You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈزۈم ئەۋزەلمۇ مىللەتمۇ؟

تۈزۈم ئەۋزەلمۇ مىللەتمۇ؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
  بۇرۇن ھەرەمگە بارغانلاردىن تۈرك ھاجىلارنىڭ ئەڭ تەرتىپلىك تاۋاپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆمرە ئىبادىتىگە مۇشەررەپ بولغىنىمىزدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن مۇڭدىشىش، ئۇلارنىڭ تاۋاپ جەريانىنى كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. دېيىلگەندەك، تۈركىيە، مالايسىيە ۋە ھىندونوزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تاۋاپنى ھەقىقەتەن قائىدە ئەھكاملىرى بويىچە تولىمۇ سۈپەتلىك تاماملاۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەلىك، ھىندونوزىيەلىك ۋە مالايسىيەلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا ئەل مۇسۇلمانلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم ۋە باشقىلاردىن پىكىر ئالدىم.
   كۆزىتىشىمچە تەرتىپلىك ھەج قىلىۋاتقان تۈركىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەلۇم بىر ساياھەت شىركىتىگە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ يېتەكچىلىك قىلىدىغانغا ئۇستاز، ئاغرىق-سىلاقلارغا دوختۇر سەپلەنگەن ئىكەن. ھەممەيلەنگە بىردىن كارتا تارقىتىلىغان بولۇپ ئۈستىگە شۇ كىشىنىڭ ئىسمى، ئادرىسى، تېلىفون نومۇرى ۋە مەسئۇل شىركەتنىڭ ئالاقە ئادرىسى، ئالاقىدار كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرى تۈركچە ئەرەبچە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھەج قوللانمىسى بولدىكەن. ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىھانخانىلاردا تاۋاپتىن بۇرۇن دەرس ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. شىركەتلەر يېتەكچىلەرنى تاللىغاندا مۇشۇ ساھەدە ئىتىراپقا ئېرىشكەن، بەلگىلىك جامائىتى شەكىللىنىپ بولغان ئۆلىمالارنى تاللايدىكەن. ھەج قىلماقچى بولغان خېرىدار شىركەت كۆرسەتكەن ئۆلىملارنى تاللاپ، قايسى ئۆلىمانىڭ ۋەز تەبلىقلىرىنى ياقتۇرسا شۇ كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تاۋاپ ئۆمىكىگە قېتلىدىكەن. تۈركىيە دىيانەت مىنىستىرلىكى مەخسۇس تۈرك ھاجىلار ئۈچۈن مەككە ۋە مەدىنىدە سەھىيە مەركەزلىرىنى قۇرغان بولۇپ ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
مالايسىيە ۋە ھىندونۇزىيەنىڭمۇ ھەج تاۋاپ ئىشلىرى ئاللىقاچان شىركەتلىشىپ بولغان بولۇپ ھەتتا ئوخشىمىغان شىركەتلەرنىڭ ھاجىلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان مەخسۇس كىيىملىرىمۇ پەرقلىق ئىكەن. كىيىملەر ئاق، ھال، كۆك، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق قارىدىن باشقا رەڭلەردە بەكمۇ چىرايلىق لاھىيەلەنگەن بولۇپ ئۇلاردىكى تەرتىپ، ئىتائەت ۋە بىرلىككە ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن مەستلىكى كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تۈركلەردەك سېخىلىق بىلەن سەدىقە تارقاتقانلىرىنى كۆرمىدىم، ئەمما ھۆرمىتىنىڭ ھەرەمدە تۈركلەردىن كەم ئەمەسلىكىگە شاھىد بولدۇم.
   تاۋاپ جەريانىدا ۋە تاۋاپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە دوستلاردىن سوراپ باقتىم. بەزىلەر تۈركلەرنىڭ ئالتە يۈز يىللىق ئىمپىرىيە تارىخى بولغاچقا مەدەنىيلىكى، مەرتلىكى، مىھرىبانلىقى، سېخىلىقى سەۋەبلىك ئەرەبىستاندا ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بەزىلەر تۈركىيەدىكى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقى نەتىجىسىدە تۈرك خەلقنىڭ ئىززەتلەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يەنە بەزى دوستلار تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادتا گۈللىنىپ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك ھالغا كەلگەنلىكىىنى سەۋەب قىلىشتى. مەنچە بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ پەرىزىمىز، بەزىلىرى ئارزۇيىمىز، يەنە بەزىلىرى بولسا نەتىجە، سەۋەب ئەمەس.
