You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل تېمىلاردا ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ تۈر ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ نەتىجە ۋە ئۇتۇقلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇر تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش تەتقىقاتچىلارغا سۇنۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلاردىن ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم مىللىي ئاڭغا ئىگە ئىلىملىك بىلىم ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىپ تۈرتكۈلۈك رول ئويناپ كەلمەكتە.

2016 – يىلى تۈرك دۇنياسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى، ب د ت پەن – مەدەنىيەت كومىتېتى خوجا ئەھمەت يەسەۋى يىلى، ئەلىشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 575 – يىلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 115 – يىلىدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2016 – يىلى 5- ئاينىڭ 15- چىسلا (يەكشەنبە كۈنى) سائەت 11:30 دا، ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋىرسىتىېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش تۈرك ۋە بەش ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلار «يۈسۈپ خاس ھاجىپ، خوجا ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەر» ھەققىدە ئىلمىي دوكىلات بېرىدۇ. ئىلمىي دوكىلات يىغىنى ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئالدىنقى بۆلۈمى تۈركچە، كېيىنكى بۆلۈمى ئۇيغۇرچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ قېتىم  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرىشىدا ئاساسلىقى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسەد قىلىنغان.

1

3

ئۆيغۇر تارىخى ۋە تارىخى شەخسىيەتلەرگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ۋە بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز.
– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top