You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئوغۇزنىڭ بوۋىسى

ئوغۇزنىڭ بوۋىسى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

«ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا» نىڭ داۋامى
    ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى رامازاندا بىر ئۆزبىك بوۋاي بىلەن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە تونۇشۇپ قالدىم. بوۋاينىڭ ئوغلى بىر ئۇنۋىرسىتىتنىڭ سىياسى پەنلەر فاكۇلتىتىدا ئىشلەيدىكەن. كازىمبىك ئىسىملىك بۇ ئاقساقال ئوغلىنى يوقلاپ ئاۋىستىرالىيەدىن كەپتۇ. مەن بۇرۇن تاجىكىستانلىق ئۆزبىك بالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پاراڭلاشقاچ بۇ قېرىنداش تەلەپپۇزغا كۆنۈك ئېدىم. شۇڭا ساھىپخان مېنى بۇ كېشى بار داستىخانغا باشلاپ بارغاندا ئۆزۈمچە ئۆزبىك تەلەپپۇزىدا سالام قىلىپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ كېتىپتىمەن. بوۋاي ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سالام قايتۇرۇپ قۇچاقلىرىنى كەرگەندە ھەيران قالدىم.
    كازىمبېك ئاكا سوۋىتلار ھاكىميىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ 1918-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق ئۆزبېك تۈركلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئىكەن. 1980-يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى رۇس ۋە يەھۇدىلار ئاۋىستىرالىيەنىڭ كۆچمەنلىك ئىجازىتىگە ئېرىشكەندە بىر قىسم ئۇيغۇر، ئۆزبىك، تاتارلارنىڭمۇ ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ كۆچۈپ كەتكەنىكەن. بۇ جوڭگۇنىڭ تۆمۈر قوۋۇقلىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇنجى كۆچمەنلىك دولقۇنى ئىكەن. مەن ئۇيغۇرنىڭ كۆچمەنلىك قىسمەتلىرىگە قىزىقىدىغان بولغاچقا كازىمبېك ئاكىمىزغا يېپىشتىم. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۈرۈمچىگە بىر قانچە رەت سەپەر قىلغانلىقى سۆھبىتىمىزنى تېخىمۇ قىزغىن تېمىلار بىلەن بېيىتتى.
    مەن 1980-يىللاردىن كېيىن يۇرتىمىز ۋە مىللىتىمىزدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى دەپ قارايتتىم. بۇ ئويلىرىمنى كازىمبېك ئاكىغا ئېيتتىم. ئۇنىڭ قارىشىدا يۇرتىمىزدا ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان بەزى نەرسىلەرمۇ بار ئىكەن. قايسىلىقىنى سورىسام «شىڭشىسەينىڭ تۇرمىسىچۇ» دەپ چاخچاق قىلدى. ئۇنىڭچە 1940-يىللاردا دىيارىمىزدا كۆرۈلگەن زىدىيەت ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ چاغلاردا تاشكەنتتە ئوقۇپ كەلگەن كومۇنىستىك زىيالىيلار بىلەن تۈركىيەدە ۋە تاتار شەھەرلىرىدە ئوقۇغان جەدىتچى زىيالىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىدولوگىيە كۆرىشى مەۋجۇت ئىكەندۇق. تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئوڭ ۋە سول قاناتلىرىدا ياشايدىغان تۈركى تىللارنىڭ شەرقىي تارمىقىدا سۆزلەيدىغان يەرلىك خەلقنى جەدىتچى زىيالىيلارتۈركلەر دەپ ئاتىسا، سوۋىتپەرەس زىيالىيلار ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز،ئۆزبىك،تاتار دەپ ئاتايدىكەن. ھەتتا شۇ چاغلاردا چىققان «شىنجاڭ گېزىتى»بىلەن»ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا توپلاشقان سەركىلەر ئوتتۇرىسىدا بىز ئۇيغۇر ئەرباپلىرىمۇ ياكى تۈرك ئوغلانلىرىمۇ دېگەن كەسكىن مۇنازىرە بولغان ئېكەن. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر مەزگىل گومىنداڭ بىلەن مۇرەسسە قىلىپ ئىتىپاق تۈزۈپتۇيۇ ئۆزئارا بىرلىشەلمەپتۇ. ئۇلار قان ئىچەر دۈشمەنلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم توپلىنىپ بىر شىرەگە ئولتۇرۇشۇپتۇ يۇ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىر مەقسەدكە كېلەلمەپتۇ.
   -بالام ئۈرۈمچىگە كېلىپ خۇددى شورلۇق تارىخىمىز تەكرارلىنىۋاتقاندەك تولغىنىپ كەتتىم . 50 يىل بۇرۇن بوۋىلار بىز ئۇيغۇرمۇ تۈركمۇ دەپ تالاشقان بولسا بۈگۈنكى بوغۇنلار بىز مۇسۇلمانمۇ ئۇيغۇرمۇ دەپ جىدەللەشكىلى تۇرۇپتۇ. ھېچ بولمىغاندا 40-يىللاردا ھېچكىم بۇ قەۋىمنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمان قىلمىغان. ماركىسىزىمچى ئەخمەتجان بىلەن جەدىتچى مەمتىمىن بۇغرا بىر سەپتە جۈمە ئوقۇغان. تەپەككۇر قابىلىيەتلىرىمىز چېكىندىمۇ قانداق بەزى بوغۇنلارىمىز مىڭ يىللاردىن بېرى ئاللاھ رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلگەن خەلقىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا باشلاپتۇ، دېدى بوۋاي ئېچىنىپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.
    مەنمۇ 1996-يىللاردىن باشلاپ ھازىرغىچە قەشقەر،كورلا ۋە ئۈرۈمچىلەردە مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ كەلگەن ئېدىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق «ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ» دېگەن گەپلەر بولغان سورۇنلاردا كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. 2007-يىلدىن ئىتىبارەن ئۈرۈمچىدە ياشاپ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرلۇق ئىنكارچىلىقىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ قۇتۇپلار بويىچە جامائەتلەرگە ئايرىلغانلىقىنى بايقىدىم. مەسجىدكە، نەزىرگە ۋە توي – تۆكۈنلەرگە بارمايدىغان ھەتتا بۇنداق جامائەت سورۇنلىرىدىن باشقىلارنى توسىدىغانلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا شاھىد بولدۇم. ئەمما بۇنى كازىمبېكتەك تارىخ بىلەن باغلاپ چۈشىنىپ، چۈشەندۈرۈپ باقماپتىمەن.
   -ئولتۇرۇپ كەتتىڭغۇ ئوغلۇم. مەن پەقەت كۆرگەنلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ باقىمەن، سەندەك كۆپ ئوقۇغان ئەمەسمەن. شۇنداقتىمۇ ئويلىغانلىرىمنى ساڭا دەپ باقاي. بىزدە مەغلۇبىيەت كۆپ بولدى. گەپنى يەنە شۇ مىللىي ئېنقىلاپ دەۋرىدىكى قىرىقىنچى يىللارغا يۆتكىسەك،  40-يىللاردىكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى جەدىتچىلىك يولىنى داۋام قىلسا يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئىتقادلىق بۇ مىللەتكە ماركىسىزىم بىلەن رەھبەرلىك قىلماقچى بولغانىدى. بۇ نۆۋەت ۋەتەنگە بېرىپ تاڭ قالدىم، جەدىتچىنىڭمۇ، ماركىسىزىمچىنىڭمۇ ئىزى ئۆچۈپتۇ. ۋاھابىيچىلىق، ھىزبۇتتەھرىر، تالىبان، مۇجاھىدلىق قاتارلىق دۇنياۋىي ئېقىملار بەس بەستە ئادەم توپلىغىلى تۇرۇپتۇ، ئەگەشكۈچىلىرى بازار تاپقىلى تۇرۇپتۇ. موللا مۇسا سايرامىدا ئىپادىسى كۆرۈلۈپ ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، سابىت داموللام، زىرىپ قارىھاجىم، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام، ئابدۇلھەكىمخان مەخدۇم قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالىرىمىزدا ۋايىغا يەتكەن جەدىتچىلىك پىكىرلىرى ئىز باسارسىز قالغاندەكلا. بىزدە نېمىشقا ئەمىر خەقتىن، ئەسكەر بىزدىن، پەتىۋا خەقتىن  ئىجرا بىزدىن ، بۇيرۇق خەقتىن قۇربانلىق بىزدىن بولىدىغان ئىشلار تۈگىمەيدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاغرىق ئانىسىنى كۆرمەي يېزىلغان رىتسىپنى چوڭ بىلىپ ئانىسىنى كېسەل بىلەن قىيناپ قويغاندەك قىلىق ئەمەسمۇ؟
    – قارا بالام، بىز مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەممىسى تېپىلىدىغان، ئىسلامدىكى ھەرقانداق مەزھەپ ۋە ئېقىمغا ھۆرلۈك بېرىلگەن ئاۋىستىرالىيەدە ياشايمىز. لېكىن مۇشۇ كۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق ئىشلىرىغا ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ باقمىدۇق. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاللىقاچان ئىسلاملاشقان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدۇق. پەقەت ۋاقىت، پۇل ۋە ئادەم ئىسراپچىلىقىنى ئاڭلىق تۈزەتتۇق. بۇلارنى ھېچقاچان تۈزىتەيلى دەپ يىغىن ئاچمىدۇق، تەشۋىقات قىلمىدۇق. ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە ، ئۆزگىگە ۋە مىللىتىگە دائىر ھەرقانداق ئىشقا ئەمەلىي مۇئامىلە قىلىپ سەمىمىيلىك بىلەن ياشاشقا ئىلھام بىرىدىغان تۈزۈم بىزنى تەبئىي ھالدا شۇنداق قىلىشقا كۆندۈردى. ئەمدى، ۋەتەندە كۆرۈلگەن ئىسلاھات بىدئەتكە چىقىرىش دولقۇنىغا نېمە دەيمىز؟ بىر مىللەتنىڭ ئادەتتە تۇغۇلۇش، تويلىشش ۋە ئۆلۈم ئادەتلىرى مۇقىم بولىدى. بۇ ئادەتلەردە يېمىرلىش كۆرۈلدى دېگەنلىك مىللەت گەۋدىسىگە ئىچىدىن دەز كەتتى دېگەنلىك. ھەرقانداق شەيئىگە ئىچىدىن چاك كەتسە ئاسان كاردىن چىقىدۇ. مەن تۈرك خەلقلىرى ياشايدىغان بىر قىسىم شەھەرلەردە بولدۇم، لېكىن مەيلى ئۆزبىك تۈركلىرى ياكى تۈركىيە تۈركلىرى بولسۇن بىر شەھەردە تاراۋىھنى ئىككى خىل ئوقۇغىنىنى كۆرمىدىم. مىڭ ئەپسۇس، بۇ ئىش ئۈرۈمچىدە بار ئىكەن. بىر مەسچىدتە ئىمام ئەزەمنىڭ يولى بويىچە 20 رەكئەت ئوقۇيدىكەنۇ شافىيلاردەك ئامىننى ئاۋازلىق توۋلايدىكەن. بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى، بىز تۈركلەرقۇمۇلدىن ئىستانبۇلغىچە ھەممىمىز ئىمام ئەزەمنىڭ يولىدا ئەمەسمىدۇق؟ ھەرەم بىلەن بىر كۈندە روزا باشلايمىز دېگەن نادانلىقلارغا نېمە دەي!… ئەسلىدىنلا كۆڭلۈم سۇنۇق ئېدى. كازىمكامنىڭ گەپلىرى تېخىمۇ ئېزىۋەتتى. گەپنى ئوغلىغا بۇرىدىم. ئىسمى تىلسار ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ بۇ قەشقەرنىڭ تارىختىكى يەنە بىر ئىسمى بولۇپ «دەريا شەھرى، دەريا بويىدىكى شەھەر» دېگەن مەنىدە ئىكەن. بوۋاي نەۋرىسى ئوغۇزنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە يېزىش ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاتايىن ئاۋىستىرالىيەدىن ئامېرىكىغا كەپتۇ.
    -ئوغلۇم، ئوبۇلغازى باھادىرخان تارىخمىزدىكى ئوغۇزخاننى مۇسۇلمان دەپ يازىدۇ. «شەجەرەئى تۈرك» تە ئوغۇزخان ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىمامەتچىلىكىگە ئۇيىغانلارنى ئۇيغۇر دېگەن. تۈركلەر ئېچىدە ئەڭ بۇرۇن ئىسلامغا ئۇيىغانمۇ، ئىسلامنى تۇنجى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلغانمۇ، تۈرك تارىخىدا تۇنجى مەدرىس بەرپا قىلغانمۇ ئۇيغۇر ئىدى. شۇڭا تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئىسلام دۆلىتى قەشقەردە بارلىققا كەلگەن. مەن ئوغۇزنىڭ بوۋىللىرىدىن قالغان مۇسۇلمانلىق يولىدىن تايماسلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈگەتمەكچى…دېدى ياشاڭغۇرىغان كۆزلىرىنى ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ. كازىمبېك ئاكام بىلەن قىلغان رامازانلىق داستىخاندىكى سۆھبەت كۆڭۈللۈك ئاياغلاشتى. ئۇنىڭغا نەۋرىسىگە ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشكە ماس ماتىرىياللارنى تېپىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ قىيالماي خوشلاشىتىم.
    ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top