You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە نەسىھەت

قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە نەسىھەت

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئاجايىپ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئولتۇرۇپ نەسىھەت قىلىپ كېتىشلىرى، دۇنيانى بىر بارداق چاي بىلەن ئايلىنىپ چىقىپ ئىچىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى. جامەلەردىكى تەبلىغلەردە ياڭرايدىغان تۈركچىدە ئۇيغۇرچىدىكىگە ئوخشاش رىۋايەتلەر، چۈشلەر ۋە تەبىرلەر بار. خۇددى بۇ ئىككى قەۋىم بىر چاغلاردا ئوخشاش رىۋايەتلەرنى يېپىنچاقلاپ بىر بىرىگە ئۇخلىشىپ بەرگەن ۋە ئوخشاش چۈشلەرنى كۆرگەندەك. بەزى تۈركلەردە بىر قىسىم دوستلىرىمدەك ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان ئاقسالىق، ھەممىگە يول كۆرسىتىدىغان ئاكا مىجەزلىك، ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا ئىش ئۆگىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان دېمىغى ئۈستۈنلۈك بار. ئەمما بىزدىكى پەرقلەرمۇ ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ گەۋدىلىك پەرق جۇشقۇن كۆزلەردە، خاتىرجەم يۈزلەردە ۋە شاش سۆزلەردە. قارىماققا ئۇيغۇرچىدا باردەك كۆرۈنىدىغان بىر سۆز تۈركىيە تۈركچەسىدە باشقا مەنىلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، خائىن دېگەن سۆز ئۇيغۇردا مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى كۆرسەتسە تۈركىيەدە ۋەتەننى بۆلمەكچى بولغان، ئايرىلىپ دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىدە تۈركىيەدىن «يۈز ئۆرىگەن» لەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا خائىن ئۇيغۇرنى كۆرسەتسە تۈركچىدە خائىن تۈرك بولمىغان مىللەتتىن بولغان بۆلۈنگۈچىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيەدە سىياسى پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان «خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى» ((HDPمۇ بەزەن خائىنلار قاتارىدا ئەيپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ پارتىيە كوردلارنىڭ ۋە «ئېزىلگۈچىلەر» نىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشنى نىشان قىلغان. تۈركىيەدىكى بىر قىسىملار بۇ پارتىيەنىڭ تېرورچى تەشكىلات كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قورالسىز تارمىقى دەپ تونۇيدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ ياۋرۇپادىكى يىغىلىشلىرىدا تۈرك بايرىقىنى ئىشلەتمەي ئۆز بايرىقىنىلا ئاسقانلىقى مېنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. مەزكۇر پارتىيەدىن داۋۇت ئوغلى ھۆكۈمىتىدە ئىككى مىنىستىر چىققان، ھازىر بۇ پارتىيەنىڭ پارلامېنتتا 59 ئەزاسى بولۇپ تۈركىيەدىكى تۆرت چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى. كوردلارنىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسى ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇشۇنداق بىر پارتىيەنى قۇرۇپ چىقالىغانلىقى مېنى تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىدىن ئۈمىدلەندۈرىدۇ.

