You Are Here: Home » ئومۇمى » تۈركلەر ۋە يەر شارىلىشىش

تۈركلەر ۋە يەر شارىلىشىش

Türkler«كومودورە 64» 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرى پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن،ئەڭ بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن كومپيۇتېرلاردىن بىرى بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈرگەنىدى. تۈركىيە خەلقىمۇ بۇ ھاياجانغا چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى.

نېئىل ئارمىستروڭ 1969 – يىلى ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم چىققاندا، «دۇنيانى سىرتتىن باشتىن – ئاخىر كۆرۈپ چىققان تۇنجى كىشى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى. شۇندىن بۇيان كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن دۇنيانى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن، دۇنيا خەلقلىرى ئىقتىسادىي، مەدەنىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن بىر – بىرىگە يېقىنلىشىش ۋە بىر – بىرىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە مۇھىم روللارنى ئويناشقا باشلىدى.
تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممە ياقنى قاپلاپ كېتىشى، مىڭلارچە كىلومېتىرلىق يىراقلىقتىن ئالاقە قىلغىلى بولۇشتەك يېڭىلىقلار مۇساپە تۇيغۇسىنى ئاللىياقلارغا چۆرۈۋەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەممە كىشى ۋە پۈتكۈل شەيئىلەر ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە بىر – بىرىگە يېقىنلاشتى.
«يەر شارىلىشىش» دەپ ئاتالغان ۋە دۇنيانىڭ كىچىككىنە بىر يېزىغا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ باسقۇچقا بەزىلەر ئىجابىي قارىسا، يەنە بەزىلەر سەلبىي قارىماقتا. بىراق ھەر ئىككى ئەھۋالدىمۇ ھازىرقى رېئاللىق ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. قانچە يۈزلىگەن مىللەتلەر ۋە ئۇلارنى شەكىللەندۈرگەن قانچە ئون مىليارد ئىنسان نۆۋەتتە تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى.
ئەلۋەتتە تۈركىيەمۇ، تارىخنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاكتىيورلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە خەلقىمۇ بۇ باسقۇچتىن خالىي بولۇپ قالالمىدى.
تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە يۈكسەك خىسلەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان بۇ پىروگراممىمىزدا، «تۈركلەر ۋە يەر شارىلىشىش» ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
«كومودورە 64» ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك. 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرى پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. ئەڭ بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن كومپيۇتېرلاردىن بىرى بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈرگەنىدى. راستىنى ئېيتقاندا، تۈركىيە خەلقىمۇ بۇ ھاياجانغا چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى.
ئىسمىغا ئىلاۋە قىلىنغان 64 بۇ كومپيۇتېرنىڭ مېڭە كۈچىگە ئىشارەت قىلاتتى. يەنى 64 كىبايتنى كۆرسىتەتتى. 64 كىبايت دېگەن نېمە؟ مەسىلەن، كومپيۇتېردا 10 بەتلىك بىر ماقالە يېزىڭ، بۇ ماقالىنىڭ ھەجمى دەل 64 كىبايت كېلىدۇ. بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇنقى كومپيۇتېرنىڭ مېڭىسىنىڭ كۈچى مۇشۇنچىلىك ئىدى. ئۇنداقتا ھازىرقى كومپيۇتېرلارمۇ شۇنداقمۇ؟ كىچىك تىپتىكى ئۆزەك پلاستىنكىلارنىڭ مېڭىلىرىغا پۈتكۈل دۇنيانى سىغدۇرۇش مۇمكىن. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، پەن – تېخنىكا نۇردىنمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ماسلىشىشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.
ئەمما تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىققا ئاسانلا ماسلىشالايدۇ. تۈركلەر تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا ھەرقانداق بىر شارائىتقا، بولۇپمۇ تېخنولوگىيەگە ئاسانلا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، تۈرك ياشلىرى 1980 – يىللاردا كوممودورەلەر بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ھەپىلەشكىنىدەك، 2010 – يىللاردىمۇ زاماننىڭ روھى قايسى تېخنولوگىيەنى ئىشارەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئەسلىدە ئاتا – بوۋىلىرىدىن قالغان مىراس بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمۇ ئۆز دەۋرىدە زامانغا ۋە شارائىتقا ماسلىشالايدىغان كىشىلەر ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكلىرى سايىسىدا ئونلارچە چوڭ دۆلەت ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىمپېرىيەنى قۇرغان، يەر يۈزىنىڭ بارلىق خەلقلىرى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانىدى. ئات چاپتۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك – تۈرلۈك مىللەتلەر بىلەن دىپلوماتىك ھەم دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان، خەلقئارالىق ئۆلچەملەر سەۋىيەسىدە مەدەنىيەت بەرپا قىلغانىدى.
ھازىرمۇ تۈرك ياشلىرى گاھى كومپيۇتېرلارنىڭ بېشىدا، گاھى ئايروپىلان قاناتلىرىدا تېخنولوگىيەنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىدن پايدىلىنىپ دۇنيانى ئايلانماقتا ھەمدە ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قامۇسىنى تۈزمەكتە. يەر شارىلىشىشنىڭ ئىجابىي مەنزىرىلىرى ئىچىدە ئاتا – بوۋىلىرىدىن قالغان مىراسقا ئاساسەن «72 مىللەتنى يېگانە مىللەت» تەك كۆرمەكتە، تونۇشتۇرماقتا ۋە شۇنداق قوبۇل قىلماقتا….
بولۇپمۇ 1990 – يىللاردىن كېيىن كۈندىلىك ھايات ۋە دۇنياغا بولغان قارىشىمىز بۇرۇنقى يىللاردا ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلارغا قارىغاندا ئۆزگەردى. دۇنيا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە كىچىكلىدى، بۇنىڭغا ئگىشىپ ئىنسانلارمۇ بىر – بىرىگە يېقىنلاشتى. بىراق ئۆتمۈشتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارىلىشىش باسقۇچى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇلاردىن بىرى تۈركىيەدۇر. تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان قىتئەلەر ئارىسىدىكى جۇغراپىيەدە ياشاۋاتقان ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ھەمىشە ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركلەرنىڭ يەر شارىلىشىش باسقۇچىنى ھېچ يېتىرقىمايدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.
شۇ ۋەجىدىن كۈنىمىزدە تۈركىيەنىڭ ياشلىرى، كارخانىچىلىرى، سىياسىيونلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك پائالىيەتلەردە كۆرۈش قىلچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇلار دۇنياۋى تارىخنىڭ ئاساسلىق خەلقلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى ھەمدە پۈتكۈل يەر شارىنى ئۆزلىرىنى يۇرتى قىلىپ تاللىدى. پەقەت بىر يەرنى ماكان تۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بىر پۇتى ئۆز دۆلەتلىرىدە، يەنە بىر پۇتى 72 مىللەتنىڭ ئىچىدە سەيلەپ قىلىپ تۇردى.
كۆچمەنلىك تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مەڭگۈلۈك بېكىتى بولغان ئانادولۇغا كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بولمىسىمۇ مەدەنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋادىلىرىدا سەپەر قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئەرەبلەر، پارسلار، رۇسلار، فىرانسۇزلار، ئىسپانلار، ئىنگىلىزلار، شىۋېتلەر، پولەكلەر، ئافرىقىلىقلار، ئىتالىيەلىكلەر، ياپونلار ۋە خىتايلار بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى بېيتتى.
بۇ ئارىلىقتا، بۈيۈك ئىمپېرىيەنىڭ ۋارىسلىرى بولغانلىقى ھەمدە ئۆز جۇغراپىيەسىدە سان – ساناقسىز خەلقلەرنى باغرىغا باسقانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋىلىق ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك تۈزۈملەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى قۇردى.
بۇ شەرت – شارائىتلارنى ئۆزلىرىنىڭ ياشاش شەكىللىرىگە، دۇنيا قاراشلىرىغا سىڭدۈردى. مەدەنىيەتلىرىنى ئاساسلىق ئىنسانىي مۇكەممەللىك ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆلچەملەر ئۈستىدە قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يەر شارى خاراكتېرلىك پىكىر – تەپەككۇر يۈرگۈزۈش تۈركىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر سىڭدى. مەسىلەن، سىياسىي ساھەنى ئالساق: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە سۇلتانغا بېرىلگەن نام «زىللۇللاھ فىلئەرز» دۇر. يەنى «ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسى». دىققەت قىلىدىغان بولساق، تۈركلەر ھەمىشە «تۈركىيە» ئەمەس «يەر يۈزى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ. خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە كۆرە شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركلەرنىڭ سىياسىي تەپەككۇرى تارىخنىڭ ھېچقانداق بىر دەۋرىدە ئەسلا يەرلىك قېلىپىغا قاپسىلىپ قالمىغان، سىياسەتلىرى، مەسئۇلىيەتلىرى ۋە پىلانلىرىنى دائىما خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرغان. كۈنىمىزدىمۇ تۈركىيە خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىدە مۇھىم بىر دۇنياۋى ئاكتىيور ھېسابلىنىدۇ.
سەنئەت ساھەسىدىمۇ شۇنداق. مەسىلەن، كۆلەڭگە ئويۇنلىرىنى مىسالغا ئالساق: ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قاراكۆز مەسەللىرىدىكى پېرسۇناژلارغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. بۇلار يەر يۈزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرلۇق بىر سەھنىدە پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئادەم ئوغۇللىرىدۇر. كۈنىمىزدە باشقا بىر ئادەم ئوغلى نۇرى بىلگە جەيلان خەلقئارالىق ئىنسانلارنىڭ غەم – قايغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتتى.
يەر شارىلىشىشنىڭ ئىقتىسادىي ئەكس تەسىرلىرىنى تۈرك سودىگەرلىرىنىڭ مىسلىسىز تالانتلىرىدا كۆرۈش مۇمكىن. كۈنىمىزدە بۇ سودىگەرلەر ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا، ئوتتۇرا ھاللىق بىر يېزىدا يېتىشىپ چىققان بولۇشىغا قارىماي خەلقئارالىق سودا تورىنىڭ مۇھىم قۇرۇلمىسىغا ئايلاندى. ئۇلارغا نىسبەتەن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ يۇرتىدۇر. خۇددى بىر زامانلاردا ئاقدېڭىزنىڭ ئەڭ ئىستىداتلىق ۋە يىراققا نەزەر تاشلىيالايدىغان سودىگەرلىرىدەك.
يەر شارىلىشىش توغرۇلۇق نۇرغۇنلىغان ئىجابىي ياكى سەلبىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق باشتىلا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ قاراشلاردىن مۇستەقىل ھالدا يەنە ھازىرقى دۇنيامىزمۇ بار. بۇ دۇنيا تېخنولوگىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يىپلار ئارقىلىق بىر – بىرىگە باغلىۋالغان. ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ، ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىنمۇ شۇنداق.
يەر شارىلىشىشنى ھەممە كىشىنىڭ غەربلىكلەرگە ئوخشاش بولۇشى ياكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈمنى بىرقاتار خەلقئارالىق كۈچلەرگە تاپشۇرۇش تەرىقىسىدە چۈشىنىدىغانلارمۇ بار. ھالبۇكى، بۇ قاراشنى يەر يۈزى خەلقلىرىنىڭ ئىنسانلىقنىڭ ئاساسلىق مۇكەمەللىكلىرى ئەتراپىدا بىرلىشىش دەپ چۈشىنىش كېرەك.
دېمىسىمۇ زامانىمىزدا ھېچقانداق بىر خەلق ئۆز كىملىكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. يىلتىزلىرى ناھايىتى مۇستەھكەم بولغان پۈتكۈل خەلقلەر يەر شارىلىشىش باسقۇچىغا ئۆزلىكىدىنلا ھەسسە قوشۇش ئارقىلىق، ئىنسانلىقنىڭ گۈللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر. تۈركىيە خەلقىمۇ دۇنياۋى يېزىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرى باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ئاتالغۇلار بىلەن يوق قىلىنىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئۆزىنىڭ تارىخىي تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بۇ باسقۇچنىڭ ھەمىشە دەل مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top