تاغام ھاجى ئەمەت
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
سۆزلىمەكچى بولغىنىم تاغام ھاجى ئەمەتنىڭ ھىكايىسى، چېچەنىيە ئەركىنلىك كۆرىشىنىڭ قەھرىمانى ھاجى مۇراتنىڭ ئەمەس. تاغامنىڭ ئىسمىدىلا ئەمەس جىسمىدىمۇ ھاجى مۇراتتەك روھ بولغان، پەقەت ئۇ تولىستويلارنىڭ قەلىمىگە نائىل بولالمىغان خالاس. ئۇ ھاجى مۇراتتەك ئەركىنلىك جەڭچىسى ئەمەس، مىللىي قەھرىمان تېخىمۇ ئەمەس، پەقەت ئېسىمگە دائىم كېلىدىغان مىھرىبان، تىرىشچان، خىيالچان، مەسئۇلىيەتچان بىر ئادەم. ئانامنىڭ ئەڭ خۇشال چاغلىرى مۇشۇ ئاكىسىنىڭ بىزگە مىھمان بولۇپ كەلگەن ۋاقىتلىرى بولغاچقا ئۇنى ھەممىمىز دائىم كەلسىكەن دەيتتۇق. ئەمما بۇ تاغام شۇ ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قەشقەردىن بىر قانچە كۈن يىراقتىكى كورلىدا ياشايتتى.
مەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ھەيران ئىدىم. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى، كىيىنىشى، مۇئامىلىسى ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇ رادىيودىكىدەك ئۆلچەملىك سۆزلەيتتى، پاكىزە، رەتلىك كىيىنەتتى ۋە دائىم روھلۇق كۆرۈنەتتى. بىلىملىك، مۇلايىم، مىھرىبان بولۇپ ھەممە ئادەم بىلەن تۇغقاندەك مۇڭدىشاتتى. ئۇ بار سورۇندا ھەممەيلەن دەرسخانىدا ئولتۇرغاندەك جىمىپ كېتەتتى. ئۆزى ئورمانچىلىق ئىنجىنىرى بولغاچقا دىھقان تۇغقانلارغا توختىماي يول كۆرسىتەتتى، بىزدىن ئۇيغۇر تارىخىغا، فىزىكىغا، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە دائىر تۈرلۈك سۇئاللارنى سورايتتى ۋە جاۋاپ بېرەلمىسەك يېنىمىزدا ئولتۇرۇپ يىپىدىن يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. ئەمما تۇققانلاردىن بەزىلىرى تاغام كەتكەندە نارازى بولۇشاتتى. چۈنكى ئۇ تەنقىدچى ئىدى. ئوپاللىقلارنىڭ كۆكتات تېرىمايدىغانلىقىدىن تارتىپ سودا قىلماسلىقلىرىغىچە، يۇرتتىن چىقمايدىغانلىقلىرىدىن تارتىپ مەسجىد سالماسلىقلىرىغىچە ئاغرىناتتى. ئۇ ئاتمىش، يەتمىشىنجى يىللاردىكى قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا باشقا يۇرتلاردىن بارغان خېلى ئۇيغۇرنى باغراشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەمما ئۆز تۇغقانلىرىدىن بىرىنىمۇ يېنىغا تارتالمىغانلىقىدىن ئاغرىناتتى. تاغام تاكى ۋاپات بولغىچە دىھقان تۇققانلىرىمىزنى بىر ئىككىدىن پات پات يېنىغا تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ باقتى، ئەمما ھەممىسى قايتىپ كېلىشتى. ئۇ دائىم «ئادەم تېرىسا ئۈنىدىغان توپراقلار ئىدى، بىز بارماي، خەق كېلىپ يەپ كەتتى-دە تولدۇرىۋەتتى!» دەپ ئۇھسىناتتى.
تاغام ھەر قېتىم ئوپالغا كەلسە ھەمىشە مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغان تۇققانلىرىمىز يوقلاپ كېلەتتى. ھال ئەھۋال سورالغاندا بالىلىرى ھەققىدە « چوڭ ئوغلۇمغا پەيغەمبەرىمىزنىڭ ئىسىمىنى قويدۇم. ئىككىنچىسىگە مىللىي ئازادلىق رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىسىمىنى قويدۇم. يەنە بىر ئوغلۇمغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەۋرىسىنىڭ ئىسمىنى قويدۇم. قىزلىرىمنىڭ چوڭىنى ئەركىنلىك جەڭچىسى، قەھرىمان رىزۋانگۈلنىڭ روھىغا ۋارىس بولسۇن دېدىم، كېيىنكىسى تۇغۇلغاندا ئىستىقبالىمىز قاراڭغۇ، كۈنىمىز نامرات ئىدى، ئاللاھتىن مىللىتىمىزنى نۇرلاندۇرسۇن ۋە قەلبلىرىمىزنى ئىمانغا باي قىلسۇن دەپ تىلەپ نۇرىمانگۈل قويدۇم، ئەڭ كىچىكىگە بەختىمىز ھامان ئېچىلار دېگەن ئارماندا دىيارىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆسۈپ چېچەكلەيدىغان رەيھاننىڭ ئىسمىنى قويدۇم…نەۋرەمنىڭ ئىسىمىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ ھەي…تارىخ ئوقۇمايىسلەردە! كىتاپ ئوقۇمايسىلەر. بۇ دېگەن ئاقسۇدا 1945-يىلى لوتۇپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىللە قەتلى قىلىنغان، ئوت يۈرەك مائارىپچى، پىداكار ئىنقىلاپچى مۇنىردىن خوجىنىڭ ئىسىمى ئەمەسمۇ! » دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي پەرزەنتلىرىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بېرەتتى. مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاندا بولغان بىر تويدا «مېنىڭ ئوغلۇم گومىداڭنىڭ پايتەختى نەنجىڭدا ئوقۇيدۇ، بۇ سىڭلىمنىڭ ئوغلى كومپارتىيەنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئوقۇيدۇ» دەپ، بىزدىن خۇددى بۇ ئىككى شەھەرنى بويسۇندۇرغاندەك پەخىرلەنگەن ئىكەن.
تاغام تۈگەپ كەتكەندە ئۈرۈمچىدە ئىدىم. باغراشقا چۈشۈپ ئاچىلىرىم يىغلاپ ئالدىمغا كەلمىگىچە ئىشىنەلمىدىم. تاغام دائىم ئولتۇرىدىغان ساپاغا ئۆزۈمنى تاشلاپ كىتابلىرىنى ۋاراقلىدىم. شۇ چاغلاردا ئەڭ ياخشى چىقىدىغان «بۇلاق»، «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تارىم» قاتارلىق ژورناللارنى، «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى»، «چالا تەگكەن ئوقۇ»، «ئىز»، «قاينام ئۆركىشى»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «چالىقۇشى» قاتارلىق رومانلارنى رەت رېتى بىلەن تىزىپ ساقلىغانىكەن. «بۇلاق» تىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى ۋە قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان بەتلەرنىڭ تولا ئوقۇلغان، تۇتۇلغان ۋە قاتلانغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
كىتابلارنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ ئۆپكەم ئۆرۈلدى، رەھمەتلىك ئالدىنقى قېتىم كەلگىنىمدە ئۇنىمىغىنىمغا قويماي پۇتۇمنى يۇيۇپ قويغانىدى. ئارىمىزدىن يۇقۇرى نومۇر بىلەن تۇنجى بولۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن نەۋرە ئاكامغىمۇ شۇنداق قىلغان ئىكەن. بۇ ئەسلى تاغامنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئۆتكىنىمنى تەبرىكلىگىنى ئىكەندۇق. ئۇنىڭ «بالام مۇشۇ ئاياقلىرىڭ بەردەم بولسۇن، بۇ يول ئۇزاق، خەتەرلىك، تىكەنلىك يول. ھىچ بىرباشقا چىقىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ بەزىدە. مەن بۇ يولنى تاللىمىغان بولسام سوۋېتكە ئوقۇشقا چىقىراتتى، ساۋاقداش ئوقۇغانلاردىن رەئىس بولغانلار چىقتى. پالايمىز دېيىشكەنتى، جەنۇپقا، ئانامنىڭ قېشىغا كېتەي دېدىم، جەنۇپ دېسەم كورلىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان تۈزۈك ئادەم يوق مۇشۇ ناھىيەسىگە بۆلۈپ قويۇپتۇ. چىدىدىم، قەۋمىمىزگە مەنسۇپ ھەر غېرىچ توپراقتا قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قېنى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزى بار دەپ تۇرۇپ بەرداشلىق بەردىم. يېقىنلار بىلەن سىرداشتىم، ھەر قايسى يۇرتلاردىكى كۆرەش قىلىش، قالپاق كەيگۈزۈشلەردىن ۋە ئاچارچىلىقتىن قېچىپ چىققانلارنى ئاسمىنى كەڭ بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇدۇق. ئارىدا جازالاشتى، كېسەك قۇيدۇم، تاش توشۇدۇم، قىلمىغاننى قىلدىم، يىمىگەننى يىدىم، ئەمما يېلىنمىدىم، يانمىدىم، پۇشمان قىلمىدىم. بىز ئۈرۈمچىدە ئۇستازلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئەمما قۇللۇقنى، چىدىماسلىقنى، يانغاقلىقنى ئۆگەنمىگەن. قارا، دىندىمۇ پەندىمۇ ئوقۇغان ئاكام ئەيسا ئەمەت توۋا قىلغان بولسا، ئېچىلىپ سايراشتا دېگەن ھەق سۆزلىرىدىن «پۇشمان قىلدىم» دەپ يانغان بولسا يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق نازارەتتە ياشىمايتتى…ھەييي بۇلارنى ساڭا دەپ نېمە قىلاي…قاران مانا ئەمدى كېيىن قالدۇق، بىلىسەن ھەممىدە ئارقىدا قالدۇق، تۆمۈرچىمىز زاۋۇت قۇرالمىدى، ياغاچچىمىز شىركەت. ئەمدى ئۆگىنىپ، ئوقۇپ، ئىلىم بىلەن، ئەقىل ۋە پىلان بىلەن ئىش قىلمىساق بولمىدى.» دېگەنلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ بۇلارنى دەۋاتقاندا ئۇھسىنىپ قوياتتى، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىمىغانىدى. شۇڭا بەزىدە ماڭا دەۋاتقاندەك، بەزىدە ئۆزىگە دەۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى.
تاغام ئوتتۇرا مەكتەپكىچە قەشقەردە ئوقۇغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بىر كېچىدىلا قېچىپ كەتكەنىكەن. سەۋەبى ئۇ چاغدا چوڭ تاغام ئەيسا ئەمەت باشقا بىر مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئىككىنجى تاغام روزى ئەمەت نەچچە يۈز پارچە يەر، نەچچە قوتان قوي كالىنى يۇغۇشتۇرۇپ بولالماي ئىنىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇشىغا قوشۇلمىغانىكەن. ئۇ تۇل ئانىسىنىڭ يىغىسى ۋە تۈزۈك ئوقۇمىغان ئاق كۆڭۈل ئاكىسىنىڭ نەسىھەتلىرىگە يۈز كېلەلمەي كۆرۈنىشتە بارمايدىغان بوپتۇ. ئەمما قەشقەرگە يوشۇرۇن بېرىپ ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ تەييار بوپتۇ. بىر قانچە ھەپتىگىچە كۈندۈزى ئىشلەپ كېچىسى تىنىمسز سۇ تۇتۇپتۇ. شۇ يىلى شال تېرىلغانىكەن، ئانىسىغا خامانلارنى ئېلىپ گۈرۈچلەرنى كاتلارغا قاچىلاپ بېرىپتۇ. بىر كۈنى ئاخشىمى سۇ تۇتقىنى چىقىپ قايتىپتۇ. سەھەردە رەھمەتلىك چوڭ ئانام قارىسا قوپماي ياتىمىش. كېچىسى سۇ تۇتقاندىكىن دەپ ئويغاتمىسا بىر ۋاقىتقىچە مىدىرلىمايمىش. ئاش ۋاقتى بولغاندا يوتقاننى قايرىسا كەتمەننى جۇۋىسىغا يۆگەپ ئورنىدا ئۇخلىغان ئادەمنى پەيدا قىلىپ قويۇپ قاچقان گەپ.