2015-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2016-يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەدە ئىسلام دۆلىتى تېرورچىلىرى ۋە كوردلارنىڭ تېرورچى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئادەمبومبا ھۇجۇملىرى ئورتىغا چىقتى. نەتىجىدە بىر بۆلۈك كىشىلەردىكى خائىنلارغا قارشى كەيپىيات يۇقۇرى چەككە يەتتى. شۇ ئەسنادا ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇنۋېرىستىتتا ئىشلەيدىغان تۈرك دوستۇمغا تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى تېلىفوننى قىلىپ ھال سورىدۇم، چۈنكى ئەڭ دەھشەتلىك تېرورلۇق ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇللاردا يۈز بەرگەن ئىدى. دوستۇمنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە قالقىنما پارتىيەسى (قىسقارتىپ ئاق پارتىيە دەيدۇ) تەرەپتارى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتتۇق، گەپ تۈركىيەدىن باشلىنىپ ئامېرىكىغا ئۇلاشتى، ئاخىرى تېما ئۇيغۇرغا كۆچكەندە ئۈنۈم پەسىيىپ كەتتى. دوستۇم تېزلا پاراڭنى ئائىلەمگە يۆتكەپ ئۇلارغا تۈركچە ئەڭ سۈلكەتلىك ئىبارىلەر بىلەن ئامان ئىسەنلىك تىلىگەندىن كېيىن «خائىنلارنىڭ پېشىدىن يۈرمەڭلار. مېنىڭ ئورتا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلىرىم بار. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاندىن كەلگەنلەر ھەمىشە روسلارنىڭ قىلغان يارىدەملىرىنى تەرىپلەيدۇ. ئۇلارنىڭ روسلار بىلەن ياشىغان كۈنلىرى نەقەدەر راھەت ئىكەنمىش ھە! شۇڭا سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلىماڭلار. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئويۇنىغا ئالدانماڭلار، ئۇلارغا ئەگىشىپ خائىنلىكنى تاللىماڭلار، ئۇلار قۇرغان توزاققا بىزدىكى خائىنلاردەك دەسسمەڭلار…» دېگەندەك تەنبىھلىك جۈملىلەرنى ھېلى ئېىمپىرىيالىزىم سۈيىقەستى، ھېلى خىرىستىيان تەھدىتى بىلەن دەلىللەپ يۇغۇرۇپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. يۈرەكنى ئالغىدەك ۋەھىمىنى ئىشارە قىلىپ دېيىلگەن باشقا گەپلەر ئانچە ئېسىمدە يوق. پەقەت ئۇنىڭ تۈركچە «سىز شۇ خائىنلەرىن پەشىندەن كوشمايىن» دېگەن ئەڭ كۆپ تەكرارلارنغان نەسىھەتلىك جۈملىسى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى تېلىفونۇمدا كۆرۈنمەس بولدى، ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلدى. خۇددى شۇ جۈملىسى ئۇنىڭ ماڭا قىلغان خوشلىشىش سوۋغىسىدەك. ھەر قېتىم شۇ دوستۇم ئېسىمگە كېلىپ قالسا ئاشۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يادىمغا ئالىمەن-دە بىئارام بولىمەن. تۈركىيەدە ئۇزاق ياشىغان بىر ئۇيغۇر پروفېسسورنىڭ «غەرپلىك ئالىملار بىلەن كۆرۈشسەڭ ئەھۋالىڭنى تەپسىلى ئاڭلايدۇ ۋە تەدبىرىڭنى سورايدۇ، تۈرك ئالىم بىلەن كۆرۈشسەڭ ئەھۋالىڭنى سورىماستىن، تەدبىرىڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ئەقىل ئۆگىتىدۇ». دېگىنى ئېسىمگە كېلىپ توغرا چۈشىنىمەن بەزىدە. ئەمما ھەر ئويلىسام كەسپى ئېنجىنىرلىق بولغان، مېنىڭدىن ئەڭ ئاز بولغاندا ئون ياشقا يېقىن كىچىك بىرەيلەننىڭ ماڭا بۇنداق تەنبىھ بېرىپ كېتىشىنى ھىچ قوبۇل قىلالىغىنىم يوق. شۇ گەپلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ھەر ئويلىسام تۈركىيە كۆزۈمگە تارىيىپ كېتىۋاتقاندەك، ئانچە قاۋۇل سانالمايدىغان جۇغۇم تۈركلەرنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى بۇنداق نەسىھەتلەر قەشقەردىمۇ بازارلىق ئىدى.

  2015-يىلى قىش كۈنى قەشقەردە بىرەيلەن بىلەن بىر سورۇندا ئۇچراشتۇرۇلدۇم. ئۆزىنى ئۇيغۇر ئىدولوگىيەسىنىڭ قازىسى سانايدىغان بۇ زات تۇنجى كۆرۈشۈپلا ماڭا نەسىھەت قىلدى. ئالدى بىلەن مېنى «ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ، شەخستە بولىدۇ» دېگەن قارىشىمدىن ياندۇرماقچى بولدى. ئېيتىشىچە بۇ قارىشىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش ھەركىتىگە توسقۇنلۇق قىلارمىش، مىللەتنى ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن مەھرۇم قويارمىش. ئاندىن يازمىلىرىمدىكى خەۋپلىك ئىددىيەلەرنىڭ تەھدىتلىك ئاقىۋەتلەرىدىن بىشارەت بەرگىلى تۇردى. يازمىلىرىمنى شۇ قەدەر ئەستايىدىل ئوقۇپتۇكى نەچچە قېتىم ئېتىلىپ كېتىشىمگە يەتكۈدەك پاكىتقا ئېرىشىپتۇ. سورۇندىن قايتقاندىن كېيىن جىمىپ كەتكىنىمنى بايقىغان دوستلىرىم نەسىھەتنىڭ كۆيۈنىشتىن بولغانلىقىغا مېنى ئىشەندۈرۈشتى. قىش ئۆتۈپ تومۇزدا بېشىمغا كۈن چۈشكەن سورۇندا ئىككىنجى قېتىم ئۇچراتتىم ئۇ زاتنى. ئاق كۆڭۈل ئاكام ماڭا قىلىنغان ھايۋانلارچە مۇئامىلىنى سۆزلەشكە باشلىۋېدى، ئۇ ماڭا باشتا «كۆيۈنۈپ» نەسىھەت قىلغاندىكى تەمكىنلىكىدىن چۈشمەي، يەنە بىرەر قۇر نەسىھەت قىلىۋېتىپ ئۆزىدىن چوڭ ئاكامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتمەيلا ماشىنىسىنى قوزغاپ كېتىپ قالدى.

 نەسىھەتخورلۇق ھەققىدە ئويلىنىپ دىققەت قىلسام، ئىچ ئاغرىتىش، نەسىھەت، تەنبىھ ۋە تەھدىت دېگەنلەر تەرتىپ بىلەن داۋام قىلىدىكەن.  مۇشۇنداق موھىتتا ياشىغانلار بىلىپ بىلمەي باشقىلارغا نەسىھەت قىلىدىغان، ماقۇل دەپ بەرسە تەنبىھ بېرىدىغان، ئاقتۇرالمىسا تەھدىتلىك جۈملىلەرنى قوللىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ھېلىقى ئىككى نەسىھەتچىىنى ئويلاپ قالىمەن. ئىككىلىسى ۋەتەنىدىن ئايرىلىپ باقمىغان، تۈركىيەدىكىسى قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان، قەشقەردىكىسىنىڭ ئوقۇغان كەسپىنى بىلمەيمەن. ھەر ئىككىسىلا مەندىن خېلى كىچىك. لېكىن بۇ ئىككىسى ئەمەلدار. ئىككىلىسىنىڭ تاۋىقى تۆمۈر، شۇڭا بىلىدىغىنى، مىنىدىغىنى ۋە ئىشىنىدىغىنى تۆمۈر. مەن قەيەردە بولماي باشقىلارنىڭ تەلەپتىن تاشقىرى ئەقىل ئۆگىتىشلىرىنى، ئىتىبار بېرىشلىرىنى، نەسىھەت قىلىشلىرىنى خۇددى ئىچ ئاغرىتىشىنى يامان كۆرگەندەكلا يامان كۆرۈپ كەلدىم. بۇنداقلار سېنىڭ نېمىگە مۇھتاج، نېمە سەۋەپتىن مۇھتاج ئىكەنلىكىڭگە قىزىقمايدۇ، بەلكى سېنىڭ ئىھتىياجىڭنى چۈشىنىشنىمۇ خالىماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ خالايدىغىنى ئۆزىنىڭ ئاكىلىقى، سەندىن كۈچلۈك ۋە ئۈستۈنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش. ئىچ ئاغرىتىش بىلەن نەسىھەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سېنىڭ غۇرۇرۇڭنى، قۇربىتىڭنى، ئەقلىڭنى ئىنكار قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قابىللىقىنى ئىسپاتلاش مەۋجۇد.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top