You Are Here: Home » ئومۇمى » ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بەزى پەرقلىرى

ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بەزى پەرقلىرى

EU x China

ئەليۈكسەل

(مەزكۇر ماقالىنى مېنىڭ بىر «تونۇشۇم» تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنى ئاپتورنىڭ قوللىشى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.)

تۆۋەندىكىسى مەن ئىزدىنىش ئارقىلىق توپلىغان، ھەمدە ئۆزۈم مۇھىم دەپ بىلگەن ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىر قىسىم پەرقى، تارىخ، مىللەت، مىللىي كىملىك ۋە دۆلەتكە ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي كۆز-قاراش ۋە مۇھىم مەلۇماتلار.

تارىخ تەتقىقاتىنىڭ توغرا ئۇسۇلى:
تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىچىدە مۇنداق 2 خىل كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بىرى، «تارىختىن پايدىلانغۇچىلار» بولۇپ، ئۇلار پەقەت پاكىتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بىرى بولسا «قوپال تەپەككۇرچىلار» بولۇپ، ئۇلار نەزەرىيىلەرنى ئەمەلىيەتكە ۋە پاكىتلارغا تەتبىقلايدۇ. دېمىسىمۇ پاكىتلار ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن سۆزلىمەيدىغان بولۇپ، پەقەت ئانالىز قىلىش ئارقىلىقلا پاكىتلارنى مۇۋاپىق قىممەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. ئانالىز قىلىش بولسا «قوپال تەپەككۇر» نى تەلەپ قىلىدۇ. چوڭقۇر ئانالىز بىلەن بىرلەشتۈرمەي، پەقەت تارىختىكى چوڭ ۋەقەلەر ۋە ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىندىۋىدۇئاللارنى بايان قىلىدىغان مەزمۇنلار پەقەت ئويدۇرمىلار ۋە رىۋايەتلەر دەرىجىسىدىلا توختاپ قالىدۇ. ئۇنداق مەزمۇنلار قىزىقارلىق ئوقۇشلۇق بولالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كۈرەشلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئاشۇ كۈرەشلەر تەسىر كۆرسەتكەن ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىشكە ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇنداق مەزمۇنلار ئاشۇ كۈرەشلەر پەيدا قىلىدىغان ھوقۇق-ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى، ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان كونترول قىلىش ۋە مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى چۈشىنىشكىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تارىخ بىر قانچە ئىندىۋىدۇئاللار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىلەن ئۇلار سەۋەبچى بولغان مەغلۇبىيەتلەر، ھەمدە ئۇلارنىڭ «ياخشى» نىيەتلىرى بىلەن «يامان» ئەمەللىرىنىڭ تارىخىغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاشۇنداق بىر جەرياندا تارىخ رىۋايەتكە، ۋە تارىخشۇناسلار بولسا ھېكايە ئېيتقۇچىلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تارىخىي شەخسلەر چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىللە چۈشىنىلىشى كېرەك.

ئېتنىك توقۇنۇش سىياسىي مەسىلە:
ئېتنىك توقۇنۇشنى سىياسىي مەسىلە، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. سىياسىي جەريان ئەخلاق ۋە پرىنسىپلارنى ئېتىبارغا ئالماي، پەقەت ھوقۇق-ھاكىمىيەتنىلا كۆزدە تۇتىدۇ. ھوقۇق-ھاكىمىيەتنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە مۇنداق 2 خىل ئۇسۇلمۇ بار. ئۇنىڭ بىرى «ھوقۇق كېلىشىش ۋە ئېزىش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ»، دەپ ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، يەنە بىرى بولسا «ھوقۇق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ»، دەپ ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى. بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا، «ئىگىلىك ھوقۇقىنى تىكلەش ئۈچۈن، بىر ئىجتىمائىي كېلىشىم سۈپىتىدە، ئەسلىدىكى ھوقۇقتىن ۋاز كېچىلىدۇ»، دەپ قارىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە قارىغاندا، ھەر قېتىم ھوقۇق كېڭەيتىۋېتىلگەندە، ئۇ بىر ئېزىش جەريانىغا ئۆزگىرىدۇ. ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، كېلىشىم مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا باستۇرۇش ھوقۇقنى كېڭەيتىۋېتىش بولماستىن، پەقەتلا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە قارىغاندا، كېلىشىش ۋە ئېزىشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش كېلىپ چىقىدۇ. ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە بولسا، كۈرەش ۋە بويسۇندۇرۇش ئاساسىدا قارشىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بىر ئىشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغىنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى بولۇپ، بىر بېقىندى خەلق ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ئىشنى «قانۇنلۇق» ياكى «قانۇنسىز» دېيىش ھوقۇقى مەۋجۇت بولمايدۇ. بېقىندى خەلقنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى خەلق بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. كۆپ مىللەتلىك ئەلدە ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىدىغان «رەسمىي مىللەتپەرۋەرلىك» ياكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» بىر خىل يالغانچىلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلەت «تارىخى ئوخشاش، مەدەنىيىتى ئوخشاش، تىلى ئوخشاش ۋە دىنى ئوخشاش خەلقلەرنىڭ بىرلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن دۆلەت»، دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەمما، ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۇنداق يالغانچىلىقنى قوبۇل قىلماي، ئۆزىنىڭ خاس تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۇنداق يالغانچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىدۇ.

