دوللار قارىلار

ئۆمرە جەريانىدا ئەرەبىستاندىكى شاھ ئابدۇللاھ ئونۋېرسىتى ۋە مەدىنە ئونۋېرسىتىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشتىم .مەدىنە ئونۋېرسىتىدا تۈرلۈك دىن ئىلىملىرىدە ئوقۇۋاتقان ئىجتىھادلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن موڭدىشىپ سۆيۈندۈم ۋە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە ئىرىشىۋاتقان غەلبىلىرىدىن ئىپتىخارلاندىم .مەزكۇر ئونۋېرسىتتا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن .ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرى ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ دىننىي بىلىملەرنى كامىل ئۆگىنىشكە كەپتۇ .بۇلار مۇكەممەل پەننىي بىلىملاردىن خەۋەردارلىقى ،ئوخشىمىغان مەدەنيەتكە مەنسۇپ رايۇنلاردا ياشاپ باققانلىقى ،بىر قانچە تىلغا كامىللىقى بىلەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەسلىلەرنى چۈشىنىش ،تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەپ ئوتتۇرغا قويۇشتا پەرىقلىنىدىكەن .ئۇلار ئويغۇرچە كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇرىدىكەن .تورلاردا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ،ئىنىمىز تۇرسۇنجان بىلگەنىڭ ،ئابدۇرېھىم ئابلەتنىڭ ئەسەرلىرىگە ئامراقكەن .بولۇپمۇ بىلىمخۇمار ئاكىمىز سادىق ئوقۇرمەنلىرىدىن ئىكەن .يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ئىنىمىز ئۇتۇق (ياسىما ئىسىم )بىلەن بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك پاراقلاشتۇق ۋە بىر قىسىم قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق .ئۇنىڭ بۇ تېمىنى تاللىشىغا ئەرەب ئۇستازلارنىڭ ‹سىلەردە ئىسلام تەپەككۈرلىرى بولغانمۇ ؟›دېگەن سۇئالى سەۋەب بوپتۇ .
مەدىنىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولۇنغان سۆھپەت جەريانىدا ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەرەبچە ئىلمىي كىتابلارنىڭ كەملىكى ،بولۇپمۇ ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام ،دوكتۇر ئابدۇقادىر تاش ۋە مۆھتۈرەم رەھمۇتۇللا ھاجىدىن باشقا ئۇيغۇر ئۆلىماارنىڭ قولىدىن چىققان مەخسىس تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ئازلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى .تېخى يېقىندىلا بىر ئەرەبچە گېزىتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتا ،چالا ۋە تەرەپبازلىق بىلەن مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ،بۇنىڭغا رەددىيە بەرگىدەك ماقالىنىڭ يېزىلمىغانلىقىنىڭ ئەپسۇسلۇقلىرى بايان قىلىندى .ئەرەبىستاندا چىقىدىغان مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئىسلام تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ‹مەرىپەت ›دېگەن ژورنالمۇ ئەسەرسىز قىيلىنىۋاتىدۇ .بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىدە 80-يىللاردىن باشلاپ ئەرەبىستانغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەندە قارىلىقتا ئوقۇپ مۇكەممەل پەننىي مائارىپتا تاربىيلەنمىگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىقتا قىيلىنىدىغانلىقى ،نەتىجىدە ئەرەبچە يېزىقچىلىقتىمۇ مۇۋەپىقيەتلىك بولالمىغانلىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى . ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئالدىدىكى مەسئۇليەتلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەقىدە مۇلاھىزە قىلىشقىنىمىزدا ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىلىمگە ساداقەتسىزلىكى ،سۆرەلمىلىكى ۋە ئىقتىسادقا بېرىلىپ كېتىشى قاتارلىق مەسلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتى .سۆھبەتداشلار مۇكاپاتلىق ئوقۇۋاتقانلارنىڭ پۇلغا بېرىلىپ كىتىشىنى بىر ئەيىپ سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشىپ نارازى بولۇشتى .مەكتەپتە بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ‹دوللار قارىلار ›دەپ لەقەم قويۇلغانىكەن .بەلكىم ئۇلارنىڭ تىجارىتى ۋەتەندىكىلەر بىلەن دوللار ئىشىلىتىپ داۋام قىلغاچقا شۇنداق لەقەملەنگەن بولسا كېرەك .ئەلۋەتتە مەن بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلار ئىلىمگە ،كىتابقا ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرگە ھىرىسمەنلەر ئىدى .ئۇلارچە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تالىپلارنىڭ مۇكاپاتلىق داۋام قىلىۋاتقان ئوقۇشىنى نەتىجىلك پۈتتۈرۈشكە تىرىشماي تىجارەتكە كىرىشىپ كېتىشى تەنقىدكە لايىق ئىدى .كۆزىتىشىمىزچە مەيلى ۋەتەندە پەن ئوقۇۋاتقانلار بولسۇن ياكى ئەرەب ئەللىرىدىكى تالىپلاردا بولسۇن بىر قانچە ئورتاق مەسىلە مەۋجۇتكەن .بىرى ،رىياللىقتىكى ،جەمئىيەتتىكى مەسلىلەرنى ئۆزى ئوقۇۋاتقان كەسىپ نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە ،چۈزشەندۈرۈشكە ،تەھلىل ۋە تەپەككۈر قىلىشقا ئادەتلەنمەسلىك ياكى ماھىر بولماسلىق ئىكەن .2015-يىلى يازدا ئەزھەردە ھەدىشوناسلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىزنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ يېرىم سائەتتەك ئولتۇرۇپ تالىپلارنىڭ ئاغزىدىن نە بىر ھەدىسنىڭ تەدبىقىنى ،نە بىر ئايەتنىڭ تەبلىقىنى ئاڭلىيالماي قوپۇپ كەتكەنئىدىم .يەنە بىر سەۋەب ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەدە ئوقۇش ۋە نېمە ئوقۇشىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن تاللىغانلىقى ئىكەن .قاماقتا ياتقان چاغلىرىمدا سۈرىيەدە ئىككى يىل دىندا ئوقۇغان بىر زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن تونۇشۇپ قالغانئىدىم .ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىمچە بىر قىسىم ئاتا ئانىلار ۋەتەندە بالىلىرىنىڭ ئاققا ،كەيىپكە ئۆگىنىپ بۇزۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئەرەبىستان ،مىسىر ،قاتار ،يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىسلامىي بىلىملەرنى ئوقۇشقا چىقىرىۋېتىدىكەن .ۋەتەندە پەندە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتسىزلىرىمۇ دەل يۇقارقىدەك ئائىلىسىنىڭ زورى بىلەن ئوقۇۋاتقانلاردۇر .ھازىر دىندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى مىسىردا بولۇپ ئۈچ مىڭدىن ئاشارمىش .ئەرەبىستاندىكى ئوقۇشنى ساقلاپ راباتلاردا ياتقانلارنى چىقىرىۋەتكەندە رەسمىي ئونۋېرسىتلاردا ئوقۇۋاتقانلار ئىككى يۈزدىن ئاشىدىكەن .ئىگىلىشىمچە 1980-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان 30يىل جەرياندا دەسلەپتە پاكىستان ئاندىن مىسىر ،ئەرەبىستان ،يەمەن ،قاتار ،ئىمارەت ،سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىدە دىندا ئوقۇغىلى چىققانلار ئەڭ ئاز مۆلچەرلىگەندىمۇ ئوتتۇز مىڭغا يىتىدىكەن ،ئەمما بۇلاردىن ئۇيغۇرچە كىتاب يازغىنى ،يېزىۋاتقىنى ئونغا يەتمەيدىكەن .ئەگەر ئوقۇشقا ھەقىقىي مۇھاببىتى بولغانلار چىققان بولسا ،ئوقۇشنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلەر چىققان بولسا ،ھەم پەننىي ھەم دىننىي سۆيىدىغانلار چىققان بولسا بەلكىم ئوتتۇزمىڭ ئادەمدىن ئوتتۇزى كېرەككە كەلگەن بولاتتى .
سۆھبەداشلىرىمغا دېمىگەن بىلەن ‹دوللار قارىلار ›نى قارىلاشقا تىلىم بارمىدى .ئوقۇشقا ھەقىقىي بېرىلمىگەندىكىن ئۆزىنى ئۆزگىنى ئالداپ موللا قىياپەتلىك تىجارەتچى بولىۋالماي تىجارەتچىلا بولۇپ كەتسە ھىچ يامىنى يوق .موللا –ئۆلىما ۋە قارىلار تىجارەت قىلسا بولمايدۇ دېگەن قائىدىمۇ يوق .تىجارەت دېگەن پەيغەمبىرىمىزدىن قالغان ئىش .خەلقىمىزدىكى ‹موللىنى بۇزغان بىر قاچا ئاش ›دېگەن ماقالمۇ مۇھتاجلىقنىڭ ئىنساننى نە كويلارغا سالىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇپتۇ .شۇنى دېگۈم كېلىدۇ ،ئاشۇ جاھان كۆرگەن ئوتتۇز مىڭ تالىپنىڭ يىگىرمە مىڭى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدى ،جەمئىيەتنىڭ زورى ۋە شۆھرەت تاماسى بىلەن موللىلىق كوچىسىدا قىستىلىپ يۈرمەي تىجارەتلا قىلغان بولسا ئاۋال ئۆزىگە ،جەمەتىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلىقئارا سودىدىكى ئورنىغا كۆپ پايدىسى تېگەر بولغىيتى بەلكىم .سېلىشتۇرۇپ باقسام شاھ ئابدۇللا ئونۋېرسىتىدا پەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا تىجارەت قىلىدىغان ئەمەس بۇ ھەقتە ئويلىشىدىغانلارمۇ يوق ئىكەن .بىرەيلەن تېخى ئۈندىدار توپىدىكى سەككىز يۈزدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزغا بىلىم بەرگىلى تۇرۇپتۇ .چۈنكى بۇلار ئوقۇشنى ئۆزى تاللىغان ،كەسىپتىكى مۇۋەپىقيىتى ئۇلارنى پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان ،ئوقۇشنى تاماملىسا خىزمەت ئورنىنى ئۆزى چىكىپ تالايدۇ .دىن ئوقۇغانلارچۇ ؟ئوقۇپ بولۇپ نەدە نىمە ئىش قىلىدۇ ؟نېمە بىلەن تۇرمۇشنى قامدايدۇ ؟نەدە ،كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ؟مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا دوللار قارىغىلارمۇ مەدەت بەرمەي تۇرالمايمىز .
ئۇتۇق ئىنىمىز مەدىنىدىن ئايرىلدىغان كۈنۈم خوشلىشىشقا كەلدى .ساۋاقداشلىرى ئۇلارغا قانداق تەۋسىيەلىرىم بارلىقىنى سوراپتۇ .ئوخشىمىغان ئەللەردە دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇش ،قولىغا قەلەم ئېلىش ،جامائەتلىنىش ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەۋسىيەمنى دەپتىمەن .ئويلاپ باقسام سەل چالا بولۇپ قاپتۇ .ئەسلى ،دىندا ئوخشىمىغان دۆلەتلاردە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش بىلەن بىرەر ئەمەلى تېخنىكىنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ،جامائەتلىشىپ ياشاش بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ،ئوقۇپ بولۇپ يېزىشتا ئەمەس يېزىپ يۈرۈپ ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىسەم بولغانىكەن .دوللار قارىلارغا سالاملار بولسۇن ،ئەمما دوللارغىلا دۈم چۈشسە قارى بولالمايدۇ ،دوللارسىز قارى بولۇپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ .دىلىمدا ئىمان ،قولىدا شىركەت ،يانچۇقىدا دوللار بولسا تېخى ياخشىى ئەمەسمۇ .