You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتچىلىك

ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتچىلىك

ئۈچ ئەپەندىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مۇختارىياتنىڭ سايىسىدە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، سىياسىي ئېڭىنى ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قىلغان ئىدى.

مەسئۇت سابىرى، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسلىمىسىدە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
«ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھەسرىتىدە كۆيۈپ يۈرگەن ئەزىز يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. بىراق مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى كۆرۈپ ئىچىمىز لەختە-لەختە بولۇپ كەتتى. ئوت يۈرەك ياشلار بىز بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى، كۆرۈشسىمۇ گەپ قىلالمايتتى. خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئەسكەرلىرى قاتتىق ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. خەلقىمىزنى بوزەك قىلاتتى. بىز ئولتۇرغان بىنانىڭ ئىچى ۋە سىرتى جاسۇسلار بىلەن تولغانىدى.»
بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ھەرىكەت قىلسا، زىيان تارتىدىغىنى يەنە ئۈچ ئەپەندىلەر، يەنى مەسئۇت سابىرى، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار بولاتتى. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن گېنېرال جاڭ جىجۇڭ ۋە بەزى ئەسكەر تونۇشلىرىغا ئەھۋالنى يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە جاسۇسلار بىراز بولسىمۇ ئۇلاردىن يىراقلىشىدۇ. ئارقىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشلىق ئۈچ ئەپەندىلەر مەدەنىيەت مەركىزىدە يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلىدۇ. بىراق، ئۆلكە رەئىسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدۇ. نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن گېنېرال جاڭ جىجۇڭ ئارىغا كىرىپ، 150 كىشىدىن كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ھەربىي مەكتەپتە يىغىن چاقىرىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۈچ ئەپەندىلەر مۇشۇنداق شارائىتلار ئاستىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلارنى توپلاپ يىغىن چاقىرىدۇ ۋە سۆز قىلىدۇ. ئۇلار دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مىللىي ھۇقۇقىنى قوغداش ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ياشلارنىڭ يۈرەكلىرىدىكى يوشۇرۇن ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىغىن ئەھلى توختىماي پىكىر بايان قىلىدۇ، تالاش-تارتىش قىلىدۇ، ھەتتا ھاياجاندىن ۋارقىراپمۇ تاشلايدۇ.
ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە چاقىرغان بۇ خىل يىغىنلىرىدىن خىتايلار گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ توسالغۇ پەيدا قىلغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئوچۇق ئارىلىشالمايدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسلىمىلىرىدە دوكلاتلىرىدا تەكىتلىگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

«رۇسلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرمەسلىك شەرتى ئاستىدا خىتاي بويۇنتۇرقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتايدىن تامامەن ئايرىلماي بىر مىللىي ئاپتونومىيە بەرپا قىلىش ۋە ئالىي مۇختارىياتنىڭ سايىسىدە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، سىياسىي ئېڭىنى ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رۇس خەۋپى تۈگىمەي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان تامامەن مۇستەقىل بولالمايدۇ، مىللەتچىلىك روھى بىلەن مىللىتىمىز روھلانغاندىن كېيىن، ئىرادىمىز كۈچىيىدۇ، ئېڭىمىز ئۆسىدۇ. بۇنداق بولغاندا پۇرسەت كەلگەن ھامان مۇستەقىل بولۇشىمىز ئاسانغا توختايدۇ، شۇنداقلا مۇستەقىللىقنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.»
يىغىنغا قاتناشقانلار ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، ياشلار ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ياقلايدۇ. گومىنداڭمۇ رۇسلارغا قارشى ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئەپەندىلەردىن پايدىلىنىشنڭ كويىغا چۈشۈپ يىغىنلىرىغا چات كىرىۋالمايدۇ. بىراق رۇسلار ئۇلاردىن قاتتىق گۇمانلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈچ ئەپەندىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن رۇسلارنىڭ بۇ تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ ئەپەندىلەرنى داۋاملىق تۇتۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ بىلەن سۈلھى تۈزگەندىن كېيىن، غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە نۇرغۇن ھەربىي فورمىلىق ئادەملەر ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە سىياسىي مۇھىت ئالمىشىدۇ. غۇلجا رەھبەرلىرى مەسئۇت سابىرى، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالارغا يامان كۆزدە قاراشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئەتراپىدىكى ياشلارنى مىللەتچى ياشلارغا قارشى كۈشكۈرتىدۇ. مىللەتچىلەر ئۇلارغا قارشى مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە سوغۇق قانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.
گومىنداڭچىلار ئۇ چاغلاردا رۇسلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش مەقسىتىدە ئىلى رەھبەرلىرىگە ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ. ھەتتا ئۈچ ئەپەندىلەرگىمۇ ئىلى رەھبەرلىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
رۇسلار ۋە ئۇلار قوللاپ كېلىۋاتقان ئىلى ئىنقىلابچىلىرى مىللەتچىلەرنىڭ خەلققە كۆرسەتكەن تەسىرىنى بارغانسېرى تونۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئۇلار مىللەتچىلەرگە بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، شۇ بويىچە ئىش تۇتىدۇ. ھەتتا، ئۇلار ھۆكۈمەت مەجلىسىدە، مىللەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق گومىنداڭغا قارشى بىرلىك ۋە يەرلىك سەپ شەكىللەندۈرمەكچىمۇ بولۇشىدۇ.
ئۈچ ئەپەندىلەر بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئالتاي مەتبۇئات ئىدارىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى ۋە باشقا ئىدارىلەرنى قۇرۇپ خىزمەتلىرىنى ئىزىغا سېلىۋالىدۇ. نەتىجىدە مىللەتچىلەر ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ. خىتايلار بىلەن ئىلى ئىنقىلابچىلىرى مىللەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. چۈنكى مىللەتچىلەر ئۇلارنىڭ سىياسىتىگە كوزىر بولۇشنى خالىمايتتى. شۇنداقلا مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە ئىدى. دېمەك خىتايلار بىلەن ئىلى ھۆكۈمىتى ئالدىدا كۈچلۈك ئۆكتىچىلەر قوشۇنى بار ئىدى..

بۇ ھادىسىلەرگە قارىتا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىر خىتايپەرەس گۇرۇھ تەشكىللەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئىلى ئىنقىلابچىلىرىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا بىر رۇسپەرەست گۇرۇھنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ سىياسىي پارتىيە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىرى بويىچە ئۈچ سىياسىي گۇرۇپپا مەيدانغا كېلىدۇ.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top