دۆلەتنىڭ رولى:
دۆلەت بىر سىياسىي ھوقۇق ئىنستىتۇتىدۇر. شۇڭلاشقا دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش تارىخى قەدىمكى ئىنسان جەمئىيەتلىرىگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكىدەك بيۇروكراتلىق ئەللەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى پەقەت يېقىنقى زاماننىڭ ئىشى بولۇپ، دۆلەت چېگرالىرى ۋە گراجدانلىرى قاتتىق كونترول قىلىنغان ئەللەرنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگىنىگە ئەمدى ئاران 100 يىلدەك ۋاقىت بولدى. ھازىرقى زامان ئەللىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۆز گراجدانلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ۋە ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش بولۇپ، بۇنداق ئارىلىشىش دائىرىسى ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، ھەمدە ھازىرقى زامان ئەللىرىنىڭ ئاشۇنداق ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردا دۆلەتنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان مۇھىم ئىشلار ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرقى زامان ئەللىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئەللىرى دېموكراتىيە، سوتسىيالىزم، كوممۇنىزم، فاشىزم ياكى ھەربىي دىكتاتورىلىق قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما، گەرچە ئۇلارنىڭ شەكلى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارىلىشىۋېلىش ماھىيىتى ئوخشاش. يەنى، ھازىرقى زامان ئەللىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار پەقەت ھېلىقىدەك مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرىدىلا بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىدېئولوگىيە ئىنژېنېرلىقى ھازىرقى زاماندىكى ھەر بىر ئەلنىڭ قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىر مۇھىم قىسمى، ئەمما ئاشۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئوخشىمىغان ئەللەر ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇللار تەۋسىيە قىلىش بىلەن مەجبۇرلاش، ۋە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن قاتتىق باستۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش مىللەتپەرۋەرلىكنى توغرا چۈشىنىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى.

ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پەرقى:
ياۋروپادا يېڭى سىنىپلار ۋە يېڭى سالاھىيەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۈرەشلىرى ئارقىلىق ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىدىكى ئەللەر ئەركىن ئەللەرگە ئۆزگەرتىلدى. ئاشۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز ئورۇنلىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ۋەتەنلىرىنىڭ ئۆز تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ۋاقىت كەتتى. 1789 – 1848-يىللىرىدىكى «ئۇلۇغ ئىنقىلاب» ئوتتۇراھال سىنىپ ياكى «بۇرجۇئازىيە سىنىپلىرى» ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن جەمئىيەت چۈشەنچىسىنىڭ غەلىبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنقىلابتا ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دىكتاتور ئەللەر ئاساسىي قانۇنى بار ئەللەرگە ۋە جۇمھۇرىيەتلەرگە ئۆزگەرتىلدى. ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن ئەللەر بولسا تاكى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ھەر خىل شەكىلدىكى مۇستەملىكە ئەللەر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ياۋروپا ئەللىرى بىلەن پەرقلىق ھالدا، بۇ ئەللەر زامانىۋىلىققا ئاساسىي جەھەتتىن بازار تەدبىرلىرى ئارقىلىق كىرمەي، سىياسىي-ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كىردى. ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كۆپىنچە ئەللەرنىڭ مىللىتارىستىك ۋە دىكتاتورىلىق تۈزۈمى ئاستىدىكى ئەللەر بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ئەنە شۇ. ياۋروپادىكى ئەللەر ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلدى. ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئەللەر بولسا ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ ئەللەر يېڭى ھوقۇق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملىمەي، ۋە يېڭى ئىقتىسادىي كۈچلەرنى كۈچلەندۈرمەي تۇرۇپلا زامانىۋىلىققا قەدەم قويدى. ئىمپېرىيىلەرگە ماس كېلىدىغان ھاكىممۇتلەقلىق روللىرىنى ئېلىپ، يەرلىك جامائەتلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا بىر مەركىزىي بيۇروكراتىك سىستېمىنى دەسسەتتى.

1-رەسىم.

مىللەت ۋە مىللەتپەرۋەرلىك:
ياۋروپادا مىللەتپەرۋەرلىك ئۇقۇمى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كېلىپ، يەرلىك جامائەتلەر ۋە يەرلىك ھوقۇقلارنىڭ ئورنىنى ئۇلارنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان بىر دۆلەت ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ھوقۇق سىستېمىسى ئالدى. ئەمما ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئەللەردە ئىشلار ئۇنداق بولمىدى. ئۇ يەردىكى ئەللەردە مىللەتپەرۋەرلىكنى دۆلەتنىڭ بيۇروكراتلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنى ئۇ يەردىكى ئەللەردە مىللەتپەرۋەرلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسە دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشى پەيدا قىلغان ئەنئەنىلەر ئۈستىدىكى بۇزغۇنچىلىقلار بولدى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بازار ئىقتىسادى، سانائەتلىشىش ۋە قۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلىرى تەرىپىدىن تەدرىجىي ھالدا ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى بولدى. مۇستەملىكىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلگەن مىللەتپەرۋەرلىك مۇستەملىكىچى ئەلگە قارشى تۇردى. ئۇ مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان مۇستەملىكىچى ئەلگە قارشى ئىتتىپاقلاشتۇردى. ئۇ ئەللەر مۇستەملىكىلىكتىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەللەردىكى خەلقلەرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئۆزگەردى. ئۇ ئەللەردىكى جەۋھەر كۈچلەرنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۆز دۆلىتىنى تولۇق قۇرۇپ چىقىش بولۇپ قالدى. ياۋروپادىكى ئىشلار بولسا پۈتۈنلەي باشقىچە بولدى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا ئۆز ۋەتىنى بىلەن باغلىدى. يەنى ئۇلار ئۆز ۋەتىنىنى باشقىلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىش جەريانىغا دۇچ كەلمىدى. ئۇلارغا ئۆز ھۆكۈمىتىدىكى دىكتاتورىلىقنى ئازايتىپ، ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالىدىغان قىلىش يولىدا تىرىشىشلا يېتەرلىك ئىش بولدى. مۇستەملىكە قىلىنغان ئەللەردە بولسا مىللەتپەرۋەرلىك كىشىلەرنى ئۆز ۋەتىنىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر مەركىزىي دۆلەت سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەمما، بۇ جەريان كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مىللىتارىستىك ۋە دىكتاتورىلىق ھاكىمىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇ ھاكىمىيەت ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىق ياكى بېقىندى ئورۇندىكى مىللەتلەرگە يېڭى تىپتىكى «يەرلىك مۇستەملىكىچىلىك» تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

ئېتنىك ۋە مىللىي توقۇنۇشلار يېقىنقى زاماندىن باشلاپ يۈز بەرگەن ۋە ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ ھادىسىلەرنىڭ بىرى. مىڭلىغان ۋە مىليونلىغان كىشىلەر ئاشۇ ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئاشۇ ھادىسىلەر ئۈستىدە گەپ بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھادىسىلەر ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا ئەڭ ئومۇملاشقان، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ياۋروپامۇ بۇ خىل ھادىسىلەردىن مۇستەسنا ئەمەس. مەسىلەن، ناتسىست گېرمانىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈردى. ئىرېلاندىيە ۋە ئىسپانىيە مىللەتچى گۇرۇھلىرىمۇ تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە شەھەرلىرىدە ئىنتايىن كۆپ ساندىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.

كىشىلەر ئادەتتە ئېتنىك توقۇنۇشنى «ئىپتىدائىي» ۋە «مەدەنىيەتسىز» ھەرىكەت، دەپ ھېسابلايدۇ. مىللىي كىملىك ۋە ئېتنىك توقۇنۇش ھەقىقەتەنمۇ قەدىمدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن نەرسە. ئەمما، ئەگەر بىز بارلىق پاكىتلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ ھازىرقىدەك كۆلىمى ۋە ۋەھشىيلىك دەرىجىسى پەقەت يېقىنقى زاماننىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ زامانىۋىلىق ۋە زامانىۋى ئەللەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بارلىق ئېتنىك ۋە مىللىي كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى زامانىۋى ئەللەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەڭ ۋەھشىي ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭ بىر قىسمىنى بەزى دۆلەتلەر ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ناتسىست گېرمانىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە مانا شۇنىڭ مىساللىرى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق تۈپەيلىدىن مىڭلىغان ۋە ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋاللار ئاز ئەمەس.

ئېتنىك ۋە مىللىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئادەتتە ئىككى خىل شەكىلدە يۈز بېرىدۇ: ئۇنىڭ بىرى دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، يەنە بىرى بولسا دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. دۆلەتلەر ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنىڭ ئاۋازىنى ۋە ئاپتونومىيە ياكى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەلەپلىرىنى «تەبىقىلەر ھەرىكەتلىرى» ياكى «بۇزغۇنچى ھەرىكەتلەر» دەپ قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېتنىك، يەرلىك تىللىق ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ئۆزلىرىنى «چەتكە قېقىلدۇق» ۋە «بۇ دۆلەتكە ھەقىقىي تۈردە تەۋە بولالمىدۇق» دەپ ھېسابلاپ، ئۆز دۆلىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالىدىغان قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئايرىم دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بۇنداق كۈرەشلەر يالغۇز سىياسىي كۈرەشلەر بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئىقتىسادىي كۈرەش، مەدەنىيەت كۈرىشى، يەرلىك كۈرەش، ئېتنىك كۈرەش ۋە دىنىي كۈرەش بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەيلى ئۇلار قايسى خىلدىكى كۈرەش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يەردە ئاساسىي رول ئالغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئاشۇنداق كۈرەشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىمۇ دۆلەتنىڭ ئۆزى بولىدۇ. مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، دەپ ئويلاش خاتا. ئەمما مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادىل مۇئامىلىسىگە ئېرىشىشنى، يەنى ئۆزلىرى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدەك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللىي ۋە دىنىي كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مىللىي ياكى دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس. مىللىي ھەرىكەتلەر ئوخشىمىغان نىقاب بىلەن، ئوخشىمىغان شەكىلدە ۋە كۆپلىگەن ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شۇنداقلا مىللىي ھەرىكەتلەر يالغۇز ئېزىلگەن مىللەتلەر ئىچىدىلا ئەڭ كۈچلۈك بولمايدۇ. ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتلەرمۇ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى ھەر خىل مىللىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. مەيلى ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتلەر بولسۇن ياكى ئېزىلگەن مىللەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسى يەنىلا دۆلەتنىڭ ئۆزى بولىدۇ.

مەن بۇ يەردە بايان قىلماقچى بولغان، ئۆزۈم توپلىغان بىر قىسىم ئۇچۇر ۋە بىلىملەر شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. مېنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرگە قىزىقىشىمدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدۇر. بۇ يەردە بۇنىڭدىن كۆپ ئانالىز ۋە تەتبىقلاش ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس بولۇپ، مەن ئۇ ئىشنى ھەر بىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك بىر ھالەتتە كىرىپ قالغانلىقىمىز ھەققىدە مەن داۋاملىق ئويلىنىۋاتىمەن، ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلاردىن سىستېمىلىق ھالدا خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلىكى، ياۋروپا ئەللىرىگە ئوخشاش ئالدى بىلەن ئۇلنى پۇختىلاپ، ھازىرقى زامانغا تەدرىجىي ھالدا تولۇق تەييارلىقى بار ھالەتتە كىرمىگەنلىكى ئۇيغۇرلارنى بىر ناھايىتى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدىم. سانائەتلىشىش كىشىلەردىن مائارىپنى ھەر بىر دەۋردىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى، تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكىدا دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار ئەنئەنىۋى كۆز-قاراش بىلەن دىنىي ئۇقۇملار ھەققىدىكى تونۇشلارنى زامانىۋىي پەننىي بايقاشلارغا ماس كەلىدىغان قىلىپ تۈزۈتىش ۋە چوڭقۇرلارشتۇرۇش، ھەمدە ئەنئەنىۋى كۆز-قاراش بىلەن دىنىي چۈشەنچىلەرنى زامانىۋىلىققا ماسلىشالايدىغان بىر تەرىقىدە ساقلاپ مېڭىشنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى بولالايدۇ. يەھۇدىي، ياپون ۋە گېرمان نوپۇسلىرى ئىچىدىكى ئىنژېنېرلار ھازىر ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ كەم دېگەندە 25 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ بىر دېھقان مىللىتى ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ مۆلچەرىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىدىكى ئىنژېنېرلارنىڭ نىسبىتى ھازىر 0.25 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇشى ئۇلارنىڭ زامانىۋىلىققا ماسلىشالايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. ئەمما، بىرىنچىدىن ئۇنداقلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز، ئىككىنچىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى زور نىسبەتتە يوقىتىپ قويۇشتەك ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق بەدەللەرنى تۆلەۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنى يەنىلا ئۆز زېمىنىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىشىچە ئۇ جەھەتتىكى تەرەققىيات ھازىرمۇ ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار قۇرغان كارخانىلار ئىچىدە ماددىي بۇيۇملارنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ھازىرچە ئىنتايىن كىچىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانائەتلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە سۆز ئېچىش يەنىلا مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە ئېغىر ۋە مۇساپە ئۇزۇن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، قاتتىق تىرىشمىسا بولمايدۇ. مەن مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى مىللەتنى قانداق گۈللەندۈرۈش مەسىلىسىدە بىر قىسىم پايدىلىق چۈشەنچە ۋە پايدىلىق بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا مەن بۇ يازمىنى تەھرىرلەپ بەرگەن قېرىندىشىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

(2016-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top