You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىكايەتتىن توقۇلغان تارىخ

ھىكايەتتىن توقۇلغان تارىخ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

قاچاندۇر بىر چاغدا «ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى مۇسۇلمان بولغان ئايال كىم» دېگەن يازمىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە. قارىسام ئاساس قىلىنغىنى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان» دېگەن رومانىكەن. شۇ چاغدا تۇنجى بولۇپ ئېسىمگە كەلگىنى فارابىنىڭ ئانىسى ئىدى. 870-يىلى مۇسۇلمان تۈرك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان  فارابىنىڭ ئانىسى ۋە فارابىدەك داڭق چىقارمىغان تۈمەنلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئانالارىمۇ مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ روماندىكى تارىختا نامى كۆرۈلمەيدىغان، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئايالى دەپ ھىكايە قىلىنغان بىر ئايال ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئايال مۇسۇلمان بولۇپ قالىدۇ؟ چۈنكى خەلقكە تارىخ بىلەن تارىخى روماننىڭ باشقا باشقا ئۇقۇملار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن. ھازىر ئۇيغۇر تارىخنىڭ موھىم نامايەدىلىرى ھەققىدە ئاساسەن رومانلار يېزىلىپ ھىكايىلەشتۈرۈلدى. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، ئەمما ھىكايىلەر تارىخ دەپ تونۇلۇشتىن بۇرۇن شۇ ھىكايىلەر ئەكىس ئەتكۈزگەن ئەسلى تارىخ ھەققىدە بىرەر ئىلمىي ئەمگەك ئورتىغا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك مۇجىمەللىشىپ كەتتى. شۇڭا بىر يۈرۈش، ئىلمىي مەنىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ئوتتۇرىغا چىقمىسا يۇقارقىدەك روماندىكى ھىكايىنى مەنبە قىلغان «تارىخى پاكىت»لار ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇشنى داۋام قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ تارىخقا ۋە دىنغا بولغان ئىھتىياجى ئارتتى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردا دىنى ۋە تارىخى كىتابلارنىڭ بازىرى چىقىشقا باشلىدى. تارىخى رومانلارنىڭ ئوقۇلىشىمۇ بىر ھاياجانلىق دولقۇن پەيدا قىلدى. نەتىجىدە تارىخى رومانلار قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە بۇ قىزغىنلىقنى تۇنجى بولۇپ قاندۇرغان رومانلاردىن بىرى «سۇتۇق بۇغراخان» دۇر. خەلقئارا ئىسلام دولقۇنىنىڭ دىيارىمىزغا تەسىر قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلادا باش كۆتۈرگەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ سەلبى نەتىجىسى بولغان مىللەتنى ئىنكار قىلىش دولقۇنى نەتىجىسدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى خاتا مەنبەلەردىن قوبۇل قىلغانلىقىمۇ بىر ھادىسە سۈپىتىدە ئورتىغا چىقتى. «سۇتۇق بۇغراخان» رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولۇشىنى پەقەتلا سامانى شاھزادىسى ئەبى نەسىر سامانىغا باغلايدۇ. نەتىجىدە كىشىلەر ئەينى چاغدىكى سامانىلار خانلىقىنىڭ ئىران نەسەبلىك خانلىق ئىكەنلىكىگە، بۈگۈنكى ئىراننىڭ شىئەلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىگە قاراپلا ئۇيغۇرلارغا ئىسلام شىئەلەردىن كەلگەن، دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئەگەر روماننى مەنبە قىلماي ھەقىقى تارىخ مۇلاھىزە قىلىنغاندا ئىدى، سامانىلار خانلىقىنىڭ شىئە ياكى ئەمەسلىكى، ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ شىئە ياكى ئەمەسلىكى، شۇ دەۋىرلەردە مۇسۇلمانلاردا شىئەلىك ۋە سۈننىيلىك مەسىلسى بۈگۈنكىدەك كەسكىن ۋە توقۇنۇشلۇق مەسىلە بولغان بولمىغانلىقى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولاتتى.

«سۇتۇق بۇغراخان» غا ئوخشاش تارىخنىڭ ھىكايەسىنى تارىخ دەپ قوبۇل قىلغىنىمىزدا ئاپتۇرنىڭ سىنىپىي كۆز قاراشنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئوغۇلچاق بۇغراخاننى قالاق قۇللۇق تۈزۈمنىڭ، سۇتۇق بۇغراخاننى «ئىلغار» فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ تەشەببۇسچىسى قىلىپ قويغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئېزىلگۈچىلەر بىلەن ئەزگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي قارشىلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قۇللۇق تۈزۈمنىڭ خارابىسى ئۈستىگە فىئۇداللىق تۈزۈمنى تىكلەپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت «ئىنقىلابى ئۇيغۇر تارىخى» نىمۇ قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك بولىدۇ. ھەتتا روماندا سۇتۇق بۇغراخان قوشۇنى جەڭگە كىرگەندە «ھوررا !» توۋلايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا 1944-يىلدىكى مىللىي ئىنقىلاپتىمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» نىڭ ئورنىغا تولۇق ئالمىشىپ بولالمىغان بىر سۆزنى ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىسلام قوشۇنى جار سالسا ئىشىنەلەمدۇق؟

ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، مۇسۇلمان شەرىقىگە مەنسۇپ توپراقلاردىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تېخى يېقىنقى يىللارغىچە دۇنيانى، تەبىئەتنى، ئىلاھىيەتنى ئەپسانە، رىۋايەت ۋە ھىكايەتلەر بىلەن چۈشەنگەنلىكى ۋە چۈشەندۈرگەنلىكى ئەمەلىيەت. ھازىر بىر قىسىم ئالىملار ھەتتا «قۇرئان» نىمىزنىڭمۇ رىۋايەتلەرگە تايىنىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى، ھەتتا بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەسلى يەھۇدى رىۋايەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇڭا نوئمان ئالىخانغا ئوخشاش يېڭى بىر ئەۋلاد مۇسۇلمان ئالىملىرى نۇتۇقلىرىدا بۇرۇندىن قۇرئاننى تەپسىرلەيدىغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلماي، ئەسلى تېكىستنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى دىققەتنى تارتماقتا. شۇڭا تارىخىمىزنى رىۋايەتلەر ۋە ھىكايەتلەر بىلەن ئەمەس، ئىلىملەر بىلەن ئىلمىي چۈشەندۈرۈش بۈگۈنكى دەۋرىمىزنىڭ تەلىپى. بولمىسا رومانغا ئاساسلىنىپ دۇنيا سۈننى مۇسۇلمانلىرى دەپ تونۇۋاتقان خەلقىمىزنى شىئەگە چىقىرىدىغان، سەيپىدىن ئەزىزى ياراتقان ئوبرازلارنى ھەقىقى تارىخى شەخسلەر دەيدىغان نادانلىق ساماغا سەكرەيدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top