تۈركىيە 2015 – يىلى 1 – نويابىر ئومۇمىي سايلام تەپسىلاتى
2015- يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، يەكشەنبە تۈركىيە ۋاقتى سائەت 08:00 دىن 17:00 گىچە تۈركىيەدە 26 – قېتىملىق ئومۇمىي سايلام بولدى.
بۇ خەۋەرنى يېزىۋاتقان ۋاقت تۈركىيە ۋاقتى كىچە سائەت 11:20 بولۇپ، سايلام بىلەتلىرىنىڭ 99.2% ئېچىلىپ بولغان ۋاقتى بولۇپ، سايلام نەتىجىسى ئاساسەن ئېنىق بولغان بولغاچقا، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەتە دۈشەنبە كۈنىنى كۈتمەيلا تەييارلاندى.
بۇ قېتىمقى سايلاممۇ بۇرۇنقىدەكلا تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتىتى تەرىپىدىن ئادىل ۋە ھەققانىي يۇسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، 78 مىليۇن نۇپۇسلۇق تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك 18 ياشتىن يۇقرى 54 مىليۇن 49 مىڭ تۈركىيە پۇخرالىسىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى 86% بولۇپ، تەخمىنەن 47 مىليۇن 345 مىڭ 301 ئادەم ئومۇمىي سايلامدا قولىغا سايلام قەغىزى ۋە سايلام تامغىسى ئېلىپ ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن سىياسىي پارتىيلەرگە ئاۋاز بەردى. سايلامغا تۈركىيەدىكى 16 سىياسىي پارتىيە قاتناشتى. بۇ پارتىيلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى، AKP
2. دېمۇكرات پارتىيە، DP
3. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى, CHP
4. ،مۇستەقىل تۈركىيە پارتىيىسى BTP
5. مىللەت پارتىيسى، MP
6. لېبىرال دېمۇكرات پارتىيە، LDP
7. سائادەت پارتىيسى، SP
8. ھەق ۋە ئەركىنلىك پارتىيسى، HÖP
9. ۋەتەن پارتىيىسى، VP
10. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيسى، MHP
11. توغرا يول پارتىيسى، DYP
12. تۈركىيە كومۇنىست پارتىيسى، TKP
13. خەلقلەرنىڭ دېمۇكراتىك پارتىيە، HDP
14. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى، BBP
15. دېمۇكراتىك سول پارتىيە، DSP
16. خەلقنىڭ قۇرتۇلۇش پارتىيىسى، HKP
بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيلەر ۋە ئولارنىڭ ئاۋاز نىسبەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى، AKP، %49.4، پارلامىنت ئەزاسى 316
2. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى، CHP، %25.4، پارلامىنت ئەزاسى 134
3. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيسى، MHP، 2.0%1، پارلامىنت ئەزاسى 41
4. خەلقنىڭ دېمۇكرات پارتىيىسى، HDP، 0.6%1، پارلامىنت ئەزاسى 59
5. باشقا پارتىيەلەر،2.6%
باشقا پارتىيلەرنىڭ ئالغان ئاۋازى بەك تۆۋەن بۇلۇپ، تۈركىيە پارلامىنتىغا ئەزا كىرگۈزەلمەيدۇ.
تۈركىيە پارلامىنىت ئومۇمىي ئەزا سانى 555 كىشىلىك بولۇپ، ھەرقايسى پارلامىنىتتىن نامىزاتلار تۈركىيە پارلامىنتىغا پارلامىنت ئەزاسى بۇلۇش ئۈچۈن سايلامغا قاتنىشىدۇ.
تۈركىيەنىڭ 2015 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى ئومۇمىي سايلام ئەھۋالى (تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى ۋە پارتىيلەرنىڭ بۇ ۋىلايەتلەردە ئاۋازغا ئېرىشىش ئەھۋالى)
بۇ ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇخرالىرى چەتئەللەردىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان سايلام نوقتىسىدا ئومۇمىي سايلامغا ئاۋاز بەردى. بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۆتىنجى قېتىم ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 63- ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھازىرقى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى 2- قېتىم يەنە باش مىنىستىر بۇلۇپ، 2019 – يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەد داۋۇتئوغلى بۇ قېتىمقى سايلام ھەققىدە توختىلىپ كونيا ۋىلايىتىدە خەلققە مۇنداق خىتاپ قىلدى:

سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يۈزىمىز ئاق، كۆكرىكىمىز تىك چىققانلىقىمىز ئۈچۈن ياراتقان رەببىمگە ھەمدۇسانالار بولسۇن. سىزلەرگە ۋە خەلقىمگە تەشەككۈر ئېيتىشنى قەرىز دەپ بىلىمەن. بۇ زەپەر بىزنىڭ ئەمەس، خەلقنىڭ زەپىرىدۇر.
داۋۇتئوغلى كونيا شەھرىدە يۇرتداشلىرىغا «سىزلەر ئەڭ قىيىن ۋاقتىمىزدا يېنىمىزدا بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.
ئو يەنە «بۈگۈن دېمۇكراتىيەمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ زەپەر كۈنى، بىز تېخى يولنىڭ بېشىدا، سىزلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇن ئۇزۇن يوللارنى باسىمىز. ئاللاھ سىلەر بىلەن بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، ئاخىرەتتىمۇ خوشنا قىلسۇن. زەپەر ئاللاھقا ئائىتتۇر، زەپەر خەلققە ئائىتتۇر. ئىنشائاللاھ، ئالدىمىزدىكى تۆت يىل خەلقىمىزنى رازى قىلغۇدەك خىزمەت قىلىمىز. 2019 – يىلى تەكرار ھۇزۇرىڭلاردا بولىمىز. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن. ئەنقەرەدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن خەيىرلىك كىچىلەر» دەپ خىتاپ قىلىدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 2001 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتا قۇرۇلغان بۇلۇپ، 2002 – يىلىدىكى تۈركىيە ئومۇمىي سايلىمىدا 34.28 % ئاۋاز بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. 3 قېتىملىق ھاكىمىيەت دەۋىرى بولغان 12 يىل جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى، سىياسى، ئەسكىرى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا زور كۈچ قوشۇپ، تۈركىيەنىڭ بۇگۈنكى دۇنيادىكى 16 – كۈچلۈك ئىقتىسادى گەۋدە بۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ھەسسە قوشقان.
2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىكى تۈركىيە ئومۇمىي سايلىمىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى %40.9 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 258 پارلامىنت ئەزاسى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋاپپەق بۇلالماي، ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلالماي، 2015 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ۋاقىتلىق سايلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى 1-نويابىر 2015 ئومۇمىي سايلامدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 49.4 % ئاۋازغا ئېرىشىپ، 4 – قېتىم تۈركىيەنىڭ 63-ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
تۈركىيە ئۆزىنىڭ ياۋرۇ – ئاسىيادىكى ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ياۋرۇ – ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى، سىياسى، مەدەنىي ۋە ئەسكىرى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىپ، تۈرك، ئەرەب ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، 600 يىللىق ئوسمان تۈرك خەلىپىلىكىنىڭ سەلتەنىتىنى قايتىدىن نامايان قىلىپ، ياۋرۇ – ئاسىيادىكى كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلانماقتا.
ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان
