You Are Here: Home » ئومۇمى » سەدىقىگە سىغمىغان پىكىرلەر

سەدىقىگە سىغمىغان پىكىرلەر

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

قاماقتىكى قارا كۈن ۋە زۇلمەتلىك تۈنلەردە دائىم تىلەيدىغىنىم ئانامنى ساق كۆرمەك ئىدى. ئانامنىڭ تۈمەنلىگەن ئانىلاردەك يىغلاپ يىقىلغانلىقىنى ئاڭلاشنى خالىمايتتىم. ئاللاھ دۇئارلىرىمنى، توغرىسى دۇئالىرىمىزنى قوبۇل كۆرۈپ ئانامنىڭ باغرىغا قايىتتىم. ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ رەسۇلىمىز ھەقنى يەتكۈزگەن مۇقەددەس توپراقلاردا بولسام دەيتتىم. شۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشكىنىمدە ھاياجانلاندىم، ئەتراپىمدىكى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئەڭ دەرتلىك، غەملىك ۋە ياشلىق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلەن قوشۇلۇپ يىغلىدىم، شۇنچە يىغلاپمۇ يۈرەكنى باسقان تاشنى ئېرىتەلمىدىم. روھىمنى قارماللىغان رىياللىقتىن قۇتۇلالمىدىم. چۈنكى مەن يىغلاپ توختىغان بىلەن ئالدىمدا ئانام يىغلايتتى. داۋالىنىشقا نە دوختۇر، نە دوختۇرخانا يوق، ئاغرىق ياتقان پېتى ۋاپات بولغان ئانىسى ئۈچۈن؛ «ئوڭچى»، «مىللەتچى» ئاتىلىپ يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق نەزەربەنتتە ياشاپ ئۆتكەن، بىر داستىخانغا خاتىرجەم جەم بولالماي، ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىمۇ دەرقەمتە تۇرالماي ۋاپات بولغان ئاكىلىرى ئۈچۈن؛ ھەرەمگە كېلەلمەيدىغان پەرزەنتلەر ئۈچۈن ۋە يۈرەك پارىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي كۈن ساناۋاتقان ئانىلار ئۈچۈن يىغلايتتى. ئانام قورقۇيتتى، باشقا ئۇيغۇرلاردەك كىملەرنىڭدۇر كۆرۈپ قېلىشىدىن، مەھەللىسىدە بىلىنىپ قېلىشىدىن، نازارەتكە قېلىىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. دىندىمۇ، پەندىمۇ يېتىشكەن، ئۇقۇمۇشلۇق چوڭ ئاكىسىنىڭ يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق نەزەربەنتلىك كۈنلىرىنى دەقىقىلەرگىچە ساناپ توشقۇزغان، ئوغلىنىڭ خەۋەرسىز يوقاپ كېتىشىگە يۈرەكلىرى قان پېتى شاھىد بولغان ئانام تەشۋىشلىنەتتى. مەككىدە باشلانغان ۋە مەدىنىگە قەدەر داۋاملاشقان بۇ ياشلىق، تەشۋىشلىك، دەرتلىك ھال دىققەت تارتتى، ئىچ ئاغرىتىشلارغا سەۋەپ بولدى.

بىر كۈنى مەدىنىدە تۈرك ھاجىلار قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر يەردە تىڭشاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇق. ئۆمەك ئەتراپىمىزغا ئولىشىپ يۈرتىمىز ۋە ھالىمىزنى سورىدى. ئۆلىمالار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشۇمغا بىر خانىم قېشىمىزغا كېلىپ بىزگە يارىدەم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بىر تۇتام پۇلنى ئانامغا تەڭلىدى. مەن بىزنىڭ يېتەرلىك ئىقتىسادىمىز بولغاچقا كەلگىنىمىزنى، بۇنىڭغا ئىھتىياجىمىز يوقلىقىنى تەكىتلەپ چىرايلىق رەت قىلدىم. ئەمما بىزنىڭ دۇئادا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ ۋە ئۇزۇن يىغلايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرەلمىدىم. ئىككى ھەرەمدە خەجلەيدىغانغا پۇلىمىز، تۇرىدىغانغا ياتىقىمىز، ئىزدىشىدىغانغا دوستلىرىمىز بار. ۋەتەندە تاپقان-تەرگىنىمىز بار، ھالال تەر تۆكۈپ يارىدەمگە مۇھتاج بولماي ياشاپ كەپتىكەنمىز بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ. مەن چىققاندىن كېيىن كىرىپ قالغانلارمۇ يوق. ئۇنداقتا نېمە تۈگىمىگەن دەرت، تۈرۈلگەن يۈز، قىزارغان كۆزلەر بۇ؟

ئىنسانلار قىزىق بولدىكەن. دائىم باشقىلارنىڭ دەردىنى ئۆز دەردىگە ئوخشتىپ چۈشىنىدىكەن، بارلىق ئەلەملەرنى ئۆزىنىڭكىگە ياماق بولالمايدىغاندەك ھىس قىلىشىدىكەن ۋە شۇنداق بايان قىلىشىدىكەن. تۈرك ئۆلىما تېخى بەش ئالتە يىللار بۇرۇن تۈركىيەدىمۇ ياغلىقلىق ھەممە يەردە يۈرگىلى بولغان بىلەن، دەۋلەت ئورگانلىرى ۋە دەرسخانىلەرگە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەللىكىنجى يىللارغا قەدەر ئىستىگەن يەردە قۇرئان ئوقۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان قۇرئاننى ئوقۇشقا زورلانغانلىقىنى، تەرىقەت-سۈلۈكلەرنىڭ چەكلىنىپ، خاناقا ۋە تەككەلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «تۈركىيەدە قۇرئان ئوقۇشنى بىلىدىغان ئادەم قالماي سىپروستىن قارى ئېلىپ كېلىنگەن» دېگەن سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتتى. بۇ گەپلەرنى مەن تۈركىيەگە ئون يىل بۇرۇن تۇنجى كەلگىنىمدىن باشلاپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا ئاڭلاپلا قويدۇم. ياغلىقنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا چەكلەنگەندىن باشقىلىرىدا كۆپتۈرمە بار ئىدى. ئەمما بۇلارغا بۇنىڭ كۆپتۈرمىچىلىك، ئۇنداق دېمىگەندىمۇ تارىخقا ئايلانغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. تارىختىن سۆز ئاچساڭ «كامالچىلارنىڭ يازغانلىرى» دەپ ئىشەنمەيتتى. خۇددى ئۇلار ئۆز دەردى ۋە تىركىشىشلىرىنىڭ ھىچ بىر خەلقتە كۆرۈلگەنلىكىگە قەتئى ئىشەنمىگەندەك، بۇنىڭدىن دەھشەت ئازاپلارنىڭ باشلىنىپ ھازىرغىچە تارىخقا ئايلانمايۋاتقانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيتتى. قارىغاندا ھەممە مىللەتكە ئۆز دەردى ئېغىر بىلىنسە كېرەك.

مەدىنىدە تۈرك مىھمانخانىلىرى ۋە دوختۇرخانلىرى بار ئىكەن. مەدىنە كوچىلىرىدا تۈركلەرنى بىر قاراپلا پاكىز، رەتلىك ۋە جۇشقۇنلىقىدىن پەقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. ئەمما ئازراقلا پاراڭلاشقاندا كۆزلىرىدىن ئۇچقۇنلايدىغان ئىچ ئاغرىتىش، سۆزلىرىدىن تامچىغان ھىسداشلىق ئادەمنى بىئارام قىلىدىكەن. تازىلىقچىلار، مۇھتاجلار تۈركلەرگە بەكرەك قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن. چۈنكى سەدىقە كەم قىلىنمايدىكەن. ئاڭلىشىمچە دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار مەككە ۋە مەدىنەدىكى مۇشۇنداق سەدىقىلەرگە كۆنىۋېلىپ كەتكىلى ئۇنىمايدىغان، ياكى ھەر كەلگەنلىرىدە يانچۇقلىرىنى توملاپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىلىنىپتۇ.

ۋەتەندىمۇ تىلەمچىلىك بىلەن مەسجىد ۋە مۇسۇلمانلىق ئارىسىدا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر باغلىنىش بار ئىدى. نەدە ئەڭ كاتتا مەسجىد بولسا شۇ يەردە ئەڭ ئىچىنىشلىق تىلەمچىلەر بار. قايسى يۇرتتا مەسجىد كۆپ بولسا شۇ يۇرتتا تىلەمچى كۆپ. شۇڭا ئاز بىرقىسىم شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ «قەشقەرلىك ئالا خورجۇن» دېيىشكەنلىرىنىڭمۇ سەۋەبىمۇ شۇ. ئەڭ كاتتا جامە قەشقەردە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغاچقا ئەڭ كۆپ مەسجىدمۇ قەشقەردە، شۇڭا تىلەمچىلەرنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىن كۆپ چىقىشىمۇ چۈشىنىشلىك. نەدە ئۇيغۇرنىڭ قولىغا ئازراق پۇل كىرسە شۇ يەردە تىلەمچى ئاۋۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر بايلار ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ تېخىمۇ يۈكسىلىۋېدى، تىلەمچىلەرمۇ ئاۋۇغىلى تۇردى. ئۈرۈمچىدە تىلەمچى سانى ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىغا سۇندۇرغاندا خېلىلا كۆپ، چۈنكى ئۇيغۇر بېيىسا ساخاۋەتكىمۇ باي بولىدىكەن. ھەتتا ئىچكىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپرەك بارىدىغان مەسجىدلەرنىڭ ئالدىغا خەنسۇ تىلەمچىلەر يىغىلىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر كۆپ يەردە ساخاۋەت كۆپ.

تۈركلەردىكى ساخاۋەت ۋە سېخىلىق ئۇيغۇرنىڭ كەڭقوللىقىغا تومۇرداش. ئەمما تۈركىيەدە ساخاۋەتچىلىك ئاللىقچان قېلىپلىشىپ بولغان. تۈركىيەدە ناھايىتى مۇكەممەل ۋەخپە-فوندى جەمئىيەت سېستىمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەتتا ۋەخپە بانكىسى دەپ ئاتىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. كىشىلەرنىڭ خەيرى ساخاۋېتى ۋەخپىلەرگە توپىلىنىپ مۇھتاج ئورۇن، شەخس ۋە مەملىكەتلەرگىچە يەتكۈزىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ساخاۋەتچىلىكمۇ 30-يىللاردا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر ھالغا كەلگەن بولۇپ شۇ دەۋىرلەردە جۇش ئۇرغان يېڭى مائارىپچلىق ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ئىقتىسادىي يۆلەك بولغان. ئەينى دەۋىردە بارلىق ۋەخپەلەرنى ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزىۋېلىپ مائارىپقا ئىشلەتكەن. كىشىلەرنىڭ ئۆشرە، زاكات، پىترە ۋە سەدىقىلىرى ھەرقايسى يەرلىك ئۇيۇشمىلارغا توپلىنپ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا، دارىلئاجىز (مىيىپلەر مەكتىپى) ۋە دارىليەتىم (يېتىملەر مەكتىپى) گە سەرپ قىلىنغان. ئىلىمنىڭ ئورنى، مائارىپنىڭ ھۆرمىتى، مۇئەللىملەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدىكى يۈكسەكلىك جەمئىيەتتە ئىلىم مەرىپەت قىزغىلىقىغا كۈچلۈك تۈرۈتكە بولغان. دېمەك، ئۇيغۇرنىڭ ساخاۋەتسۆيەرلىكى ئەينى دەۋىردە پۈتكۈل ئۇيغۇر مائارىپىنى گۈللەتكەنكى، بۈگۈنكىدەك تىلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولمىغان.

