ھەقىقىي بەخت

ھېكايە – لېۋ. تولستوي
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

بىر زامانلاردا ئۇرفا ئىلىدا، ئىلياس ئىسىملىك بىرسى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ توي قىلىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن دادىسى ۋاپات بوبتۇ. دادىسىدىن ئۇنىڭغا ئانچە بىر نەرسە مىراس قالماپتۇ. ئىلياسنىڭ ئۇ چاغدا يەتتە بايتىلى، ئىككى كالىسى، يېگىرمە قويى بار ئىكەن.
ئىلياس ئەقىللىق بىر ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاستا-ئاستا ماللىرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.
ئىلياس تاڭسەھەردىن قاراڭغۇ چۈشكىچە ئايالى شەمشىخان بىلەن بىللە ئىشلەپتۇ. كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇپتۇ. بۇ سەۋەپتىن يىلدىن -يىلغا ماللىرى كۆپىيۇپ، تۇرمۇشى باياشاتچىلىققا تولۇپتۇ. ئىلياس شۇنداق قىلىپ 35 يىلدىن كېيىن نۇرغان مال-دۇنيانىڭ ئىگىسى بولۇپ قاپتۇ.
بۇ چاغلاردا ئىلياسنىڭ 200 ئات، 155 مۇڭگۇزلۇك ھايۋان، 1200 قوي قاتارلىق مال-ئۇلاقى بوپتۇ. پادىچىلار ماللىرىنى باقىدىكەن، خىزمەتكار ئايالاللار بايتال، كالا ۋە قويلارنى ساغاتتىكەن ۋە ئۇلارنىڭ سۇتلىرىدىن قىمىز، سارماي، سۇزمە قاتارلىق سۇت مەخسۇلاتلىرىنى ياسايدىكەن. ئۆينىڭ ئىچى باياشاتچىلىققا تولۇپتۇ.
پۈتۈن كېشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ:“ ماشۇ ئىلياس نىمە دىگەن تەلەيلىك ھە. ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل. ئۆلۇممۇ ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ كېلىدىغۇ ھەقاچان“ دەپ سۆزلىشىدىكەن.
ئىلياسنىڭ نۇرغۇن تونۇش-بىلىشلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن مېھمان بولۇشقا كېلىدىكەن. ئىلياس ھەممىسىنى ئوچۇق چىراي بىلەن „خوش كەلدىڭلار“ دەپ قارشى ئالىدىكەن. مېھمانلارنىڭ كېلىشى بىلەنلا دەرھال بىر ئىككى قوي، ئەگەر كۆپرەك بولسا بىرە بايتالنى بوغۇزلايدىكەن. ئۇلارنى ناھايىتىمۇ ياخشى مېھمان قىلىدىكەن. مېھمانلارنى قىمىز، ئەتكەنچاي، شەربەت، قوي گۆشلىرى بىلەن غىزالاندۇردىكەن.
ئىلياسنىڭ ئىككى ئوغلى، بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى تۇرمۇشلۇق بوپتۇ. ئۇلار كەمبەغەل چاغلىرىدا ئىلياس بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپتۇ. قويلىرىنى بېقىپتۇ. كېيىن ئازراق باي بولىۋىلىپلا ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا تاماشا قىلىشقا باشلاپتۇ. ھەتتا بىر ئوغلى ھاراقكەش بولۇپ كېتىپتۇ. چوڭ ئوغلى بىر جىدەلدە ئۆلۇپ كېتىپتۇ. كېچىكىنىڭ ئايالى ناھايىتىمۇ تەكەببۇر بىر ئايال ئىكەن. ئىلياس ئۇلارغا گېپىنى ئۆتكۇزەلمىگەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئايرىۋېتىپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئىلياسنىڭ بايلىقى بىر ئاز ئازلاپ قاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا قويلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەل تېگىب، بىر-بىرلەپ ئۆلۇپ كېتىپتۇ. كېيىنكى يىلى بولسا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بوپتۇ. ئۆت-چۆپلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كىتىپ، ھەممە يەرنى قەھەتچىلىك قاپلاپتۇ. بۇ سەۋەپتىن قىش كەلگەندە نۇرغۇن ھايۋانلار ئاچلىقتىن ئۆلۇپ كېتىپتۇ. زىرائەتلەرنىڭ قالغان قىسمىنى قىرغىزلار ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىلياسنىڭ مال-مۆلكى بارغانسىرى ئازلاپ، ھال-ئەخۋالى ناچارلىشىشقا يۇزلىنىپتۇ. ئىلياسمۇ كۈچىدىن قىلىپ، جىسمانى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.
بوۋاينىڭ نوركا جۇگىلىرى، قىممەت باھالىق گېلەملەر، ھارۋۇلار، ئىسىل ئىگەر-جابدۇقلار، ئاز بىرقىسىم ساق قالغان ھايۋانلار ئىشقىلىپ پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلا بولسا ھەممىسىنى سېتىشقا مەجبۇر قاپتۇ. مانداقچە ئىيتقاندا يانچۇق قۇپ-قۇرۇق بوپ قاپتۇ. نىمىسى بولسا ھەممىسى شۇنداق تېز قولدىن چىقىپ كەتكەنكى، ئىلياس ئۆزىمۇ تۇيمايلا قاپتۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇستى-بىشىدىكى ئەسكى چاپان، قۇلاقچا، ئايىقى ۋە ۋاپادار مومىيى شەمشىخاندىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالماپتۇ. بۇ چاغلاردا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئوغلى ئۇزاق بىر شەھەرگە كۆچۇپ كەتكەن ئىكەن، قىزىمۇ ۋاپات بولۇپ كېتىپتىكەن. بوۋاي بىلەن مومايغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم قالماپتۇ. مومىيى بىلەن بىرلىكتە باشقىلار ئۈچۈن خىزمەتكار بولماقتىن باشقا بىر ئامال قالماپتۇ.
ئىلياس بوۋاينىڭ بىر خوشنىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى مۇھەممەت شاھ ئىكەن. مۇھەممەت شاھ بۇ يالغۇز بوۋاي بىلەن مومايغا ئىچ اغرىتىپتۇ.
مۇھەممەت شاھنىڭ تۇرمۇشى ئولتۇرھال بولۇپ، كەمبەغەلمۇ ئەمەس بايمۇ ئەمەس ، ھالال مېھنىتى بىلەن ياشايدىغان ياخشى بىر ئادەم ئىكەن.
بۇ ئادەم. ئىلياسنىڭ بۇرۇنقى مېھماندوسلىقىنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى ئۇزۇتۇپ.“ ئىلياس، ئايالىڭنى ئېلىپ بىزنىڭكىگە كەل، يازدا قولۇڭدىن كېلىشچە باغچىۋانلىق قىلارسەن، قىشتا بولسا ئىغىلدىكى ھايۋانلارنى باقاسەن. شەمشىخان بولسا بايتاللارنى سېغىب، سۇتىدىن بىزگە قىمىز قىلا. مەن سىلەرگە قارايمەن. قوساقتىن ھېچ غەم قىلماڭلا. بىرەنەرسىگە ئېھتىياجىڭلار بولسا ھىچتارتىنمايلا ماڭا ئۇدۇل دەڭلا“ دەپتۇ.
ئىلياس بۇ ۋاپادار خوشنىسىغا تەشەككۇر ئىيتىپ، مومىيى بىلەن بىللە مۇھەممەت شاھنىڭ ئائىلىسىگە ھىزمەتكار بوپتۇ. بۇ ئىشلار باشتا بوۋاي بىلەن مومايغا بىراز ھار كەپتۇ. „ۋاقىت ھەممە نەرسىنىڭ دورىسى“ دەپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ ئىشلارغىمۇ كۆنۇپ قاپتۇ. قولىدىن كېلىشچە ئىشلەپ، ھاياتىنى داۋام قىپتۇ.
مۇھەممەت شاھ ئۇلارنى ئۆيىگە ئەكىرۋىلىپ ياخشى قىلغان ئىكەن. چۈنكى ئىلياس بىلەن مومىيى ئۆز ۋاقىتتا ياخشى كۈن كۆرگەن ئىنسانلار بولغانلىغى ئۈچۈن ئىشنىڭ ئۈبۇر-جىبىرىنى ياخشى بىلەتتىكەن ۋە قانداق چاغدا قانداق قىلىشنى ئومدان بىلگەچكە ھورۇنلۇق قىلماي پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا بىرىپ، بار كۈچى بىلەن ئىشلەپتۇ.
مۇھەممەت شاھ شۇنداق ياخشى باياشاتچىلىقتا ئۆتكەن ۋە ناھايىتى يۇز-ئابرويلۇق ئىنسانلارنىڭ بۇ ھالغا چۈشۇپ قالغانلىغىنى كۆرۇپ، بەزىدە چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ، كۆڭلى يېرىم بوپتۇ.
بىر كۈنى مۇھەممەت شاھنىڭ ئۆيىگە ئۇزاق بىريەرلەردىن ئۇرۇق-تۇققانلىرى مېھماندارچىلىققا كەپتۇ ۋە بۇ مېھماندارچىلىققا مەسجىدنىڭ ئىماممىنىمۇ چاقىرىپتۇ.
مۇھەممەت شاھ ئىلياسقا قويدىن بىرنى ئەكىلىپ، بوغۇزلاشنى بۇيرۇپتۇ. ئىلياس قوينى سويۇب، گۆشلىرىنى پىشېرىپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.
مېھمانلار گۆشلەرنى يەپ، چايلېرىنى ئىچىپ، ئومدان غىزالانغاندىن كېيىن قىمىز ئىچىشكە باشلاپتۇ. مېھمانالار سايىپخاننىڭ ئۆيىدىكى ئېسىل گېلەملەرنىڭ ئۇستىگە سېلىنغان يۇمشاق كۆرپىلەردە ئولتۇرۇپ، پىياللارغا تولدۇرۇپ قويۇلغان قىمىزلارنى ئىچكەش پاراڭلىشىۋاتقاندا ئىلياس ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇپتۇ. مۇھەممەت شاھ ئۇنى كۆرۇپلا، مېھمانلارغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: „ئىشىكنىڭ ئالدىن ئۆتكەن ئۇ بوۋاينى كۆردۇڭلارمۇ؟» دەپتۇ.
مېھمانلاردىن بىرى :“كۆردۇم، بىراق بۇنىڭغا ھەيران قالغۇدەك نىمە بار؟ „ دەپتۇ.
مۇھەممەت شاھ :„ھەقىقەتەن ھايران قالارلىق ، بۇ ئادەم بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەڭ باي ئادەم . ئىسمى ئىلياس، بەلكى ئاڭلىغان بولغۇيتىڭلار“
„ئاڭلىماي قالامتۇق! ئۆزىنى كۆرمىگەن، ئەمما نامىنى ئاڭلىغان، نامى پۈتۈن يەرگە تارالغان ئەمەسمىدى“ دەپتۇ ئارىدىن بىرى.
مۇھەممەت شاھ: „ ھازىر ھىچنىمىسى قالمىدى. مېنىڭ يېنىمدا ئىشلەۋاتىدۇ، ئايالى بولسا بىزنىڭ بايتاللارنى ساغېدۇ.“
مېھمانلارنىڭ ھەممىسى تەڭ «ئېسىت-ئېسىت» دەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىچىنغانلىق ھېستۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىشىپتۇ. ئارىدىن بىر مېھمان سۆز ئېلىپ:“ دىمىسىمۇ بۇ بەخت دىگەن نەرسە چاقپىلەكتەك ئايلىنىپ تۇرۇدۇ. ئايلىنىۋاتقاندا بىرسى يۇقۇرغا چىقسا، يەنە بىرلىرىنى تۆۋەنگە چۇشۇردۇ. بوۋاي بەكمۇ ئازاپلانغان بولۇشى كېرەك“ دەپتۇ.
مۇھەممەت شاھ: „ بىلمەيمەن، مىنىڭ كۆرگىنىمگە ئاساسلانغاندا، ناھايېتى ياخشى كۆرۇندۇ، جىمجىت ئۆز ئىشىنىلا قىلىدۇ“
مېھمان:“ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقساق بولارمۇ؟“ بىزگە بىراز ئۆز كەچۇرمىشلىردىن سۆزلەپ بەرگەن بولسا“ دەپتۇ.
مۇھەمممەت شاھ „ھەي، ھەي „ دەپ چىدىرنىڭ ئارقا تەرىپىگە قاراپ ۋاقىراپ؛ „بوۋاي بۇياققا كەل، ئايالىڭ بىلەن بىرگە كېلىپ، قىمىز ئىچىڭلار“
ئىلياس، ئايالى بىلەن ئۆي ئىچىگە كېرىپ. ئۆي ئىگىسى ۋە مېھمانلار بىلەن سالاملېشىپتۇ ۋە دۇئا قىلىپ بولۇپ، ئىشىكنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئاپتۇ. ئايالى بولسا پەردە ئارقىسىغا ئۆتۇپ، مۇھەممەت شاھنىڭ ئايالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ.
ئىلياسقا بىر پىيالە قىمىز بېرىپتۇ. ئىلياس ئۇلارغا قايتا يەنە سالام بېرىپ، قىمىزدىن ئازراق ئىچىپ، پىيالىنى يەرگە ئاۋايلاپ قويۇپتۇ.
