You Are Here: Home » ئومۇمى » تۈركىيە نېمە ئۈچۈن يېڭىچە نىشان ۋە يۈزلىنىشكە ئېتىياجلىق؟

تۈركىيە نېمە ئۈچۈن يېڭىچە نىشان ۋە يۈزلىنىشكە ئېتىياجلىق؟

turk_imageتۈركىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن كېيىن دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ كەينىدە قالدى. تېخنىكىلىق ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقتا ئارقىدا قالدى، سانائەت ئىنقىلابىدا كېيىن قالدى. زامانىۋى ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشتىمۇ يەنە ئارقىدا قالدى. يەنى كېچىكىپ زامانىۋىلاشتى. بۇ كېچىكىپ قېلىش قالاقلىق ياكى ئاز تەرەققىياتتا گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. ئۆزىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىيالماي تارىخنىڭ سىرتىدا قالدى. ۋاقىت بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىيەلمىدى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يىمگىرىلگەندىن كييىن قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، ئازادلىق ئۇرۇشى قىلغان ۋە ناھايىتى قىيىن شارائىتلاردا ۋەتىنى ۋە دۆلىتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئانادولۇ خەلقى دۇنيادا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ، سانائەت ئىنقىلابىنى روياپقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. تولۇق مەنىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىدى. ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ھەممىدىن ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا تېڭىرقاپ قالدى. بۇ ئاجىزلىق ۋە تەرەققىي قىلالماسلىق ھېسسىياتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىگە ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغان بىر جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى.
ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، تۈركىيە دۇنيانىڭ كەينىدە قالدى. بۇ ناچار ئەھۋال جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر قاتلىمىدا چوڭقۇر مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىنى ياراتتى. ئەمەلىيەتتە قىيىن بولغان ئازادلىق كۈرىشىدە غەلىبە قىلغانلىقلىرىنى ئويلاپ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاسان ھېسابلىنىدىغان ئىشلاردا مەغلۇپ بولۇش ئېغىر تىراگېدىيەلەرگە سەۋەب بولدى.
تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى زور غەلىبەلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلار دۇنيادىكى ئۆزگىرىش ئۇرۇشى ئالدىدا مەغلۇب بولغانىدى. ئوخشاشلا دۇنياغا ماسلىشالايدىغان سىياسىي-ئىدارە تۈزۈم ياكى قۇرۇلما بەرپا قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت مەسىلىلەر بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بولۇپ ئېتنىك مەسىلىلەر خەلقئارالىق سەھنىدە مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ مەغلۇبىيەت پىسخىكىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلغان سىياسىي كۈچنىڭمۇ ئۈمىد بېرلەيدىغان قۇدرەتتە بولماسلىقى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان نىزامغا قارشى چىققان ۋە تەرەققىيات، نىزام ۋە ئادالەتكە ئوخشاش مەسىلىلەرنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي كۈچلەرگە زور قىزىقىش پەيدا بولغانىدى. ئەلۋەتتە، ھەر قېتىم بۇ سىياسىي كۈچلەرنىڭ مەلۇم ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى ئەسلىدە بۇ ساھەدىكى قىزىقىشنى ۋە ھىجراننى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
جەمئىيەتنى بۇ مەغلۇبىيەت پىسخىكىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاشلانغان ھەر قەدەمنى بوغۇپ قويىدىغان مېخانىزىما بار ئىدى. بىراق دۇنيادىكى زور ئۆزگىرىشلەر بۇ جايدىمۇ ھېس قىلىنىشقا باشلىدى ۋە مىللەت زەنجىرلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى.
ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تەلەيلىك ئاز سانلىقنىڭ ھاكىمىيەتىگە خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىن يېڭى بىر كېلەچەك نىشانى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك ئىدى.
جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق قاتلىمى بىلەن ئورتاق پايدىلاردا بىرلىشەلمىگەن بىر سىياسىي سىستېما كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر جاراھەتلەرنى يېڭى ئۇپۇق ۋە نىشان بىلەن داۋالىغىلى بولاتتى. مىللەت تەسەۋۋۇر قىلغان يېڭى كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە قەدەم ئېلىش كېرەك ئىدى.
بۇلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭىلىنىشقا ئېھتىياج بار ئىدى. يېڭى بىر ھۆكۈمەت بىر ئەندىزىسىگە، يېڭى بىر كېلەچەك نىشانى ۋە ئۇپۇقىغا، يېڭى قوشۇنغا ۋە يېڭى ھاياجانغا ئېھتىياج بار ئىدى. يېڭى تۈركىيە نىشانى ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ كەلگۈسىدە كۈچلۈك رولچى بولۇشنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىناتتى.
نۆۋەتتە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسان ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى پاكۇلتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كافىدىراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مازھار باغلىنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى بايان قىلىمىز:
دۇنيادىكى سىياسىي تۈزۈم ئىزچىل ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش بەزىدە تولىمۇ تېز بولىدۇ، بەزىدە نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. دۇنيانىڭ سىياسىي تارىخىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ناھايىتى ھالقىلىق دەۋىرلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. سانائەت ئىنقىلابى، يەر شارىلىشىش، يېڭى يەر ئاستى بايلىقلارنىڭ بايلىقىشىغا ئوخشاش زور ۋەقەلەر دۇنيا خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولدى. بۇ ئۆزگىرىش دەۋىرلىرىدە سىياسىي قۇرۇلما جەھەتتىن ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغانلار ئاساسەن دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن تەرتىپكە سالالايدىغان شارائىتلارغا ئىگە بولۇشتى.
ھازىرقى جۇغراپىيەمىزنىڭ چېگرىلىرى، سىياسىي قۇرۇلمىلار دۇنيادا ماكرو سەۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن مىراس قالدى. بۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ماس بولمىغان قۇرۇلمىلاردۇر. كۈنىمىزدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ تۇرماقتا. بۇ ساھەدە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەر كەسكىنلەشمەكتە.
ئۆزگىرىشلەر سىياسىي ساھەسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ھەر سىياسىي چۈشەنچە ۋە كۈچلەر ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزگىرىش دوقمۇشلىرىدا ئۆزىگە كېلەچەك ساھەسى بەرپا قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ساھەلەردە تارىخنىڭ كەينىدە قالغان جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەر، زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتلارغىچە مۇئەييەن بىر تەقدىرگە مەھكۇمدۇر. بۇ تەقدىرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىستەكلىرى پەقەت زور ئۆزگىرىش ئەسناسىدا روياپقا چىقىشى مۇمكىن.
جۇغراپىيەمىزدە كەك كۆلەملىك ۋە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. بۇ جەريان تۈركىيەنى بۇ جۇغراپىيەدە كېلەچەكتىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك رولچى بولۇشى يېڭى ئىسلاھات ۋە نىشانلار بىلەن بولىدۇ. يېڭى دۇنيا، يېڭى ئوتتۇرا شەرق ۋە يېڭى تۈركىيە مۇۋازىنەتلىرىنى بەرپا قىلىش يېڭىلىقچى سىياسەت بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. سىياسەتنى يېڭىلاش دېگەنلىك جەمئىيەتنىڭ سىياسەت مېخانىزىمىسىغا يېڭى ۋەزىپەلەرنى تاپشۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ.
سىياسەتنىڭ ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينايدىغان ئامىل جەمئىيەتنىڭ ئۇنىغا تاپشۇرغان يول بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. بۇ كېلەچەك نىشانى ۋە مەدەنىيەت تەسەۋۋۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېڭى تۈركىيە پۈتكۈل ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ فونكىسيەلىرىنى نىشان ۋە مەقسىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئادا قىلىش چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان چۈشتۇر. ھەممىمىز بۇ چۈشنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمىز.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top