You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى بىر مىللەتنى ۋيران قىلىشنىڭ قورالىدۇر

ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى بىر مىللەتنى ۋيران قىلىشنىڭ قورالىدۇر

trkiyeninyenivizyonu1كۇڭزىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئەگەر سىز بىر مەدەنىيەتنى، بىر دىننى ياكى ئېتىقادنى يوق قىلماقچى بولسىڭىز، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيەردە ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىڭ.» ھەقىقەتەن كۇڭزىنىڭ بۇنى دەپ دېمىگەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىراق شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، ئىنسانلارنىڭ زىھىن دۇنياسىنى قالايمىقان ۋە خۇنۇكلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يولللىرىدىن بىرىسى دەل ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىدۇر.
ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى ئۇقۇملارنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىنى يوق قىلىش ئورنىغا باشقا ئامىللارنى كىرگۈزۈۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇمكى، تىل ئىنسان ئوغلىغا سوۋغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خەزىنىدۇر. ئىنسان تاشقى دۇنيا بىلەن تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. مەنىگە ئىگە بولىدۇ. بىز تىل ئارقىلىق ھەم تاشقى دۇنيانى چۈشىنىمىز ھەمدە ئۆزگەرتەلەيمىز.
تىل پەلسەپىسىگە كىرىش نىيىتىم يوق، بىراق ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى بىلەن كاللىمىزدا پەيدا قىلىدىغان سىمۋوللار ۋە شەيئىلەر ئارىسىدا چوڭقۇر ھاڭنىڭ بولۇشى دېگەنلىك ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ قويۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ھەتتا، ئۇقۇم بىلەن ئۇ ئىشارەت قىلغان شەيئىي، سىموۋل ياكى بەلگە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈكلۈك ئىنسانغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى، دېسەك ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز. ئىنساننىڭ كائىنات بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى نوقۇل بىلىش ئۈچۈنلا بولۇپمۇ قالماستىن، يەنە مەنە ئاتا قىلىشتۇر. بىز ئىگە بولغان كۈلتۈرنىڭ، تېخنولوگىيەنىڭ، ھەتتا دىننىڭمۇ ھاياتىمىزدىكى ئورنىنى ئۇقۇملار بىلەن بېكتىمىز. يەنى ئۇقۇم بىلەن شەيئىي ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە ياكى مۇناسىۋەت مېتافىزىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگىدۇر. ئۇستازىمىز ۋە چوڭىمىز ئىمام غەززالىمۇ ئۇقۇم بىلەن ھادىسە ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب مۇناسىۋىتىغا ئىشىنىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىندىكى چەتنەپ كېتىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دىننىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ تىلدا«ئىسلاھات»نىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەنىدى. كۈنىمىزدە بىزمۇ زور دەرىجىدە ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز.
كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنىڭ يوق قىلىۋېتىش ۋە پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىۋېتىشتەك خۇسۇسيىتى يوق، بىراق دۇنياغا ۋە ھاياتقا بولغان چۈشەنچىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ساھەلەردىكى قالايمىقانچىلىق چوڭقۇر جاراھەتلەرگە ۋە پاجىئەلەرگە سەۋەب بولماقتا. بىز دۇچ كېلىۋاتقان تېررورىزىمنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىنىڭمۇ بۇ ساھەگە قارىتىلغانلىقىنى دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۇنىڭ چېتىشلىق يەرلىرى دەسلەپ ئىنسانلارنىڭ زىھىن دۇنياسىدىكى ھەقىقەتلەرنى قەتلىي قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالغان نىزاملىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە بۇنى ئىنسانلار ئەڭ كۆپ ئارزۇ قىلىۋاتقان بەزى دۇنياۋى ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ قىلىدۇ.
پ ك ك تېررولۇق تەشكىلاتى مەشھۇر رومانچى گىئورگىي ئورۋېلنىڭ 1984 ناملىق رومانىدا تىلغا ئالغىنىدەك، «يېڭى ئوي تىلى» بەرپا قىلىپ قانلىق نىزاملارنى سىنارىيەلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ نامى قىسقىچە غەيرى نىزامىي ئۇرۇشتۇر. رايون خەلقىنىڭ ھاياتىغا، ئېتىقادىغا، قىممەت بايلىقلىرىغا ۋە مەۋجۇتلۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزجۇلۇقتۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، تەشكىلات كۆپ ۋاقىتلاردا ئىستخىبارات بىلەن تۈركىيەنى قايمۇقتۇرغىنىدەك كۈرتلەرنىمۇ تىل ياكى ئۇقۇملار بىلەن ئالداپ كەلمەكتە.
پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىنسانىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە، زىھىنلارنى قالايمىقان قىلىدىغان ئىستىراتېگىيەنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلات ۋە قوللىغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئۇقۇم دېموكراتىيەدۇر. بۇ ئۇقۇم رىتورىك خىتابتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. مەلۇمكى، دېموكراتىيە تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ پۈتكۈل تەشۋىقات ۋە بايانلىرىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇقۇمدۇر. ھەر جۈملىسىدە دېموكراتىيە بىلەن تىنچلىق ئۇقۇمى تېپىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەنسىى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بۇ تەشكىلات، رەزىل يۈزىنى يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
ئۇنداقتا، پ ك ك بىلەن ئۇنىڭ قوللغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە دېموكراتىيە نېمە؟
ھەممەيلەنىڭ (كۈرتلەرنىڭمۇ ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ) شەرتسىز ھالدا ئۆز خاسلىقنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش تۇتۇپ ئۆز ئىرادىسىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قورال كۈچى ۋە زەربىلەر بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا تەشكىلاتقا تاپشۇرۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، دېموكراتىيە.
بۇ تەبىرنىڭ بىز بىلىدىغان دېموكراتىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىنى سىلەرگە قويۇپ قويىمەن. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىنچلىق ئۇقۇمى ئۈستىدە توختالمايلى. ھەم دىنى ھەمدە پەلسەپىۋى مەنىدىن مۇقەددەسلىكى بولغان بىر ئۇقۇمنى قولى قانغا بويالغان قاراقچىلار بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىپ مەينەت قىلغۇم يوق.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top