ئۇيغۇرلار بىر سەدىقىلىك جەمئىيەتتە ياشاۋاتىدۇ. تېلۋىزورلاردا سەدىقىلەردىن يۈكسەلگەنلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ، ئىكرانلاردا سەدىقىلەرگە مىننەتدارلىق ئوقۇلىدۇ، سەھنىلەردە سەدىقىلەرنىڭ كارامەت نەتىجىلىرى كۆرەك قىلىنىدۇ. سەدىقىگە ئەمەس بىلىمىگە، پەزىلىتىگە ۋە غۇرۇرىغا تايانماقچى بولغانلار ئۇنچە كۆرىنەرلىك پايدا ئالالمايدۇ، بەلكى زىيان تارتىدۇ. شۇڭا بۇ سەدىقەخۇمارلىق كۆپكەن بىر زامان. بەزى زىيالىرىلىرىمىز يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس دەپ، يامانلارنىڭ تەلىملەردىن ئىلھاملىنىپ ئوڭشىلىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ۋە تەشۋىقاتقا چىش تىرنىغىغىچە كىرىشىپ باشقىغا سەل قارايدۇ. ئەلۋەتتە، يامانلاردىن ھىدايەت تېپىپ تۈزىلىدىغانلىرى چىقىدۇ، لېكىن يامانلىق داۋام قىلىدۇ. يامانلىقنىڭ تۈزلىشى ئۈچۈن يامانلار دائىم زىيان تارتىپ ياخشىلار چوقۇم پايدا ئالدىغان، ياخشىلىقىمىز سەۋەبلىك ئىنسانلىقىمىز ئىززەتلىنىدىغان ۋە يامانلىقىمىز سەۋەبلىك ئىشلىرىمىز ھەر يەردە زىيان، تۇساق ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان بىر تۈزۈم بەرپا قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ زاماننىڭ تۈزلىش مەسىلىسى. بىزدە «ئۈرۈن ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ» دېيىلىدۇ، بۇ دەل يامانلىق ئەۋج ئالغان جەمئىيەتنىڭ؛ تىلىنىش، ساختىلىق ئەيپلەنمەيدىغان زاماننىڭ كىشىنى يامان قىلىدىغانلىقىغا ئىسپات. ئۇيغۇردا تىلەمچىلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىنى مەن مۇشۇ نوقتىدىن چۈشىنىشكىمۇ بولامدىكىن دەپ قارايمەن.

بىزگە دىنىي قېرىنداش بولغان جاھان مۇسۇلمانلىرىنىڭ، قان ۋەن دىن قېرىنداشىلىرىمىز بولغان  تۈركلەرنىڭ كۈلپەتتىن پۈكۈلگەن بويۇنلارنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن يۆلەك بولغۇسى بار. مەلۇمكى، سەدىقە ۋە خەير ئىھسان ھەر بىر كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان ئەڭ بىۋاستە يارىدەم. جوڭگۇدا چىگرالار ئېچىلىپ ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە پاسپورتلار ئاندىن قۇمۇلدىن قەشقەرگىچە ۋە خوتەندىن ئالتايغىچە ئاسانلىشىپ سىرلىق نىقاپلىرىدىن قىسمەن ۋاز كەچتى. نەتىجىدە ھالالدىن رىزىقلىنىپ ئىشلەپ ئۆتكەنلەرمۇ، ساختىلىقتىن نەپلىنىپ، سەدىقە يالاپ ئادەتلەنگەنلەرمۇ جاھانغا يېيىلغۇسى. تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە بۇرجەكلىرىدىكى ئۇيغۇرغا ئاتالغان ۋە ئاتىلىدىغان ساخاۋەتنىڭ سەدىقىگە كۆندۈرۈلگەن يامانلار ۋە يارىماسلارنى سەمرىتمەسلىكىنى، مەزلۇملارنىڭ تەكلىماكانغا سىىڭىپ كېتىۋاتقان ئۈنسىز ياشلارى بەدىلىگە ئۇلارنىڭ راھەت سۈرمەسلىكىنى قادىر ئاللاھتىن تىلەيمەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top