ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر كىملىكى
دولقۇن قەمبىرى
دۇنيادا ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىيونلار، ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيەلەرمۇ ھامىنى بىر كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچىدۇ. ئەمما ئىنسانلار تارىخى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئەقىل – پاراسەت، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي مىراسلار ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى تارىم، جۇڭغار ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ. بـۇ رايـون گېـرو – رىمـان مـەدەنىيىتىنى ھىندىسـتان بـۇددا مـەدەنىيىتى ۋە مەركىـزى ۋە شـەرقىي ئاسـىيا ئەنئەنىسـىگە باغلايـدىغان غـەرب ۋە شـەرق ئارىسـىدىكى قەدىمى سودا يولىغا جايلاشقانلىقىدەك ئالاھىـدە جۇغراپىيەلىـك ئـەۋزەللىكى تۈپەيلىـدىن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گۈللەنگەن تىجارەت، سودا ۋە مەدەنىيەت ئۇيغۇرلار زېمىنىغا تىل، ئىرق ۋە دىنجەھەتتە ھەممە باراۋەر بىرلىكتە ياشايدىغان ئالاھىدە تۈس قوشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى پەقەتلا ئۆز ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ساقلاش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكىي شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن.
ماقالىنىڭ تامامىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر كىملىكى