You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلامدا ئادالەت ۋە ئالىيجانابلىق

ئىسلامدا ئادالەت ۋە ئالىيجانابلىق

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنى يەر يۈزىدە ئەدلى – ئادالەتنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ھەر قانداق شارائىتتا بۇنى توغرا ئىجرا قىلىشقا بۇيرىدى ۋە بۇ بۇيرۇقنى ھەقىقى ئىمانغا باغلاپ مۇنداق دېدى:

{ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ}. نىسا سۈرىسى135-،136- ئايەتلەر.

{ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر}. مائىدە سۈرىسى8- ئايەت.

ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش سالاھىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئۈممەتتىكى ئەدلى – ئادالەتنى ئەقىدىگە باغلاپ قويدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلى يەر يۈزىدە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشتە ھاكىملىرى ئەدلى – ئادالەت بىلەن تەرىپلىنىدىغان مىللەتلەر ئىچىدىمۇ تونۇلمىغان دەرىجىدە دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ئۈلگە ياراتتى.

بۇ ئۈممەتنىڭ ئىنسانىيەتنى ياخشىلىققا يېتەكلىشى، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈستىدىن گۇۋاھچى بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنىڭ تەربىيلىنىش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ئىشقا تەكلىپ قىلدى.

{شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق}. بەقەرە سۈرىسى143- ئايەت.

بۇ ئۈممەتنىڭ ئۆز ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىللەردىمۇ ھەقىقى ئادالەتنى ئەمىلىلەشتۈرىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ دەرسلىكلىرى ئارقىلىق بۇ ئۇممەتنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە نازىل بولغان قۇرئاننىڭ بىرىنچى ئايىتىدىلا مۆمىنلەرگە مۇنداق خاس تەلىم بېرىلدى: {ئەلىف، لام، مىم. بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر. ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال- مۈلۈكتىن (خۇدا يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ}. بەقەرە سۈرىسى1-4 ئايەتلەر.

بۇ تەلىماتلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە نازىل بولغان بىر قانچە ئايەتلەردە مۇنداق تەكىتلىنىدۇ: {پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ}. بەقەرە سۈرىسى285- ئايەت.

{ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار}. نىسا سۈرىسى136- ئايەت.

بۇ ئايەتلەر ئىمان ۋە ئەقىدىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرگە دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئۈممەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى قىلىپ تەييارلاشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى قەلبى ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن نۇرلانغان ئۈممەت، باشقىلارغا ئاداۋەت تۇتماستىن ئادالەت مەيدانىدا دادىل تۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا توغرا ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. يەھۇدىلار ۋە خرىستىئانلاردەك بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ, بەزىلىرىگە ئىنكار قىلغانلارنىڭ دىللىرى ئىماندا ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارغا ئاداۋەت ۋە ھەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكتىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى بۇلۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە سالغان زۇلۇملىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىلار ۋە خرىستىئانلارنىڭ بىرلىشىپ ئۆز ھۆكمىرانلىقلىرى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا سالغان زۇلۇملىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

ھەسەتخور، ئاداۋەتچى ناكەسلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى بولۇشتىن ئىبارەت بۇنداق شەرەپلىك خىزمەتنىڭ ئەھلى بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ئاللاھ بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە يەھۇدىلار ۋە خرىستىئانلارنى تاللىمىغان، ئاخىرقى ئۈچ ئەسىردە خرىستىئانلارنىڭ ۋە بۈگۈنكى كۈنلەردە يەھۇدىلارنىڭ بۇنىڭغا ئىگە بولالىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەلۇم ھېكمەتلىرى بىلەن بولغان، ئاللاھ خالىسا بۇ ھەقتە كېيىن توختىلىمىز.

ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى قىلىپ چىقارغان بۇ ئۈممەت ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە تۇلۇق ئىمان كەلتۈرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىنسانىيەتكە ھەسەت ۋە تارىخىي ئاداۋەت يوق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قەلبى ئىنسانىيەتكە بولغان دوستلۇق ۋە مېھرى – مۇھەببەت بىلەن تولغان، بۇنىڭغا تارىخ شاھىتدۇر.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top