گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ ھاياتىمىزدىكى رولى
ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)
گۈزەللىك تەڭرىنىڭ ئىھسانىدۇر.
– ئارىستوتېل
گۈزەللىك ۋە گۈزەللىكنىڭ ئىنسان زېھنىدىكى تەسىرىنى تەتقىت قىلىش ئەسلىدە پەلسەپەگە ئائىت ئىلىمدۇر. يەنى پەلسەپەنىڭ ئېستېتىك-پەلسەپەسىگە ئائىت بىر قانىتىدۇر.
بىز كىتاپلاردا، شىئېرلاردا داۋاملىق „ئېستېتىك“ دىگەن سۆزنى ئوقۇغىنىمىزدا داۋاملىق ئەقلىمىزگە كۈندۇلۇك تۇرمۇشۇمىزدىكى ئوبېكتىپ شەئىيلەرنىڭ گۈزەللىگى كېلىدۇ يەنى گۈزەل بىر رەڭ، گۈزەل بىر كۆك ئاسمان، گۈزەل بىر كۆپ-كۆك سۇ، گۈزەل بىر ھايۋان ۋە ياكى يېگىتلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا قاملاشقان، نازاكەتلىك، قاش-كۆز جايىدا بىر گۈزەل سايىپ جامال قىز كۆز ئالدغا كېلىدۇ. مانا بۇلار ئىنسانلار كۆڭۇل بۆلىدىغان، ئۇلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئۇلۇغ تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان كائىناتتىكى گۈزەللىكلەردۇر. بۇنىنغدىن باشقا رەسىملەردىكى گۈزەللىك، سەنەت-مۇزىكتىكى گۈزەللىك ۋە ياكى بىرە ئەسەردىكى گۈزەللىك …
ئىنسان مانا مۇشۇنداق گۈزەللىكلەرنى كۆرگەندە، ئىنسان زېھنىدە، ھەتتا ئىنساننىڭ پۈتۈن تۇيغۇلىرىدا بىر خىل خوشاللىنىش، ھوزۇرلۇنۇش، ياخشى كۆرۇشتەك بىر تەبىي گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بۇ تۇيغۇ ئىنسان ئەقلىدىن بەتەررەك يۇرىگىدىن بارلىققا كېلىدۇ چۈنكى يۇرەكتىن ئىبارەت بۇ ئورگان تۇيغۇلارنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىدىغان، تېز تەسىر قىلىدىغان ئورگاندۇر. شۇڭا ئىنسان ھاياجانلانغاندا ۋە ياكى قورققاندا، ئەنسىرگەندە، يۇرەكنىڭ نورمال ھالىتى ئۆزگۇرىدۇ ، بۇ ھىل ھالەتلەر يۇرەككە دەرھال تەسىر قىلىدۇ. يۇرەكتىن چىققان قان ئىنسان ھايتلىقىنىڭ قۇۋەت مەمبەسى بولۇشى بىلەن بىرلىكتە ئىنساننىڭ ياخشىلىق ۋە رەزىللىكىنىڭ رولچىسىدۇر. مېڭە تەپەككۇر قىلسا، يۈرەك تۇيغۇلارنىڭ مەركىزىدۇر.
گۈزەللىك توغرىسىدا پەيلاسوف پلاتون (م. بۇرۇن 427 – 347) مۇنداق دىگەن ئىكەن:
„ئېستېتىك بىر خىل چۈشەنچە، تۇيغۇ بولۇپ، ئەسلىدىدىلا ئىنساندا بار بولغان تۇيغۇدۇر، بۇ ئىنساندىكى باشقا ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزلۇگىدىن گۈزەلدۇر. ئەسلى گۈزەللىك ھېچبىر ۋاقىت ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقى بولغىنى گۈزەللىك تۇيغۇدۇر. ئەقىل ئىگىسى ھەر ۋاقىت ھەر بىر مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن گۈزەل تۇيغۇغا ئورتاقتۇر. بىر ئەسەر تۇيغۇمىزغا قانچە يېقىن بولسا ئۇ ئەسەر شۇنچە گۈزەل، ئېسىل بولىدۇ.“
پەيلاسوف ئارىستوتېل (م.بۇرۇن 384 – 322 ) روھنىڭ گۈزەللىگىگە بەكرەك كۆڭۇل بۆلۇپ ، مۇنداق دىگەن ئىكەن:
“ ئىنساندىكى گۈزەللىك ھېسسى بولسا بىر ئۇيغۇنلۇق، تەرتىپ، چەك-چىگرادۇر. روھنىڭ گۈزەللىگى، بەدەننىڭ گۈزەللىگىگە قارىغاندا ئاسانلىقچە كۆرۇلمەيدۇ“
پەيلاسوف كانت (1724 – 1804 ) نىڭ گۈزەللىك قارىشى باشقىچە بولۇپ ئۇ بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: „ گۈزەللىك بولسا ئوبېكتىپ شەئىيلەرنىڭ ئىگە بولغان بىر خىل ئالاھىدىلىگىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھاياجانلىنىشى ياكى ھاياجانلانماسلىغى بىر نەرسىگە بولغان تۇغۇلىرىغا باغلىق. گۈزەللىك ھۆكۇمى ئىنساندىكى قوزغالغان ھېسياتقا باغلىق بولۇپ، ھېسيات ھەر ئىنساندا بار بولغان ئورتاق ھەۋەس بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەن بىر سەنەت ئەسىرى ئالدىدا „بۇ گۈزەل ئىكەن“ دىسەم ، باشقىلارنىڭمۇ ئۇنى „ گۈزەل ئىكەن“ دىيىشىنى ئويلايمەن. گۈزەللىك زەۋكىسى ئىنساندىكى چەكسىز بىر ھوزۇرلىنىشتۇر. ئىنسانلار ھېچقانداق بىر پايدا-مەمپەئەتنى ئويلىماي بىر ئوبېكتىپ نەرسىگە يۇزلەڭەندە ئوخشاش بىر گۈزەللىكنى كۆرىدۇ.“
ئىدىيالىس ۋە تارىخ پەلسەپەسىنىڭ پىشۋاسى ھېگېل بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دىگەن ئىكەن:
„گۈزەللىك بىر ئىدېئال نەرسە بولۇپ، گۈزەللىك بىلەن توغرۇلۇق ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق، تەڭداشلىق مۇناسىۋىتى بار. گۈزەللىك بولسا ئىدىيەنىڭ بىر سەنەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىشىدۇر. تەبىئەتنىڭ ئۆزى مۇتلەق روھنىڭ بىر ئەكس ئېتىشى بولۇپ، گۈزەللىك تۇيغۇ ئەسلىدە ماددىدىن ئايرىلغان مۇتلەق روھنىڭ نەق ئۆزىدۇر“
مەن بۇ يەردە گۈزەللىك تۇيغۇنىڭ پەلسەپە تەرىپىدىكى مەزمۇنغا قارىغاندا ئوبېكتىپ ئىجدىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى رولىنى بەكرەك تەكىتلەپ قەلەمگە ئالىمەن.
ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ياراتقان بۇ كائىناتتىكى بارلىق شەئىيلەر ئەسلىدىلا توغرىدىن-توغرىغا بار بولغان گۈزەللىكتۇر. ئىنساننىڭ ئۆزىمۇ ماددى ۋە مەنىۋى بىر گۈزەل مەھجۇتلۇقتۇر. ئۇلۇغ تەڭرىم بۇ دۇنياغا ھېچبىر بولۇشسىز ياكى سەت، ئەسكى، كېرەكسىز بىر يەر، ھالەت ۋە شەئىي ياراتمىغان. بۇ بارلىق ئەسكىلىكلەرنى، رەزىللىلەرنى بارلىققا كەلتۇرگەن ئىنسان ئۆزىنىڭ زېھنىدۇر.
ئەسلىدە گۈزەللىك بىزگە كۆرۇنگەن ئوبېكتىپ شەئىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى بىز كۆرگەن كۆز ۋە قەلبىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر، بۇ توغرۇلۇق ھەزرىتى مەۋلانەنىڭ (1207 – 1273 ) مۇنداق بىر سۆزىنى بەكمۇ ياختۇرىمەن.“ گۈلنى ئويلىساڭ گۈلىستان بولىسەن، تىكەننى ئويلىساڭ، تىكەنلىك بولىسەن!“ شۇڭا ئىنسان ئۆز ئىچىدە بار بولغان، ئۆز ئىچىدە قىمىرلاپ تۇرغان، ئۆزىنىڭ تۇيغۇ، سەزگۇلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى ياشلىققا مايىل قىلسا، شۇ بويىچە بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا ئەلۋەتتە بۇ ماكان گۈزەل بىر جەننەت ماكانغا ئايلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىمۇ ھۆزۇر، بەخىت ئىچىدە ياشايدۇ.
گۈزەللىك يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر نەرسىنى بىلمىگەن كېشى، بىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقتىن، ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان گۈزەللىكنىڭ بار-يوقلىغىنى بەزىدە پەرق ئېتەلمەيدۇ. ئۇ كېشى بىر نەرسە ئۈگۈنۇپ، ئەتراپنى كۇزۇتۇپ، دۇنيانى ئۆزىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۇپ، ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ئوقۇپ چۇشەڭەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا گۈزەلىكلەرنى ھېس قىلىدۇ، ئۆز ھايات قىممەت قارىشىدا روشەن ئۆزگۇرۇش بولىدۇ.
ئەگەر بىر ئىنسان بۇ بار بولغان گۈزەللىكنى كۆرمەي، ئۇنىڭ ھېكمىتىنى چۇشەنمەي ، داۋاملىق ئۆز ئىلكىدىكى نەرسىلەردىن „ما بار، ماۋۇ يوق“ دەپ، ئايرىمچىلىق قىلىپ، ئۆز شەخسىيىتى بىلەنلا بولسا ئۇ چاغدا ئۇ ئىنسان بەخىتسىزلىكنىڭ بوسۇغۇسىنى دەسسىگەن بولىدۇ. شۇڭا بىز ئەتراپىمىزدىكى ھەر-بىر نەرسىنى گۈزەل كۆزىمىز، گۈزەل تۇيغۇمىز، گۈزەل ھېسقا تولغان يۇرىكىمىز بىلەن قوبۇل قىلغىنىمىزدا ئۆز يۇرىگىمىزدە، ئەقلىمىزدە، پۈتۈن بەدىنىمىزدە ئاجايىپ بىر سەرخىل ھېس پەيدا بولۇپ، ئالەمچە راھەتلىك تۇيغۇدا بولىمىز، بۇ ھاياتقا ئۇمۇد بىلەن قاراپ، ھېچ ۋاقىت يولىمىزدىن ئازمايمىز. بەزىدە تۇرمۇشتا چۇشكىنلەشكەن، ئەتراتىكى گۈزەلىكنى كۆرمەي، قايمىقىپ قالغان ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز چىققان بىر ياخشىلىق ۋە ياكى بىر گۈزەللىك، ئۇ ئىنساننىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۇستىن قىلىۋەتكىدەك بىر ئۆزگۇرۇشنى مەيدانغا كەلتۇردۇ. بۇ ئىنساندىكى ئەسلىدە بار بولغان بىر گۈزەللىك تۇيغۇنىڭ قايتىدىن تېرىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەن ئۇندىداردىن „بىر تال ئەتتىرگۈل“ ناملىق ھېكايىنى ئوقۇپ قالدىم، بۇ دەل ماشۇنداق بىر ھادىسنىڭ مىسالى بولالايدۇ.
بۇرۇن بىر گۈل ساتقۇچى قىزچاق نۇرغۇن ئەتتىرگۈللىرىنى سىتېپ بولغاندىن كېيىن، كۈننىڭ خېلىلا كەچ بولغىننى ھېس قىلىپ، ئۆيگە بالدۇراق قايتىشنى ئويلاپتۇ، بىراق ئۇ قولىدا يەنە بىر تال تېخى سىتىلمىغان ئەتتىرگۈلنىڭ بارلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ ۋە يولنىڭ چېتىدە بىر تىلەمچىنىڭ تۇرغانلىغىنى كۆرۇپتۇدە، تىلەمچىنىڭ قىشىغا بىرىپ، قولىدىكى بىر تال ئەتتىرگۈلنى تىلەمچىگە سوغا قىلىۋىتىپ، خوشال ھالدا ئۆيگە قاراپ يول ئاپتۇ.
بۇ تىلەمچى مۇنداق بىر ياخشى ئىشنىڭ ئۆزىگە ئۇچراپ قىلىشىنى، شۇنداق گۈزەل بىر قىزنىڭ ئۆزىدەك بىر تىلەمچىگە گۈل سوغا قىلىدىغانلىغىنى ئەقلىگىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىغان ئىكەن. خۇددى داۋاملىق شەرىقتىن چىقىدىغان كۈننىڭ غەرىپتىن چىقانلىغىدەكلا تۇيغۇدا بوپتۇ. بەلكى تىلەمچى ئەزەلدىن ئۆزىنى سۆيۇپ باقمىغان، ئەزەلدىن بىرەسىنىڭ كۆڭۇل سوغىسىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولۇشى كىرەك. شۇڭا ئۇ بۇگۇن تىلەمچىلىك قىلىپ تۇرماي، ئۆيگە بالدۇراق قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، بىر بوتۇلكىنى تېپىپ، ئىچىگە سۇ قۇيۇپ، ئەتتىرگۈلنى چىلاپ قويۇپتۇ ۋە ئۇ ئەتتىرگۈل چىلاقلىق بوتۇلكىنى ئۇستەلگە قويۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تېچ ئولتۇرۇپ،
ئەتتىرگۈلندىن ھوزۇرلىنىپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلنى بوتۇلكىدىن ئېلىۋىتىپ، بوتۇلكىنىڭ چەت-چۆرىلىرىنى پاكىز تازلاپ، گۈلنى قايتىدىن چىلاپ قويۇپتۇ. چۈنكى شۇنداق چىرايلىق بىر گۈلنىڭ بۇنداق مەينەت بوتۇلكىغا سېلىپ قويسا ياخشى بولمايدىغاندەك ھېس قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە گۈلگە تىكىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ بىردەمدىن كېيىن شۇنداق بىر چىرايلىق گۈلنىڭ مۇنداق بىر مەينەت ئۇستەلنىڭ ئۇستىدە تۇرغانلىغىنى، ئۆيلەرنىڭمۇ شۇنداق پاسكىنا ، قالايمىقان تۇرغانلىغىنى ھېس قىپتۇدە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇستەلنى پاكىس تازلاپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇشقا باشلاپتۇ، ئۆينى پاك-پاكىز تازلاپ، پۈتۈن پاسكىنچىلىقنى سىرتقا ئاچىقىپ تاشلاپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز ماشۇ ئۆيدە ماشۇ ئەتتىرگۈل بولغاچقىلا خۇش پۇراققا تولغاندەك، ئۆينىڭ ئىچى بىر خىل ئىللىقلىققا تولغاندەك ھېسقا كەپتۇدە، ئۆزىدە بىر خوشاللىق تۇيغۇسى ھاسىل بوپتۇ. دەل ماشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىتى ئېسىگە كېلىپ، ئەينەككە قاراپتۇ. ئەينەكتە يۇز –كۆزلىرى مەينەت، چاچلىرى پاخپايغان، ساقاللىرى ئۆسۇك، كىيىم-كېچەكلىرى مەينەت،جۇل-جۇل بىر ئادەم نامايەن بوپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ھالەتكە چۇشۇپ قالغىننى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق بىر ئادەمنىڭ بۇ ئۆيگە، بۇ چىرايلىق ئەتتىرگۈلگە ماس كەلمەيدىغانلىغىنى ھېس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال نەچچە يىلدىن بۇيان سۇ تېگىپ باقمىغان بەدەنلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ، بېشىدىن-ئايىغىچە يىپ-يېڭى قىلىۋاپتۇدە ئاندىن ئەينەككە قاراپتۇ، ئەينەكتە تۇيۇقسىز ئەزەلدىن ھېچ كۆرۇپ باقمىغان شۇنداق بىر چىرايلىق ياش يېگىت نامايەن بوپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ خېلە يامان ئەمەس بىرسى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ، مەن نىمىشكە تىلەمچىلىك قىلغۇدەكمەن؟ دەپ ئويلاپتۇ. بۇ ئۆزىنىڭ تىلەمچىلىك قىلغاندىن بىرى ئۆزىدىن شۇنداق بىر سوئالنى سورىشى ئىكەن. ئۇنىڭ رۇھى بىردىنلا ئويغۇنۇپ، ئەمەلىيەتتە مەن خېلە يامان ئەمەسقۇ دەپ ئويلاپ،، ئۆيىگە، ئۇ گۈلگە قاراپ، شۇھامان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قاراردىن بىرنى چىقىرىپتۇ. ئۇ ئەرتىدىن باشلاپ تىلەمچىلىك قىلماي ئىش ئىزدەيشكە باشلاپتۇ. ھەمدە بىر ئىش تېپىۋاپتۇ. بەلكى ئۇنىڭغا ئۇ گۈزەل ئەتتىرگۈل داۋاملىق ئىلھام بەخىش ئەتكەن بولسا كىرەك، داۋاملىق جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئالغا بىسىپتۇ، ھاياتتىكى پۈتۈن گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولۇپ، ھاياتقا ئۇمۇدكە تولغا كۆز بىلەن قاراپ، ئاخىرى ئۆز ئالدىغا بىر شىركەتمۇ قۇرۋاپتۇ.”
دىمەك گۈزەللىك، ياخشىلىق ئۇمۇدسىزلىك چۆمگەن ئىنسانلارنىڭ روھىغا، قەلبىگە ئۇمۇد نۇرلىرىنى بەخىش ئېيتىدۇ. ئوبېكتىپ گۈزەللىك ئىنسان روھىغا تەسىر قىلىپ، ئىنسان ئۆزىدە ئەسلىدىلا بار بولغان لېكىن سىرتىنى پاسكىنچىلىق قاپلىغان، كىرلەڭەن بۇ گۈزەللىك تۇيغۇنىڭ تۆرەلمىسىنى قايتىدىن تېرىلدۇرۇپ، ئىنسان روھىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، ھاياتىنى گۈزەللەشتۇرىدۇ.
مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەتى، ئېتقادى ۋە سەنىتىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە ئارزۇسى يانداشقان بولۇپ، بۇ گۈزەللىك تۇيغۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىسخىك خارەكتىرى ۋە مىجەز خۇلۇقى بىلەن چەمبەر-چاس باغلىنىپ كەتكەن.
بىز ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ ئەجداتلىرى قەدىمى دەۋرىلەردە ياراتقان بارلىق مەنىۋى بايلىقلىرى شۇ گۈزەللىك قاراشلىرى بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان. قەدىمى زاماندا ياشىغان ئات ئۇستىدىكى جەۋەنداز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىدا يۇكسەكلىك ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئۇلاردىكى كىشىلىك پىسخىك ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى بولسا يۇكسەكلىك، قەقرىمانلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن.
21-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەللىك قارىشىدا، پىسخىكىسىدا يەنە بىر بوھران خارەكتىرلىك ئۆزگۇرۇشلەر بولماقتا. دۇنياغا يۇزلەنمەكتە، ئىلىم-پەنگە يۇرۇش قىلماقتا ۋە ئىخدىساتنىڭ يۇكسىلىشى بىلەن ئۆزىدە مىللى بۇرجۇئازىيە سىنىپى يېتىلىپ، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئېڭى يۇكسىلىپ، ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش ئېڭى يېتىلمەكتە. ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىگە ئۆزى باھا بىرىپ، ئۆزىدە ئىشەچ تۇيغۇسى ئاشماقتا، ئۆزىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىگىگە سوئال قويماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تارىختىكى تراگىدىيەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆز-ئۆزىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى يېتىلمەكتە. بۇ خىل يۇكسىلىش بىزنى سۆيۇندۇرمەكتە.
گۈزەللىك مۇدھىش بىر قۇدرەت بولسا، ياخشىلىق ئۇنىڭ قىلىچىدۇر. دۇنيادا ھەر-بىر ئىنسان گۈزەل شەئىيلەرنى شۇ گۈزەللىگى بىلەن قوبۇل قىلسا، سەت بولغان نەرسىلەر بارغانچە يوقۇلىدۇ. ياخشى بولغان نەرسىلەرنى شۇ ياخشىلىقى بىلەن تونۇلسا، ئەسكىلىكمۇ بارغانسىرى ئازىيىدۇ.
تەڭرى گۈزەلدۇر، گۈزەل بولغانى سۆيەر!
– ھەزرىتى مۇھەممەد (s.a.v)
12.06.2016 گېرمانىيە
مەنبە: باغداش تورى