تەبىئىي پەننى ياخشى ئوقۇش ئۇسۇلى
بىلىمخۇمار2016-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆزلىكىمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تورلارغا چىقىرىپ قويغاندىن بۇيان، ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇكىلاردىن بىر قانچىسى مەندىن ئۆزۈم ئەينى ۋاقىتتا پايدىلانغان كەسپنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. تۆۋەندىكىسى مەن بۇرۇن ئۆزۈمدىن سورالغان بىر سوئالغا بەرگەن جاۋاب بولۇپ، ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە تەبىئىي-پەن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇكىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى بىر ئاز تولۇقلاپ، مەزكۇر مۇنبەرگە چىقىرىپ قويدۇم. بۇ قىسقا سوئال-جاۋابتىن باشقا، بىلىۋال تور بېتى مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەت خاتىرىسىدىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدە خېلى كۆپ يەرلەردە تەپسىلى توختالغان. شۇڭا ئۇنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئۇكىلارغا ئاشۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن (ئاللاھ بۇيرىسا ئاشۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى بۇ يىل بىر كىتاب قىلىپ چىقىرىپ تارقىتىمەن).
مەن 1981-82-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە ئوتتۇرا مەكتەپكە تەكلىپ بىلەن بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا «مەن قانداق ئۆگەندىم؟» دېگەن تېمىدا 2 سائەتتىن لېكسىيە سۆزلىگەن، ھەمدە ئۇنىڭدا ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لېكسىيە ئۇيغۇر خەلق رادىئوسىدا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى «شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى» غىمۇ بېسىلغان ئىدى. ئەپسۇس، مەن ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ژۇرنال، ھەمدە مېنىڭ ماقالىلىرىم بېسىلگەن ۋە تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۇيغۇر مۇخبىر مەن توغرىسىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى تەييارلاش ئۈچۈن مەندىن ئارىيەت ئەلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن شاڭخەيگە ئوقۇشقا كەتىپ، ئۇ ماتېرىياللارنى قايتۇرۇپ ئالالماي، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ماتېرىياللاردىن ئايرىلىپ قالدىم. ئەگەر ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار بار بولسا، «شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى» دىكى ئاشۇ ماقالىنى تېپىپ، ئۇنى تورلارغا رەسىم شەكلىدە چىقىرىپ قويالىسا، مەن چەكسىز مىننەتدار بولغان بولاتتىم. مەن ئۇ چاغدا يازغانلىرىمنى ھازىر قايتا يازالمايمەن – ھازىر يازسام ئۇ چاغدىكىسىگە ئوخشىماي قالىدۇ.
ھازىر ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئىگىلەش ئۇچۇن ئوقۇۋاتقانلار بار. پەقەت ئىمتىھان ۋە دىپلوم ئۇچۇن ئوقۇيدىغان ياشلارمۇ بار. ھەمدە بۇ ئىككى خىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ياشلارمۇ بار. تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىدۇ. ئەمما، دۇنيادا بىر ئىشنى توغرا قىلىشنىڭ ھەممە ئادەملەرگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلى مەۋجۇت بولمىغىنىدەك، تۆۋەندىكى ئۇسۇلمۇ ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىۋەرمەسلىكى، ياكى بولمىسا تولۇق ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭلاشقا سىز دەسلىپىدە بۇ ئۇسۇلنى سىناق تەرىقىسىدە قوللىنىپ بېقىڭ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىر نۇسخىسىنى يەكۈنلەپ چىقىڭ.
سوئال: بەزىلەر «ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگىنىش كېرەك،» دەيدۇ. سىزچە ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر نەرسىنى (مەسىلەن، ماتېماتىكىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر نەرسىنى (مەسىلەن، چەت ئەل تىلىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يەنە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدا كۆپ قېتىم سىناق قىلىش، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى خۇلاسىلاش، ۋە ھەر خىل تەجرىبە-ساۋاقلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا يەكۈنلەپ چىقىشى كېرەك.
مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تۆۋەندىكىدەك بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم. بۇ ئۇسۇلدىن ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان ۋاقتىمدىمۇ پايدىلىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم:
1)دەرستىن بۇرۇن كىتابتىكى يېڭى ئۆتۈلىدىغان مەزمۇننى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش.
2) دەرس ۋاقتىدا لېكسىيىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلاش، ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇش.
3) دەرستىن كېيىن ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى پىششىقلاپ تەكرار قىلىش، ۋە تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلەش.
4) مۇھىم مەزمۇن ۋە تەڭلىمىلەرنى دەرسلەرگە ئايرىپ ئىخچام قىلىپ خۇلاسە قىلىۋېلىش.

1-رەسىم: تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تەبىئىي-پەننى ئۈنۈملۇك ئۆگىنىشنىڭ 4 چوڭ قەدەم-باسقۇچى.
تۆۋەندە مەن ھەر بىر نۇقتا ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.
1) تەبىئىي-پەندە يېڭى دەرس ئۆتۈلگەندە، يېڭى ئاتالغۇنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ئەگىشىپ مېڭىش بىر ئاز قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر يېڭى دەرس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن سىز ئۇ دەرسلىكنى بىر قېتىم ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىز جىق ئاسانغا توختايدۇ. زېھنىڭىزنى يېڭى ئاتالغۇلارغا ئەمەس، دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرەلەيسىز.
مەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرسنى «تەستىقلىغۇچى» بولغان ۋاقتىم كۆپ بولغان. يەنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى دەرس سۆزلىگەندە ماڭا قاراپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا چىرايىمدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ئوقۇتقۇچى «ئەركىن، بىر يېرى خاتا بولۇپ قالدىما؟» دەيتتى. يەنە بەزى ۋاقىتلاردا بولسا مەن ئۆزۈم قول كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى خاتا سۆزلەپ قويغان يەرنى كۆرسىتىپ بېرەتتىم. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى ئوقۇتقۇچىلار ئىزچىل تۈردە قارشى ئېلىپ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئۆتكەن ئىدىم. مېنىڭ ئاشۇنداق قىلالىشىمنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغان ئامىللارنىڭ بىرى، مېنىڭ دەرستىن بۇرۇن كىتابتىكى يېڭى ئۆتۈلمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى بىر قېتىم ئالدىن ئوقۇپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇ مەزمۇنلارنى چۈشىنىۋېلىشقا تىرىشقانلىقىمدۇر.
2) دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرىغا جۈملىمۇ-جۈملە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز. ئاشۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا يازغان ۋە سۆزلىگەن مۇھىم مەزمۇنلاردىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش. بۇ خاتىرە ئىمتىھانىلارغا تەييارلىق قىلىش ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ: سىز ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى سۆزلىگەنلىگىنى ئاسانلا ئاڭقىرىيالايسىز. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىمۇ شۇنداق. يالغۇز تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە تولۇق ئىشلەپ مېڭىپلا قالماي، مۇمكىن بولسا ھەر بىر باپنىڭ ئاخىرىدىكى مەشىقلەرنىمۇ تولۇق ئىشلەپ مېڭىڭ. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمتىھانىلارنىمۇ ياخشى بېرىشكە زور پايدىسى بار.
مەن بىرەر كۈنلۇك دەرستىن قېلىشقا ئىنتايىن ئۆچ ئىدىم. سەۋەبى، بىر كۈنلۈك دەرستىن قالسىڭىز، كېيىنكى بىر قانچە كۈنلۈك دەرستە ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيسىز. ئارىلىقتا قاتناشمىغان دەرسنى ئۆزىڭىز ئۆگىنىپ تولۇقلاپ بولغاندىلا، ئاندىن دەرسكە قايتىدىن يېتىشىپ ماڭالايسىز. شۇڭا مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، دادام بەزىدە «بۈگۈن مەكتەپتىن سوراپ، ئۆينىڭ پالانى ئىشىنى قىلىۋەتكىن»، دىسە، مەن «ماقۇل»، دەپ قويۇپ، مەكتەپكە دادامغا ئۇختۇتماي قېچىپ كېتىپ، كەچتە قايتىپ كەلگەندە دادامدىن تاياق يىگەن ئىدىم.
3) كۆپىنچە ئەھۋالدا، بىر قېتىم دەرس ئاڭلاش بىلەنلا ھەممە ماتېرىياللارنى چۈشىنىپ بولۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دەرستىن چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىملىق دەرسكىچە بولغان ۋاقىتتا، چوقۇم يېڭى دەرسنى ئۆزلىكىڭىزدىن تەكرار قىلىشىڭىز، سىز چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر بولسا ئۇنى ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئۇستازىڭىزدىن سوراپ چۈشىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. دەرسنى تەكرارلىمىسىڭىز قايسى مەسىلىنى چۈشىنىپسىز، قايسىسىنى چۈشەنمەپسىز، ئۇنى بىلەلمەيسىز. بۇ قېتىمقى دەرستىكى چۈشەنمىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالمىسىڭىز، يېڭى دەرستىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيسىز.
4) دەرس تەكرارلاش جەريانىدا خۇلاسە يېزىش. بۇنىڭدا سىز ھەر بىر باپ ۋە ھەر بىر پاراگرافتىن ناھايىتى ئىخچام قىلىپ خۇلاسە يېزىۋالىسىز. بۇ خۇلاسە مۇھىم تەڭلىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ مېڭىپ تەييارلىغان خۇلاسە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغاندا كىشىگە ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلىدۇ. مەسىلەن، مەن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ۋاقتىدا خاتىرە دەپتىرىمدىن ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى ئېنىقلىدىم. ئاندىن كىتابنىڭ ئاشۇ مەزمۇنلىرى بار يەرلىرىنى بىر قېتىم ناھايىتى تەپسىلى ۋە ئىنتايىن ئەستايىدىل تەكرارلاپ چىقتىم. بىرەر مەزمۇننى تولۇق چۈشەنمەي ئۆتكۈزىۋەتمىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن كىتاب ۋە دەپتەرنى قايتا تەكرارلىماي، پەقەت خۇلاسە قەغىزىمنىلا بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم تەكرار قىلىپ ئۆتكۈزدۇم. شۇنداق قىلىپ ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى پۇختا ئىگىلىدىم. مەن مۇشۇنداق قىلىشنى ئامېرىكىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. مەن بىر مەۋسۇم ئۆتۈلگەن بىر دەرستىن تەييارلىغان خۇلاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 بەت ئەتىراپىدا بولۇپ، مەن ئۇ خۇلاسىلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئوبدان ساقلاپ، ئۇلاردىن ئۆز خىزمىتىمدىمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە پايدىلاندىم. مەسىلەن، ماڭا بۇرۇن ئۆگەنگەن تەڭلىمىدىن بىرەرسى لازىم بولۇپ قالغاندا، پۈتۈن كىتابلىرىمنى بىر قېتىم ئاقتۇرۇپ يۈرمەي، بىر يەردە ئوبدان ساقلاۋاتقان خۇلاسىلارغىلا قارىدىم.
ئاخىرىدا مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇكىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا، ئۈندىدارغا ۋە ئۇيغۇرچە سالۇنلارغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.