   مەن مىللەت نوقتىسىدىن دېيىلىۋاتقان تۈركلەر مەدەنىيەتلىك بولغاچقا ھۆرمەتلىنىدۇ، ھىندونۇزىيە ۋە مالايسىيەلىكلەر تەرتىپلىك بولغاچقا دۆشكەللەنمەيدۇ …ۋاھاكازالارنى ئاڭلىغىنىمدا بۇ مىللەتلەرنى مۇشۇ بۇ باھالارغا سازاۋەر قىلغان سەۋەپلەرنى ئويلايمەن. بىز ئۇيغۇرلار مىللەت كۆپتۈرىلىۋاتقان ۋە چۆكتۈرىلىۋاتقان ئىككى ئاشقۇنلۇق ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز. مىللەت سۆزى ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن كىرگەن بولۇپ مۇبارەك قۇرئانىمىزدا «يول، دىن» مەنىلىرىدە كۆپرەك قوللىنىلغانىكەن. شۇڭا ئارىمىزدىكى مىللەت ئىنكارچىلىرى قايەردە، كىمگە، نېمە دەۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشلىرى، ئەمەلىيەتتە كىملەرنىڭ سەنەمىگە دەسسەۋاتقانلىقلىرىنى ئاڭقىرىشى موھىم. مىللەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ تەتۈرى مىللەتنى كۆپتۈرۈشتۇر. «ھىندونۇزىيانلار، مالايلار، تۈركلەرنى ھەرەمدە پەزىلەتلىرى سەۋەبلىك تىگىشلىك ھۆرمەتلىنىۋاتىدۇ» دېگەنلىرىمىزدە شۇ مىللەتلەرنى كۆپتۈرىۋاتقان بولىمىز. چۈنكى مىللەت دېگەندە ياخشى يامان ھەر خىل ئادەم بار. ئەمەلىيەتتە بىز مىللەت سۈپىتىدە كۆپتۈرىۋاتقان بۇ دۆلەتلەردە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەندىكىدەك بىرللا مىللەت يوق. سىزگە پاكىز كۆرۈنىۋاتقان مالاي مۇسۇلمانلىرى ئۆمىكىدە ئادەتتە پاكىستانلىقلار ئارىسىدا مەينەت كۆرۈنىدىغان ئوردۇ مۇسۇلمانلىرىمۇ،خۇيزۇلار  ئارىسىدا تۇرسا ئاچكۆز بىلىنىدىغان خەن مۇسۇلمانلىرىمۇ بار. ئولتۇرۇپلا غىزالىنىپ ھەرەم مەيدانىنى مەينەت قىلغان ئىراقلىق كوردلارنىڭ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرى تۈرك ھاجىلار ئۆمىكىدە سىزنى سۆيۈندۈرۈپ يۈرۈپتۇ. نېمىشقا بىر مىللەت ئىككى ئۆمەكتە، ئىككى دۆلەتتە پەرقلىق سۈپەتتە بولىدۇ؟ ئېسىل سۈپەت، ئەۋزەللىك مىللەتتىمۇ؟ ياق، مىللەتلەردىكى ئەۋزەللىك شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، ئۇلار ياشاۋاتقان تۈزۈمدە.
   قارايدىغان بولساق پۇقرالىرى تەرتىپلىك ھەج قىلىپ  ھەر يەدە ھۆرمەتلىنىۋاتقان بۇ ئۈچ دۆلەت دېموكراتىك سىياسى تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردۇر. ئىراقلىق تۈركمەننى تۈركىيەلىك تۈركمەندىن ساپاسىز قويغان، سۈرىيەلىك كوردنى تۈركىيەلىك كوردتىن تەربىيەسىز قويغان، بېرمالىق مۇسۇلماننى مالايسىيەلىك مۇسۇلماندىن تەرتىپسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان نامۇۋاپىق تۈزۈمدۇر. شۇڭا مەن بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ئۈستۈن ياكى مىللەت سۈپىتىدە تۆۋەن دېيىشكە قارشى. مۇۋاپىق تۈزۈم مىللەتنى ھەر يەردە ئۈستۈلۈككە، ساپاغا، پەزىلەتكە، ھۆرمەتكە يار قىلىدۇ؛ نامۇۋاپىق تۈزۈم مىللەت ئەزالىرىنى ئۆز ۋەتىنىدىمۇ ئۆزىگە، ئۆزگىلەرگە ۋە ئەھلى جاھانغا خار قىلىدۇ. بۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرەي.
   مەدىنىدە تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى ئاچقان بۈيۈك مارمارا دېگەن مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. پۇكەيدە ئولتۇرغان ئەرەب خادىم بىلەن پەقەت تىل ئۇقىشالمىدىم، ئەرەبچىدىن باشقا نە ئېنگىلىزچە، نە تۈركچە، نە فارىسچە بىلمەيدىكەن. ئاخىرى شۇ يەردە تازىلىق قىلىۋاتقان بىر بېنگاللىق كىشى بىزگە ئەرەبچە-تۈركچە تەرجىمانلىق قىلىپ ساۋاپ ئالدى. بىلىدىغانلاردىن بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئەرەبىستاندا چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچكە بىر نىسبەتتە يەرلىك ئەرەب خادىم ئىشلىتىشى شەرتكەن. شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى مەجبۇرى قوبۇللىغان ئەرەب خادىملىرىنى ۋە شۇلار سەۋەبلىك باشقا مىللەت خادىملىرىنى باشقۇرۇپ بولالماي ئەرەبلەرنى مۇئاشنى ئېلىشقا ئەمما ئىشقا كەلمەسلىك شەرتىگە كۆندۈرگەنىكەن. كۆرۈشكە بولىدۇكى ئەرەبنى ھورۇن قىلغىنى، ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قويغىنى مۇشۇنداق نامۇۋاپىق تۈزۈم. بۇنداق تۈزۈم بار يەردە ياشىغان ھەرقانداق مىللەت ھورۇن بولىدۇ. ئادەم ئىشتىن قوغلىنىشتىن قورقمىسا، ئىشلىمىسىمۇ مۇئاش كەلسە جاپا چېكىپ نېمە قىلىدۇ؟ خەققە ياخشى مۇلازىمەت قىلامدۇ؟ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا، ھىدايىتىگە ئېرىشەلەمدۇ؟
   بىر مىللەت قاچان مۇۋاپىق تۈزۈمدە ياشايدىكەن كۈچلۈك بولىدۇ، ساپالىق بولىدۇ، ئىززەتلىك بولىدۇ. نامۇۋاپىق تۈزۈم سەۋەبلىك ۋاقتىنچە ئاجىزلىققا چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىغا، دۇنيانىڭ نەپرىتىگە قالىدۇ. ھازىر كۆزىمىزگە ساپالىق كۆرۈنىۋاتقان بەزى مىللەتلەرنىڭ ناچار تۈزۈم سەۋەبىدىن بىر مەزگىل ئۆتكۈزگەن بەدبەشىرە خاتالىقلىرى بولغان. ئۇندىن باشقا بىر مىللەت تۇرۇپ مۇۋاپىق ۋە نامۇۋاپىق تۈزۈمدە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن پەرقلىق كۈن كۆرۈۋاتقانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ھەممەيلەنگە مىللەت سۈپىتىدە گېرمانلار، ياپۇنلار، كورىيانلار ساپالىق تۇيۇلىدۇ. شۇ ساپالىق گېرمانلارنىڭ گېتلىر يولغا قويغان دۆلەت كاپىتالىزىمى تۈزىمىدە كۈچەيگەن بولسىمۇ ئالۋاستىغا ئايلىنىپ ئىنسانىيەتنى ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئويلاپ باقايلى. ئوتتۇز يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئۇنۋېرىستىت ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇكاپات تارقىتىپ كېلىۋاتقان، جوڭگۇنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەڭ كۆپ يارىدەم بەرگەن ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ ھەربى ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم دەۋرىدە پۈتۈن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى قىلغانلىقىغا نەزەر سالايلى. دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ ئىجادچانلىقى بىلەن ماشىنىسازلىق، گېرىمچىلىك، كىيىم –كېچەك ساھەسىدە مۆجىزە ياراتقان جەنۇبى كورىيەلىكلەرنى ماختىغاندا شۇ مىللەتنىڭ شىمالدىكى قوشنا زېمىندا مۇستەبىت تۈزۈم سەۋەبلىك قورسىقىنىمۇ باقالماي، نادانلىق، شەخسكە چوقۇنۇش قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ پاتقىقىدا ئىڭراۋاتقان «بەدبەشىرە» ھالىتنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتمايلى. دېمەك، ئەۋزەل ياكى ناچار تۈزۈم ئوخشاش مىللەتنى ئوخشىمىغان يەردە ۋە ئوخشىمىغان زاماندا ئوخشىمىغان بەخت ۋە بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ.مالايسىيا بىلەن ھىندىنوزىيەنىڭ تۈرۈكلەردەك، ئۇيغۇرلاردەك ئۇزۇن تارىخىي، تارىخىي يادىكارلىقلىرى تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەتى بولمىغان تەغدىردىمۇ، بۈگۈنكىدەك ئەۋزەل دېمكوراتىك تۈزۈمنى بەرپا قىلالىغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەت بىلەن ئىززەت بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ .
   ھەرەمدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تۈركىيە، مالايسىيە، ھىندونۇزىيە مۇسۇلمانلىرى دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ شاراپىتىدە بىرى ئەركىن ئىقتىسادىي تۈزۈلمىگە ئىگە، يەنە بىرى باشقا مۇسۇلمانلاردا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇچرىمايدىغان سىياسى ساپالارغا ئىگە. تۈركىيە ۋە ھىندونۇزىيەلەردە تاۋاپنىڭ ئاللىقاچان شىركەتلىشىپ ئىزىغا چۈشۈپ بولغانلىقى بۇ ئەللەرنىڭ ئەركىن ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى يولغا قويۇپ شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە مۇۋاپىق سەھنە ھازىرلارپ بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  بۇ ئەللەردىن كەلگەن تاۋاپچىلارنىڭ ساقچىدىن ھىچ قورقماستىن نارازىلىقلىرىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلىشلىرى دېموراتىك تۈزۈمنىڭ كىشىلەرنىڭ سىياسى ئەركىنلىكىگە شارائىت ياراتقانلىقىغا باغلىق. بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرەي. دېيىلىشىچە ھەرەمدە بىر قېتىم تۈرك تاۋاپچىلارغا ئەرەب ساقچىلار قوپاللىق قىلىپ بىرەيلەننى ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭ تاۋاپ ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ جىم ئولتۇرىۋاپتۇ. نەتىجىدە يوللار توسۇلۇپ تاۋاپ ئىمكانسىزلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار باشلىقى كېلىپ تاياقلانغۇچىدىن كەچۈرۈم سوراپ، تاياقلىغۇچى ساقچىنى جازالاپ ئىشنى ھەل قىپتۇ. تۈركىيە دېموكراتىك دۆلەت بولغاچقا كىشىلەر نارازىلىقلىرىنى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە ئىمزالىق ۋە ئىمزاسىز شىكايەت خەتلىرىنى يوللاش، ئاخباراتقا جاكارلاش، نامايىش قىلىش، جىم ئولتۇرىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئىگە، ھەمدە نەچچە يىلنىڭزى شۇ پۇرسەتلەرنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن. شۇڭا تۈركلەر نارازىلىقلىرىنى كالتەككە تاياق قايتتۇرمايمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدۇ. تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئورنىدا مۇستەبىت ئەلدە ياشايدىغان بىر تۈرك قەۋمى بولغان بولسا غەزىپىنى يۇقارقىدەك تىنچ شەكىلدە ئەمەس، مۇشت-پەشۋا بىلەن قانلىق ئىپادىلىشى ۋە ئۆزىنى قاماقتا كۆرۈشى مۇمكىن.
