مەزلۇمنىڭ مۇشتى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۇلۇغ رامازان باشلىنىشقا بىر قانچە كۈن قالغاندا خۇنۇكلۇققا ئوت ئاچقان بىر مەشئەل ئۆچتى. زۇلۇمنى ئۇرۇپ يېقىتقان، زالىملىقنى قان يىغلاتقان بىر زەبەردەست مۇشت كۆرەشتىن توختىدى. ئۈچىنجى ئىيۇن ئىتىقاد ساماسىدىن بىر يۇلتۇز ساقىپ كەتتى. ئامېرىكىلىق بوكسىيور چولپىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىنچلىق ئەلچىسى، مەزلۇملارنىڭ مۇرەسسسىز ھىمايىچىسى، ھوقۇقسىزلارنىڭ مۇداپىئەچىسى مۇھەممەد ئەلى ۋاپات بولدى. بۇ تۇيۇقسىز خەۋەدىن دۇنيا تەۋرەپ كەتتى. تۈركىيە پىرىزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۇرۇشقا، زوراۋانلىققا، ئايرىمچىلىققا، كەمسىتىشكە، باراۋەرسىزلىككە قارشى پىداكار جەڭچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈچىنچى ئىيۇندىن باشلاپ دۇنيا تاراتقۇلىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ھاياتىنى، ئىتىقادىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى، ئىنسانىيەتلىق تىنچلىقى ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلىرىنى بەس بەستە مەدھىيەلەشكە باشلىدى. مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك دۇنيا بىر كىشى رەت قىلغان قۇللۇق ۋە ئېرىشكەن ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنىڭ يالغۇز شەخس ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈك ئىنسانلار ئۈچۈن قانچىلىك بەخىتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى. چۈكى مۇھەممەد ئەلى ئۇتۇقلۇق ھاياتى ئارقىلىق ئۈمىدسىزلىك، تەرتىپسىزلىك ۋە نارازىلىق ئىچىدە بىر بىرىنى مۇشلاۋاتقان تۈمەنلىگەن قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنى چىنىقىش زاللىرىغا باشلاپ كىردى. ئۇتۇقلۇق تاپقان پۇللىرى بىلەن چېكىملىك، ئىچىملىك ۋە جىنايەت پاتقاقلىرىغا مىلەنگەن ياشلارنى چقىش يولىغا يېتەكلىدى، ئۇرۇش ئوتى بىلەن خارابىگە ئايلىنىۋاتقان باغداد، كابۇللاردا ساخاۋەت گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى. مەزلۇملارغا غۇرۇر ئاتا قىلدى، زالىملارغا قورقۇنچ سالدى.
مۇھەممەد ئەلىنىڭ ماتەم مۇراسىمى ناھايىتى ھەيۋەت، قىزغىن ۋە ھاياجانلىق بولدى. مېنى قىزىقتۇرغىنى مۇراسىمغا قايسى پىرىزدېنت، پارلامېنت ئەزاسى ۋە مەنىۋىي داھىلارنىڭ قاتناشقىنى ئەمەس، بەلكى شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى قۇللۇققا، مۇستەملىكىچىلىككە، زۇلۇمغا قەتئى قارشى كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغىنى بولدى. خەۋەر قىلىنىشىچە بەزى دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدېنتلىرى زالىم بولغانلىقى، مۇستەبىتكە شىرىك بولغانلىقى ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن سۆزگە تەكلىپ قىلىنماپتۇ. مەرھۇمنىڭ ۋەسىىيىتى بويىچە مۇراسىمغا خىرىستىيانلارنىڭ پوپى، يەھۇدىلارنىڭ راببىسى، بۇدىسىتلارنىڭ راھىبى، ئىندىيانلارنىڭ ۋەكىلى تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئەنە شۇلار ئىزچىل سەھنىدە ئىززەتلىك مىھمان قاتارىدا ئىھتىرامغا ئېرىشتى ۋە تەزىيە سۆزى قىلدى. سۆز پۇرسىتى ئاۋۋال ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئالىملىرىغا بېرىلگەندىن كېيىن ئاندىن مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى، ئاخرىدا ئوبامانىڭ ۋەكىلى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىغا بېرىلدى. ئەڭ ئاخىرقى سۆز قىلىش پۇرستى ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى دۇنيادا ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاق تەنلىك سابىق پىرىزدېنت بىل كېلىنتونغا بېرىلگەندە ئاپىرىن ئېيتتىم. مۇھەممەد ئالى تەربىيەلىگەن پەرزەنتلەرگە قايىللىقىم كۈچىيىپ، شۇنداق تەبىيەگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن دېموكراتىك تۈزۈمگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتىم.
مۇراسىمدا ئامېرىكا يەھۇدىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، تىكون ژورنىلىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، دىنلار ئارا دىيالوگنىڭ تەشەببۇسچىسى، ئىسرائىلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ كەسكىن دۈشمىنى مايكول لېرنېر ئەپەندى سۆزگە چىقىپ قاتناشچىلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ نۇتىقىنى بىر قىسىم ئاشقۇنلارنىڭ جىنايىتى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلىقنى چەكلەش، يەكلەش، توسۇش ۋە بوغۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ پۈتۈن ئامېرىكا يەھۇدىلىرىغا ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋە بارلىق زالىم ھاكىمىيەتلەردىن خەلقلەرنىڭ ئاللاھ بەرگەن ياشاش، سۆزلەش ۋە ئىشىنىش ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالماسلىققا چاقىردى. نىتانىياخۇنى پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمدىن ۋاز كېچىشكە، پەلەستىن توپراقلىرىدا يەھۇدى مەھەللىلىرىنى قۇرۇشنى توختىشقا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا توسالغا ئەمەس يۆلەك بولۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ئادالەتىسز دۇنيادىن كىشىلەرنىڭ ئىتىقادى، تىلى، چىرايى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقىنى، پەرزەنتلەرنى ئۆز دىنى ۋە تىلى بويىچە تەربىيەلەش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
مۇراسىم جەيانىدا بىر بىرلەپ سۆزگە چىققانلارنىڭ سۆزلىرىدىن مۇھەممەد ئەلىنىڭ 18 يېىشدا مۇسۇلمان بولغاندىن قۇللۇقنىڭ بەلگىسى بولغان كاسسىيۇس كېلەي دېگەن ئىسمىنى ھۆرلۈكنىڭ نىشانى بولغان مۇھەممەد ئەلىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولغان ئىسلام ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى، مالكوم ئەكىس ۋە مارتىن لۇدىركىڭلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ مۇسۇلمان قارا تەنلىكلەر بىلەن خىرىستىيان قارا تەنلىكلەرنىڭ بىرلىكتە كۆرەش قىلىشغا تەشەبۇسكار بولغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن نامايىش قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مۇھەممەد ئەلى ھاياتىدا نەدە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە بولغان، نەدە خورلۇق بولسا مەيدانغا چىققان، نەدە مەزلۇم بولسا يېنىدا قوغۇداشقا تەييار تۇرغان. ئۇنىڭ بىر يىغىلىشتا «بىز بۇ توپراقنىڭ ئىگىسى، بىزنى ھىچ كىم ئەمەس دېگەنلەر، قۇل قىلىمىز، قۇللۇقتا داۋاملىق ئۇخلىتىمىز دېگەنلەر ئۇيقۇسىنى ئېچىۋەتسۇن. بىزنىڭ سادايىمىز ئۇلارنى ئىسسىق يوتقانلىرىدا بىئارام قىلىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ نەپرىتىمىز ئۇلارنىڭ تويماس نەپسىگە ئوت ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئەقلىنى تاپسۇن. ئۇلار تىنچىلىق تەلەپ قىلىدۇ، بىزنى تىنجىتىماقچى بولىدۇ. بەلكىم بىزنى يەنە ئالدىماقچى بولۇشقاندۇر، ئەمما شۇنى ئۇنۇتمىسۇنكى بىز ئەمدى سېتىلغان قۇل ئەمەس، بىز ئەمدى تىلەنگەن مۇھتاج ئەمەس، بىز ئاللىقاچان بۇ يەرنىڭ خوجايىنى. بىز ھىچ يەرگە كەتمەيمىز. بوۋىلىرىمىز ئۇرۇق سالغان ئېتىزدىن، ئەجداتلىرىمىز ئات چاپتۇرغان يايلاقتىن، ئانىلىرىمىز سۇ ئۇسۇغان بۇلاقتىن ئەسلا ۋاز كېچىپ كەتمەيمىز. ئاق تەنلىلكلەر ئېرىشكەن ھوقۇقتا، بايلىقتام، ھۆرمەتتە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار، ياشىساق ئاللاھ بەرگەن ھوقۇقنى بەندىگە تاپشۇرماي، زالىمغا تارتقۇزماي ھۆر ياشايمىز، ئۆلسەك ھەققىمىزنى ئۈچۈن ۋارقىراپ ھۆر ئۆلىمىز!» دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاقلىرىمدا جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ.