سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سىر
1991- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 19 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، كېرىمىل سارىيى ئاسمىنىدا لەپىلدىگىلى 70 يىلغا يېقىن بولغان قىزىلبايراق ئاستا چۈشۈرۈلدى. سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى بۇ تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆۋلەت شۇندىن تارتىپ تارىخ سەھنىسىدىن چىنىكىپ چىقىتى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇۋەقە كىشىلەرنى يەنىلا ئويغا سالىدۇ.
«ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئاچقان بولسا، سوۋېت سوتسىيالىزىمى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسۈتۈپ بەردى، ئەمما سوۋېت كومىنىستلىرى 74يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كىيىن، بىراقلا يىمىرىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە كىشىلەر كۆپ ئىزلەندى ۋە كۆپ تەرەپلىمە تەھلىل قىلدى.
سوۋېت كومۇنىستلىرى خەلىقنى دۆۋلەتكە خۇجا قىلمىدى.
سوۋېت ئىتىپاقى 70نەچچەيىل سوتسىيالىستىك قۇرلۇش ئېلىپ باردى، ئەمما خەلىقنىڭ ھۇقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.
ئۆكتەبىرئىنقىلابى غەلىبەقىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلىقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۈۋەن بولغاچقا ئۇلارغا ھۇقۇق بىرىلسە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياخشى قاتنىشالمايدۇ دىيىلدى، يەنە ئوننەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇسەۋەپنى يەنىلا ئوتتۇرغا قۇيىۋەردى. ھۈكۈمەت خەلىققە ۋاكالىتەن قارار چىقاردى، رەھبەرلەرنى سوۋېت كومۇنىست تەشكىلىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، «كادىرلار ھەممىنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن بىرتەرەپلىمە سىياسەتنى چىقىرىپ، ئاۋام پۇقرا بىلەن ھۈكۈمەتنى ئايرىۋەتتى، پۇقرالار پەقەت تەشكىلدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىشتىن باشقا ھۇقۇقى بولمىغان سوتىيالىستىك چوڭ ماشىنىنىڭ كىچىك بىر زاپچىسى بولدى خالاس.
ئاۋامنىڭ دۆۋلەت ئىشلىرىدا قارار چىقىرىشتا ھېچقانداق قاتنىشىش ھۇقۇقى بولمىغاچقا، ئۆز مەنپەتىنى قوغدىيالمىدى، خەلىقنىڭ ھۈكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھۇقۇقى بولمىدى، ھۈكۈمەت خەلىق مەنپەتىگە چېقىلىدىغان ئىشلار يۈزبىرىپ تۇردى. ھۈكۈمەتنىڭ ھۈقۇقى خەلىقتىن كەلمەستىن بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلدىن تەيىنلەنگەچكە، خەلىق مەنپەتى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇلمىدى. ئورگانلار بارغانسىرى ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ كەتتى. رەھبەرلەر ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى، ئاۋامنىڭ ھەقىقى سايلام ھۇقۇقى بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا ھېچكىممۇ قۇلاق سالمىدى، ئاۋام پۇقرالار بارغانسىرى بۇھۈكۈمەتنىڭ خەلىق مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىننىڭ «چوڭ يۇقۇتۇش» قىلمىشى قالدۇرغان يارا ئېغىزىمۇ كىشىلەرنى بىزارقىلاتتى.
سوۋېت دىمۇگىراتتىيىسى خەلىقنىڭ ئىىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمىدى.
چارپادىشاھ ھۈكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە خەلىق ئەركىن بولغان سايلام ھۇقۇقى، يىغىلىش- نامايىش قىلىش ھۇقۇقى، ئاخپارات-سۆز ئەركىنلىكى ھۇقۇقى قاتارلىق ھۇقۇقلاردىن مەھرۇم ئىدى، بۇخىل ھۇقۇققائىرىشىش بولشىۋىكلارنىڭ كۈرەش نىشانى بولغانىدى. شۇڭا خەلىق بۇكۈرەشنى قوللاپ، بۇكۈرەشنىڭ غەلبىسىنى بولشىۋىكلارنىڭ قولىغا كەلتۈرۈپ بەردى. شۇچاغدا لېنىن: “ ئەمگەكچىلەر دۆۋلەتنىڭ خۇجايىنلىرى، خەلىق ئۆز پارتىيىسىدىن نازارى بولغاندا باشقىدىن سايلاش ھۇقۇقىغا ئىگە، ئەركىن ۋە ئادىل بولغان سايلام ئارقىلىق قايسى پارتىيە سايلامدا غەلىبە قىلسا، ھېچقانداق ئىنقىلاپ ئېلىپ بارمايمۇ، بىرتامچە قان ئاققۇزمايمۇ ھۈكۈمەتنى قايتا تەشكىل قىلىسا بۇلىدۇ…“ دېگەن ئىدى. ئۆكتەبىرئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن، سوۋېت كومۇنىست پارتىيىسى قانۇن تۇرغۇزۇش قۇرۇلتاي سايلىمى ئېلىپ باردى،1917- يىل 11- ئايدا سايلام ئارقىلىق 715 نەپەر قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېت ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىيەت ئىنقىلاپ پارتىيىسىدىن 370نەپەر، بولشىۋىك 175 نەپەر، سولچىل ئىجتىمائىيەت ئىنقىلابى پارتىيىسىدىن 40 نەپەر ، قانۇن تۇرغۇزۇش دىمۇگىراتتىك پارتىيىسىدىن17 نەپەر ،شۇنداقلا باشقا پارتىيە- گوروھلار ۋەمىللەت تەشكىلاتلىرىدىنمۇ سايلاندى، 1918- يىل 1- ئاينىڭ 5- كۈنى قانۇن تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيى چاقىرىلغاندا، بولشىۋىكلارنىڭ تەشەببۇسى يىغىندا ئەمەلىلەشمىدى، شۇنىڭ بىلەن لېنىن بۇۋەكىللەر ئورگىنىنى تارقىتىۋەتتى ۋە سوۋېت ئىتىپاقى بۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. بولشىۋىكلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈشكە باشلىدى ۋە باشقا پارتىيەلەر ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلىش بوشلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ سوۋېت كومپارتىيىسىدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيىنىڭ دېگىنى ھىساپ بۇلىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
سوۋېت كومۇنىستلىرى ئۇزاق يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدا، خەلىقنىڭ سادىق ۋەكىلى بولماستىن، ئۈزىنىڭ ۋەكىلى بولىۋالدى، بۇيرۇقۋازلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. خەلىقنىڭ سۈزىنى ھېچكىممۇ ئاڭلىمىدى. سوۋېت كومپارتىيىسى ئىچكى قىسىمىدا قاتلاممۇ قاتلام بوي سۇنۇش شەكىللىنىپ، باشقىچە كۆزقاراشتىكىلەر بۇپارتىيە ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرالمدى، ھەتتا سىياسى جەھەتتىن زىيان تارتىشقا باشلىدى. ھەردەرىجىلىك سوۋېت كومپارتىيە شۇجىلىرى مۇتلەق ھۇقۇقدار بۇلۇپ، ھەممە ئىشتا ئۈزىنىڭ دېگىنى ھىساپ بولدى. مۇشۇنداق بىر دىمۇگىراتتىيە كەمچىل بولغان، خەلىقنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە ئەقەللى ھۇقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىغان پارتىيە ئىچىدە قانداقمۇ سوتسىيالىزىم بولسۇن؟
ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە ئەسلىدە خەلىق بىلەن ھۈكۈمەتنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ئىدى، ئەمما سوۋېت كومپارتىيىسى بىيۇگىراتلىق قىلدى. كادىرلارنى خەلىق كۆرسەتمەستىن، بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلدىن بىكىتىشتەك كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇخىل بىيۇگىراتلىق تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ پارخورلۇققا يۈزلەندى. كادىرلارنىڭ مەنسىپىنىڭ ئۈسىشى تۈۋەننىڭ سايلىشى بىلەن بولماستىن بەلكى يۇقۇرىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن بولغاچقا، كادىرلار خەلىقنى قاقشىتىپ، يۇقۇرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشتى. كادىرلار ئىستىلى بۇزۇلدى، شۈجۈلارنىڭ ھۇقۇقى يۇغۇناپ، ھېچكىممۇ نازارەت قىلالماس دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىپ خەلىقنى بۇزەك ئەتتى، ئۇلار خەلىقنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، بەلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ قالدى، خەلىق تېخىمۇ نازارى بولدى ۋە ئۈمۈتسىزلىنىشكە باشلىدى.
بولشىۋىكلارنىڭ دەسلەپتە ئىنقىلاپ ئېلىپ بارغاندا ئوتتۇرغا قويغان خەلىقنىڭ ئەركىن بولغان سايلام ھۇقۇقى، يىغىلىش- نامايىش قىلىش ھۇقۇقى، ئاخپارات-سۆز ئەركىنلىكى ھۇقۇقى، ھۈكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھۇقۇقى قاتارلىق ھۇقۇقلارغاكاپالەتلىك قىلىمىز دېگەنلىرى قۇرۇق گەپ بۇلۇپ قالدى، ئۇلار ئىنقىلاپ داۋامىدا خەلىقنى ئەنەشۇنداق ئالداپ، ئىنقىلاپ غەلىبىسىنى قولغا كىرگۈزۋېلىپلا گېپىدىن يېنىۋالدى، خەلىق چارپادىشاھ مەزگىلىدىكىگە ئوخشاشلا يۇقارقى ھۇقۇقلاردىن مەھرۇم قېلىۋەردى. خەلىق ئالدانغانلىقىدىن غەزەپلەندى، ئەمما قارشىلىق قىلىش ھۇقۇقىمۇ يوق ئىدى.
دېھقانلاركەمسىتىلدى. كادىرلار ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى. سىتالىن يولغا قويغان يېزائىگىلىكنى كوللىكتىپلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى بۇزدى. 70- يىللارغا كەلگەندە مۇشۇنداق چوڭ بىر يېزائىگىلىك دۆۋلىتىدە ئەڭ ئاخىردا ھەتتا ئاچارچىلىق يۈزبەردى. كادىرلار داۋالىنىش، ماگزىندىن مال سېتىۋېلىش، ئاشخانىدىن تاماق يىيىش، ئولتۇراق ئۆي، مۇئاش تەمىنات قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ ياخشى تەمىناتتىن بەھرىمان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلارنى ئىسىل، پۇقرالارنى پەس كۈرۈشتەك خاھىش شەكىللەندى.
سوۋېت يىمىرىلگەندە، ھېچكىممۇ ئوتتۇراغاچىقىپ بۇپارتىيەئۈچۈن بىرئېغىز گەپ قىلدى، بەلكى ھەممە ئادەم خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا، ئۈنتىنسىز قۇبۇل قىلدى. دېمەك سوۋېت كومپارتىيىسىگە خەلق قەلبىدە ئورنى قالمىغان ئىدى.
مەنبە: تىڭشۇن تورى
http://bbs.alkuyi.com/thread-14289-1-1.html
1413
پاھ! تەرەققىيات جەريانى نېمىدىگەن ئوخشىغان. ئوخشاش تۈزۈمدە ئوخشاش ئاقىۋەت بولغۇسى.