   ئۇيغۇردا دېموكراتىيەنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەرگە باغلىق. تاشقى سەۋەپلەرگە قارىغىنىمىزدا ئۇيغۇر ئۆلىمالار كۆپرەك بىلىم ئالغان مىسىر، سۈرىيە، ئەرەبىستان ۋە يەمەن قاتارلىق ئەللەردىكى مۇستەبىتلەرگە بېقىنغان ئۆلىمالار دېموكراتىيەنى ئىسلامغا زىت دەپ قارايدۇ. دېموكراتىيەنى غەرپنىڭ قورالى دەپ قاراپ خەلقتىكى دېموكراتىك تەلەپلەرنى غەرپنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقى شەكلىدە شەرھىيلەيدۇ ۋە باستۇرۇشنى قوللايدۇ. مۇستەبىتلەر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىرى خەلقنى تۈرلۈك ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەپ شۈكرىگە ئۈندەيدۇ، ئاخباراتلارنى سېتىۋېلىپ مىڭىلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە يۇيۇپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، دىنىي ۋە بارلىق پىكرىي ئىلىملەرنى ھاكىمىيەتكە بويسۇندۇرۇپ ئۆزىگە مايىل قاراشنى مەسجىدتىكى تەبلىقلەردە، دەرسخانىلاردىكى لېكسىيەلەردە ۋە تېلۋىزوردىكى سۆھبەتلەردە كەڭرى تەشۋىق قىلىدۇ. نەتىجىدە بىزدىن بۇنداق ئەللەرگە ئىبادەت، تىجارەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چىققانلار قوبۇل قىلىپ تارقىتىشقا باشلايدۇ. 2005 –يىللىرىغۇ دەيمەن، غەرپ مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە باھا بېرىپ «تۈركىيە ئىران بولارمۇ، مالايسىيەمۇ؟» دېگنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بۇ ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دېموكراتىيەنى يولغا قويۇشتىكى ئىككى ئۈلگە بولۇپ بىرى شەكىلدە دېموكراتىك ئەمەلدە مۇستەبىت دۆلەت، يەنە بىرى مۇسۇلمانلار ئىچىدە دېموكراتىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ يۈكسىلىۋاتقان دۆلەت. ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ مانا بۈگۈن تۈركىيە دېموكراتىيەگە بەكرەك ئۇيغۇنىلىشىۋېدى خەلقنىڭ مۇسۇلمانلىق تەلىپىگە تېخىمۇ لايىقلاشتى. تۈرك خەلقىنىڭمۇ ھۆرمىتى ئۆسۈپ مالايسىيەلىكلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ زوقىنى كەلتۈرىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئىران جاھىللارچە مۇستەبىتلىكنىڭ دەردىدە ئىڭراۋاتىدۇ. ئۇرۇش ئاپىتىدىكى سۈرىيەلىكلەرنى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلالىشىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىققا ئېرىشەلىشىمۇ دېموكراتىيەنىڭ كۈچى. چۈنكى رەھبەرلەرنى خەلق سايلايدۇ. تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا مىللىي ھەم دىنى قېرىنداش، سۈرىيەلىكلەرگە دىنى قېرىنداش. ئەگەر تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت بۇ قېرىنداشلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسا پۇقرانىڭ قولىدىكى سايلاپ بېلىتىدىن قۇرۇق قالىدۇ. دېمەك ئوردا ئالىملىرى قانداق شەرھىلىسۇن، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە ئاۋامنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇشتا قانچىلىك ئۇتۇق قازانسۇن مۇستەبىتلىكنىڭ يىرىڭلىرىنى ئادالاپ بولالمايدۇ. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يەردىكى خار، نامرات، تەرتىپسىز ھالىتى ۋە مەزھەپچىلىك، قەبىلىۋازلىق، ئاشقۇنلۇق پاتقاقلىرى ئىچىدىكى ئىچىنىشلىق ئەھۋالى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ نەتىجىسى. دېموكراتىيە گەرچە مۇكەممەل تۈزۈم بولمىسىمۇ ياۋۇرپادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ تۈركىيە، مالايسىيە ۋە ھىندونوزىيە قاتارلىق ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنى تىنچلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مىھرىۋانلىق ئىچىدىكى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر. دېموكراتىك تۈزۈم تۈرك، مالاي، ھىندونوزىيان قاتارلىق مىللەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئەۋزەلدۇر. كىم، كىم بىلەن نەدىن پايدىلىنىپ، مۇستەبىتلىكنى قانچىلىك ئاقلىسۇن ئۇيغۇرنى ئالدىيالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭمۇ تۈركىيە، ھىندونوزىيە ۋە مالايسىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ ياشىغىمىز بار. مۇشۇ دېموكراتىك دۆلەتتىكىلەر ئېرىشكەن ئىززەتتە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top