تاغامنىڭ نەزىرىسىگە باغراشنىڭ ئىچى سىرتىدىن، قارا شەھەر، كورلا، خۇتۇنسۇمۇل ۋە خوشۇتتىن نۇرغۇن جامائەت كەلدى. بايىنبۇلاقتىن كەلگەن بىر ئوپاللىق كىشى تاغامنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزىنى ۋە تۇغقانلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى قانداق ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ تۆكۈلۈپ كەتتى. ئارىدا يەنە بىرەيلەن تاغامنىڭ باغراش ناھىيە ئىچىدىكى كىشىلەرنى تەشكىللەپ مەسجىدنى قانداق سالغانلىقىنى، ياغاچ توشۇتىۋېتىپ پۇتىنى قانداق سۇندۇرىۋالغانلىقىنى دەپ كۆز يېشى قىلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ تاغام سالدۇرغان مەسجىدكە قارىدىم، بىرەيلەن «رەھمەتلىك مۇشۇ مەسجىدنىڭ قۇببىسىدىكى ئاينى سىڭايان ئورنىتىلىپ قاپتۇ دەپ، ھەر كەلگەندە ھەسرەت چېكەتتى…» دېدى ئاۋازى بوغۇلۇپ. ئاينىڭ سىڭايانلىقى بىلىنگىدەك ئەمەس ئىدى. لېكىن ھەممە ئىشنى مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدىغان تاغامنىڭ كۆڭلى ئاشۇ بىلىنەر بىلىنمەس ئىۋەننىمۇ سىغدۇرالمىغان ئىدى.
تاغام ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئانامنى يېنىغا چاقىرىۋاپتۇ ۋە توختىماي ئوپالنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ چىقىپتۇ. ئانام «ئاكا، سىلىنى ئوپالغا ئېلىپ كېتەيمۇ. ئانامنىڭ، ئاكىلىرىمىزنىڭ قېشىدا ياتسلا» دەپ غەيرەتلىنىپ ئەمدى داۋامىنى دەي دەۋاتسا، تاغامنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ بېشىنى چايقاپتۇ. خېلى ئۇزۇن جىمىپ كەتكەندىن كېيىن «تۇخان، مېنى قىينىماڭ، مېنىڭ كەتكۈم يوقمۇ، مېنىڭ يولۇمغا تەلمۈرۈپ يىغلاپ، ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئىشىكتىن كۆز ئۈزمەي- جان ئۈزگەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتقۇم يوقمۇ؟! ئەينى چاغدا بۇ يەرگە پالانغان دوستلىرىم يۇرتلىرىمىزغا كېتەيلى دېسە، ئەجدادتلىرىمىزنىڭ ئايىغى تەگكەن يۇرت، ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ قەدىمكى باغراش قەبىلىسىنىڭ ئىزى بار ماكان بۇ دەپ ئۇلارنى كەتكۈزمىگەن. ئەمدى مەن بىلەن ئاشۇ غايەمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەردە قەھرىتان سوغۇقنى، تومۇز ئىسسىقنى بىللە ئۆتكۈزگەنلەرنى، ئاق نىيەت باغراشلىقلارنى تاشلاپ كەتسەم ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا قانداق يۈز كېلىمەن» دەپ ئۇنىمىغانىكەن. رەھمەتلىك كۆز يۇمۇشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن توختىماي «سۇ، ماڭا سۇ بېرىڭلار، ئوپالدىكى ئۆستەڭنىڭ سۈيىدىن،» دەپتۇ ۋە «ئوپالنىڭ سۇيى» دېگىنىچە جان ئۈزۈپتۇ. ئانامنىڭ بۇ گەپلەرنى ماڭا قانچە قېتىم دەپ بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ھەر قېتىم بۇ ھىكايىگە قۇلاق سېلىۋېتىپ تاغامنىڭ پۇتلۇرۇمنى سىلاپ تۇرۇپ «يانمىدىن، پۇشمان قىلمىدىم» دېگەنلىرىنى ئەسلەيمەن. ئەجەل ئالدىدىمۇ ئۇنىڭ ئۆكۈنمىگەن بولۇشى ناتايىن، بەلكىم بىزگە قايتماس، چېكىنمەس بىر روھنى مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇر.