سىن ئارخىپى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10 -، ۋە 11- ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلغا جايلاشقان فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلىۋىخانىسى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يېغىنغا، تۈركىيە، ئامېرىكا، شىۋېتسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر ۋە تۈرك دوكتور، ئەدىب ۋە پەن – تەتقىقاتچىلار تارىخ، مەدەنىيەت، تىل – ئەدەبىيات، جەمىئيەتشۇناسلىق، تىبابەت، ئالەم تەتقىقاتى ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق تېمىلاردا تەييارلىغان ماقالىلىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تەقدىم قىلدى.
بۇ پائالىيەتتە سۆزلەنگەن نوتۇق ۋە سۇنۇلغان دوكىلاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى Youtube سىن ھۆججەتلىرىدىن كۆرەلەيسىز.
ئېچىلىش مۇراسىمى
***
بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى
***
ئۇيغۇر تارىخىدا قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرى – دوكتۇر مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى
***
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدە باش كۆتۈرىشى – پىروفېسسور ئەھمەد تاشئاغىل
***
قەشقەر ۋە يېقىنقى زامان تارىخى – پىروفېسسور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن
***
سەلچۇق دەۋرىدە ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىزلىرى – دوتسېنت ئابدۇلھەمىت ئاۋشار
***
تارىم مۇميالىرى – دوكتۇر فەرھات مەخسۇدوۋ
***
تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ ئورتاق مىراسى خەلپەجىلىك ئەنئەنىسىنىڭ خارەزىمدىكى ئىزلىرى – ھۈسەيىن ئاقباش
***
ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بۇغۇم قۇرۇلمىسى – دوكتۇر مۇرات ئورخۇن
***
ئاڭ ۋە سەۋىيە: ئۇيغۇر زىيالىلىرى – دوتسىېنت ئەركىن ئەكرەم
***
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كىملىك ئىستېرادېگىيەسى – دوكتۇر مەتتۇرسۇن بەيدۇللا
***
تەشكىلات ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلىنىش مەسلىسى – ئابدۇلھەمىد قاراخان
***
مىللىي مائارىپ سېستىمىسى ۋە ئەھمىيىتى – ئابدۇرېھىم قەشقەرى
***
تىببىي دورىلار ۋە يېڭى تەرەققىياتلار – دوكتۇر رىشات ئابباس
***
يەرشارسىمان پىلانېت ئىزدەش – تېلىسكوپتا يۇشۇرۇن پىلانېت قانداق بايقىلىدۇ؟ – دوكتۇر ئەركىن سىدىق
***
ئەگرى چىشنى تۈزلەش ئىلمىي ھەققىدە – دوكتۇر ئابدۇكېرىم بۇغرا
***
مىتسۇبىشى ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى – دوكتۇر دىلمۇرات تىلىۋالدى
***
يېپىلىش مۇراسىمى
ئەسكەرتىش: پىروفىسسور ئالىمجان ئىنايەت، پىروفىسسور ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل، دونسېنت مارۇفجان يۇلداشەۋ ۋە دونسېنت ئەركىن ئەمەت قاتارلىق 4 كىشىنىڭ ئىلمىي دوكىلاتىنىڭ سىن ئالغۇ ھۆججىتى يۈتۈپ كەتتى، تاپقان ھامان تولۇقلاپ قويىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورايمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى