You Are Here: Home » ئومۇمى » تۈرك ئاياللىرى

تۈرك ئاياللىرى

مەدەنىيەتنىڭ تۈپ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ تايانچى ۋە كۈچ قۇدرەتنىڭ مەنبەسى، ئائىلە تۇرمىشىدۇر، ئاتاتۈرك مۇستاپا كامال، خەلق تۇرمۇشىدا ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇشىدا ئائىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ 1934- يىلى 30- ئاۋغۇست كۈنى دۇملۇپىناردا قىلغان سۆزىدە، «مەدەنىيەتنىڭ تۈپ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ تايانچى ۋە كۈچ قۇدرەتنىڭ مەنبەسى، ئائىلە تۇرمىشىدۇر. مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە سىستېمىسى چوقۇم مۇئەييەن بىرەر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاجىزلشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن بولۇپ، ئۇ يەنە ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ۋە جەمئىيەتتە كۈتۈلگەن ھەققانىي رولىنى ئوينىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلماس بىر مەسئۇلىيەتكى، ئائىلىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەر بىلەن ئايال تەبىئىي ھەق ـ ھۇقۇقىغا ئىگە بولۇشى ۋە ئائىلىگە خاس ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئورۇندىيالىشى لازىم» دېگەن ئىدى.
دەرۋەقە شىۋېتسارىيەنىڭ نىكاھ قانۇنىنى ئۆز پىتى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسەتمۇ دەل شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 1927- يىللىق باياننامىسىدا «بىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمىشىمىزدا ئائىلە سىسىتېمىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەركىنلىككە توسالغۇ بولىدىغان ھەر تۈرلۈك مۇداخىلىلەردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان بىر ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىمىزنىڭ بىرسىدۇر» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە قەتئىيىلىك بىلەن خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى.
دېمەككى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئاياللارنى ۋەقەتلا خوتۇن سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئەركىن كىشلىككە ئىگە، دەپ قارايتتى. ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى سالاھىيىتىگە ئۆرپ ـ ئادەتلەر ئۇنىڭغا يۈكلىگەن ئەھۋالنىڭ سىرتىدىن قارايتتى. ئايال كىشىنى ئائىلە ئىشلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىگىلا سولاپ قويۇشقا بولمايتتى. تۈرك ئاياللىرى خۇددى ياۋروپا ئاياللىرىغا ئوخشاش يولدىشىنىڭ تەڭتۇشى، ئايالى ۋە شېرىكى بولۇشى، ئايالمۇ بۇنىڭ بەدىلىگە يولدىشىنىڭ مەنىۋىي يارىدىمىگە تايىنىپ، ئۆز روھىنىڭ ئىنچىكلىكلىرىنى تەقدىم قىلىشى لازىم ئىدى. تۈركىيە نىكاھ قانۇنىمۇ دەل مانا بۇ ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە نىكاھ قانۇنىغا قارايدىغان بولساق، تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئەرلەر بىلەن قانۇن جەھەتتە باراۋەرلىكىنى شۇنداقلا ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك تۈركىيەمۇ خەلقئارادا ئاياللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، ھەر قايسى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە تەڭ ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە تۇلۇق ئەمەل قىلىپ، ئىنتايىن ئاكتىپ خىزمەت ئىشلەپ كەلمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە دېموكراتىيە تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەر ـ ئايالنىڭ باراۋەرلىكىگە دۇنيا پەنچىرىسىدىن قارايدىغان بولساق، بۇنىڭ ئەمدىلىكتە مەدىنىيلىشىش مەسلىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈرك ئاياللىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەڭسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى تۈرك ئاياللىرى ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىنى ئاجىز ھېس قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ مەدەنىي كىملىكى، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى، ئائىلە قۇرۇلۇشى ۋە ئاياللارنىڭ دۆلەتكە كەلتۈرىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۇلۇق مۇكەممەللەشمىگەنلىكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ سەلەبىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. ھالبۇكى قانۇندا تۈرك ئاياللىرى بىلەن تۈرك ئەرلىرى باراۋەر ھېسابىلىنىدۇ. ھەقىقەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ باشقا سەۋەبلەىرىمۇ بولىدۇ. ئالدىمىزدىكى پىروگراملاردا بۇ سەۋەپلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

**** ** *** ** * **** *** **** * * *** **** ** ** * ** ** *
بۈگۈنكى دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالەمشۇمۇل مەسىلىدە قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بىرىنچىسى، كىشىلىك ھوقۇق، ئىككىنچىسى مۇھىت ئاسراش، ئۇچىنچىسى دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق مەسلىسى بولۇپ، بىز بۇ يەردە مۇھىت ئاسراش ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.
دەرۋەقە ئىنسان بىر بىئولوگىيەلىك مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەر ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنستىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاياللارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئانالىز قىلىشىمىز ۋە شۇنىڭغا كۆرە پىكىر پەيدا قىلىشىمىز لازىم. ئىنسانلار ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تارىخىدا ئەر ۋە ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان ھەرتۈرلۈك مۇئامىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرغان. بەزىدە ئېزىلگەن بولسا، بەزىدە ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن زامانىۋى سەۋىيەدە تۇرمۇش كەچۈرەلىگەن. بۇنداق باسقۇچلاردا ئاياللارغا تۇتۇلغان پوزىتسىيەمۇ ھەر خىل تەرزلەردە بولغان. دۇنيا ئومۇمى نوپۇسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ، ھەتتا بەزىدە تەڭدىن تۆلىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاياللار، سان جەھەتتە شۇنچە كۈچلۈك بولغىنىغا قارىماي ئىجتىمائىي سالاھىيەتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر، ئۇرۇنۇشلار ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بىر گۇرۇپىغا ئايلانغان. ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئورنى جەھەتتىن يول ئايرىشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىسى ئىنىقكى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تەرەققىپەرۋەر كىشىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىغۇچە ئۇ دۆلەتنى ”تەرەققىي قىلدى“ دېگىلى بولمايدۇ. ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىنىڭ باراۋەرلىك مسىلىسىگىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىن باھا بېرىش لازىم.
دەرۋەقە، دۇنيادىكى دەسلەپكى ئاياللار ھەرىكەتلىرى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر ياۋروپانىڭ ئويغۇنۇش دەۋرىدە باشلانغان ئىدى. دەسلەپتە فىرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىشقا باشلانغان «ئاياللار ۋە ئايال يۇرتداشلار باياننامىسى» ئاياللارنىڭ ئەكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قاراشلارنى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇ قاراشلاردا ئەرلەر ئىگە بولغان ھەق ـ ھوقۇقلاردىن ئاياللارنىڭمۇ تەڭ بەھرىمەن قىلىنىشىغا ئالاقىدار كۈرەش ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپا ۋە باشقا قىتئە دۆلەتلىرىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئاياللار ھەق ـ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كۈرىشى 2 دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك دەۋرىنى باشتىن كۈچۈردى. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتن ئىنتايىن ئىجابىي ئىجتىمائىي بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى ھەمدە ئۆز دائىرىسى ئىچىدە قۇرۇپ چىققان ھەر خىل تارماق ئورگانلار ئارقىلىق دۇنيا ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا بىر ئوتتۇرا يول تېپشقا يۈزلەندى. دەل مۇشۇ مەقسەتتە مانا بۈگۈنكى كۈندە 170 تىن ئارتۇق دۆلەتنى ئەتراپىغا توپلىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خېلى نۇرغۇن كېلىشىملەر، ئەھدىنامىلەر ۋە باياننامىلەر ئارقىلىق دۇنيا ئاياللىرىنىڭ يالغۇز ئىجتىمائىي مەسىلىسىنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋىي پىكرىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن پۇختا باغلىنىشلىق قارارلارنى ماقۇللىماقتا. قېنى ئەمدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىمزالانغان دۇنيا ئاياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھدىنامە ۋە كېلىشىملەرگە كۆز يۈگۈرتۇپ چىقايلى!

*** ** * *** ** * * **** **** ** * ** **** ** * * ** * *** ** * **
1945- يىلى ماقۇللانغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە دىنىي تۈس ئالغان خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىرق جىنس، تىل ۋە دىن ئايرىماستىن ھەممەيلەننىڭ باراۋەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھدىنامە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنىشىغىمۇ باشلامچىلىق قىلغان ئىدى. بۇ ئەھدىنامە كېيىنكى چاغدا بارلىق مىللەتلەر ۋە خەلقلەرگە نىسبەتەن بىر نەزرىيەگە ئايلىنىپ، خەلقئارالىق سەۋىيەدە قوبۇل قىلىنغان بىر كېلىشىمگە ئايلاندى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 16- ماددىسىغا كۆرە، توي قىلىش يېشىغا توشقان ئوغۇل بىلەن قىز ئىرق، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىنىي جەھەتتىن ھېچ قانداق توسالغۇسىز توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش جەريانىدىمۇ ئەر-ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقى باراۋەردۇر. نىكاھلىنىش ئەر ئايالنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئىشقا ئېشىشى لازىم. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ۋە ئاساسلىق ئورگىنى بولۇپ، جەمئىيەت دۆلەت تەرىپىىن قوغدىلىنىشى لازىم.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئايالنىڭ خىزمەت قىلىش، خىزمەتنى ئەركىن تاللاش، ئادىل ۋە ياخشى ئەۋزەل شارئىتلاردا ئىشلەش، ئىشسىزلىكتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ئوخشاش خىزمەت ئۈچۈن ئوخشاش مائىش ئېلىش ھەق ـ ھوقۇقلىرى بارلىقى، ئەھدىنامىنىڭ 23- ماددىسىدا ئېنىق بەلگىلەندى. ھەمدە يەنە مائارىپتا ئوخشاش شارائىتقا ئىگە بولۇش، سەھىيە قانۇن ئىشلىرىدىمۇ ئەرلەر بىلەن بارارۋەر ھەق ـ ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر ھۆكۈملەر ئورۇن ئالدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top