تۈرك تارىخچى: قەدىمقىي ئۇيغۇرلار پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىگە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009 – يىلىدىن بۇيان ھەر ساھە ئىلىم ئەھلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ يىلدا بىر قانچە قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، 11 قېتىم ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.
21-نويابىر شەنبە كەچ سائەت 6:00 دا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە كەسپىي تەتقىقاتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر كۈرشات يىلىدىرىم «قەدىمقىي ئۇيغۇر تارىخى» تېمىسىدا ۋە ياپۇنىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە كانادادىن ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىسى جەمىئىيەتشۇناس خەلچىگۈل پەتتار «ياپۇنىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يات مىللەتلەر بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى دىنى تۇرمۇشى» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى.
ئېچىلىش نوتۇقىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلىمي سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قاتناشقۇچىلارغا دوكتۇر كۈرشات يىلىدىرىم ۋە خەلچىگۈل پەتتارنى قسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
لىكسىيەنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا، دوتسنت كۇرشاد يىلدىرىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ئىككى قېتىم ئىلىمىي تەكشۈرۈشكە بارغانلىقى، قەدىمىي خارابىلارنى بىر – بىرلەپ كەزگەنلىكى، پۈتۈن سەپىرى جەريانىدا ھەر يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە ئارخولوگىيە تەكشۈرۈشىدە بولغان ئايالىغا كۆپلەپ ياردەم قىلغانلىقى ۋە ھەر قەدەمدە مىېھماندوستلۇقىنى ئىپادىلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيىتتى.
ئۇ لىكسىيەسىدە، قەدىمقىي ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن تۈرك ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقىي مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت.
ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار ۋە تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
«ئۇيغۇر» دېگەن نام دەسلەپتە مىللەت ئىسىمى ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: ”«تۈرك» دېگەن ئىتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى «تۈرك» دېگەن بۇ ئاتالغۇ تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ“ دېگىنىگە ئوخشاش، «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام.
16- ئەسىردە ئۆتكەن خىۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ «تارىخىي شەجەرىئى تۈرك» (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دېگەن ئەسىرىدە: ”ئۇيغۇر دېگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام“ دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ”«ئۇيغۇر» سۆزى ئۇيۇشقاق، «يېپىشقاق»، «بىرىككەن» مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇر» دەپ نام بېرىلگەن“ دەيدۇ.
بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، بولسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس.
ئەمما «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورقۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى چىن يىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھۇن ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دېگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلې 铁勒، ۋېيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.
ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە «توققۇز ئوغۇزلار» دەپ ئاتىلىدۇ. چىن تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا «توققۇز تۈركلەر» 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان.
ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى – توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمىيەت تۈزۈلمىسى، ئىتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.
1979- يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاخىئولوگىيە تەتقىقات ئۆمىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆنچى دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بىر ئىپتىدائى جەمئىيەتكە مەنسۇپ قەۋرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقان. ئۇنىڭ بىرى، ياش ئايالنىڭ جەسىتى، يەنە بىرى بالىنىڭ جەسىتى. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ «كاربون 14» تەجرىبەخانىسى جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان ياغاچ ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇندىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى (بۇ خەۋەر «خەلق گېزىتى» نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانىنىڭ 1- بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان). بۇ جەسەتلەر ئۇيغۇر رايۇنىدا ھەتتا پۈتۈن چىن بويىچە ئالغاندىمۇ، ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئىككى جەسەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك نەرسىلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى، ئىرقىي كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرگە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بېرىدۇ.
6412 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال بىلەن بالىنىڭ لوپنۇر ئەتىراپىغا دەپىن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇندىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى، قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزىگە يېقىن بولغان ھازىرقى ئىچكى، تاشقى موڭغۇلغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا كۆچۈپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت.
دوكتۇر كۈرشاد يىلىدىرىم، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكتۈرك دۆلىتى دەۋىرىدە كۆكتۈركلەرگە باغلىنىپ ئورخۇن ۋادىسىدا ياشىغانلىقىنى، كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتقان مەزگىلىدە پۈتۈن تۈركلەرنى تەكرار تىرىلدۈرۈش مەقسىتىدە كۆكتۈرك دۆلىتىنى يىقىتىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنى قورۇپ چىققان.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى (مىلادى 744-847-يىللىرى)
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۇزاق ئەسىرلىك ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يارقىن سەھىپىسى شۇنىڭدەك ياۋرو-ئاسىيا ئوتتۇرا ئەسىرلەر دۆلەتچىلىك تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپە.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ياۋرو-ئاسىيا يايلاق ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئولتۇراق ھاياتتىكى مەدەنىيەت بىلەن چارۋىچىلىق ھاياتتىكى مەدەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن شۇنىڭدەك يايلاق دۆلەتلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت دىنى بېكىتىپ، شەھەر مەدەنىيىتىنى يايلاق خەلقلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ھاكىمىيەتتۇر.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۆز مەۋجۇتلۇق تارىخىدا تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن؛
بىرىنچى: قۇرۇلۇش ۋە قۇدرەتلىنىشكە يۈزلىنىش باسقۇچى (742-756) .
مىلادى 742-يىلى، ئۇيغۇر، قارلۇق ۋە باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىكتە كۆكتۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. 744-يىلى، باسمىللار كۆك تۈركلەرنىڭ مەركىزى ئۆتۈكەننى ئىگىلىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلار بىرلىشىپ، باسمىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى. كېلىشىم بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسىنى يادرو قىلغان ئۇيغۇرلار قاغانلىق ھوقۇقىنى ، قارلۇقلار يابغۇلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ھاكىمىيەت رەھبەرلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ بىرىنچى قاغانى قۇللۇغ بويلا بولۇپ، ئۇ قۇتلۇق كۈل بىلگە قاغان ئۇنۋانى بىلەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ، مىلادى 747-يىلى ئۆلگەندىن كېين، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى بايانچۇر ( ياكى مويۇنچۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالدى.
بايانچۇر قاغان ئوردۇ بالىق شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى ۋە تۆت ئەتراپقا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، جەنۇبىي سىبىرىيە، ئالتاي ھەتتا ھازىرقى تۇۋا رايونلىرىغىچە ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزدى.
ئىككىنچى: ئالتۇن دەۋرى ( 756- 795)
بايانچۇر ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇدرەتلىنىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىدۇر.
بايانچۇر قاغان دەۋرىدە ئۇيغۇر قالغانلىقى كۈچەيدى ھەمدە 756-يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەلىپى بويىچە قوشۇن ئەۋەتىپ ئۆڭلۈك –سۆيگۈن قوزغىلىڭىنى باستۇردى. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر قاغانلىقى شىمالىي ۋە شەرقى ئاسىيا رايونىدا قۇدرەتلىك كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، تېخىمۇ كۈچىيىشكە يۈزلەندى. 759-يىلى بايانچۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تەڭرى بۆگۈ قاغان تەختكە چىقتى ۋە 763-يىلى، ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىپ تاڭ سۇلالىسىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە ئۇنى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىگە قارام ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى كۈچىيىپ، مىلادى 779-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي ۋە شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، ھەتتا بوگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇنى پۈتۈنلەي بېسىۋېلىپ، زېمىنىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى بولدى، مانا شۇ ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىسى بىلەن تۈنباغا تارقان باشچىلىقىدىكى تاڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارشى پىكىردىكىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلماسلىق، ئەمما ئۇنى يىپەك قاتارلىق ماددى بۇيۇملار جەھەتتە تۆلەم تۆلەش، سودا جەھەتتە ئۇيغۇر قالغانلىقىغا پايدا كەلتۈرۈش سىياسىتى قوللاندى. بۇ گۇرۇپپا ھەم مانىخەي دىنىغا ۋە ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سوغدىلارغا قارشى ئىدى.
لېكىن، مەزكۇر ئوردا ئۆزگىرىشى قاغانلىقنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. 789-يىلى، تىبەتلەر خېلى كۆپ زېمىنلارنى بېسىۋالدى ھەمدە تىبەتلەر تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلار كۈچەيدى، ئەمما 795-يىلىغا كەلگەندە بەرىبىر ئۇيغۇر قالغانلىقى يەنىلا كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلىغان بولسىمۇ ، ئەمما 779-يىلىدىن ئىلگىرىكى قۇدرىتىگە قايتالمىدى.
ئۈچىنچى: ئىچكى ماجرا ۋە خاراپ بولۇش باسقۇچى (795- 840)
مىلادى 795-يىلى، ئوردا ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، ئەدىز قەبىلىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى. نەتىجىدە، بۇرۇنقى ياغلاقار قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاخىرلىشىپ ھاكىمىيەت ئەدىزلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئىچكى جەھەتتە ياغلاقارلار بىلە ئەدىزلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە يول ئاچتى. گەرچە ئەدىز قەبىلىسى داۋاملىق تىبەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھەتتا قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە يەتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 808-يىلىدىن كېيىن تاكى 840-يىلىچىئە بولغان ئارىلىقتا بىر قانچە خان ئالماشتى. مىلادي 821-24-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى پەرغانە ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىغىچە يېتىپ باردى ھەمدە تىبەتلەرنىڭ ئىگىلىۋالغان جايلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئەممما، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەر ۋە قاغانلىق ھاكىمىيىتىنىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرۇشى بەرىبىر ئاجىزلىشىش ئېلىپ كەلدى. مانا شۇ چاغدا قىرغىزلار ئىچكى ماجرادىن پايدىلىنىپ، كۈچىيىشكە يۈزلەندى ھەمدە 840-يىلى ئوردۇبالىققا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر قالغانلىقىنى ئاغدۇردى. نەتىجىدە ئوردۇبالىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
تۆتىنچى: قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىش (840-847)
840-يىلى، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەركىزى ئوردۇبالىق قىرغىزلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسلىق 15 قەبىلە غەرب تەرەپكە، 13 قەبىلە جەنۇپ تەرەپكە ، يەنە بىر چوڭ تارماق گەنسۇدىكى چوغاي تاغلىرى رايونىغا كېتىپ پاناھلاندى. ياغلاقار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆگە تېكىن باشچىلىقىدىكى خان جەمەتى قەبىلىسى ئۆگە تېكىننى قاغان سايلاپ، جەنۇپ تەرەپكە يۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ھەبرىي ياردەم ئېلىش ۋە تاڭنىڭ تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزلىرىنىڭ بەدىلىگە ئوزۇق-تۈلۈك ، قورال-ياراق قاتارلىق ئەشيا لارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تاڭ چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، تاڭغا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئەمەس، بەلكى ھۇجۇم قىلىپ، ھەم قىرغىز قاغانلىقى بىلەن بىرلىشىپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلدى. تەخمىنەن 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جان تالاشقان ئۆگە قاغان ئاخىرى 846-يىلى جەڭدە ئۆلدى . ئۇنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئىنيان تېكىن قاغان بولۇپ، تاكى ئاخىرىغىچە ئېلىشىپ 847-يىلى ئائىلىسى ۋە 9 ئادىمى بىئەن قىرغىز قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى نامەلۇم. مانا شۇ 847-يىلى، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۈزۈل -كېسىل-يوقالغان يىلىدۇر.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىلىشىدا قىرغىز قاغانلىقى بىۋاسىتە رول ئوينىدى، تاڭ سۇلالىسى ئوردۇنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى زىددىيەتلىرىدە رول ئوينىدى ھەمدە ئۆگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ياردەم بەرمىدى.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدا جەمىئىي 15 قاغان ئۆتكەن.
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىرىنىڭ ئىسىملىرى، تەخت ئۇنۋانلىرى ۋە ھۆكۈم سۈرگەن يىللىرى تۆۋەندىكىچە:
1. 744–747 قۇتلۇغ بىلگە كۈل قاغان
2. 747–759 ئەل-ئەتمىش بىلگە قاغان
3. 759–779 قۇتلۇغ تارقان سەڭۈن ياكى تەڭرى بۆگۈ قاغان
4. 779–789 ئالپ قۇتلۇغ بىلگە قاغان . ياكى تۇن باغا تارقان.
5. 789–790 ئاي تەڭرىدە بۇلمïش كۈلۈگ بىلگە قاغان
6. 790–795 قۇتلۇغ بىلگە قاغان.
7. 795–808 ئاي تەڭرىدە ئۈلۈگ بۇلمïش ئالپ قۇتلۇغ ئۇلۇغ بىلگە قاغان. ياكى قۇتلۇق.
8. 805–808 ئائى تەڭرىدە قۇت بۇلمïش كۈلۈگ بىلگە قائاغان
9. 808–821 ئاي تەڭرىدە قۇت بۇلمïش كۈلۈگ بىلگە .
10. 821–824 كۈن تەڭرىدە ئۈلۈگ بۇلمïش ئالپ كۈچلۈگ بىلگە قاغان
11. 824–832 ئاي تەڭرىدە قۇت بۇلمïش ئالپ بىلگە ياكى قاسار
12. 832–839 ئائى تەڭرىدە قۇت بۇلمïش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان.
13. 839–840 كۈرەبىر قاغان.
14. 841–847 ئۆگە، قاغان.
15. 847-. ئىنيان تېكىن قاغان.
دوكتۇر كۈرشاد يىلىدىرىم، لىكسىيەسىدە ئۇيغۇرلار ئەگرى توقاي ۋە مۈشكۈل تارىخىدا ئىزچىل ھالدا ئوغۇز تۈركلىرى بىلەن بىرگە تۈرك قەۋىملىرىگە باشلامچى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى، ئەدەبىيات – سەنئەت، تۈركلەرگە خاس مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى جەھەتتە ئۆزگىچە رول ئوينىغانلىقىنى، قىسقىسى ئۇيغۇرلار پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىگە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىدى.
ئاخىرىدا بەس بەستە ھەرخىل سۇئاللار سورالدى ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپلارغا ئېرىشتى. ئىستانبۇلدىكى ئىلىمخۇمار 27 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىلار بۇ ئىلمىي دوكىلاتتىن بەھرىمان بولدى.
بۇ قېتىمقى لىكسىيەدە، ئىستانبۇلدىكى ئىلىمخۇمار 27 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارنىڭ ئاكادېمىيە ئىلمىي سۆھبەتلىرىدىن بەھىر ئېلىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋالدى.