You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » داھىلار توغرىسىدا

داھىلار توغرىسىدا

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

داھىلار ھۇنلارغا يول كۆرسىتىشى لازىم، ھۇنلارنىڭ ئۇمۇتسىزلىنىپ قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك -ھۇن تەڭرىقۇتى ئاتىللاخان

ﺩﺍﮬﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ئوتتۇرىغا ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ(ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ.) ئەزالىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە بەلگىلىك بىر پائالىيەت شەكلىگە سەۋەپ بولۇش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان بىر سىياسى ئۇقۇمدۇر.

داھى بولسا ئۆزى ئائىت بولغان شۇ گۇرۇپپا ياكى شۇ قەۋىم(ئامما، خەلق)نىڭ باشقا ئەزالىرىدىن روشەن بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ۋە بۇ گۇرۇپپا پائالىيەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تەسىر قىلدۇرالايدىغان ئالاھىدە تالانتقا ئىگە بىر شەخىس.

بۇ داھىيلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شەخىس باشقا گۇرۇپپا ئەزالىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاۋانگارتلىق رول ئوينايدىغان، تېخىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، بۇ گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە ياكى ئۆزى ئائىت بولغان قەۋىم ئۇستىدىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىشقا ماھىر بولغان بىر شەخىستۇر.

داھىيلار بولسا گۇرۇپپا ياكى پۈتۈن ئاممىغا تەسىر قىلالايدۇ. ئۇلار ئەقىللىق، بىلىملىك، ئادالەتلىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئېغىر-بېسىق، جەسۇر، مەرت، مۇلايىم مىجەزلىك، ۋاپادار، توغرا سۆزلۈك، شەپقەتلىك كېلىدۇ. ئۇلار ئۆز دوستلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى (مۇناپىقلىقتىن باشقا) كەچۈرەلەيدۇ، شۆھرەت پەرەسلىك قىلماسلىقتەك بىر قاتار ئېسىل ئالىجاناپ خېسلەتلەرگە ئىگە بولىدۇ.

دۇنيادا بىر پۈتۈن مۇكەممەل ئىنسان بولمايدۇ، خاتاسىز پەقەت ئاللاغا خاس سۈپەتتۇر. ئەمما داھىيدا يۇقىردا ساناپ ئۆتكەن سۈپەتلەر ئاساسەن تولۇق بولغاندىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىيالايدۇ ۋە ئۆز قەۋىمىنى كۆزلىگەن مەقسەت ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىدۇ.

داھى بولغان شەخىس ئۆز خەلقىنى تولۇق چۈشەنگەن كېشىدۇر.
جەنۇبى ئافرىقا خەلقىنىڭ داھىيسى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى نېلسون ماندەلا ئۆزىنىڭ „ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن:» داھى دېگەن ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان خەلقىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىنى تولۇق چۈشەنگەن كېشىدۇر»

داھى بولغان كىشى ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، كۈلتۇرىنى، قىممەت قارىشىنى، سىياسى –پەلسەپىسىنى ۋە شۇ دەۋرىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان بولۇشى لازىم. مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆز خەلقىنى توغرا يولغا يېتەكلەش بىلەن بىرگە ئۆز خەلقى ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پارلاق ئىدىيىسى ئارقىلىق قاراڭغۇلۇقتا قالغان ئۆز قوۋمىنىڭ ئىچىگە نۇرلۇق چىراق ياقىدۇ.

داھى ئۆز ئىدىيىسى ياكى ئۆزى تەۋە بولغان گۇرۇپپىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت ۋە ياكى كۈرەش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئىدىيە بىلەن پائالىيەت (كۈرەش) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىكى ئويلىغان ئويلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تەبئىي ھادىسدۇر.
داھى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولغاندىلا شۇ ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسىدىكى پائالىيەت ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشانغا تولۇق يەتكىنى بولىدۇ.

ئەگەر داھىينىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى سىياسەت قىلىش بولسا ئۇ ھالدا ئىدىيە بىلەن سىياسى پائالىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ زۆرۇرلىگى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئىدىيە بىلەن سىياسى پائالىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتى ئاخىردا سىياسەت بىلەن شۇ مىللەتنىڭ پەلسەپەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماي تۇرالمايمەن. چۈنكى داھى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ئەلۋەتتە شۇ خەلق-ئاممىسى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇدۇ، ئېلىپ بىرىۋاتقان سىياسى پائالىيەتنىڭ كەڭ دائىرلىك بولۇشى ۋە ئورتاق ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغان خەلق-ئاممىسىنىڭ قابىلىيەت دائىرىسى ئىچىدە بولۇدۇ ھەمدە شۇ خەلق-ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلىش سەۋەبى بىلەن ئېلىپ بېرىلغاچقا شۇ خەلقنىڭ ياكى مىللەتنىڭ سىياسى-پەلسەپەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

سىياسەت بولسا ئىنساننىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن سىياسەت بىلەن شۇ مىللەتنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولىدۇ. چۈنكى سىياسەت شۇ مىللەتنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن رول ئوينايدىغان بىر سىياسەت بولۇشى ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ ئەخلاق-پەلسەپىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. سىياسەت ئىككى ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ پۈتۈن جەمئىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈدىغانلىقى ئۈچۈن سىياسەت يەنىلا پەلسەپە دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ. بۇ مەنىدىن داھى شۇ مىللەت ياكى خەلقنىڭ ئەخلاقىغا ئۈلگە بولىدىغان بىر شەخىستۇر.

داھى يەنە بەزىدە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۇستىگە ئالغان، ئۆزىدە تەبئىي بىر ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن، خەلقنىڭ ئېغىر بوھران ئىچىدە قالغان ۋاقىتلاردا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان، ئۆز خەلقىنى ماددى ۋە مەنىۋى بوھراندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئىنساندۇر.

داھىيلار بولسا ئۆزىنىڭ قوماندانلىق قىلىش ئالاھىدىلىگى ۋە شەخسى ئابرويىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى باشقۇرىدۇ ياكى باشقا مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ. داھى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش، تېزگىنلەش، باشقۇرۇش، ئاممىنىڭ كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. داھى ھەرگىز ئۆز خەلقىگە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانمايدۇ بەلكى يەنە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە تايىنىدۇ ۋە ئادالەتلىك بولىدۇ. بۇ توغرۇلۇق ھىندى خەلقىنىڭ داھىيسى ماھاتما گاندھى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ھەقسىزلىككە بېقىنىپ، پۈتۈن ئىنسانلارنى ئارقامغا ئەگەشتۈرگەندىن، ھەق-ئادالەت يولىدا مېڭىپ يالغۇز قالغىنىم ياخشىراق!»
يەنە ئۇ مۇنداق دېگەن:»ئادالەتسىز رېجىمنى ئادالەت بىلەن ئۆرۈۋىتەيلى. ئالقىشلىغان خەلقنىڭ ئالدىغا قانغا ھېچ بويالمىغان ئىككى قولىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقايلى!»

داھى ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ، ﺋﺎﺩﺍﻟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ-ﺋﺎﻻ ﻛﯚﺭﯗﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﮕﻰ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﮕﻰ، ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻏﻰ، ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺠﯘﺗﻠﯘﻏﯩﻨﻰ، ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍ خان ، ﭼﯩﻦگىز خان، ماھاتما گاندھى، مۇستاپا كامال، نېلسون ماندەلا ، ئەخمەتجان قاسىمى .

بەزىدە مىللەتلەر ئۆز نىزامىنى يوقاتقان ۋاقىتلاردا داھىيلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تۇپ ماھىيەتتىن ھېس قىلىدۇ. تەرەپ-تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن، گاڭگىراپ ئۆز يولىنى تاپالمىغان بىر قەۋىم ئۆز داھىيلىرىنىڭ باشلىغان يولىدا مېڭىشقا رازى بولىدۇ. بۇنداق چاغدا داھى ئۆز قوۋمنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىمتىيازغا ئىگە تولۇق ھوقۇقلۇق شەخىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسىرلەردىن بىرى مەيدانغا كەلگەن مودېل ياكى سېستىمدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر سوتسىئال ھادىسدۇر. ھېچبىر قەۋىم ياكى بىر سېستىم ئۆز داھىيىسىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ، ئىدىيەلىرىگە قارشى قوللانغان تەدبىرلىرىنى ئالدىن ئالا پەرەز قىلىپ يېتەلمەيدۇ، بۇنى داھى بولغان شەخىس ئۆزى قارار قىلىپ بېكىتىدۇ. شۇڭا داھىيلار بىلەن رەھبەرلەر(سايلام ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان رەئىسلەر ۋە باشقىلار) ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ئىجتىمائىي ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺭﻩﺧﭙﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﯘﻗﻮﻗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﮬﻰ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ئىجتىمائىي ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﺘﯘﺭ. ﺩﺍﮬﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﯕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﯩﺲ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﮔﯘﺭﯗﭘﯩﺴﻰ(ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ..) ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯘﺳﺘﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺭﻩﺧﭙﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﯘﻗﻮﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻭﻟﻒ ﮬﯩﺘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ.
ﺋﺎﺩﻭﻟﻒ ﮬﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ كىشى ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﺘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯚﻳﺪﯗﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﭘﻪﻟﻪﻱ ﻛﯧﻴﯩﭗ ﺩﯨﻜﺘﺎﺗﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻛﻪﭼﯘﺭﮔﯘﺳﯩﺰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﯩﺴﺎﻕ ﺧﯧﻠﻪ ﺑﺎﺭ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﺎﻣﺎ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﻣﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ-ﺗﯧﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﮬﯘﻗﻮﻕ ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭ-ﺧﯩﻞ ﯞﺍﺳﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﺩﺍﮬﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺩﺍﮬﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ئوتتۇرىغا ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﯨﻤﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺩﺍﮬﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﮬﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻣﭙﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﺭﻩﺯﺩﻩ ﻗﻪﺕ´ﺋﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﭙﺎﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﯨﻤﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﻴﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ.

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، گۇرۇپپىنىڭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯧﻨﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﮔﯘﺭﯗﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﻗﻮﻕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻻ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻥ. ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺷﻪﺭﺳﯩﺰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ئوتتۇرىغا ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻧﺎﺗﯩﺨﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﻪﻧﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﻘﺎﻥ.

ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﻧﯘﺗﯘﻗﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﺳﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﻛﺮﺍﺗﻪﺱ(ﻣﯩﻼﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ 469- 399) ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ: „ ﻧﺎﺗﯩﺨﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ. ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯘﻧﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﺯﻣﯘ-ﻳﯘﺯ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺘﯘﺭ. ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﻐﯩﺰﺩﺍ، ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯘﺷﯩﺴﯩﺰ.»

ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﯨﻤﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ داھىيلىق ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﯩﺴﺎ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﻪﻥ-ﻣﻪﻧﭽﻰ، ﻣﺎﻧﺪﻯ ﻣﻪﻣﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺩﺍﮬﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻻﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺧﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ، ﺯﻭﺭ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﻮﮬﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﺪﻩ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﮬﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﭘﺎﺩﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﭖ-ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻧﯩﻜﻜﻮﻻ ﻣﺎﭼﯩﺌﺎﯞﻩﻟﻠﻰ ﻣﯘﻣﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ: „ ﺑﯧﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻤﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻣﯘﺩ ﻳﻮﻕ !»

ﺩﺍﮬﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯘﻧﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯗﺭﯗﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻐﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﯞﻟﻪﺷﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﮬﯩﺴﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﺎﺥ ﯞﻩﺑﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: „ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ؛ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﮬﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ ﺩﺍﮬﻰ ﮬﺎﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﻣﯘﺗﺴﯩﺰﻟﻪﯕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﻩﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮔﺎﻟﯟﺍﯓ ﯞﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﻪﺕ´ﺋﻰ ﺋﯩﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ „ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ» ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ»

ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺩﺍﮬﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺯ ﮬﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻣﯘﺩ ﺑﻪﺧﯩﺶ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ :» ﺋﯘﻣﯘﺩ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗﺭ» ﺩﯨﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻣﯘﺩﺳﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﮬﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻣﯘﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ بېرىشى ﻻﺯﯨﻢ.

ﺩﺍﮬﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﮕﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. داھىيلىق ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻪﺭﮔﯘﭼﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﺋﯩﻴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯘﻧﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﮬﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.

ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻼ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﯘﻳﻘﻪﺳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ، ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ، ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺋﻪﺧﻼﻕ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﮕﻪ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﯗﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻣﻤﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻣﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯦﻠﻮﮔﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ، ﺋﯩﻤﺎﻥ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺮﻓﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻤﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﻮﮬﺮﺍﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﺌﯩﯔ ﻗﯘﺗﯘﺷﻠﯘﺵ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﯞﯗﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻛﺴﻪﻟﺪﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮﻯ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻐﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﭖ ﻣﻪﻧﻪﯞﯨﻴﻪﺕ، ﺋﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻐﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﻐﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺳﺎﭖ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﻪﯞﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﺷﻘﺎ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺭﻭﮬﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﻪﺧﻤﯩﻴﻪﺕ بېرىشى ﻻﺯﯨﻢ.

ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯘﻻﺭﺩﯗﺭ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﺎﻥ، ﺋﯩﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺳﺎﭖ ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻥ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ تىنچلىق ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯨﮕﻪ ﻛﯧﺮﮔﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﻳﻪﺭ ﭘﯩﺘﻨﻪ-ﭘﺎﺳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻳﯩﺘﯩﺪﻩ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﯞﻩ „ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ» ﻗﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯘ „ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ „ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ýﺋﻪﯕﻰ ﺑﯩﺮ „ﻗﯘﻳﺎﺵ»ﻧﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﯞﺍﻟﻼﻛﻪ ﺳﺘﻪﯞﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ „ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼ ﮬﻪﺭ ﻳﯧﺮﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯘﺭ» ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻣﯘﺩ. „ﺑﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﺪﯗﺭ، ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ» ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻕ.

«ئىغار پىكىرلىك كېشىلەر قۇياشنى سۆيەر, نادانلار سايىنى.» – بەرنارد شاۋ

10.06.2016،  گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top