا تەرەققى قىلىشى مۈمكىن. شۇڭا ئەگەر داۋاملىق قارا بىسىۋالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كىرەك.

ئالدى بىلەن قارا بىسىۋىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش كىرەك.
2. ئەگەر قارا بىسىۋىلىشنى بەزى دورىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، دورىنىڭ مىقدارىنى تەڭشەش ۋە ياكى ئۇ دورىنى باشقا دورىلارغا ئالماشتۇرۇش كىرەك؛
ئەگەر قارا بىسىۋىلىشنى ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش قاتارلىق بەزى كىسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، شۇ كىسەللىكلەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك.
ئەگەر قارا بىسىۋىلىشنى روھى جىدديلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئامال  بار جىددىلىشىشتىن ساقلىنىش، كيپىياتنى تەڭشەش، مۇۋاپىق كۆڭۇل ئىچىشلارغا قاتنىشىش، چىنىقىش، ساياھەت قىلىش كىرەك؛

ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش

ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش دىگىنىمىز ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايتا قايتا قىسقا مۇددەت توختاپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

بىز نورمالدا ئۇخلاۋاتقاندا ھەر مىنۇتتا 12 قىتىم نەپەسلىنىمىز؛ يەنى بىز ھەر 5 سىكۈنۇتتا بىر قىتىم نەپەس ئالىمىز. ئەگەر بىزنىڭ نەپىسىمىز قىسىلغان ۋە ياكى نەپەسلەنمىگەن ۋاقتىمىز، يەنى ئۆپكىمىزگە كىرىۋاتقان ھاۋا ئىقىمى ئازلاپ كەتكەن ۋە ياكى پۇتۈنلەي توسۇلۇپ قالغان ۋاقىت 10 سىكىونتتىن ئىشىپ كەتسە، بىز بۇنى بىر قىتىملىق نەپىسى توختاش –  توۋەنلەش كۆرسەتكۈچىسى (Apnea Hypopnea Index, AHI) دەپ ئاتايمىز.

ئەگەر بىز ئۇخلاۋاتقاندا، بىر سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل نەپىسى توختاش –  توۋەنلەش كۆرسەتكۈچىسى (AHI)  ئادەتتە 5 دىن ئارتۇق بولسا، يەنى بىر سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن نەپەس توختاش –  توۋەنلەش قىتىم سانى 5 قىتىمدىن ئارتۇق بولسا، بىز ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىمىز؛

ئەگەر نەپىسى توختاش –  توۋەنلەش كورسەتكۇچىسى (AHI) ھەر بىر سائەتتە 5 قىتىمدىن ئارتۇق 15 قىتىمدىن تۆۋەن بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى نەپىسى توختاپ قىلىش ھىساپلىنىدۇ.

ئەگەر نەپىسى توختاش –  تۆۋەنلەش كۆرسەتكۈچىسى (AHI)  ھەر بىر سائەتتە 15 – 30  قىتىم ئارىسىدا بولغان بولسا ئوتتۇرا دەرىجىلىك نەپىسى توختاپ قىلىش ھىساپلىنىدۇ.

ئەگەر نەپىسى توختاش –  تۆۋەنلەش كۆرسەتكۈچىسى (AHI)  ھەر بىر سائەتتە ئىچىدە  30  قىتىمدىن ئارتۇق يۈز بەرسە ئىغىر دەرىجىدىكى نەپىسى توختاپ قىلىش ھىساپلىنىدۇ.

ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە، ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسنىڭ توختاپ قىلىشىدىن كىلىپ چىققان ئوكسىگىن كەملىك سەۋەبىدىن مىڭە غىدىقلىنىپ قايتا قايتا ئۇيقىدىن ئويغۇنۇپ كېتىش، قايتا قايتا  ئۆرۈلۈش ئارقىلىق ئۇخلاش شەكلىنى ئۆزگەرتىش، نەتىجىدە ئۇيقىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى يىتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار بولىدۇ.

ئادەتتە ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش تۆۋەندىكىدەك 3 خىل بولىدۇ:

نەپەس يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى خاراكتىرلىق نەپەس توختاپ قىلىش
نىرۋا خاراكتىرلىك نەپىسى توختاپ قىلىش
ئارىلاشما خاراكتىرلىك نەپىسى توختاپ قىلىش
ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش نەپەس يولى توسۇلۇپ قىلىش خاراكتىرلىك نەپىسى توختاپ قىلىش (Obstructive sleep apnea, OSA)  بولۇپ، مەن بۇ يەردە پەقەتلا بىرىنجى تۈردىكى ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش توغۇرسىدا توختۇلۇپ ئوتمەكچىمەن.

ئۇنداقتا نەپەس يولى توسىلاپ قىلىش خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ؟

ئىغىز بوشلۇقىدىكى توقۇلمىلار بوشۇشۇپ كەتكەندە، سىمىزلىك سەۋەبىدىن ئىغىز بوشلۇقىدىكى بەزى توقۇلمىلار نورمالدىن چوڭ بولغاندا، ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن ئىغىز بوشلۇقىدىكى بەز ۋە لىمفا تۈگۈنچىلىرى چوڭىيۋالغاندا، ئۇخلىغاندىكى يىتىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇ نورمالدىن چوڭ بولغان ياكى بوشاپ كەتكەن توقۇلمىلار نەپەس يولى تەرەپكە ساڭگىلاپ چۈشۈپ، نەپەس يولىنى توسۇۋىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئۇخلاۋاتقاندىكى نورمال ھاۋا ئىقىمى

ئۇيقۇ3

ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس يولىنىڭ ئىتىلىپ قىلىشى سەۋەبىدىن نەپىسى توختاپ قىلىش

ئۇيقۇ4

قانداق كىشىلەر بۇ كىسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

سىمىز كىشىلەر، بولۇپمۇ بويى پاكار، بوينى قىسقا كىشىلەر
30 ياشتىن ئاشقانلاردا، شۇنداقلا ياشنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىدۇ.
ئەرلەر، يەنى ئەرلەرنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالى ئاياللارغا نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقۇرى بولىدۇ. ئامىركا كىسەللىكنى كونتۇرۇل قىلىش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئامىرېكىدىكى بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭ 4%، ئاياللارنىڭ 2% بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.
ئادەتتە بەدەن چىنۇقتۇرمايدىغان ۋە ياكى ھەركەتنى ئاز قىلىدىغان بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە توقۇلمىلار بوش كىشىلەردە.
تاماكا چەككەن كىشىلەردە
ھاراق ئىچكەن كىشىلەردە

گىرافىك

بۇ كىسەلنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى:

ئۇخلىغاندا ئىغىر خورەك تارتىش؛
ئۇشتۇمتۇت خورىكى يوقاپ كېتىش، ۋە ياكى نەپىسى توختاپ قېلىش، 10، 20 سىكونتتىن كىيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش، ۋە بۇ خىل ئەھۋال قايتا قايتا تەكرارلىنىش؛
ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى قىيىنلىشىش ياكى خىقىراپ قىلىش؛
ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ۋە كىچىدە قايتا قايتا ئويغۇنۇپ كېتىش؛
ئەتتىگەندە بېشى ئاغرىش، ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلىش؛
ئۇيقىغا قانماسلىق، كۈندۈزى مۈگدەپ قىلىش ۋە ياكى پۈتۈن كۈن ئەسنەپ چىقىش؛
بۇ كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى

ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئاستا خاراكتىرلىك مېڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تۆۋەندىكى ئالامەتلەر ۋە ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ:

ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كىتىش؛
خىزمەت ۋە ئۈگۈنۈشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كىتىش؛
ئاسان قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇراش؛
يۇرەك مىڭە قان تومۇر كېسىلىگە، گىرىپتار بولۇش؛
يۇقۇرى قان بىسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش
ئوپكە قىزىل قان تومۇر بېسىمى يۇقۇرى بولۇش؛
يۈرەك تىقىلمىسىغا، يۈرەك زەئىپلىكىگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۇپ كىتىش؛
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن دۇنيادا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر ئىچىدە 30% ئادەم يۇرەك قان تومۇر كىسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ 30-40% تىدە بۇ كىسەل بار ئىكەن؛ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ 50% تى ئەتىراپىدا  يۇرەك قان تومۇر كىسەللىرى بار ئىكەن.

دىئاگنۇز  قويۇش

ئۆز ئۆزىگە دىئاگۇنۇز  قويۇش

توۋەندىكى 8 خىل ئەھۋالغا نولدىن ئۈچكىچە نومۇر  قويۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدە بۇ كىسەلنىڭ بار يوقلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە باھا بىرەلەيمىز.