مېھمان ئۇنىڭدىن: „قانداق ئەخۋالىڭ بوۋاي، بىزگە قاراپ بۇرۇنقى كۈنلىرىڭنى ئەسلاۋاتامسەن؟ ئىچىڭ ئاچچىق بولېدىغاندۇ بەلكى، بۇرۇن بەختلىك ئىدىڭ، ھازىر بولسا تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقانسەن؟“ دەپ سوراپتۇ.
ئىلياس مېھمانغا بىر قارۋەتكەندىن كېيىن كۇلۇپ تۇرۇپ: „ ساڭا بەخت بىلەن قىيىنچىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى دىسەم ھەيران قالسەن، بۇلارنى ئايالىمدىن سوراپ، جاۋابىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلا. ئايال خەق دىگەن كۆڭلىدە نىمە بولسا ئاغزىدا شۇنى دەيدۇ. بۇ مەسىللەر ھەققىدىكى بارلىق ھەقىقەتنى ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ“ دەپتۇ
مېھمان ئۆينى ئايرىپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قاراپ: „ موما، بۇرۇنقى بەخت بىلەن ھازىرقى قىيىنچىلىققا قانداق قارايلا؟“ دەپ سوراپتۇ.
موماي پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ: „مەن سىلەرگە شۇنى دىمەكچىمەنكى، يولدۇشۇم بىلەن 50 يىلدىن بىرى بەخت ئىزدىدۇق، ئەمما بەختنى ھىچ تاپالمىدۇق. ھازىر ئىككى يىلدىن بىرى خىزمەتكارلىق قىلىۋاتىمىز، قول ئېلىككىمىزدە ھىچنەرسىمىز يوق، ئەمما لېكىن ھەقىقى بەخت دىگەن مانا مۇشۇ ئىكەنتۇق. ئەمدى ھىچنەرسە ئىستېمەيمىز.“
مېھمانلار موماينىڭ تەمكىنلىك بىلەن قىلغان بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قىلىشىپتۇ. سايىپخانمۇ ھاڭ-تاڭلا بوپ قاپتۇ. موماي دەل ماشۇ چاغدا ئەخۋالنى كۆرۇش ئۈچۈن ئورنېدىن تۇرۇپ، پەردىنى قايرىپتۇ.
موماي قوللىرىنى كۆكسىنىڭ ئۇستىگە قويۇپ، كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ بوۋايغا قاراپتۇ، بوۋايمۇ ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىپتۇ. موماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ „ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتىمەن، چاقچاق قىلغىنىم يوق. يېرىم ئەسىر بويىچە بەخت ئىزدىدۇق، باي چاغلىرمىزدا ئۇنى تاپالمىدۇق. ھازىر ھىچنەرسىمىز قالمىدى، خىزمەتكار بولۇپ قالدۇق. ئەمما شۇنداق بىر بەختكە ئېرىشتۇقكى بۇنىڭدىن باشقا ياخشى بىر نەرسىنى ئارزۇ قىلمايمىز“
مېھمان تىڭىرقاش ئىچىدە“ خوپ، خازىرقى بۇ بەخت دېگەنلىرى، زادى قانداق بىر بەختتۇ؟“
„قانداق دىمەكچىمۇ؟ ماقۇل سۆزلەپ بىرەي؛ باي چاغلىرىمىزدا بىر سائەتمۇ راھەتنىڭ يۈزىنى كۆرمىدۇق، يا خاتىرجەم ئۆلتۇرۇپ مۇڭداشمايتۇق، يا ئۇ دۇنيانى ئويلىمايتۇق، ياكى ناماز قىلىپ دۇئا قىلمايتۇق. ئولتۇرۇپ-قوپساق ئىشتىن باشقىنى ئويلىمايتۇق.
مېھمانلار كەلدىمۇ ئالدىراشچىلىقتا يەنە بىرمۇنچە ئىشلار چىقاتتى. ئۇلارنى قانداق كۇتىۋېلىشنى بىلمەي قالاتتۇق. بىزنى ئەيىپلەپ يۇرمىسۇن دەپ ئويلاپ، نىمە بىلەن مېھمان قىشنى بىرھازا ئويلىشاتتۇق. مېھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن خىزمەتكارلارنىڭ دەرتلېرى باشلىناتتى. ئۇلار كۆپ يەپ، ئاز ئىشلەشنىلا ئويلايتى. بىز بولساق مال-دۇنيارىمىزنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھنىڭ ئۇستىگە گۇناھ قىلاتتۇق. يەنە بىر تەرەپتىن بۆرىلەرنىڭ مال-ئۇلاقلارنى يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرسەك يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىزلىقلارغا ئوغرى كېرىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەپىلىشىپلا يۇرەتتۇق. ئېغىلدىكى قويلارنىڭ قوزىلارنى دەسسەپ ئۆلتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، كېچىلىرى نەچچە قىتىم چىقىپ تەشۇرۇپ، كۆزلىرىمىزگە ئۇيقا كىرمەيتى. بىراز خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق دىيېشىمىز بىلەنلا قىش كېلىپ، مال-ئۇلاقلارنىڭ يەم-خەشەك دەرتلىرى چىقاتتى. پۈتۈن بۇ دەرتلەر يەتمىگەندەك ئەر-ئايال ئىككىمىز پېتىشمايتۇق. مەن قوپۇپ „ئۇنى مۇنداق قىلىمىز“ دىسەم، ئۇ قوپۇپ „ياق بۇ ئىش ئۇنداق ئەمەس مۇنداق“ دەيتى. شۇنداق جىدەللىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ھالىنى ئۆزىمىز خاراپ قىلاتتۇق. گۇناھنىڭ-ئۇستىگە گۇناھ ئۆتكۇزەتتۇق. كۆڭلىمىزنىڭ ھىچ ئارامى بولمايتى. شۇنداق يوقۇلاڭ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتتۇق. گۇناھتىن-گۇناھقا كېرىپ، بەخت مۇبارەك يۇزىنى بىزگە ھىچ كۆرسەتمىدى.“
مېھمان: ئەمدىچۇ؟
„ئەمدى، سەھەر تۇرغاندا ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىمىز، دوسلۇق مېھرىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراپ قىزغىن مۇڭدېشىمىز. غوۋغا قىلىدىغان، غەم -قايغۇ قىلىدىغان ئىشلىرىمىز يوق. پۈتۈن ئويىمىز خوجايىنغا ياخشىراق خىزمەت قىلىش. قولىمىزدىن كەلگېچە ياخشى ئىشلەپ، خوجايىننىڭ زىيان تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېرىشىش. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىستېگىمىز بىلەن قىلىۋاتىمىز.. ئىشتىن قايتقىنمىزدا تاماقلىرىمىز تەييار، چۈش ۋە كەشتە تاماق بار. ئىچىشىمىز قىمىز، يېيىشىمىز گۆشلۇك تاماق، كېيىشىمىز ئىسسىق جۇۋا. پاراڭلىشىش ئۈچۈن، ئۇ دۇنيانى ئويلاش ئۈچۈن، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاختىمىز بار. ئەمدى بۇنىڭدىن ئارتۇق نىمە بولسۇن؟ 50 يىلدىن بېرى بەخت ئىزدەپ يۇردۇق، ئەمما ئەمدى تاپتۇق“ دەپتۇ موماي.
مېھمانلار موماينىڭ بۇ گەپلىرى ئاڭلاپ ھەممىسى كۈلىشىپتۇ.
ئىلياس بوۋاي ئاخىردا سۆز ئېلىپ: „ كۈلمەڭلار قىرىنداشلىرىم. بۇلار مۇنداقلا سۆزلەپ قويۇلغان سۆزلەر ئەمەس. چاقچاقمۇ ئەمەس. بۇ ئىنساننىڭ ھاياتى.
بۇرۇن مەنمۇ، ئايالىممۇ ئاخماق ئىكەنمىز. بايلىقىمىزدىن ئايرىلدۇق دەپ يىغلاپ-قاھشاپ كېتىپتىمىز. ھازىر ئويلىسام ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بىز بۇلارنى سىلەرنى كۈلۇپ، كۆڭلىنى ئاچسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ دەۋاتىمىز“ دەپتۇ.
دەل ماشۇ چاغدا ئىمام سۆزگە ئارلىشىپتۇ ۋە: بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بەرھەقتۇر. ئىلياس ھەقىقەتنى سۆزلىدى. بۇ سۆزلەر مۇقەددەس كىتاب قۇر ئاندىمۇ دىيىلگەن“ دەپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن مېھمانلارنىڭ كۈلۇشلىرى توختاپ، ھەممىسى چوڭقۇر تەپەككۇر دېڭىزىغا چۆكۇپتۇ.
03.07.2016، گېرمانىيە