You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 6 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇختۇرىشى

6 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇختۇرىشى

Ana Til ve MS & PhDتىل- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ تارىخى ۋەزىيەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئىلىمگە تەشنا ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز، ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2010-يىلىدىن بۇيان خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش نامىدا، 5 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىلى ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەۋپ ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى. بۇ پائالىيەت تۈرتكىسىدە ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2010-يىلى 21-فېۋرال ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرەلەش پائالىيىتى جانلىنىشقا باشلىدى.

مەرھۇم ۋەپەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «توختىماس كارۋان، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق.» سۆزىگە بىنائەن، 6 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى 2016-يىلى  2-ئاينىڭ 21-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 13:00 – 18:00 ئارلىقىدا ئىستانبۇل دېڭىز فەنەرى جەمىئىيىتى (ئورنى: توپكاپى سېپىل بويى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقىسىدا) يىغىن زالىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يىللاردىن بېرى، ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ يار بېرىشىچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئىلىمسۆيەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش، دوكتۇر ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، شۇنداقلا، كېيىنكى ئەۋلات ياش ئەۋلاتلارنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئەنئەنىگە ئايلانغان ”ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى يەنە بىر  مۇھىم پائالىيەتتۇر.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان ئاساسلىق رولى تۆۋەنىكىدەكتۇر:

1) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال دائىرىسى كۈندىن كۈنگە تارىيۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ھازىر ئىنتايىن خەۋىپ ئاستىدا قالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى بۇ تىل يولىدا جان بېرىپ قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز بىر ئېغىز تىلى ئىكەنلىكى، ئەدەبىي يېزىق تىلى بولالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ كېرەكسىز بىر تىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تونۇلغان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك، ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە ئىلىم – پەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى، سۆزدە ۋە ئىپادىلەشتە كەمبەغەل بىر تىل دەپ قارىلىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈلۈك يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ يەتتە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرىدا، ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت ھەرخىل تېمىلاردا بەرگەن ئىلمىي دوكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

گەرچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ناھايىىتى ئاددىي ۋە كىچىك ھەرىكەتلەردەك تۇيۇلغان بىلەن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىر ئىلمىي خىزمەت ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس رۇھىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا بەرگەن رۇھى ئۇزۇقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىدۇر.

مانا شۇنداق بىركۈندە، مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن يۈرەكتىن  ئۈمىت قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگېستىر -دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى:

1 – بۆلۈم : ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمەلىرى

13:15 – 13:00: ئېچىلىش نوتۇقلىرى
14:00 – 13:15: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئانا تىل (تىلشۇناس ئابدۇۋېلى ئايۇپ)
14:50 – 14:10: يېڭى چىققان كونا گەپ، دېمەكتىمەن كۈندە خەپ (تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز)
15:20 – 14:50: چاي ۋە قەھۋە

2 – بۆلۈم : ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمەلىرى

15:30 – 15:20: ئېچىلىش نوتۇقلىرى
16:10 – 15:30:چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىللەر
17:00 – 16:20:نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر
17:50 – 17:10: ئۇيغۇر تارىخىدا خوجىلار دەۋىرى

ۋاقتى: 2016 – يىلى 2- ئاينىڭ 21 – كۈنى
ئورنى: دېڭىز فەنەرى جەمىئىيىتى مەركىزى (زەيتىنبۇرنۇ توپكاپى قەلئەسى بۇيى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتىتى ئارقىسىدا)

Deniz Feneri Derneği Genel Merkezi
Adres: 10.Yıl Cad. Cinoğlu Çıkmazı, No:4, Zeytinburnu / İstanbul

ئالاقە تېلفۇنى: 05063845639, 05378112235

Comments (1)

  • بىناۋا

    خۇشخەۋەردىن سۆيۈندۈم. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىزگە ئانا تىلنى چەتئەللەردە قانداق قوغداش نۇقتىسىدا مەسلىھەتكار بولىدۇ-چوقۇم!

    ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top