You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىمان ۋە بەخت

ئىمان ۋە بەخت

دوكتۇر يۈسۈپ قەرەداۋىي

بەختنى ئەڭ يۇقىرىسى پەيلاسوپتىن تۆۋىنى ساددا ئاۋامغىچە، ھەشەمەتلىك ئوردا قەسىرلەردىكى پادىشاھلاردىن تارتىپ ئاددىي كەپىلەردىكى نامراتلارغىچە ھەممە كىشى ئىزدەيدۇ. ئۆزىگە بەختسىزلىك ئىزدەيدىغان، ياكى ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىدىن مەمنۇن بولىدىغان ئادەملەر بۇنىڭ سىرتىدا، ئەلۋەتتە.

بەخت نەدە؟

مانا بۇ چىگىش سوئال ئىنسانلارنىڭ ئېسىدىن نېرى بولماي كەلدى.

راست … ئىنسانلار قەدىمدىن بۇيان تۈرلۈك ماددىي مەنپەئەتلەرنى، تۈرلۈك ھېسسىي ئارزۇلارنى قوغلىشىپ باقتى. ئەمما مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىش يولىنى تاپالمىدى. تېخى ماددىي مەنپەئەتلەر زامانىۋىلاشقانسېرى يېڭى غەملەر پەيدا بولدى.

بەخت ماددىي ھوزۇر ھالاۋەتتىمۇ؟

مەنىۋى تەرەپلەر ۋە روھنىڭ قىممىتىگە ئەھەمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان روز يۇسۇف ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆز ئاپتورلۇقىدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان جەننەتنىڭ ئاھالىلىرى بەختلىك ئەمەس دېگەن سەرلەۋھىلىك چاتما ئەدەبىي ئاخباراتنى نەشر قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار دەۋاتقان جەننەت ئاھالىلىرى چۈشكە ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي پاراۋانلىق مۇھىتى ئىچىدە، نامراتلىقتىن، قىرىلىقتىن، ئىشسىزلىقتىن ياكى ھاياتلىقتىكى قانداقتۇر بىر غەم ئەندىشىلەردىن خالىي ياشاۋاتقان شىۋىتسىيە ئاھالىلىرىدۇر. بۇ مەملىكەت ئۆز گىراژدانلىرىغا ھەرقانداق بىر شارائىتتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىدىن داتلاشقا ئورۇن يوق دەرىجىدە چوڭ كۆلەملىك تۇراقلىق مائاش تارقىتىپ بېرىشكە كىپىللىك قىلىدۇ.

شىۋىتسىيىدە ھەر بىر شەخسكە تېگىدىغان يىللىق مىللىي دارامەت 521 مىسىر فوندىغا (بىر مىسىر فوندى 1.2 يۈەن جۇڭگو پۇلىغا) تەڭ كېلىدۇ. بىر ئايلىق مائاش 53 فوند ئەتراپىدا بولىدۇ.

شىۋىتسىيىدىكى سوتسىيالىستىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى، پۇقەرا بىلەن ئەمەلدارغا ئوخشاش پاراۋانلىق بىجى بەلگىلەش ۋە ساقلىق ساقلاش، ئسىتىرخوانىيە شىركەتلىرى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەردە يوق تەبىقىلەر باراۋەرلىكى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ھەرقانداق شىۋىتسىيە گىراژدىنى ئەمگەك ئىش ھەققى، كېسەلگە قارشى ياردەم مائاشى، ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغا ياردەم مائاشى، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى مائاشى، ئۆي سىتىۋىلىش ئىئانىسى، ئەمالار ياردەم پۇلى قاتارلىقلارغا ئىگە بولىدۇ. پۇل نەق بېرىلىدۇ. دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بارلىق ئاياللارغا ئانىلىق مائاشى بېرىلىدۇ. بۇ مائاش يەنە تۇغۇت چىقىملىرى، بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم، دوختۇرخانىدىكى تېببىي كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىزمەت ئاپەتلىرىگە قارشى مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش بەلگىلەنگەن.

دۆلەت بالىلارغا سەرپ قىلىدىغان چىقىملارنى ئاڭلىسىڭىز يالغانمىكىن دەپ قالىسىز. ھەر بىر بالا 16ياشقا كىرگەنگە قەدەر يىلدا 400 فوند مىقدارى مالىيە ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. يەنە ھەقسىز ساقلىق ساقلاش، ھەقسىز سەپەر ئىجازەتنامىسى قاتارلىقلاردىن بالا 14 ياشقا كىرگۈچە بەھرىمەن بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ يېڭى توي قىلغۇچىلارغا ئۆي سەرەمجاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېرىدىغان تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى 300 فوندقا يىتىدۇ. سۈرۈكى بەش يىل.

شىۋىتسىيە خەلقى تاپشۇرغان باجنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە چىقىم قىلىدۇ. دۆلەت باجنىڭ %80 نى نەق پۇل ئىئانىسىگە ئىشلىتىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئەڭ زور خام چوت لايىھىسى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىىنىڭ خام چوت لايىھەسىدۇر. ئۇندىن قالسا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ خام چوت لايىھىسى.

بۇ دۆلەت مۇشۇنداق توققۇزى تەل كاپالەت بىلەن خەلقنى تەمىنلىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئەنسىز پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ غەم قايغۇ، دات شىكايەت، غەزەپكە توشۇپ كەتكەنلىكى، جەمئىيەتنى ھاياتتىن زېرىكىش ۋە بىزار بولۇش كەيپىياتى قاپلاپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ روھى ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جاندىن تويغانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئۆزىنى ئۈلتۈرۈۋىلىش يولى ئارقىلىق بۇ بەختسىز ھاياتتىن خوشلىشىۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەتتىكى ئاخبارات سەھىپىلىرىدە ماڭدامدا بىر تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ماقالىنى مونۇ يەكۈن بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان: بۇ بەختسىزلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سىر پەقەت ئىماننىڭ يوقلۇقىدۇر.

فرانسىيە ئەدىبلىرىدىن بىرى بولغان فىرانس ساگان نيويوركنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، زىيارەت تەسىراتلىرى ئاساسىدا بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: نيو يۇركتىكى تۇرمۇشنىڭ ئىنسانغا كەلتۈرىدىغان بېسىمى ئېغىر، بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتىدىن ئېىشىپ كەتكەن. نيو يۇرك ئاھالىلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كرىزىسنىڭ روھىي كرىزىس ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت، ئاشۇ جاپاكەش، باتۇر، كۈچلۈك، ئالدىراڭغۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ موسكۇللىرىدا قان قايناپ تۇرىدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى يەنە تۈجۈپىلەپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مۇدىر كولىن ۋىلسۇن نيو يۇرۇكنىڭ ئاۋادلىقى ۋ ماددىي گۈللىنىشىنى نيويۇرك تۇرمۇشىدىكى بەختسىزلىك ۋە كۈلپەتنى يوشۇرۇپ تۇرغان گۈزەل پەردە دەپ سۈپەتلەيدۇ.

پۇل مالنىڭ كۆپ بولۇشى بەخت ئەمەس. بەلكى پۇل مالنىڭ كۆپ بولۇشى بەزىلەرگە ئاخىرەتكە بارماي تۇرۇپلا بۇ دۇنيادا ئازاب تارتىشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئاللاھ مۇناپىقلار توغرۇلۇق ئېيتتى: ئۇلارنىڭ مال مۈلكى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ئىرادە قىلىدۇ.[1]

ئەنەس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئېيتىپ بەرگەن ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئازابلانغۇچى روھنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: كىمكى ئاخىرەتنى ئۆز غېمى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى باي قىلىۋىتىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلىپ بېرىدۇ. كىمكى دۇنيانى ئۆز غېمى قىلىدىكەن دۇنيا ئۇنىڭغا يىلىمدەك چاپلىشىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى تويماس قىلىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى ئەپلەشمەيدۇ. دۇنيا ئۇنىڭغا بەرىكەتسىز، ئۆتكۈنچى بولۇپ كېتىدۇ. ئىبنى قەييىم ئېيتقاندەك: ئىشلارنىڭ ئەپلەشمەسلىكى، كۆڭۈلنىڭ پاراكەندىلىكى، نامراتلىق قاتارلىقلار دۇنيا ئازاپلىرىنىڭ يامىنىدۇر. ئەگەر دۇنيا ئاشىقلىرىنى دۇنيا سۆيگۈسىنىڭ مەستخۇشلىقى تۇتۇپ تۇرمايدىغان بولسا، ئۇلار يۇقىرىقى ئازابلار دەستىدىن دات پەرياد كۆتۈرگەن بولاتتى. كونىلار شۇنداق ئېيتقان: كىمكى دۇنيانى ياخشى كۆرسە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ قويسۇن.

دۇنيا مۇھەببىتى ئۈچ ئىشتىن ئايرىلالمايدۇ: تۈگىمەس غەم، ئۈزلۈكسىز جاپا، تىنىمسىز ھەسرەت.

بۇنىڭ سەۋەبى دۇنيا ئاشىقى دۇنيادىن كۆزلىگىنىگە ئېرىشسىمۇ ئۇنىڭ تويماس نەپسى تېخىمۇ كۆپكە تاقىلدايدۇ. بۇ ھەدىستە دېيىلگىنىدەك: ئەگەر ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى جىلغا مېلى بولسا ئۇ چوقۇم ئۈچىنچى جىلغا مېلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىيسا ئىبنى مەريەم دۇنياغا ئاشىق ئادەمنى ئىچكەنسىرى خۇمارى تۇتىدىغان ھاراقكەشكە ئوخشاتقان. دېمەك ماددىي ھوزۇر ھالاۋەتتىن ھەقىقىي بەختنى تاپقىلى بولمايدۇ.

[1] تەۋبە سۈرىسى 55 – ئايەت.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top