روزى سايىت شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە تۇتقان ئورنى

روزى سايىت
(ئەمەتجان سەمەت)
ئاتاقلىق شائىر روزى سايىت ئاكىنىڭ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 10 يىل بولدى. ئەمما ئۆزىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نادىر ئەسەرلىرى خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالدى. مەن بۇ ماقالەمدە روزى سايىت شېئىرلىرىنىڭ قىممىتى ھەققىدە بىر نەچچە ئېغىز ھەققانىي سۆز قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم. بۇ مېنىڭ ئۇنى ئەسلەش ھېسسىياتىمنىڭ كىچىككىنە سۈرىتى بولۇپ قالار.
تالانتىلىق تۆھپىكار، شائىر روزى سايىت بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغىنىغا مۇناسىپ، خەلقپەرۋەر روھىغا باي ئۆلمەس ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن سۈيۈشى ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولۇپ، روزى سايىت شېئىرلىرى سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بەدىئى جەھەتتىمۇ ئالاھىدە يوقۇرى، شۇ سەۋەبتىن ئىزچىل ھالدا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ يوقۇرى باھاسىغا، ئاۋام خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. روزى سايىت ئاكا ئۇزۇن يىللىق ئەدەبى ھاياتىدا ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرگەن شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
1. روزى سايىت ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىر شەكىللىرىدىن غەزەل مۇخەممەس شەكلىگە ئىجادىي ھالدا ۋارىسلىق قىلغان.
شائىرنىڭ غەزەل، مۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان شېئىرلىرى نۇرغۇن بولۇپ، بۇ شىېئرلار شائىر ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. غەزەل ۋە مۇخەممەس شەكىللىرىدە ئىشلىتىلگەن تىل بەدىئىي شەكىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى لىرىك ھېسسىيات جەھەتتىن يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەدەبىيات-تىل سەنئىىتىدۇر. ئەدەبىياتنىڭ گۈل تاجىسى بولغان شېئىرىيەت تىلنىڭ تېخىمۇ رەڭدار، ئاھاڭدارلىق، مۇزىكىلىق، راۋان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. شائىرنىڭ غەزەل ۋە مۇخەممەس شەكلىنى قوللىنىپ يازغان شېئىرلىرىمۇ يۇقىرىقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، شېئىرى خۇسۇسيىتىنىڭ كۈچلۈك ۋە قويۇق بولۇشى بىلەن كىتاپخانلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. شائىر كىچىكىدىن باشلاپ خەلق چۆچەكلىرى، خەلق قوشاقلىرى، ماقال-تەمسىللىرىنى ئۈگىنىشتىن تارتىپ كېيىنچە داڭلىق شائىرلاردىن ناۋائى، مەشرەپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تىيۇپچان ئىلىيۇف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۈگەنگەن بولغاچقا، شېئىرلىرنىڭ دائىرىسى كەڭ، كۆپ قىرلىق ھەم رەڭلىك، مەزمۇنى مول، تەسەۋۋۇر تەپەككۇرى چوڭقۇر، تىل ماھارىتى يۇقىرى بولۇپ تەبىئەت، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمي تەلەپ قائىدە يۇسۇنلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇن كېلىدۇ①. شائىرنىڭ «دېھقان يىغلايدۇ»، «نۇرۇزنامە»، «بەزىلەر، ئەي بەزىلەر»، «سۈيۈملۈك دېھقان»، «ئەۋلادلارنى ئويلايلى»، «كېسۋەتمە ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى» قاتارلىق 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيەت شەكىللىرىدىن مۇخەممەس شەكىلدىكى شېئىرلاردۇر.
دېھقان بىز ئەڭ كۆپى نۇپۇس سانىنىڭ،
دېھقان بىز خوجىسى زېمىن ئانىنىڭ،
دېھقان بىز ئىگىسى ھوسۇل كانىنىڭ،
كېپىلى ھەر كىمنىڭ ئوزۇق-نانىنىڭ،
جاپاكەش ھەغداسى جاھان -«پانى» نىڭ.
مانا بۇ شائىرنىڭ «دېھقان يىغلايدۇ» ناملىق شېئىردىن ئېلىنغان شېئىرى بولۇپ، بۇ شېئىر يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۇلگىنىدەك ئۇيغۇر شېئىرىيەت شەكلىنىڭ بەشلىك شېئىر شەكىلدۇر.
شائىرنىڭ «مەرھابا» ناملىق شېئىر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ ھەممىسى ئارۇز ۋەزىننىڭ غەزەل شەكلىدە يېزىلغان. مىللىتىمىزدىكى كەمچىلىكلەر ۋە ئىللەتلەرنى پاش قىلىپ يازغان «ئاھ، مىللىتىم» ناملىق شېئىرىمۇ غەزەل شەكلىدە يېزىلغان شېئىردۇر. شائىرنىڭ بۇ شېئىرلىرى كۈچلۈك بەدىئى تەسەۋۋۇرغا ۋە جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە شېئىرلاردۇر.
2. شائىر مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ، شېئىرلىرىنى شېئىرى چۆچەك ژانېردا يازغان.
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يازما ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ئىجادىيەت مەنبەسى بولۇپ كەلدى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەش مۇشكۇل ئىجادىي ئەمگەك، شۇنداقلا شېئىرى چۆچەك قايتا ئىپادىلەش سەنئىتىگە مەنسۇپ، قايتا ئىپادىلەش سەنىئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۇرمۇشنى قايتا ئىپادىلەش ئارقىلىق كىشلىك تۇرمۇش توغرىسىدا كىتابخانلاردا چوڭقۇر تونۇش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. شائىرنىڭ «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» ناملىق توپلىمىغا سەككىز پارچە شىئېرى چۆچەك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق ئىچىدە ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كېلىۋاتقان چۆچەك، رىۋايەتلەر ئاساسىدا قايتا ئىشلەپ چىقىلغان.
ئاپتۇر قايتا ئىشلەش جەريانىدا قايتا ئىشلەش سەنئىتىنىڭ پىرىنسپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سەنئەت قانۇنىيىتى بويىچە چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش، تەسەۋۇرنى ئەركىن قاناتلاندۇرۇش، ئوبرازنى كونكرىتلاشتۇرۇش ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كىتاپخانلاردا ئادالەتكە تەلپۈنۈش، زوراۋانلىققا نەپرەتلىنىش، راستچىللىقتىن سۆيۈنۈش، ساختىلىقتىن يىرگىنىش، پەم-پاراسەتلىك بولۇش، نادانلىق قىلماسلىق، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشكە ئۇندەشتەك ئستىتىك مەقسەتكە يەتكەن. شائىرنىڭ شۇ ناملىق شېئىر چۆچەكلەر توپلىمىغا كىرگۇزۇلگەن «دار ئالدىدا» ناملىق شېئىر چۆچەكتە شائىر تۇرمۇشنىڭ ئىنكار تەرىپىدە تۇرۇپ بىزگە پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئۆگەتكەن. شائىر بۇ شىئېردا پۇلخۇمار ئانىنىڭ تۈپ ماھىيىتى، پۇل ئۈچۈن جاندىن كېچىدىغان تەبىئىتىنى بىلىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىنىڭ باش بالاخورى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، شائىر:
پۇلى يوقنىڭ كۈنى يوق،
چوڭ-چوڭ چىققان ئۈنى يوق،
زۆرۈر نەرسە پۇل-مۈلۈك،
پۇل تېپىشنى بىلگۈلۈك.
دېيىش ئارقىلىق «پۇل ھەممىگە قادىر» دەيدىغان بىتەرەپلىمە ئىددىيىنى يوشۇرۇن، ئۇششاق تەپسىلاتلار ئارقىلىق كىتاپخانلارغا بىلدۈرۈپ ئۇ خۇراپى ئىددىيەگە قارشى تۇرغان ھەمدە ئۆز پەرزەنتىگە ئەدەپ-ئەخلاق، پەزىلەت تەربىيىسى بەرمەستىن بەلكى يامان ئىشلارنى، ئادىمىلىك پەزىلەتكە يات بولغان قىلىقلارنى ئۆگۈنۈشكە ھەمدەم بولغان پۇلخۇمار ئانىنى قاتتىق ئەيىبلەب، دار ئالدىدىكى ئوغۇل ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىبرەت ئارقىلىق كىتابخانلارنى پەرزەنتلەرنى توغرا يول بىلەن توغرا ئۇسۇلدا تەربىيىلەش توغرىسىدىكى ئىجتىمائى ئەخلاق چۇشەنچىسىگە ۋە ساغلام كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە قىلدى.
شائىرنىڭ بۇ توپلىمىغا كىرگۇزۇلگەن «ئۇچار گىلەم»، «قاشتېشى جاھاننامە»، «خاسىيەتلىك ئالما»، «خىسلەتلىك خەنجەر» قاتارلىق شېئىرلارنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك مىللي پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا يورۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا باشتىن-ئاخىر چوڭقۇر رىئال ئاڭ ۋە كونكرت ماكان، زامان چۇشەنچىسى سىڭگەن. بۇ توپلامدىكى شېئىر چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى مەزمۇن بىلەن شەكىل ئالاھىدىلىكلىرى، قۇرۇلما ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتىمۇ يۈكسەك بەدىئى قىممەتكە ئىگە.
3.شائىر شېئىرلىرىنى ئاممىباب خەلق تىلىدا شۇنداقلا يەرلىك شىۋىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ رادىفلىق شېئىرلارنى يازغان.
شائىر شېئىرلىرىنىڭ تىلى خەلق تىلىغا يىقىن بولۇپ، يىقىملىق، قىزىقارلىق، تەبىئى، يەڭگىل، يادلاشقا، ئەستە ساقلاشقا ئەپلىك، ئاممىبابلىققا ئىگە. چۈنكى نوپۇسىمىزنىڭ كوپ سانىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلاردىن زىيالىلارغىچە ھەممىسى شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى چۈشۇنۈپ يېتەلەيدۇ.
شائىر شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئويناق، ئاممىباب، خەلق تىلى بولغاننىڭ ئۇستىگە ھېسسىياتى ساپ ھەم قايناق شۇنداقلا قويۇق لىرىكىلىق تۇرمۇش پۇرىقىغا، يوقۇرى بەدىئى ماھارەتكە، ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىدا جەمئىيەتتىكى، تۇرمۇشتىكى ريئاللىققا بولۇپمۇ ناچار خاھش، يامان ئىللەتلەرگە قارىتىلغان ئۆتكۈر تەنقىدى قاراشلىرى بىلەن ساتىرىك ئىنكاسلاردىن ئۇنىڭ ھەقىقى يۇمۇرستىك ھەم تەنقىدى رىئالىزىمچى شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شائىرنىڭ «كېتىمەن قويىۋەت مېنى» ناملىق شېئىرىدا ئىخچام تىللار ئارقىلىق شېئىردىكى «مەن» نىڭ ئۆزىنىڭ تۆكۈلگەن سېسىق نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي باشقىلاردىن رەنجىپ كۆتۈرگەن چۇقانلىرى ئاساسي ۋەقەلىك قىلىنغان.
نېمىشقا كەتمەيمەن رەنجىشىم تۇرسا،
مەن پەستە، ئۆسكەنلەر تەڭدىشىم تۇرسا،
ھەسەتتىن غېمىم مىڭ كۆز يېشىم تۇرسا،
زىددىيەت، چاققا-چۇق زور ئىشم تۇرسا،
كەلتۇردى بۇ ھالغا بەدنىيەت مېنى.
دېيىش ئارقىلىق شېئىردا تەسۋىرلەنگەن «مەن» نىڭ پىتنىخۇر، چىدىماس، بەدنىيەت، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، مەنپەئەتپەرەس مىجەز-خارەكتېرىنى ئېچىپ بەرگەن.
شائىرنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن شېئىرلىرى ئاممىباپ خەلق تىلىدا يېزىلىپ كەڭ كىتاپخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ھەمدە شائىر توغۇلۇپ ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇرتى خوتەننىڭ شىۋىسىدىن پايدىلىنپ، رادىقلىق شېئىرلارنى يېزىپ، شېئىرلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى كۈلكىلىك شېئىرى مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شائىر بۇ ئارقىلىق شېئىرلىرىنى خەلققە يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن.
شائىرنىڭ يەرلىك شىۋىلەردىن پايدىلىنىپ يازغان شېئىرلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئاساسلىقى «ئەينا»، «غىلتاڭ ماڭىلا»، «ئانى تاپما»، «غۇم ساقلىما»، «مۇت يېمە»، «شالتاق»، «قاشاڭ دەيسەن»، «ھۆددەس»، «پەللىمەڭ»، «كۇس سالامەت ئوخشىدى»، «جۇگۇ-جۇگۇ دەپ» دېگەن شېئىرلاردىن ئېبارەت. بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ ئىدىيۋى-ھېسسىياتىنى جانلىق، يۇمۇرلۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. مەسلەن: «غىلتاڭ ماڭىلا» ناملىق شېئىرىغا قارىساق:
مۇپتىلالىق كارى-بارى كەلدى غىلتاڭ ماڭىلا،
ۋەسلى ھېجران قايغۇ-زارى كەلدى غىلتاڭ ماڭىلا.
بۇ مسىرالاردىكى «غىلتاڭ ماڭىلا» دېگەن سۆز «خاس ماڭىلا»، «ھەممسى ماڭىلا» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا كەلگەن بۇ سۆزلەر شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى خاسلىققا ئىگە قىلغان ھەمدە جەلىپكارلىق كۆچىنى ئاشۇرغان، شائىرنىڭ «ھەلەق» دېگەن شېئىرىدا «ھەلەق» سۆزى «ئۇيات، نومۇس» مەنىسدە كەلگەن بولۇپ، بۇ شېئىردا بىر يىگىتنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى ناچار خاھىشلىرى پاش قىلىنغان. شائىرنىڭ يەنە «چاپتىكەش» ناملىق شېئىرىنى ئالساق:
دەپ بېرەي تىڭشاڭچۇ تەقسىر چاپتىكەش،
چاپتىكەشلىك سىزگە باپ سىر، چاپتىكەش.
بۇ شېئىرىدا ھەممە ئىشققا چات كىرىۋالىدىغان تەنتەك، ئۆكتەم كىشلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان ھەمدە «چاپتىكەش» سۆزى «تەنتەك، ئۆكتەم، بىلەرمەن» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا كەلگەن. شائىر قوللانغان بۇ يەرلىك شىۋىلەر شېئىرلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى مەزمۇننى بېيىتىشقا، شېئىرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن.
3. شائىرنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئىچىدە روبائىي تۈرىدىكى شېئىرلىرىمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
رۇبائىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدكى ئەنىئەنىۋى قەدىمقى شەكىللەرنىڭ بىرى. ئۇ تۆتلا مىسرادىن تۈزۈلىدىغان مۇستەقىل بىر پۈتۈن مەناغا ئىگە، پەلسەپەۋى خارەكتېرى كۈچلۈك بولغان ئىخچام شەكىل. ئۇنىڭ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىنتىلىش، ھەققانىيەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك، دوستلۇق، مىھرىبانلىق، ۋاپاردارلىق قاتارلىق ئېسىل خىسلەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، شەخسيەتچىلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرمۇ تەنقىدى روھ بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق شائىرلارنىڭ جەمئىيەتكە ۋە تۇرمۇشقا بولغان پىكىرى، تەسرات قاراشلىرى خۇلاسىلىنىپ بايان قىلىنىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزدا رۇبائىي ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۆز ئىپادىسنى تاپقان.
شائىر روزى سايىتنىڭ رۇبائى ئىجادىيىتى 70-يىللاردا باشلانغان، لېكىن ئېلان قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا 80-يىللارغا كەلگەندىلا ئاندىن مەتبۇئاتلاردا رەسمى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. شائىرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىدىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتىنىڭ نەتىجسى. شائىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا يېزىلغان تۆۋەندىكى رۇبائىيسىنى كۆرۈپ باقساق:
بېلىق مەن ئۆزۈڭ كەڭ مۇھىت ۋەتىنىم،
ۋەيا بىر ئېقىنسەن، سۈيۈڭدۇر قېنىم.
مۇھىتسىز بېلىق يوق، سۇسز يوق ئېقىن،
دېمەك، بىز مۇئەككەل ئەزىز ۋەتىنىم.
شائىر بۇ رۇبائىيىدا ۋەتەنگە چۇڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ جاراڭلىق مىلودىيىسىنى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا شائىرنىڭ رۇبائىلىرى مەزمۇنى ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن يۈكسەكلىككە ئىگە ھەمدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ جايىدا قۇللىنىلغانلىقى شېئىرلىرىنىڭ شۇنداقلا رۇبائىلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ۋە پىكىر چۇڭقۇرلىقىنى ئاشۇرغان. شائىر رۇبائى ئىجادىيىتىدە باشتىن-ئاخىر تېما، ئۇسلۇب، شەكىل جەھەتلەردىن يېڭىلىق يارىتىشنى ئىجادىيەت مىزانى قىلغان.
4. شائىر شېئىرلىرىدا دېھقانلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان.
شائىر 15 يىل دېھقان بولغىنىغا ۋە ئۆزىگە «دېھقان» دەپ تەخەللۇس قويغىنىغا لايىق ئىزچىل ھالدا دېھقانلار تۇرمۇشىنى كۈيلەپ كەلدى ۋە ئەسەرلىرىنى خەلققە چۇشىنىشلىك بولغان ئاۋام تىلىدا يازدى. شۇڭلاشقىمۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرى ھەر قايسى كىتاپخانلارنىڭ زۇر قىزىقىشنى قۇزغىدى ۋە ئاساسلىق بەس-مۇنازىرە تېمىسى بولدى.
شائىر نۇرغۇن تېمىلاردا شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققىنى يەنىلا دېھقانلار تېمسدىكى شېئىرلىرى بولۇپ، بۇ شېئىرلار ئاممىباپ، چۇشىنىشلىك، ھېسسىياتلىق شۇنداقلا تىلى گۈزەل، ئاددى، رەڭدار، مۇزىكىلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شائىر خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ دېھقانلار تۇرمۇشىنى كۈيلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شائىر ئىسلاھاتتا يۇكسىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ماددى-مەنىۋى ھاياتىنى يازغاندىن سىرت يەنە تەرەققىياتتىكى مۇقەررەر تەكشىسزلىك، تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقى، تۆۋەندە سىياسى تەدبىرلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىلەشمەي ھەم ئايرىم غەرەزلىك كىشلەرنىڭ ئىللەتلىرى تەسىرىدىن دېھقانلارنىڭ تارتىۋاتقان خۇرلۇق-ئازابلىرى دەرت ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ نوپۇسىمىزنىڭ %90 دىن ئارتۇق سانىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقان ئاممىسنىڭ، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. دېھقانلار تېمىسدا يېزىلغان شېئىرلىرىدىن «جان دادام — دېھقان دادام»، «بەختى دېھقان-بەختلىك دېھقان»، «يۇرۇڭقاش نەزمىلىرى»، «دېھقان بولماق تەس»، «دېھقان كۇلكىسى»، «دېھقاننى ئالدىغا سىىلىۋالدى ئىش»، «بىر دېھقان شۇنداق دېدى»، «دېھقان ھەيكىلى» ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن شېئىرلىرى بولۇپ، شائىر بۇ شېئىرلارنى يېزىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كۈن بويى ئېتىزدىن كىرمەي جاپالىق شارائىتتا ئىشلەپمۇ يەرلىكتىكىلەرنى رازى قىلالمايۋاتقان ئېچىنىشلىق مەنزىرىسنى تەسۋىرلەپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغان.
ياخشى يارىتىلغان شېئىرنىڭ پىكىردىكى ئىجادىلىقى ھەم يېڭىلىقى ئوبرازنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان مەركىزى ئىدىيىدىلا گەۋدىلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئاشۇ بىر شېئىرنىڭ ئايرىم بېيت، ئايرىم كوبلىتلىرىدىكى پىكىرلەرنىمۇ ھېچكىم تېخى ئىشلىتىپ باقمىغان ئوبرازلىق جۈملە قۇرۇلمىلىرىدىن شائىرنىڭ ئۆز مەنىۋى خاسلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان تىل جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىدىن تەشكىل تاپقانلىقىدىمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
شائىرنىڭ «دېھقان بولماق تەس»، «دېھقان يىغلايدۇ» قاتارلىق شېئىرلىرىدا دېھقانلارنىڭ بىر-بىرىگە مىننەت قىلشمايدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان ئاقكۆڭۇل سەمىمىي روھىنى قىزغن مەدھىلىگەن، شائىر «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىردا:
قاراشلىق كارى بار يالغۇز بېشىغا،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە، دامبا قېشىغا.
(ئىشلەيدۇ شۇلارنىڭ توپا، تېشىغا،)
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.
ئۇ ئۆكۈز توختىماي تارتىدۇ ساپان،
شاكىراپ تەر دەستىدىن شۇرلايدۇ چاپان،
كۆيىدۇ چوققىسى، كۆيىدۇ تاپان،
چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان،
ئەمما داتلىنىپ كۆتۈرمەس چوقان،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.
دېيىش ئارقىلىق دېھقانلار ئوبرازىنى ئۇلۇغلاپ، مېھنەتكەش دېھقانلارنىڭ قىش-ياز، بوران-چاپقۇن، ھۆل-يېغىن، ھېرىپ-چارچاشلاردىن قورۇقماي، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا بابكارنىڭ موكىسىدەك ئايلىنپ يۈرۈپ ئالقانلىرىدىكى قاداق-يېرىقلاردىن، پۇت-قول، ئۈگىلىرىنىڭ ئارامسىز سىرقىراشلىرىدىن، ماڭلايلىرىدىن تۆكۈلگەن تامچىلاردىن بىزگە ھاياتلىقنىڭ مېھىر گىياسىنى ئاتا قىلىپ، جاپا- مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ، قىلچە مىننەت قىلماي، ئۆز ئەجىرىدىن رىزىق-نىسىۋىسىنى ھالال يەپ كەلگەنلىكىنى لېرىك ھېسسىيات ئارقىلىق ئۇلۇغلايدۇ. گەرچە دېھقانلار شۇنچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ، لېكىن بىر-بىرىگە قىلچە مىننەت قىلىشمايدىغان ئاقكۆڭۈل، سەمىمى چىدامچانلىق روھىنى مەدھىيلىگەن. شائىر يەنە:
چوڭ كىچىك يەكشەنبە يوقلىماس ئۇنى،
تەنجىيامۇ، شۇجىيامۇ ياقىلىماس ئۇنى،
كانىكول-تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى،
يوقلايدۇ، ساقلايدۇ، ئەمگەك خاس ئۇنى،
شۇ «خاس» لىق باغاشلاپ سۆيەر ئۇنى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.
دەپ يېزىپ، دېھقاننىڭ قەدىر-قىممىتى، جاپا مۇشەققەتلەر ئىچىدىكى جەسۇر ئوبرازىنى مىننەتسىزلىكىنى دەلىللەپ كۆرسىتىپ كىتاپخانلار قەلبىدە جاپاكەش، سەمىمى، تىنىمسىز دېھقان سىماسىنى تىكلەپ كىتاپخانىلارنى دېھقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە، قايىل بولۇشقا، ئاپىرىن ئوقۇشقا ئىنتىلدۈرىدۇ.
شائىر دېھقانلارنىڭ قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يەرلىكتىكىلەرنىڭمۇ، دېھقانلارنىڭمۇ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىماستىن بەلكى دېھقانلارنى قاقشىتىپ نامۇۋاپىق سېلىقنى ئۈستى-ئۈستىلەپ سېلىپ، دىھقانلارغا ئازاپ ئېلىپ كىلىۋاتقىنىغا قاراپ:
جەدىۋەللەر «ئاچتى» غا يوللايدۇ ساننى،
سۈپۈرۈپ ئالىدۇ ئاخىرقى داننى،
ئالدايدۇ ئۆزىنى، كۆرىدۇ زىياننى،
پوچىلىق – «نوچىلىق» قىينايدۇ جاننى،
جەرىمانە توختىماي كولايدۇ ياننى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.
دەپ يازغان.
ئاپتور يەنە «دېھقان يىغلايدۇ» ناملىق شېئىرىدىمۇ دېھقانلارنىڭ ئاھۇ-زارى، ئىچىنىشلىق تەقدىرى، جاپاكەش سەمىمى تىنىمسىز، ئاقكۆڭۈل روھىنى مەدھىيلەپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ نەپسانىيەتچى، خوشامەتچى، زالىم تەرەپلىرىنى قامچىلىغان ۋە ئۇلارنىڭ دېھقانلارنىڭ ھالىغا يېتىشىنى بەختىگە قارا سانىماي يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى دەۋەت قىلغان ھەمدە بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يازغان:
بارغانچە ئىگىلىپ تۆۋەنگە باشلا،
چاناققا سىغمىغاچ چاناقلىق ياشلار،
يۈرەكنى خۇن قىلغاچ «بۇلاش-تالاش» لا،
ئامالسىز داتلىنىپ ئاھ زامانداشلا،
ئىشىكنى چەكتۇق ئەل-مىھرىباننىڭ،
بىلىمىز مەركەزنىڭ قوللىشى باشقا،
يەرلىكنىڭ دېھقاننى گۇللىشى باشقا،
ئىش باشقا دوكىلاتنى يوللىشى باشقا،
سۇنمامدۇ، چىنىنى تاشلىسا تاشقا،
شۇتىدا ئۆلەمدۇ ئېتى چانىنىڭ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر شېئىرىدا مەركەزدىن كەلگەن يول يورۇق بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دېھقانلارغا يەتكۈزگەن يول يورىقىدىكى پەرىقلەرنىڭ ناھايىتى زورلۇقى، يەرلىكنىڭ دېھقانلارنى ئالداپ، قاقتى-سوقتى قىلىدىغان قىلمىشلىرىغا رەددىيە بەرگەن. شائىرنىڭ بۇ شىئېرلارنى يېزىش مەقسىتى جەمئىيەتتىكى تەرەققىيات گۈللىنىشلەرنى ئىنكاس بولماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ يېزا سىياسىتىنى تەكىتلەش، تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۇلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا شائىر مەيلى قايسى شىئېر شەكلىنى قوللىنىپ شىئېر يازسۇن شىئېرلاردا ئىپادىلەنگەن، ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېما ئاساسلىقى دېھقانلار تېمىسىدىن ئىبارەت. شائىر شىئېرىدا ئەكس ئەتتۈرگەن تېما ۋە مەزمۇن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا يوقۇرى ماھارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىلغان. شائىر مەزمۇننىڭ يېڭىلىنىشى، جانلىنىشى، بېيىشى ھەم چوڭقۇرلىشىشى، ئەڭ ئالدى بىلەن شائىرلارنىڭ ئۆز روھى دۇنياسىدىكى، چىن ھەم قايناق ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. شائىر روزى سايىتنىڭمۇ شىئېرلىرىدىمۇ يۇقارقىدەك مەزمۇن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ شائىر شىئېرىنىڭ ئىندىۋال خاسلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، شائىرنىڭ شىئېرىدا تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى چىنلىقى، شائىر ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ روشەنلىكى، قىسقىسى رىئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن دەۋرىمىزدىكى باشقا شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.
يىغىپ ئېيىتقاندا، شائىرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولۇپ، بۇ مۇۋاپپىقىيەتلەر ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ناھايىتى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىزاھاتلار
1. ① مىجىت ناسىر «روزى سايىتنى ئەسلەيمەن» ئاقسۇ ئەدەبىياتى 2003-يىللىق 3-سان.
369873407
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzk4MTg3ODY0/v.swf