«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» ناملىق روماندىن تۇغۇلغان ھېسلار

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)
يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋ (1928.12.12 – 2008.6.10) قىرغىز خەلقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، داڭلىق ژۇرنالىس ، تەرجىمان ۋە مەشھۇر سىياسەتچىسى ئىدى. چىڭغىز ئايتماتوۋ يالغۇز قىرغىز خەلقىنىڭلا ئەمەس بەلكى ئۇ پۈتۈن تۈرك، جۈملىدىن دۇنيا خەلقىنىڭ داڭلىق ئەدەبىياتچىسىدۇر.
تۈرك تىلىدىكى تەرجىمىسى “گۈن ئولۇر ئاسرا بەدەل” ، ئۇيغۇرچە “ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن” ناملىق رومان ،چىڭىز ئايتماتوۋنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە پارچە-پارچە ۋەقەلىكلەر، مەسەللەر ۋە ئەفسانىلارنى، ئاجايىپ ساپ ئاشىق ھېكايىلىرىنى، ماھىرلىق بىلەن بىر-بىرىگە باغلاپ، يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت ۋە مۇختەشەم بىر ئەدەبىي تەپەككۇرنىڭ كۈچى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز ئۈستىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدىغان تراگىدىيەلىك ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاپتور ئۇمۇتسىز بىر جان تالىسىھ ئەمەس، بەلكى قۇللۇق ئىدىيەگە قارشى بىر مەيدان جەڭ ئىلان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : “ ئەركىن ياشاپ كۆنگەن ئىنسانلار، قۇل بولۇپ ياشاشقا كۆنەلمەيدۇ!”
روماننىڭ باش قەھرىمانى يەدىگەي جان گەلدىن بولسا ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتقاندىن كېيىن، كازاق يېزىلىرىدىكى بىر كىچىك پويىز ئىستانسىدا ئىشلەشكە باشلايدۇ.
بۇ يەردە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى، شۇنىڭدەك ئۇزاق ئۆتمۇشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋەقەلەر، ھەقىقەتەن بىر سىياسى تۈزۈمنىڭ گۈمۈرلەپ ئۆرۇلىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتىنى بىرىدۇ. ئايتماتوۋ قىچىپ قۇتۇلغۇنى بولمايدىغان بۇ يېمىرلىشنى، ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق تېزلاندۇرغان ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى يەدىگەي بولسا پىنسىيەگە چىققان، ئۇزۇن يىللار بىرگە ئىشلىگەن سەپدىشى قازان گاپنىڭ ۋاپات بولغانلىغىدىن قاتتىق قايغۇرىدۇ ۋە قازان گاپنىڭ جىنازىسىنى قازاقلارنىڭ نايمان قەبىلىسىنىڭ قەبرىستانلىغىغا قويۇش مەخسىتىدە يولغا چىقىدۇ . مانا مۇشۇ سەپەردە ئۆزى ۋە مىللىتىنىڭ ئۆتمۇشىنى، ئاچچىق-تاتلىق ئويلارغا سالىدىغان ۋەقەلەرنى، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ، بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىغا كەلتۇرىدۇ. مانا مۇشۇ كۈن “ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن” بولىدۇ .
يەدىگەي ئۆز يېققىنى قازان گاپنىڭ جىنازىسىنى ئۆز يىرىدىن 30 كم يىراق بولغان نايمانلار قەۋرىستانلىغىغا قويۇشنى قارار قىلغاندا. ۋاپات بولغۇچى قازان گاپنىڭ ئۆز ئوغلى سابىتجان شەھەردىن سان-ئۆزەك پويۇز ئىستانسىغا كىلىدۇ. ئۇ ھۇددى دادىسىنىڭ ئۆلۇم جىنازىسىگە ئەمەس بەلكى دادىسىنى، دەرھال ئۇدۇل كەلگەن بىر ئازگالغا كۆمىۋېتىپلا، بۇ ئىشتىن دەرھال قۇتۇلۇش ۋە بۇ يەردىن دەرھال كىتىشنى ئويلىغاندەك سۆز –ھەركەتتە بولىدۇ.
يەدىگەينىڭ پىلانىغا قارشى چىقىپ: “ نىمە ئۈچۈن ئۇ شۇنچە ئۇزاق يەردىكى ئانا بەيىت مازارلىغىغا بارىمىز؟ مۇشۇ سان ئۆزەك بېكىتىدە بىر ئۆلۇكنى كۆمگىدەك يەرمۇ يوقمۇ؟ بىكەتتىكى تۆمۇر يولنىڭ بويىدىكى بىر دۆڭلۇككە كۆمۇۋەتسەكلا بولمىدىمۇ. مۇشۇنداق بولغاندا بۇ قىرى، بىر ئۆمۇر ئىشلىگەن بۇ يەردە، پويىزلارنىڭ تاراقلىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، ھۇزۇرلىنىپ ياتمامدۇ. ئىنسان ئۆلىدۇ، دەرھال كۆمىلىدىغۇ” دەيدۇ ۋە نىمە ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغانلىغىنى، كۆمۇلىدىغان يەرنىڭ، مۇھىملىغىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بارلىغىنى ۋە دەرھال كىتىشىنىڭ لازىملىغىنى ئىزھارلايدۇ.
بۇ شەھەردىن كەلگەن بالا ئۈچۈن، ئۆمۇربويى ئۆزىنى چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، كېچە-كۈندۇز ماشۇ بورانلىق پويىز ئىستانىسدا ئىشلىگەن دادىسىنىڭ ئۆلۇمىنىڭ ھىچقانداق بىر ئەھمىيىتى يوقتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن نايمانلار مازارلىغىنىڭمۇ ھېچقانداق بىر ئەھمىيىتى يوقتى. دەرھال ئىشنى پۈتتۇرۇپ، بۇ ئىشتىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتى. مانا مۇشۇ ئىشلارنى كۆرۇپ تۇرغان يەدىگەي ئۆز ئىچىدە بۇنداق ئويلايتى:
نىمە ھاللارغا كىلىپ قالدى بۇ نەسىل؟ پۈتۈن نەرسىلەر ئەتىۋارلىق، ئەمما ئۆلۇملا ئۇنداق ئەمەسما؟ ئەگەر ئۆلۇمنىڭ يېڭى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئەھمىيىتى بولمىسا، ياشاشنىڭمۇ شۇنداق ئەھمىيىتى يوقتۇر، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلار نىمە ئۈچۈن ۋە قانداق ياشايدۇ؟“.
يەدىگەي مىيىتنى يۇيۇپ-تاراپ، يەرلىككە تەييارلىق قىلىپ، ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا نايمانلار قەبرىستانلىغىغا يولغا چېقىش ئۈچۈن جىددىلىشىۋاتسا، مىيىتنىڭ ئوغلى سابىتجان ئاددىي بىر دۇئا قىلىپ، مۇسىبەت ئىچىدە ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بىر خوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ، ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوقتەك، بەھوزۇر سورۇن قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇنى كۆرگەن يەدىگەي قاتتىق ئەپسۇسلانغان ھالدا«ئاتمىش يىللىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ باشقۇرىشىدا قىلىپ، بۇ يېڭى ئەۋلاتلار دۇئا قىلىشنىڭ ئورنىغا ھاراق ئىچىشنى ئۈگەندى، ئاللاھنىڭ بارلىغىغىمۇ ئىشەنمەس بولدى“ دەيدۇ.
يەدىگەي يەنە مۇنداق چۇشەنچىلەردە بولىدۇ: « ئىنسان قەلبىدە، باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشتىكى، ھايات بىلەن ئۆلۇم ئارىسىدىكى قارمۇ-قارشىلىقنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرىدىغان، پەقەت ۋە پەقەتلا بىزگە كۆرۇنمەيدىغان ئاللاھ ئىدى. دۇئالار مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىچە بولغاندا تەڭرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنى بولمايدۇ. تەڭرىنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلالمايسەن. نىمە ئۈچۈن يارىتىپ، نىمە ئۈچۈن ئۆلتۇرىدىغانلىغىنى سورالمايسەنكى! دۈنياغا ئىنسانلار كەلدى، كەلگەندىكىن مۇشۇنداق ياشايدۇ، بەك رازى بولمىسىمۇ ئۆز قەدرىگە شۇكرە قىلىپ، تەڭرىدىن مەدەت ئالىدۇ. دۇئالار بارلىققا كەلگەندىن بىرى ھېچ ئۆزگەرمىدى، داۋاملىق ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرالايدۇ، بۇ دۇئالارنىڭ شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇز يىللاردىن بىرى ئالتۇن نوكچىلاردەك پالىلداپ كىلىۋاتىدۇ. داۋاملىق ئۆلۇكلەرنىڭ ، قەۋرىلەرنىڭ باشلىرىدا تۇرۇپ، ئوقۇلۇشى بىر ئۆرپە-ئادەت بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئادەت داۋاملىق مۇشۇنداق قالىدۇ. ئىنسان داۋاملىق بىشىغا بىر بالا-قازا كەلگەندىلا ئاللاھنى ئاغزىغا ئالىدۇ. ئاللاھتىن ياردەم سورايدۇ. ئاللاھقا ئىشەنمىگەن ئىنسانلارنىڭ بىشىغا بالا-قازا كەلمىگىچە ئاللاھنى ئويلىمايدۇ. لېكىنزە يېڭى بىر نەسىلنىڭ ۋەكىلى بولغان سابىتجان بولسا، ئۆز دادىسىنىڭ ئۆلۇمىگىمۇ ئۆكۇنمەيۋاتىدۇ، دادىسىدىن مەڭگۈلۇك ئايرىلغانلىغى ئۈچۈن ياش تۆكمەيۋاتىدۇ”
يەدىگەي ئۆز يىقىنىنىڭ جىنازىسىنى نايمانلارنىڭ مۇقەدەس قەۋرىستانلىغا ئېلىپ كېتىپ بارغاندا، ئۇ يەرلەردە بىر راكىتا بازىسىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى كۆرىدۇ ۋە بۇ يەرلەرگە جىنازىنى قويۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ.
يەدىگەي ئۆز ئانا تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان ئەسكەر قاراۋۇلغا ئۆكۈنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: “ بۇ يەرلەر بىزنىڭ زىمىنىمىز، بۇ يەر بىزنىڭ مازارلىغىمىز. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مازارلىغى بۇ يەرلەر. بىز سارى-ئۆزەك ئىنسانلىرىنىڭ جىنازىسىنى بۇ يەرلەرگە قويۇش ھەققىمىز بار. بۇرۇندىن-بۇرىنىسىدا نايمان ئانا مانا مۇشۇ يەرلەرگە كۆمۇلگەن. ئۇ زامانلاردا ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، بۇ يەرگە باشقىلارنىڭ ،چەكلەنگەن ھەربى رايۇن قۇرۇپ، ئىگەنلىۋىلىشىنى”. يەدىگەي، سابىتجاننىڭ قارشى چىقماي جىم تۇرغانلىغىنى كۆرۇپ “ مانكۇرت سەن، سەن بىر مانكۇرت! ھەقىقەتەن مانكۇرت سەن! بۇ ئىشنى كۆرۇپ تۇرۇپ، قابۇل كۆرمەيتىڭ، بۇ ناھەقچىلىققا كۆز يۇممايتىڭ، بويۇن ئەگمەيتىڭ” دەيدۇ. ۋە ئۇزاق ئۆتمۇشتىكى نايمان ئانىنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئەسكە ئېلىپ “ماركۇرت” لىقنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىگىنى شەھىرلەيدۇ.
نايمان ئانا رىۋايىتى:
ئانا بېيىت مازارلىغىدا نايمان ئانىنىڭ مۇبارەك جەسىدى ۋە ئۇنىڭ پارلاق مۇقەدەس رۇھى بار ئىدى. بۇ مۇنداق بىر رىۋايەتتىن كەلگەن ئىدى. بۇرۇننىڭ بۇرىنىسىدا سان-ئۆزەك كەنتنىڭ ئەتراپى كەتكەن ياپ-يېشىل يايلاق بولۇپ، بۇ گۈزەل ماكاندا قازاق خەلقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز ھاياتلىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. خوشنا رايۇندا جۇئان-جۇئان دىگەن بىر مىللەت بولۇپ، بۇلار داۋاملىق قازاق خەلقى بىلەن ئۇرۇش-جىدەل قىلىپ، قازاق چارۋۇچىلىرىنىڭ مال-ۋارانلىرىنى بۇلاپ، ئۇرۇش قوزغايتى. بۇ ئۇرۇشلاردا بىردە قازاقلار غەلبە قىلسا، بىردە جۇئان-جۇئانلار غەلبە قىلاتتى. كىيىن يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ ياپ-يېشىل ئوتلاقلار، ھۆل-يىغىننىڭ ئازلىغى، ھەر- خىل تەبىي ئاپەتلەر تۇپەيلىدىن قۇرۇپ، چۆللىشىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن جۇئان-جۇئانلار تەرەپ-تەرەپكە كۆچۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ۋولگا دەريا بويلىرىغا كۆچۇپ كىتىپ، ئۇ يەردىكى خەلىقلەر بىلەن ئاتسىمىلاسىيە بولۇپ، يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. لىكىن قازاقلار داۋاملىق بۇ يەرلەردىن ھېچ ئايرىلماي، قۇدۇق قىزىپ، سۇ چىقىرىپ، تا ھازىرغىچە ياشاپ كىلىۋاتاتتى.
ئۇ زامانلاردا جۇئان-جۇئانلار قازاقلاردىن ئالغان ئەسىرلەرگە ۋەھشىلەرچە زۇلۇم قىلاتتىكەن. قازاقلاردىن ئەسىر ئالغان قاۋۇل يېگىتلەرگە يۇرگۇزىدىغان جازا شۇنچىلىك ۋەھشى بولۇدىكەن. ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى پۈتۈن خاتىرلىرىنى يۇيۋىتىدىكەن. ئاندىن نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىدىغان مانكۇرتقا ئايلاندۇرۋىتىدىكەن.
ئۇلار ئالغان ئەسىرنىڭ، بىشىدىكى چاچلىرىنى بىر-بىرلەپ، تۇپ يىلتىزىدىن يۇلۇپ ئالىدىكەن ۋە تۆگىنى سويۇپ، ئۇنىڭ بويۇن قىسمىنىڭ تىرىسىنى ئىلىپ، ئەسىرنىڭ قىپ-قىزىل قانغا بويالغان بىشىغا يىپىشتۇرىدىكەن. بۇ ئىسسىق تۆگە تىرىسى ئەسىرنىڭ بىشىغا شۇنچىلىك يىپىشىدىكى بۇنى ئاجىرتىش مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇلار ئەسىرنىڭ بىشىغا تىرىرىنى يىمىشتۇرغاندىن كىيىن ئەسەرنىنىڭ پۇت-قولىنى چىڭ باغلاپ، بوينىغا تاقاق تاقاپ، چۆللۇك يەرگە ئاپىرىپ 5-6 كۈن تاشلاپ قويۇدىكەن. ئىسسىق قۇياشنىڭ نۈرى ئاستىدا ئەسىرنىڭ بىشىدىكى تىرە قۇرۇپ كاۋچۇكتەك بولۇپ كىتىدىكەن.
تىرە قۇرغانسىرى باشنى شۇنچىلىك قاتتىق سىقىدىكەن ۋە بېشىدىن ئۈنۈپ چىققان چاچ يۇقۇرغا ئۆسەلمەي، باشنىڭ ئىچ قىسمىغا ئۆسۇپ ئىنساننىڭ مىڭىسىغا سانچىلىپ، شۇنچىلىك ئاغرىيدىكەنكى بۇ ئاغرىققا چىدىمىغان ئەسىرلەرنىڭ كۆپلىرى ئۆلۇپ كىتىدىكەن. ساق قالغانلىرى بولسا ئۆتمۇشىدىكى خاتىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقۇتىدىكەن. پەقەت خوجايىنىنىڭ دىگىنىنى قىلىدىغان بىر مانكۇرتقا ئايلىنىدىكەن. بۇ مانكۇرتلار جۇئان-جۇئانلار ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك ھىساپلىنىدىكەن.
بىرلىرى بىرە مانكۇرتنى ئۆلتۇرۇپ قويسا، بىر ئىنسان ئۆلتۇرگەن ھەقنىڭ 3 ھەسسىسىنى تۆلەيدىكەن. بىر مانكۇرت ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى، قايسى سويدىن، قايسى قەبىلىدىن كەلگەنلىگىنى، ئانىسىنىڭ، دادىسىنىڭ ، ياش-ئۆسمۇرلىك دەۋرىلىرىنى ھېچ بىلمەيدىكەن ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىگىنىمۇ تۇيمايدىكەن. پەقەت بىلىش ئىقتىدارى بولمىغانلىغى ئۈچۈن، خوجايىنى نىمە دىسە شۇنى قىلىپ، خوجايىنىنىڭ پۈتۈن ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئورۇنلاشنىلا بىلىدىكەن. ئاغزى بار تىلى يوق، ئىتائەتلىك بىر ھايۋاندىن ھېچ بىر پەرقى يوق، قىچىپ قۇتۇلۇشنىمۇ بىلمەيدىغان، خوجايىنى ھېچ ئەنسىرمەيدىغان بىر قۇلغا ئايلىنىدىكەن.
قۇلدار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەر قۇلنىڭ خوجايىنىغا قارشى چىقىشى بولۇپ ھېساپلانسىمۇ، ئەمما مانكۇرت ئىسياننى، ئىتائەتسىزلىكنى ھېچ بىلمەيدىغان، ئويلاپمۇ قويمايدىغان بىر بارلىق ھېساپلىنىدىكەن. خوجايىنىغا ئىتتىنمۇ بەتتەر سادىق، ئۇنىڭ سۆزىدىن زىنھار چىقمايدىغان، خوجايىنىدىن باشقىلارنىڭ گېپىنى زىنھار ئاڭلىمايدىغان، پەقەتلا قورسىقى ئاچسا، قوسىقىنى تويغۇزىشنىلا بىلىدىغان بىر مەۋجۇتلۇق بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.
بۇ مانكۇرتلار خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر، ئەڭ رەزىل ۋە سەۋرى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى بىجا كەلتۇرىدىكەن. سارى-ئۆزەك چۆللىرىنىڭ ئىسسىقىدا، بۇ يەرلەردىكى ئويمانلىقلاردا باقىدىغان تۆگىلەرنى پەقەتلا مانكۇرتلارلا بىقىپ، ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەن. بۇ مانكۇرتلارغا يەيدىغان-ئىچىدىغان، كىيىم-كېچىگىنى بەرسىلا ئىسسىقنى ئىسسىق دىمەي، بوراننى بوران دىمەي پادا باقىدىكەن. بۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە پەقەتلا خوجايىننى رازى قىلىشلا ئىكەن.
دىمەك جۇئان-جۇئانلار مانا مۇشۇنداق ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەسىرلەرنى مانكۇرتقا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ رەزىل جىنايەتنى ئىشلىگەن ئىكەن.
مانا مۇشۇ ئانا بېيىت مازارلىغىدا ياتقان نايمان ئانىنىڭ ئوغلى، بىر قىتىملىق جەڭدە بەخىتكە قارشى جۇئان-جۇئانلارغا ئەسىرگە چۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ رەزىل زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ بىر مانكۇرتقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر كۈنى بىر توپ ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاشۇ چۆللۇكتىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ، بىر پادا بىقىۋاتقان مانكۇرتنى ئۇچرىتىدۇ ۋە بۇ ۋەقەنى نايمان ئانىغا سۆزلەپ بىرىدۇ. نايمان ئانا يىللاردىن بىرى ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ ئىز-دىرىگىنى ئالالماي، كىچە-كۈندۇز ئۆز ئوغلىنىڭ ۋەسلىگە يىتىش ئۈچۈن ئاللاغا دۇئا قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدى. بۇ مانكۇرتنىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كىيىن بەلكى ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئۆز ئوغلىنى جۇئان-جۇئانلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە بىشىغا ئاپ-پاق رومالنى ئارتىپ، ئۆز تۆگىسىگە يەيدىغان-ئىچىدىغاننى يۇكلەپ يولغا چىقىدۇ. ئىككى كۈن يول يۇرگەندىن كىيىن، يېراقتىن بىرسىنىڭ تۆگە بىقىۋاتقانلىغىنى كۆرۇدۇ ۋە ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم بولۇشى مۇمكىن دەپ شۇ تەرەپكە تۆگىسىنى چاپتۇرىدۇ.
نايمان ئانا بىشىغا شەپكىسىنى باشتۇرۇپ كىيۋالغان پادىچىنى كۆرۇپلا ئۆز ئوغلى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ، ھۆر-ھۆر يىغلاپ تۇرۇپ، “ئوغلۇم! ئوغلۇم. بالام مەن كەلدىم! ھەر يەردە يىلاردىن بىرى سىنى ئىزدىدىم، مەن سىنىڭ ئاناڭ !” دەيدۇ. پادىچى مانكۇرت ئۆز ئانىسىغا پاقىراپ، ھاڭۋىقىپ قاراپلا تۇرىدۇ. نايمان ئانا ئوغلۇنىڭ يۇزلىرىنى تېترەپ تۇرغان ئالقانلىرى بىلەن سىلايتى ۋە “ئاتىڭنى خاتىرلا! كىم ئولدۇغۇڭنى خاتىرلا! سىنىڭ ئاتىڭ جولامان، داداڭنىڭ ئاتى دۆنەنباي! دۆنەنباي!” دەپ ئۆز ئوغلۇنىڭ خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن چارپىشاتتى. ئەمما مانكۇرت ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىغان ئىدى.
“ۋاھ ئوغلۇم، نىمە قىلدى ساڭا!” دەپ، ئانانىڭ كالپۇكلىرى ئاچچىق ئۆكۇنىش ۋە ھەسرەتتىن تىترەتتى؛ ئۆزىنى تۇتالماي ھۆر-ھۆر يىغلايتى.
“بىر ئىنساننىڭ قول ئىلكىدىكى مال-مۈلكىنى، پۈتۈن بايلىغىنى ھەتتا ھاياتىنىمۇ ئالسا بولىدىغۇ، ئەمما ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئېلىشتەك بىر جىنايەتنى قانداقمۇ قىلىدۇ؟ ئەي رىسقىنى بەرگەن تەڭرى! ئەگەر سەن بار بولساڭ، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە مۇنداق بىر رەزىل ئىشنى قانداقمۇ سالىسەن! يەر يۈزىدە بۇندىن باشقا زۇلۇم، ئەسكىلىك ئازمىتى كاشكى!” مۇشۇ سۆزلەرنى دىگەن نايمان ئانا ياشلىق كۆزلىرىنى ئۆز يۇرەك-پارىسىنىڭ ئۇستىدىن ھېچ ئايرىمايتى.
نايمان ئانا ئوغلۇنىڭ خاتىرىسىن ئەسلىگە كەلتۇرۇشتىن ھېچ ۋاز كەچمەيتى، ئۇ ئوغلۇغا قايتا –قايتا سۆزلەش ئارقىلىق ئۇنۇمگە ئىرىشمەكچى بولدى.
“سىنىڭ ئاتىڭ جولاماندىر، داداڭنىڭ ئىسمى دۆنەنباي ئىدى. خاتىرلاۋاتامسەن؟ كىچىگىڭدە ئوقيا ئىتىشنى، ئۇ ساڭا ئۈگەتكەن ئىدى. مەن بولسام سىنىڭ ئاناڭ.سەن مىنىڭ ئوغلۇم. سەن بولساڭ نايمانلار قەبىلىسىدىن، چۈشۇنىۋاتامسەن؟ سەن بىر نايمانسەن!”.
“سەن بۇ يەرلەرگە كەلمەستىن بۇرۇن نىمە ئىشلار بولدى؟”
مانكۇرت: “ھېچ ئىش بولمىدى.”
ئانا: „كېچەمىتى، كۈندۇزمىتى؟“
مانكۇرت: „ھېچنىمە ئەمەس.“
ئانا: „كىملەر بىلەن سۆزلىشىشنى خالايتىڭ؟“
مانكۇرت ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ بۇنداق دىدى :”مەن ئاي بىلەن سۆزلىشىشنى خالايمەن.، مەن ھەر كۈنى ئايغا قارايمەن، ئايمۇ ماڭا قارايدۇ، بىر-بىرىمىزنى ئاڭلىيالمايمىز، ئەمما شۇنى بىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئولتۇرغان بىرسى بار”
ئانا ھاياجانلانغان ھالدا:“ يەنە باشقا نىمىنى خالايسەن؟“
مانكۇرت:“ خوجايىمنىڭكىدەك چېچىمنىڭ بولۇشىنى ئويلايمەن“.
نايمان ئانا قولىنى ئاستا مانمكۇرتنىڭ بېشىغا ئۇزۇتۇپ:” ئۇلار سىنىڭ بېشىڭغا نىمە قىلغانلىغىنى كۆرۇپ باقاي” دىدى. مانكۇرت ۋۇركىگەن ھالدا دەرھال بىشىنى تارتتى ۋە شەپكىسىنى قولى بىلەن چىڭ باسۇرۇپ تۇرۇپ، يۇزىنى تەتۇر قىلىۋالدى. نايمان ئانا شۇ چاغدا ئۇنىڭ بېشى توغرۇلۇق ھېچ گەپ قىلماسلىقنىڭ لازىملىغىنى چۈشەندى. دەل ماشۇ چاغدا ئۇزاقتىن بىر ئادەمنىڭ تۆگىگە مىنىپ كىلىۋاتقانلىغى كۆرۇندى. نايمان ئانا دەرھال „كىم بۇ كىلىۋاتقان ؟“ دەپ سورىدى. مانكۇرت: „ماڭا تاماق ئەكىلىۋاتىدۇ“. نايمان ئانا بىر ئاز ھودۇقتى. بۇنداق بىر چاغدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان جۇئان-جۇئانغا كۆرۇلمەسلىك ئۈچۈن دەرھال تۆگىسىگە مىنىپ بۇ يەردىن ئۇزاقلاشماقچى بولدى ۋە „سەن ئۇنىڭغا بىر نىمە دىمە، مەن يەنە كىلىمەن ئوغلۇم“ دەپ تۆگىسىنى مىنىپ ماڭدى. ئوغلى ھېچ جاۋاپ بەرمىدى، ھېچ بىر ئىش بولمىغاندەك، بۇ بولۇپ ئۆتكەنلەر ئۇنىڭ خېيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى. ئەمما جۇئان-جۇئان بولسا نايمان ئانىنى كۆرۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ دەرھال نايمان ئانىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغان بولسىمۇ نايمان ئانا ئاللا قاچان كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى. جۇئان-جۇئان مانكۇرتتىن، كەلگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى سورىغان بولسىمۇ لىكىن مانكۇرتتىن قانائەتلەڭىدەك جاۋاپ ئالالمىدى.
