You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈركىيەنىڭ كۈچى

تۈركىيەنىڭ كۈچى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرچىدا كۈچ كۆرسىتىش دېگەن نامايىشنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەدە نامايىش شۇنداق ئومۇملاشقانكى بىر ئاممىۋىي ئىنكاس، ئاممىۋىي بايانات ۋە ئاممىۋىي سەنئەت ھالىتىگە كەلگەن. بەزى كۈنلىرى بىر قارىسا نەچچە يۈزمىڭ ئادەم مەيدانلارنى تولدۇرىۋەتكەن. ئاپلا، مۇشۇنداق كۈچنىڭ ئالدىدا تۈركىيەنىڭ ھالى نېمە بولار دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسا، بىرەر سائەتتىن كېيىن ھىچ كىم يوق. ھەممە ئادەم نورمال ئىشىغا بەنت. قارىغاندا خەلقتىكى ھاكىمىيەتكە قارشى ۋە ۋەزىيەتكە بېقىنمايدىغان بۇنداق كۈچ ۋە كۈچ كۆرسىتىشلەر دۆلەتنى قالايمىقان قىلىپ، مۇقىملىقنى بۇزماي، ئەكسىچە تۈركىيەنى تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۈپ، تۈرك دۆلىتىنى يەنىمۇ يۈكلسەلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھالىتى، خەلقتىكى قورقماي تەقدىم قىلىدىغان ۋە مەيدانلاردا ئەندىشىسىز جاكارلىيالايدىغان كۈچ كۆرسىتىشلەردىن كەلگەنىدى.

بۇندىن ئون يىل بۇرۇن كەلگىنىمدە ياغلىق ئۈچۈن نامايىش تۈركىيەنى تەۋرىتىۋېتىدىغان ھالدا ئىدى. ياغلىق ئارتقانمۇ، ئارتمىغانمۇ ياغلىق ئەركىنلىكى ئۈچۈن شۇئار توۋلىشىپ كوچا-سوقاقلارنى تولدۇرىۋېتەتتى. پىرىزدېنتتىن تارتىپ ئادەتتىكى مەمۇرغىچە ھەر كۈن ياغلىق مۇنازىرىسىگە بەنت ئىدى. ئەمدى قارىسام نە كوچىدا، نە بازاردا ياغلىق ئارتقانلارنىڭ بىراقلا جىقلاپ قالغىنىنى بايقىمىدىم، ئەكسىچە ئازلاپ قالغاندەك كۆرۈندى. پەقەت ياغلىق ئارتىۋالغان ساقچى، ئوقۇتقۇچى، مەمۇر قىزلار كۆزۈمگە بەكرەك چىرايلىق كۆرۈندى. ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە تەلەپ قىلغىنى ياغلىقلا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ غەزەپلىنىۋاتقىنى ياغلىقنىڭ چەكلىنىشىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان ھەقسىزلىك، قىز-ئاياللارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسزلىك بولۇشى مۇمكىن. ياغلىق نامايىشى تۈركىيەنى تىترەتكەندە بەزى تۈرك سىياسەتچىلىرى ياغلىققا رۇخسەت بېرىلسە، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەت تەلەپ قىلىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئىرانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقان ئىدى. ھەتتا بەزىلەر بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ ئاجىزلاپ ۋەيران بولۇش ئىھتىماللىقىدىن خەۋپسىرەشكەن ئىدى. دەل ئەكسىچە دۆلەت كىشىلەرنىڭ نېمە كىيىپ نېمە كىيمەسلىكىنى نازارەت قىلماستىن، ھاكىمىيەتتىكىلەر خەلقنىڭ پېيىغا چۈشمەستىن خەلقكە قانداق قىلسا ياخشىراق كىيىنەلەيدىغان شارائىتنى يارىتىپ بېرىۋىدى ئەنسىرەلگەن ئاقىۋەتنىڭ بىرىمۇ كېلىپ چىقمىدى. ياغلىق تەشەببۇسچىلىرى تۈركىيەنى ئاجىزلاتماقتا يوق، كۈچلەندۈردى، شەرىئەت تەلەپ قىلماقتا يوق، تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

2015-يىلى پايىتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى، مىرسۇلتان ئوسمانۇپ ئاكىمىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى قۇتلۇقلاندى. بىرى تىلشۇناس، يەنە بىرى ئەدىپ بولغان بۇ بۇ ئىككى ئۇستازنى تۈرك ئالىملىرى زامانىمىزنىڭ يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىسىگە قىياسلاپ مۇبارەكلىدى. يىغىندا تۇققان تۈركلەر ئىدارىسىدىن كەلگەن بىر رەھبەر بۇ ئىككى ئالىمىمىزغا يۇقۇرى باھالارنى بەرگەندىن كېيىن «بىز تۈركلەر پەرقلىق رايۇنلاردا ياشىساقمۇ، پەرقلىق تەلەپپۇزلاردا سۆزلەشسەكمۇ، پەرقلىق دىنلارغا ئىتىقاد قىلساقمۇ بۇ پەرقلەر بىرلىكىمىزنى چېچىۋېتەلمىدى، يىلتىزىمىزنى يېرىۋېتەلمىدى، كۈچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى. ئايرىملىقلار بىزنى پۈتۈنلۈكنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇردى، چەكلىك تىرەنلىكلەر جۇغلىنىپ بىزنى چەكسىز كەڭلىكلەرگە ساھىپ قىلدى، پەرقلىق رەڭلەر مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتتى، پەرقلىق ئامىللار بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى. ھازىر تۈركلەرنىڭ كۆپى مۇسۇلمان، ئەمما بىزدە خىرىستىيانمۇ بار، يەھۇدىمۇ بار، بۇددىستمۇ بار، شامانىستمۇ بار. دۇنيادا ئەڭ چوڭ دىنلارنىڭ ھەمىسىدە بىز بار، ھىچ بىرى بىزگە يات ئەمەس، جاھاندىكى پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆز تەركىپلىرىمىز بار. بىز تۈركلەر مۇشۇنداق پەرقلىقلەرگە ساھىپ بولغىنىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك، تۈركلەرنىڭ كېلەچىكى دۇنياغا مۇشۇنداق پەرقلىق كۆزنەكلەردىن باقالىغانلىقى  ئۈچۈن پارلاق، تۈرك مەدەنىيىتى مۇشۇنداق پەرقلىق رەڭلىرى بىلەن جەلپكار» دىدى. يىغىن ئاياقلاشقىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ئەكىس ساداسىدا ياشاۋاتىمەن. يېقىندا ۋاپات بولغان مەرھۇم بوكس چولپىنى مۇھەممەت ئەلىنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى كۆرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىنسانلاردىكى پەرقنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قوغدىلىشىنىڭ ئىنسانىيەتتىكى بىرلىكنىڭ كۈچلىنىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بەزىدە مۇشۇ بايانلاردىكى تۈركلەر ۋە ئىنسانلار دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار دېگەننى ئالماشتۇرۇپ باقساق…دەپ ئويلايمەن-يۇ چۆچۈپ كېتىمەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top