دېموكراتىيەنىڭ گۈزەللىكى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
تۈركىيەگە يېڭى كېلىپ بەزى ئىشلار يامان غەلىتە كۆرۈنۈپ كەتتى. بولۇپمۇ ھەپتە ئۆكسىمەي بولۇپ تۇرىدىغان نامايىش. ساقاللىق ساقالسىز، ياغلىقلىق ياغلىقسىز، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق، ئۈچ يۇلتۇزلۇق بايراق، ئورغاق بولقىلىق بايراقلارنى كۆتۈرىۋالىدىغان نامايىشچىلار مەيدانلارنى تولدۇرۇپ تۇراتتىيۇ، قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق بىتۇيۇق غايىپ بولۇشتاتتى. قىزىقارلىقى ماۋزىدوڭغا چوقۇنىدىغان ياشلار، ماركىسنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ تەشۋىقاتقا مەشغۇل بولىدىغان قىزلار… بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى كىشىلەر كوردلار دەيدىكەن، سانى ئاز ئىكەن. ئەمما پائالىيەتلىرى كۆپ ۋە جانلىق ئىكەن. ئۇزاق بوپتىكەن ئېزىلگۈچى خەلقلەر، جاھانگىرلىك، ئىمپىرىيالىزىم، ئېكسپالاتاتسىيە دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىمىغىلى. تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىقلار ۋە كوردلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ بەزى يىغىنلىرىدا يۇقارقى سۆزلەرنى ئاڭلاپ قىزىقىپ قالدىم.
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاساسلىقى ئاتا تۇرك پىرىنسىپلىرىنى قوللىنىدىغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (قىسقارتىلىمىسى ج خ پ)، تۈركچۈلۈك، تۇرانچىلىق ۋە دەۋلەتچىلىك ئىددىيسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى(م ھ پ)، مۇسۇلمانلىقنى مەركەز قىلىدىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات(كالكىنما) پارتىيەسى (ئا ك پ) ۋە تۈركىيەدىكى كوردلار ۋە باشقا «ئېزىلگەن»لەرنىڭ ھوقۇقىغا داۋاگەر بولىدىغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (خ د پ) دىن ئىبارەت تۆرت پارتىيە بولۇپ بۇلارنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ سىياسىتىنى تارتىشىپ دۆلەتنى سورىشىدۇ. يۇقارقى پائالىيەتچان كومۇنىستلارنىڭ كۈچى ئاجىز بولۇپ مۇشۇ كۈنگىچە پارلامېنتقا كىرەلمىدى.
تۈركىيەدىكى تەقرىبەن توقسان پېرسەنت كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسى يۇقارقى تۆرت پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرى بىلەن باغلىنىپ كېتىدىكەن. بۇندىن يۈز يىللار بۇرۇن تۈركىيەنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا قەشقەردىن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر ئەۋلادى ئوغۇز ئاكامنىڭ ئۆيىدە بۇ پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئاكىمىزنىڭ كىچىك قىزى دىنغا بەكرەك مايىل بولۇپ ئاق پارتىيەنى قوللايدىكەن، چوڭ قىزى مىللىيەتچىكەن، ئايالى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنى ياقىلايدىكەن. ئاكىمىز ھىچ قايسىنى قوللىمايدىكەن، ھەممىسىنىڭ ئەيپلىرىنى تېپىپ نارازى بولۇپ تۇرىدىكەن. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى 47 يىلدىن بېرى ئاران ئىككى لىدەر چىقاردى دېموكراتىك ئەمەس دەپ ياراتمايدىكەن، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنى تەييار تاپ بىيوروكىراتلار دەيدىكەن، ئاق پارتىيەنىڭ لىدەرى ئەردوغاننى سەمىمىيەتىسزلىك، ئىككى يۈزلۈكتە تەنقىدلەيدىكەن. مەن ئۇ ئۆيىگە بارغىنىمدا چوڭ قىزى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانىكەن، بىر مۇنچە ماختاپ بەردى. كىچىك قىزى ۋەتەندىكى روزا ۋە ناماز ئەھۋالىنى سورىدى، ئايالى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە بەرگەن ئىمتىيازلارنىڭ ھىچ بىرىنى ئۇيغۇرلارغا بەرمىگەنلىكىدىن ئاغرىندى. مەن ھېلى ئۇنىڭغا قاراپ، ھېلى بۇنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلسىنىڭ تاماششابىنىغا ئايلىنىپ قالدىم.
نۇيابىردا ئىككىنچى قېتىملىق سايلام نەتىجىسى ئىلان قىلىنىدىغان كۈنى بىر ئاغىنىمىز ئۆيىگە چاقىردى. ھەممەيلەن سايلام نەتىجىسىنى كۈتۈپ تېلۋىزورغا قاراپ ئولتۇردۇق. سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە پۇقراسى بولغاچقىمىكىن كەيپىياتى خېلىلا ئەستايىدىل ئىدى. تېلۋىزورنىڭ ھەممە قاناللىرىدا دېگۈدەك ھەر قايسى رايۇنلاردىكى سايلام ساندۇقلىرىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئاخىرى ئادالەت ۋە كالكىنما پارتىيەسى (ئاك پارتىيە) 49 پىرسەننتىن يۇقۇرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى كېچىدە مەزكۇر پارتىيەنىڭ باشقانى ئاھمەت داۋۇت ئوغلى ئەنقەرەدە تەبىرىك نۇتىقى سۆزلەيدىكەن. غەلىبە شاتلىقىدىكى دوستلىرىمنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا زورىغا ماسلىشىپ ئۆيىدىن مەيدانغا قاراپ يولغا چىقتۇق ۋە قاتناشتىكى نەچچە ئون كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىن باشلىنىپ كەتكەن قىستاڭچىلىققا قاراپ ۋاز كەچتۇق. سايلام نەتىجىسىنى كۈتۈپ شۇ ۋاقىتقىچە ئۇخلىمىغان ئەنقەرەدىكى ئاق پارتىيەلىكلەر كونيادىن كېلىپ نۇتۇق سۆزلەيدىغان رەھبىرىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن كوچىلارغا ئۆزىنى ئاتقان ئىدى. مەن ئادەتتە گۈركىرىگەن ئاۋازلاردىكى بۇنداق ھاياجان ۋە قىزغىنلىقنىڭ، قىزارغان چىرايلار ۋە چاقنىغان كۆزلەردىكى بۇنچىلىك شاتلىقنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتىم. چۈنكى مەن «كىم باشقۇرسا باشقۇرسۇن سىڭگەن نېنىمىزنى يەيلى» دەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان ئىدىم. لېكىن مەندەك موھىتتا چوڭ بولغان قېرىنداشلىرىم ئاللىقاچان تۈركىيەدىكى دېوكراتىيەدىن يۇقۇملىنىپ بوپتۇ.
شۇ كۈنى دوستلاردىن ئۇلاردىكى بۇ قەدەر ھاياجاننىڭ مەنبەسىنى سوراپ باققۇم كەلدى. ئالدى بىلەن ماڭا قىزىق تۇيۇلغان بىر ئائىلىدىكى ئۈچ پارتىيە مەسىلىسىنى ۋە بۈگۈنكى كوچىلارنى تولدۇرىۋەتكەن ھاياجانلىق كىشىلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچتىم. سۆھبەتتىكى بىر دوختۇر دوستۇمنىڭ گېپى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە «ئاداش بۇ دېگەن دېموكراتىيەنىڭ گۈزەللىكى. سايلامغا قاتنىشىش، نامايىشتا نارازىلىقىڭنى بايان قىلىپ ۋارقىراش، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىش، ۋەتىنىڭىنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن باج تاپشۇرۇش، ھەممىنى ئىچىگە يۇتالمايدىغانلار بىلەن تەشكىللىنىپ، خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، بايانات جاكارلاپ ھەرىكەتلىنىش دېگەنلەر كىشىگە زوق بېرىدىغان باشقىچە بىر تۇيغۇ ئىكەن!» دەپ قالدى. ماڭا دېموكراتىيەنىڭ گۈزەللىكى دېگەن سۆز تولىمۇ سۆيۈمۈك ئاڭلاندى. دېمىسىمۇ شۇ، گۈزەللىك كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، مەھلىيا قىلىدۇ، تەلپۈندۈرىدۇ. ئۈچ پارتىيەگە مەنسۇپ كىشىنى بىر ئۆيدە ياشىتالىغان، تۆرت پارتىيەگە مەنسۇپ بىر توپ كىشىلەرنى بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىشلىتەلىگەن، كىشىلەرنى ھىچ بىر بۇيرۇقسىز كوچىلارغا سەلدەك ئاققۇزالىغان ۋە تىپتىنچ ئۆيلىرىگە ياندۇرالىغان سەۋەپ دېموكراتىيەنىڭ گۈزەللىكى بولماي نېمە!