شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى
شەيتان ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە گۇناھ، يامان ئىشلارنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىشتىن باشقىسىنى قىلالمايدۇ. شەيتانغا ئەگەشكەن ئىنسان خاتالىقلارنى، گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ۋە بارچە يامانلىقلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قىلغانلىرىدىن پەقەت ئۆزىلا جاۋابكار بولىدۇ، شەيتانغا بۇلاردىن ھېچ نەرسىنى يۈكلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئازدۇرغان شەيتان بولسىمۇ، گۇناھنى ئىشلىگەن ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر.
ئىسلام مەنبەلىرىدە شەيتان ھەققىدە كۆپلىگەن ھەقىقەتلەر بار. ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى ھەقىقەت
شەيتان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. پەقەت شەيتانغا ئەگىشىپ، ئىختىيارىي ھالدا ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى شەيتاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىسقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن:
﴿مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)﴾[31]
﴿شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.﴾[32]
﴿سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ). شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.﴾[33]
يۇقىرىقى ئايەتلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا شەيتانغا ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە يامان ئىشلارنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا قۇدرەت بەرمىگەن. شەيتانلارنىڭ كۈچى پەقەت ئىختىيارى ھالدا تىزگىنىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن رەھبەر ئورنىدا تۇتقانلارغىلا يېتىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن شەيتان قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىدۇ ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلىدۇ: ﴿ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىيلەر ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇدەيدۇ.﴾[34]
ئىككىنچى ھەقىقەت
شەيتاننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ۋەزىپىسى پەقەت ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن كۆپرەكىگە شەيتاننىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئىنسان شەيتاننىڭ ئۇنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە سالغانلىقىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىنسان ئۆز- ئۆزىنى بىر باھانىلەر بىلەن قاندۇرىدۇ-دە، شەيتان قىزىقتۇرغان گۇناھقا يۈزلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
﴿ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن.﴾[35]
﴿توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.﴾[36]
شەيتان ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ تەدبىر قوللانسىمۇ، بەرىبىر ئۇنىڭ تەدبىرى ئاجىزدۇر.
﴿شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر.﴾[37]
ئۈچىنچى ھەقىقەت
ئاللاھ تائالا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تۈرتكىلىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن شەيتاننى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بەلگىلىگەن.
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ دىنىي چارىسى
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر). تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ.﴾
مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى