تۈركىيە ئۈچۈن تەزىيە
2016 – يىلى 10 – دىكابىر شەنبە كەچ سائەت 22:35 تە ئىستانبۇل بەشىكتاش ۋودافون پۇتبۇل مەيدانى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئاپتۇموبىللىق تېرور ھۇجۇمى پارتلاش جەريانىدا 38 ئادەم (بۇلارنىڭ 30 ى ساقچى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى، 7 ىسى پۇقرا) قازا قىلغان، 155 ئادەم يارالانغان[1].
تۈركلەرگە قان ۋە دىن قېرىنداش بولغان بىز ئۇيغۇرلار بۇ تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىپلەش بىلەن بىرگە، پارتلاشتا قازا قىلغان تۈرك ساقچى ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارالانغانلارغا شىپا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا سەۋىر تىلەيمىز.
تېرور قۇربانى بولىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەخىتلىك ۋە ماتەم كۈنلەردە ھەر زامان بۈيۈك تۈرك قەۋىمىنىڭ يېنىدا بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ قەۋىمىنىڭ بىر مەنسۇبى بولغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىمىز. بۈيۈك تۈرك قەۋىمىنىڭ قەھرىمان ئىرادىسى بۇ تۈر تېرور ھۇجۇملىرى بىلەن ئەسلا سۇنمايدۇ. بۇ پەسكەش ئۇسۇللار بىلەن تېرور قىلمىشلىرى قىلىۋاتقان خائىنلارنىڭ ئەسلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز.
تۈركىيە تۇپرىقىنى قوغداش ۋە تېرورغا قارشى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان قەھرىمان تۈرك ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى رەھمەت بىلەن ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئاللاھتىن سەۋىر تىلەيمىز. جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ باش پاناھگاھى تۈركىيەگە ئامان – ئىسەنلىك ۋە كۈچ – قۇۋۋەت يار بولسۇن.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى
[1] تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى 11 – دىكابىر خەۋىرى : ئىستانبۇلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى: شېھىت سانى 38 گە يەتتى