You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈركىيەدە بۇزغۇنچىلار ۋە تۈزگۈنچىلەر

تۈركىيەدە بۇزغۇنچىلار ۋە تۈزگۈنچىلەر

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

تۈركىيەگە قونغان تۇنجى ھەپتىسى ئەنقەرەدە جۈمەگە بىر داڭلىق تېۋىپ ئاكىمىز بىلەن كېتىۋاتاتتۇق. مەسجىد ئەتراپىدىكى يولغا چېچىۋېتىلگەن پاھىشىلەرنىڭ رەسىملىرى ئىككىلىمىزنى خۇددى يالىڭاچ رەسىمگە تارتىلغىنى ئۇلار ئەمەس بىزدەك بىئارام قىلدى. ئىچىمدە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى چوڭ جامەنىڭ ئەتراپىغا چاچقان مەلئۇننى مىڭنى تىللاپ جۈمەگە كىرىپ كەتتىم. قايتىش يولىمىزدا قارىساق بىر ئايال بۇ مەينەت رەسىملەرنى بىر بىرلەپ تېرىپ ئەخلەت چىلەكلىرىگە تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئېڭىشىپ ئالدىمغا ئۇچرىغانلىرىنى تېرىۋەتتىم، ھېلىقى ئاكا بۇرادەرمۇ ئەگەشتى، قارىسام ئاندا ساندا كىشىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش تېرىپ تاشلىۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. ماڭا بۇ ئىش بەك تەسىرلىك تۇيۇلدى. ئەمەلىيەتتە جۈمەگە ماڭغاندا تېرىپ ماڭغان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر جۈمگە ماڭغان جامائەتنىڭ ھەممىسى بىردىن تەرگەن بولسا يولدا ئۇ مەينەتلەرنىڭ ئىزىمۇ قالمايتتى.

ئەنقەرەدە تۇرغان ۋاقتىم ئۇزارغانچە بۇنداق رەسىملەرنىڭ تازىلىقى ئەسلىدىنلا دېگەندەك ياخشى بولمىغان رايۇنلاردا، ئىشسىزلار، نامراتلار مەھەللىسىدە كۆپرەك تاشلىنىدىغانلىقىغا ۋە ئۇزاققىچە تازىلانماي تۇرۇپ قالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بەلكىم رەسىملەر ئوخشاش تاشلانغان بىلەن بايلار رايۇنى پات پات تازىلىنىپ تۇرغاچقا، تازىلىق ئەسلەھەلىرى تولۇق بولغاچقا، ياكى تازلىققا  كىشىلەر ئاڭلىق رىئايە قىلغاچقا كوچىلار ۋە كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى بۇنداق مەينەتلەردىن ئۇزاقتۇ ۋە ياكى ئىشسىزلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر مەھەللىلرىدە شۇ رەسىملەرگە ئىھتىياج كۈچلۈك بولغاچقا داۋاملىق تاشلىنىپ تۇرىدىغاندۇ. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا ئەيدىز، سېفلىسقا ئوخشاش جىنسىي كېسەللەرنىڭ ئاتالمىش جىنسىيەت ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان تەرەققىياتلىق باي ياۋرۇپادا ئەمەس، جىنسىيەت ئاشكارە تىلغا ئېلىنمايدىغان، سىرلىقلاشتۇرىلىدىغان نامرات، تەرەققىياتسىز ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىدە شىددەتلىك يامىرىشى چۈشىنىشلىك.

ئىستانبۇل كوچىلىرىدا بۇنداق كۆزلەرنى سەسكەندۈرىدىغان رەسىملەرنى كۆرمىدىم. بەلكىم قالايمىقان مەھەللىلەردىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولمىغانلىقىم ئۈچۈندۇر. ئەمما بەزى يول بويلىرىدا تاكسى ساقلىغاندەك تۇرۇپ كېتىدىغان ئاجايىپ كېيىنىۋالغان ئاياللار، قارىسا ئايالغىمۇ ئەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان مىيانەلەر كىشىنى شۈركەندۈرەتتى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى چارەلىرى ھەققىدە سوراشتۇرۇپ بىلدىمكى، ئىستانبۇلدا مەخسۇس ئاشۇنداق يوللارغا كىرىپ كەتكەنلەرگە يارىدەم بېرىدىغان ۋەخپەلەر (فوندى جەمئىيەت) بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئاشۇنداق يوللارغا كىرىپ كەتكەنلەر، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمارلار، پىسخىك ۋە روھى زەربىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي يارىدەم بېرىش ئىكەن. ھەتتا تۈركىيەدە ئاشۇنداق بۇزۇلغان كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان مەنزىل دېگەن ئىسىمدىكى مەخسۇس بىر جامائەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ.

تۈركىيەدە مۇشۇنداق بۇزۇلغان ۋە بۇزىدىغانلارنىڭ بولۇشى بىلەن تۈزەلگەن ۋە تۈزەيدىغانلارنىڭ بولۇشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە تۈزەلگەن ۋە تۈزەيدىغانلار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە، دەۋلەتنىڭ قوللىشىغا، ياخشىلارنىڭ يارىدىمىگە ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە قىلغانلارنىڭ بارار يېرى جازا مەيدانى. قاماقتا بەشكېرەملىك بىر بالىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغانىدى. بىچارە بالا ئۈندىداردا قانۇنسىز يارىدەم ۋە ساخاۋەت ئورگىنى قۇرۇش بىلەن ئەيىپلىنىپتۇ. نۆۋەتتە ئەخلەتلىرى بىلەن مەشھۇر مىسىردا ئاڭلىسام ئۇيغۇر بالىلاردىن مەينەتچىلىككە كۆنەلمەيدىغانلىرى، ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەھەللىنى خالىس تازىلاپ ئولتۇرۇشماقچى بولۇشۇپتۇ. ئەمما بۇ گەپ تولا دېيىلگەن بىلەن ئەمەلگە ئاشماپتۇ. چۈنكى مىسىردا غەرەزسىز ياخشى ئىش قىلغانلاردىن ھاكىمىيەت گۇمانلىنىدىكەن. ھازىرقى سىسى ھاكىمىيىتىگە ئىشلەۋاتقان مىيۇنلاپ قۇلاق بولۇپ ئۇلار ياخشى ئىش ۋە سۆزلەرنى تەرغىپ قىلغانلارنى كۆزىتىدىكەن.

مەن مەيلى ئىچكىرىدە ياكى دىيارىمىزدا بولسۇن داۋاملىق كىشىلەردىن جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. تۇڭگانلار ۋە خەنسۇ خرىستىيلار بۇنى جوڭگۇدا بىر دىننىڭ بولمىغانلىقى دەپ قاقشايدۇ. بەزى پىشقەدەم خەنسۇ ۋە ئۇيغۇر كادىرلار ماۋزىدوڭ دەۋرىنى ئەسلىشىدۇ، مەسۇم دىھقانلىرىمىز بۇنى زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى دەپ خۇرسىنىشىدۇ. بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇنى مىللەتتىكى ئىللەتلەرگە دۆڭگەپمۇ باقىدۇ. تۈزۈمدىن كۆرىدىغانلارمۇ غۇتۇلداپ باقىدۇ. مەنمۇ مۇستەبىتلىك، چىرىكلىك ۋە مونۇپۇللۇقنى ھەم ياخشىلىققا ئىجازەت، يول ۋە يۆلەك بولالماي، ھەمدە ياخشىلارغا كاپالەت، ئىناۋەت، رىغبەت ئاتا قىلالمايۋاتقاچقىمىكىن دەيمەن. تۈركچىدە بىر جۈملە بار ئىدى، «غالجىر ئىتلار قۇتراپ كەتمەمدۇ، ئاجىز تاشلار باغلاقتا تۇرسا» دەيدىغان. تۈركىيەدىمۇ بىزدىكىدەك بۇزۇلۇشتىن قاقشايدىغانلار باركەن، ئەمما يەنە شۇنىڭغا لايىق تەدبىر، تۈزەشمۇ باركەن. ئەدىلىيە ئورگانلىرى ھاكىمىيەتتىن مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان بۇزغۇنچىلارنىڭ جازاسى بىلەن تۈزگۈنچىلەرنىڭ مۇكاپاتى بۇزۇلۇش بىلەن تۈزىلىشنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top