1. جىم ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇغاندا
2. تېلىۋىزۇر كۆرۈۋاتقاندا
3. جامائەت سورۇنلىرىدا مەسىلەن تىياتىرخانىدا، كىنوخانىدا، ياكى يىغىن زالىدا جىم ئولتۇرغاندا
4. باشقىلارنىڭ ماشىنىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت جىم ئولتۇرغاندا
5. چۇشتىن كىيىن سافادا ئارام ئىلىش ئۇچۇن (بىراق ئۇخلاش ئۇچۇن ئەمەس) ياتقاندا
6. جىم ئولتۇرۇپ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا
7. چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن جىم ئولتۇرغاندا
8. ماشىنا ھەيدەۋىتىپ قىزىل چىراققا توختىغاندا ۋە ياكى قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا

ئەگەر يۇقاردا دىيىلگەن ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال مۇتلەق يوق بولسا نۆل بېرىسىز.
بەزىدە ئانچە مۇنچە (يەنى 10 قىتىم ئىچىدە 3 قىتىمدىن ئاز)  مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال  بولسا، بىر نومۇر بىرىسىز.
ئوتتۇراھال دەرىجىدە  (يەنى 10 قىتىم ئىچىدە 4 – 7 قىتىم) مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى نومۇر بىرىسىز.
ئىغىر دەرىجىدە (يەنى 10 قىتىم ئىچىدە 7 قىتىمدىن ئارتۇق) مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولسا ئۇچ نومۇر بىرىسىز.

ئۇيقۇ5

ھەر بىر تۈرگە بىرىلگەن نومۇرلارنى قوشقاندا

ئەگەر جەمى نومۇر 7 دىن تۆۋەن  بولسا، ئۇيقۇڭىز ئاساسەن نورمال بولغان بولىدۇ؛
ئەگەر جەمى نومۇر 7 بىلەن 9 ئارىلىقىدا بولسا، ئۇيقۇڭىز ئازراق كەم بولغان بولىدۇ؛
ئەگەر جەمى نومۇر 10 بىلەن 15 ئارىلىقىدا بولسا، ئۇيقۇڭىزدا بەزى نورمالسىزلىق بولغان بولىدۇ؛
ئەگەر جەمى نومۇر 16 بىلەن 24 ئارىلىقىدا بولسا، ئۇيقۇڭىزدا ئىغىر دەرىجىدە نورمالسىزلىق بولغان بولىدۇ؛

ئەگەر جەمى نومۇر 10 دىن ئارتۇق بولغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بىرىشىڭىز زۆرۈر؛

ئۇنىڭدىن باشقا ھەمراھىزنىڭ ياردىمى بىلەن كېچىلىك ئۇيقۇ ئەھۋالىڭىزنى كۈزۈتۈش ئارقىلىقمۇ بۇ كىسەلنىڭ بار يوقلۇقىغا دەسلەپكى قەدەمدە باھا بىرىش مۇمكىن.

ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كېسىلىگە دىياگۇنۇز قويۇشتا مۇھىم بولغان تەكشۈرۈش

قاندىكى ئوكسىگىن مىقدارىنى تەكشۈرۈش؛
پوليسومنوگرام (Polysomnogram، (PSG دىگەن تەكشۈرۈش، بۇ كىسەلگە دىياگۇنۇش قويۇشتا ئەڭ موھىم بولغان تەكشۈرۈش ھىساپلىنىدۇ؛
بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىدە بۇنداق بىر كىسەلنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئامىركىنىڭ كىسەللىكنى كونتۇرۇل قىلىش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بۇ كىسەلنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى بولغان ھەر 50 ئادەم ئىچىدە ئاران بىر ئادەم بۇ كېسەل توغۇرسىدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ دىئاگنۇز قويۇلغان ئىكەن. شۇڭا بۇ كىسەلگە بالدۇر دىئاگۇنۇز قويۇش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا بەك مۇھىم؛

ئۇيقۇ6

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش

ئورۇقلاش، ۋە بەدەن ئېغىرلىغىنى كونتۇرۇل قىلىش؛
بەدەن چىنىقتۇرۇش؛
تاماكا چەكمەسلىك ، تاماكىنى تاشلاش؛
ھاراق ۋە باشقا مەس قىلىش دورىلىرىدىن يىراق تۇرۇش؛
ئۇخلىغاندا دۇم يىتىش؛
ئۇخلىغاندا ماسكىلىق سۈننى نەپەسلەندۇرگۇچ ئىشلىتىش؛

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top