جۇئان-جۇئان مانكۇرتنىڭ قولىغا بىر ئوقيانى تۇتقۇزۇپ:“ئەگەر يەنە كەلسە ئۇنى ئۆلتۇر“ دىدى ۋە ئەكەلگەن تاماقلارنى تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قالدى. ئەرتىسى كۈنى تاڭ سۇزۇلۇش بىلەنلا نايمان ئانا ئۆز ئوغلىنى بۇ يەردى دەرھال قۇتۇلدۇرۇپ، ئىلىپ كىتىش ئۈچۈن يەنە كەلدى. لىكىن يىراقتىن كىلىۋاتقان ئانىنى كۆرگەن مانكۇرت بىر توپ تۆگىلەرنىڭ ئارىسىنغا مۆكۈنۈپ، ئانىسىنىڭ دەل كۆكسىنى نىشانغا ئىلىپ ئولتۇردى.
ئانا ئوغلى تەرەپكە كىلىۋىتىپ، ئۇيقۇسىز، چارچىغان كۆزلىرى بىلەن ئوغلىنى ئەتراپتىن ئىزدىدى ۋە „ئوغلۇم، جىنىم ئوغلۇم! مەن ئاناڭ يەنە كەلدىم، سىنى ئىلىپ كەتكىنى كەلدىم، ھەرگىز قۇرقما! مەن سىنى قۇتۇلدۇرىمەن، مەن سىنى بۇ قۇللۇقتىن ئازات قىلىمەن! سىنى ئۆز يۇرتىڭغا ئىلىپ كىتىمەن“ لىكىن مىڭ ئەپسۇسلىنارلىقى ئانىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقى مانكۇرتنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى، ئەس- خىيالى ئۇنى بىر ئوق بىلەن ئىتىپ ئۆلتۇرۇپ، خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشلا ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ئانىسىنى نىشانغا ئىلىپ ئوقيانىڭ كېرەچىنى بار كۈچى بىلەن تارتىپ، ئۆز مەھرىۋان ئانىسىنى نىشانغا ئىلىپ، پەيتنى كۆتۇپ، تۆگىلەر توپىنىڭ ئىچىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. نامان ئانا بولسا ئەنسىزلىك ئىچىدە ئوغلىنى ئىزدەۋاتقان ئىدى. ئانا ئاخىرى ئۆز ئوغلىنى كۆردى، ئوغلىنىڭ كۆزلىرىگە قۇياشنىڭ نۇرلىرى چۇشۇپ تۇراتتى، بۇ سەۋەپتىن توغرا نىشانغا ئىلىش ئۈچۈن، ياخشى بىر پۇرسەتنى كۇتۇپ تۇراتتى.
ئانا ئۆز ئوغلىغا ۋارقىردى: “جولامان، سەن ئوغلۇم سەن! ئوغلۇم، ئاتىڭ جولامان، سەن نايمان سەن! مەن ئاناڭ!! جولامان ئوغلۇم!” مانا مۇشۇ پەيتتە ئوغلۇنىڭ ئۆزىنى توپ-توغرا نىشانغا ئىلىۋاتقانلىغىنى ئىنىق كۆردى، ئوغلى بار كۈچى بىلەن كېرەچنى تارتىپ تۇراتتى:” توختا! ئاتما!” پەقەت مۇشۇنىلا دىيەلىدىدە، ئوق كىلىپ ئانىنىڭ يۇرىكىگە گاچ قىلىپ سانجىلدى. نايمان ئانا ئوقنىڭ زەربىسىدىن تۆگىنىڭ ئۇستىدىن يەرگە يېقىلدى، بىشىدىكى ئاق رومال ئاستا لەيلەپ ھاۋا كۆتۆرۇلۇپ ئاق ئاققۇغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئاق ئاققۇ كۆكتە تۇرۇپ، نايمان ئانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئاغزىدىن ئىتىشقا ئۆلگۇرەلمىگەن سۆزلىرىنى تەكرارلىدى:” ئىسمىڭنى خاتىرلا! كىم ئىكەنلىگىڭنى خاتىرلا! داداڭنىڭ ئىتى دۆنەنباي! دۆنەنباي! دۆنەنباي!…” مانا بۈگۈنكى دۆنەنباي قۇشى شۇ زامانلاردىكى رىۋايەتلەردىن قالغان ئىمىش. بۇ سان-ئۆزەك چۆلىدىكى ئاشۇ ئۆز ئوغلىنى قۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا، ئۆز ئوغلى تەرىپىدىن شېيىت قىلىنغان ،نايمان ئانىنىڭ مۇبارەك تىنى ياتارمىش. نايمان ئانا مىڭەن تۆگە ئاقماياننىڭ نەسلىدىن بۇگۇنكى ئاق تۆگىلەر كەلگەن ئىمىش.
ئاپتور چىڭغىز ئايتماتوۋ نايمان ئانا رىۋايىتى ئارقىلىق “ئىنسانلارنى مانكۇرت بولۇشتىن قۇتۇلدۇرايلى!” دىگەن ئۇلۇۋار بىر مەخسەتنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ۋە مانكۇرتلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىگىگە جاۋاپ بىرىدۇ.
يەدىگەي ئۆز يىقىنىنى نايمانلار مازارلىغى ئەتراپىغا مۇسۇلمانلار ئۇسۇلى بويىچە ئاۋايلاپ كۆمۇپ، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى مانا مۇشۇ يەرگە كۆمۈشنى ئەتراپىدىكىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ۋە بۇنداق ئويلايدۇ: “ئەگەر ئىنسانلار ئۆلگەندىن كىيىن، روھى باشقا بىر جانلىقنىڭ بەدىنىگە كىرىدىغان بولسا، مەن بىر چۇمۇلە بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئاق قۇيرۇقلۇق كۆكۇيۇن بولۇشنى ئويلايمەن، ئۇ ۋاقىتتا ئاشۇ ئۇستىمىزدە پەرۋاز قىلىۋاتقان كۆكۇيۇندەك، تا ئەڭ يۇقارلارغىچە ئۇچۇپ، بۇ ۋەتەننىڭ تۇپراقلىرىنى قانغىچە كۆرىمەن، كۆزلەرىمنى پۈتۈن ئانا ۋەتەننىڭ زىمىنىنىڭ ئۇستىدىن ھېچ ئايرىمايمەن.مانا بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم “ دەيدۇ. يەنە ئۇ مۇنداق دەيدۇ :“بەدىنىم بولسا چىرىپ، قۇرۇپ تۇپراققا ئارلىشىپ كىتىدۇ، چۈنكى بىز تۇپراقتىن كەلگەن، ئاخىردا يەنە تۇپراققا ئارلىشىپ كىتىمىز”.
يازغۇچى چېڭغىز ئايتماتوۋ ئۆز رومانىدا مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ :” يەر يۇزىدە بىر كۈن كىلىدۇ، ھەقىقەت ئۆز يىرىنى تاپىدۇ. ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەسكىلىگى جازاسىز قالمايدۇ. ھەق ۋە ئادالەت بار ۋە بۇ دۇنيا يوق بولۇپ كەتگەن گە قەدەر بۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ”.
مەن داۋاملىق يەر يۈزىدە ئەسكىلىكلەرنىڭ، ئېغىر ھەقسىزلىكلەرنىڭ داۋاملىق سىر بولۇپ قالمايدىغانلىغىنى، ئادالەتنىڭ ، ھەقىقەتنىڭ يوق بولۇپ كەتمەيدىغانلىغىنى ئويلىسام راھاتلىنىپ قالىمەن ۋە بۇ ھايتاتتا خوشال ياشاشقا مەدەت بولىدۇ.
بەزىدە ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ غالىپ كىلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ. شۇبھىسىسكى ھەقىقەتنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن جاپالىق بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتۇشكە، سەبرە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
كۈچ پەقەتلا ئادالەت بىلەن توغرۇلۇقتىن كىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنى نەتىجىگە ئىرىشتۇرىدۇ. چۈنكى ئادالەت كۈچلۇكلەر بىلەن بىرگە بولماستىن بەلكى توغرا ھەققانى يولدا ماڭغانلار بىلەن بىرگىدۇر.
28.03.2016، گېرمانىيە
مەنبە: باغداش تورى