ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى دىنىي چەكلىمىلەر

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ كېچلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي تېررورنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، دائېش، تالىبان قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يوقىتىلالماسلىقى ئاتەيست سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن مۇستەقىل دۆلەتلەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى مەنئىي قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. بىخەتەرلىكنى قوغداش مەقسىتىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ چەكلىمىلەر قانچىلىك دەرىجىدە توغرا؟ ئالدى بىلەن رايوندىكى بۇ يىل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان دىنىي چەكلىمىلەرگە بىرقۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى.
ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە كۆرە، دىنىي چەكلىمىلەر بولۇپمۇ تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا مەيدانغا كەلگەن. EuroAsianet نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوۋ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئەرەبچە ئىسىم قويۇشنى چەكلەش نىشان قىلىنغان بەلگىلىمە چىقىرىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوليۇرۇق چۈشۈرگەن. تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەتتە جۈمە نامىزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ جامەدىن چىققانلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تاجىكىستاندا 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ جامەگە كىرىشى، ئەرلەرنىڭ رەسمىي ئورگانلاردا ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
تاجىكىستاندا بۇ يىل ھەجكە پەقەت 35 ياشقا توشقانلارلا كېتەلىدى. ئۆزبېكىستاندا بولسا ھەجكە بېرىش ئۈچۈن 40 ياشتىن ئاشمىغان بولۇشى شەرت. ئۆزبېكىستاندا رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىش چەكلەندى. ئۆزبېكىستان دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل رامىزان ئېيىدا پەقەت 670 كىشىلا ئۆمرىگە بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئالالىغان.
تاجىكىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 28 – ئاۋغۇست كۈنى ئىسلامىي ئويغىنىش پارتىيەسىنى تاقىۋېتىش قارارى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكى رەسمىي ئىسلام پارتىيەسى تاقالغان بولدى. ئىسلامىي ئويغىنىش پارتىيەسى 1992 – 1997 – يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. پارتىيەنىڭ يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان پارلامېنتتا ۋەكىلى بار بولۇپ، مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا سايلام چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەنىدى. ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن گېنېرال نازارزادەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىدىغان ئىسلامىي ئويغىنىش پارتىيەسى مەسئۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى قولغا ئېلىغانىدى.
ئىيۇل ئېيىدا تاجىكىستاندا تاقىۋېتىلگەن جامەلەرنىڭ داۋاملىق يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى، تىببىي مەركەزلەر، بالىلار يەسلىلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە چايخانىلار سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دۈشەنبەدىكى مەركەز جامەسى ئەتراپىدىكى دىنىي كىتابلار ۋە بۇيۇملارنى ساتىدىغان 17 دۇكان تاقالدى. ھوۋالىڭ شەھىرىدىكى ئۈچ مەسجىد بىلەن ئىككى جامە ئۆيى يوق نامرات ئائىلىلەرگە ئۆي سۈپىتىدە بېرىلدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زامانىدا 80 ئەتراپىدا مەسجىدى ۋە جامەسى بار بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مىڭلارچە يېڭى مەسجىدلەر ۋە جامەلەر سېلىنغانىدى. كۈنىمىزدە بولسا پەقەت قىرغىزىستاندىلا 2 مىڭغا يېقىن مەسجىد ۋە جامە بار. رايون بويىچە مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان ئۆزبېكىستاندىكى 10 مىڭغا يېتىدىغان جامە ۋە مەسجىدلەر ئىسلام كېرىموۋ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2 مىڭغا چۈشۈرۈلدى.
ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتىكى تۇغۇتخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشى مەنئىي قىلىندى. مۇدىر ۋراچ زۇھرا ناجىموۋا، «ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى خەلق باشقۇرۇش قانۇنىڭ 184 – ماددىسىغا كۆرە، دۆلەت ئورۇنلىرىدا دىنىي كىيىملەرنى كىيىش چەكلەنگەن» دېيىش ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ دىنىي سىياسىتىنى قوللىدى. ماي ئېيىدا دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ چوڭ شەھەر مەركەزلىرىدىكى بازارلاردا بېسىم ئىشلىتىپ ئاياللارنىڭ بېشىنى ئاچتۇرغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغانىدى. دۆلەتتە قارا دوپپا كىيگەن ئەرلەر 200 مىڭ سوم (تەخمىنەن 80 دوللار) جازا تۆلەيدۇ.
تاشكەنتتىكى ئۇزىكرور، ئەبۇ ساكسى، بەگ باقارا ۋە بازار قاتارلىق چوڭ بازارلاردا ساقچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بارغان مۇسۇلمانلارنى تىزىملىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تاشكەنتتە رامىزان ئېيىدا چوڭ جامەلەردە ئاممىۋى ئىپتار قىلىش پائالىيەتلىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەنئىي قىلىندى. تاشكەنتتىكى چايخانىلار ۋە رېستورانلاردىمۇ ئاممىۋى ئىپتار قىلىش چەكلەندى.
رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 31 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلام مەكتەپلىرىدە پەقەت 250 ئوقۇغۇچىلا ئوقۇماقتا.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ قورالغا قارشى دىن مەنسۇپلىرىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتىمەسلىكى نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى. قانۇن تەكلىپىگە كۆرە، قورال ئىشلەتمىگەن ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتىمىگەن دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ھەربىي ئىشخانىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇن بويىچە مەلۇم ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
قىرغىزىستان مۇپتىسى ماقساتبەگ توقتومۇسھېۋ، ياغلىق چېگىشنىڭ مەنئىي قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ياغلىق چېگىش ئۈچۈن مەلۇم بەلگىلىمە چىقىرىلىشى، كىيىنىش تەرزىدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىدى. قىرغىزىستان ئۆلىمالار كېڭىشىمۇ ئاياللارنىڭ قارا رەڭلىك ياغلىق چېگىشنىڭ ئورنىغا باشقا رەڭدىكى ياغلىقلارنى چېگىشنى تەۋسىيە قىلدى.
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەبلىغ جامائىتى رەھبىرىنى 4 يىل 8 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ھىندىستان ۋە پاكىستان مەركەزلىك «تەبلىغ جامائىتى» تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاندا «رادىكال تەشكىلات» دەپ ئاتىلىپ مەنئىي قىلىنغانىدى. بۇ جامائەت 2006 – يىلى تاجىكىستاندا، 2009 – يىلى رۇسىيەدە ۋە 2013 – يىلى قازاقىستاندا مەنئىي قىلىندى.
قازاقىستان دىنىي ئىشلار ئىدارىسى يېقىندىن بۇيان قىسقا مەزگىللىك نىكاھلىنىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، نىكاھلىنىش كېنىشكىسى يوقلار ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
نىكاھلىشى كېنىشكىسى يوقلار ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇلمايدىغانلىقىغا دائىر چەكلىمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن چەكلىمىلەر ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئانچە پايدىسى يوق دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. ئاددىي پۇقرالارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق چەكلىمىلەر ئالدىمىزدىكى يىللاردا دۆلەت ئەربابلىرىغا نىسبەتەن يېڭى قىيىنچىلىقلار سۈپىتىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا رايوندا ناھايىتى سەزگۈرلىشىپ كەتكەن دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك چارە – تەدبىرلەرنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى