You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئاۋارە

ئاۋارە

ئۇيۇشماققا ئىنتىزار مىللەت،
بىرى پىتنە تېرىپ ئاۋارە،
بىرلىك ئىدى ھەممىدە مەقسەت،
بىرى قۇمدەك چېچىپ ئاۋارە…

كۆرەلمىگەچ بىرى-بىرىنى،
بىلەپ تۇرۇپ ئاڭا چىشىنى،
ئېپى كەلسە سانجىپ زىخىنى،
يىلان كەبى چېقىپ ئاۋارە…

بىلمىگەننى بىلمىدىم دېمەي،
ياكى مىللەت غېمىنى يېمەي،
ئاتتىن چۈشسە ئېزەڭدىن چۈشمەي،
ئۆزىنى چوڭ بىلىپ ئاۋارە…

ئاچچىق كىردى تاپاندىن تىكەن،
«ھايات يولى ئەشۇنداق ئىكەن»،
تاپالماستىن ئورۇننى كىرگەن،
باشقا ياقنى قېزىپ ئاۋارە…

ئۇسسۇزلۇقنى باسالماس ئوكيان،
بولسىمۇ گەر چەكسىز بىپايان،
ئەمما بۇلاق ئۇ ئىدى دەرمان،
بىرى تىنماي كۆمۈپ ئاۋارە…

تەشۋىشلەردە تولغانسا مىللەت،
ھەقنى يۆگەپ پىتنىخور زۇلمەت،
باغرى تىلمان بىچارە يۈرەك،
نادامەتلەر چېكىپ ئاۋارە!!!

ئىتتىپاقلىق ئاخىرقى تىلەك،
ئىتتىپاقلىق ھەممىدە مەقسەت،
ئىتتىپاقلىق ھەممىگە كېرەك،
ھەممە شۇنى كۈتۈپ ئاۋارە!

ئىلاۋە: بۇ شېئىرنىڭ قاچان يېزىلغانلىقى ۋە ئاپتۇرى نامەلۇم.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top