You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ياپونىيىدىكى ھىندىنوزىيىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىنى جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش

ياپونىيىدىكى ھىندىنوزىيىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىنى جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش

خەلچىگۈل پەتتار

ئىلاۋە: مەزكۈر ماقالە كانادادىن ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىسى جەمىئىيەتشۇناس خەلچىگۈل پەتتارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە سۆزلىگەن ئىلمىي دوكىلاتى بولۇپ، تولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

خەلقئارالىق توي قىلغان ھىندونىزىيىلىك مۇسۇلمانلارنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا شىزۇئوكا ئۆلكىلىك ئۇنۋېرسىتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتشۇناسلىق تەتقىقاتئىشخانىسى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتشۇناسلىق كەسپى ماگىستىرلىق ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى

2015-يىل 20-دېكابىر   كانادا ئالبېرتا

مەزكۇر ماقالەمنى 2012-يىل1-ئايداياپونچىدە ئېلان قىلغان.ھازىر 2015-يىل12-ئاي.ئارىلىقتا 3يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى.ئەمدى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم. سانلىق مەلۇماتلارنى ئامالبار ئەڭ يېڭىسىنى قوللىنىشقا تىرىشتىميۇ، بەزى مەزمۇنلاردا ئەمىلىيەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەرسىمۇ ماقالەمدە ئەكس ئەتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.

مۇقەددىمە
تەتقىقات سەۋەبى

دۇنيادا، بولۇپمۇ يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن سىرت ياۋرۇ-ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا، ياپونىيە تارىختىن بۇيان ئىسلامنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچرىمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھازىرمۇ ياپونىيىدە مۇسۇلمانلار ناھايىتى ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. ئەمما ياپونىيىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارايدىغان بولساق، يېقىنقى 20 نەچچە يىلدا سان جەھەتتىن كۆپىيىپ، ھەر خىللىشىپ پائالىيەتچانلىشىۋاتىدۇ. 2012-يىل چەتئەللىك مۇسۇلمانلار تەخمىنەن 100 مىڭ، ياپونلۇق مۇسۇلمانلار تەخمىنەن  10مىڭ، مەسچىت 70 تەك. 2015 –يىل 6-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئومومى نوپۇسى  126 مىليون 929 مىڭ. ئۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىكلەرنىڭ نوپۇسى 2172892.

ئىسلام بىلەن تارىخى خاراكتىرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى، ھازىرمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ياپونىيىدە ئازلىقىدىنمۇ دەيمەن، دۆلەت، رايون، مائارىپ ئورگانلىرى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى يېتەكچىلەر چېغىدا بۇ دۆلەتتە مۇسۇلمانلار ياشاۋاتىدۇ دىگەننى ئانچە ئويلىماستىن،»خەلقئارالىشىش»،»ھەر خىل مەدىنىيەتنىڭ بىللە مەۋجۇت تۇرۇشى»دەۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ.ئىسلام توغرىسىدىكى خېلى ئاساسى بىلىملەرمۇ ئادەتتىكى جەمىيەتكە ئوموملاشمىغان. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ياپونىيىدە ئىسلامنىڭ ئادەتتىكى قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلاي دېسىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئىسلام قائىدىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغان. بۇ دىنى قائىدە بولغاچقا «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە»دەپلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىشلار تولا.

تۇغۇلۇشۇمدىنلا مۇسۇلمان  ھەم ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان مەن ئاساسلىقى ياپونلۇقلار بىلەن توي قىلىپ،ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىۋاتقان ھىندىنوزىيىلىك مۇسۇلمانلارنى مىسال قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىغا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ياپونىيىدىكى مۇسۇلمانلار ياپونىيە جەمىيىتىدە مۇسۇلمان پېتى ياشاش ئۈچۈن قانداق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقىۋاتىدۇ، شۇ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى قانداق ھەل   قىلىۋاتىدۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بىلەن ياپونىيە جەمىيىتىنىڭ خاراكتىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاۋاتىدۇ، ياپونىيە جەمىيىتىگە قانداق ماسلىشىپ مۇسۇلمان پېتى ياشاۋاتىدۇ دىگەندەكلەرنى جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىنەزىرىدىن  تەتقىقات ئېلىپ باردىم.

مەن ياپونىيىگە كېلىپ 2009-يىل قۇربان ھېيتتا بىر نەچچە ھىندىنوزىيىلىك مۇسۇلمان ھەمشىرىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. قارىسام ئۇلار ياپونىيىلىك ئەرلەر بىلەن ئادەتتىكىدەك چاتاقتا يوق توي قىلىپ، بەخىتلىكتەك ياشاۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا مەن سەل ھەيران قالدىم. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش  مۇسۇلمان. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئاساسلىق ئۇيغۇر يىگىت، ئەرلىرى بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئانچە-مۇنچە توي قىلىدۇيۇ، مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەر بىلەن ناھايىتى ئاز توي قىلىدۇ. بۇ ھىندىنوزىيىلىك ھەمشىرىلەر مۇسۇلمان تۇرۇپ، نېمىشقا مۇسۇلمان بولمىغان ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندۇ، قانداق بىللە ياشايدىغاندۇ دىگەن قىزىقىش تۈپەيلى، بۇ ماقالەمدە ئاساسلىق ياپونلۇقلار بىلەن توي قىلىپ، ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ھىندىنوزىيىلىك مۇسۇلمانلارنى تەتقىقات ئوبېكتى قىلدىم.

تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىنىڭ تامامىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: ياپونىيىدىكى ھىندىنوزىيىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ  دىنى تۇرمۇشىنى جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top