ئۈمىدۋار ياشاشنىڭ ئەۋزەللىكى
د. ئابدۇقادىر تاش
ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر مۇسىبەت ئۇنىڭ ھەر ئىشتىن شۇم پال ئىلىپ، تۈگەشكەنلىك تۇيغۇسىغا ۋە ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولىشىدۇر. ھەر ئىشتىن شۇم پال ئالىدىغان، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغان ئىنساننىڭ ھاياتى چۈشكۈنلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە داۋالغۇپ ئاسانلا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىنسان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشىدىغان ھەرىكەتچان ئەزا بولۇشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتكە ئېغىرىنى سالىدىغان ۋە باشقىلارنى ھەم ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان، بىكار تەلەپلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئۈمىدسىز بىر شەخسنىڭ ئەھۋالى بۇ بولسا ھەر تەرەپتىن شۇملۇق, ئۈمىدسىزلىك قاراڭغۇلۇقى قاپلاپ كەتكەن بىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى نېمە بۇلار؟! شەكسىزكى، بۇنداق مىللەت ئورنىدىن تۇرۇشقا ۋە مىللەتكە يۈزلەنگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان دەرىجىدە، ھالاكەت ئازگىلىنىڭ لېۋىگە بېرىپ قالىدۇ، ھەر خىل تەھدىتلەر ئالدىدا مەغلۇبغۇبىيىتىنى ئېلان قىلىپ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ!
ئىسلام ئۈممىتى ھازىرقى ۋاقىتتا چوڭ پالاكەتكە ۋە ئارقىدا قىلىش ئاپىتىگە دۇچ كەلدى، خار – زوبۇنلۇقنىڭ ئاچچىقىنى، ئىسلامنىڭ توغرا پرىنسىپىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ۋابالىنى يەتكۈچە تېتىدى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەيۋىسىگە ئىگە بولغان ئىسلام ئۈممىتى تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈنۈپ كەتتى، دۇنياغا خوجايىن، پۈتۈن خەلققە رەھبەر بولغان ئىسلام ئۈممىتىگە دۈشمەنلەر تەرەپ – تەرەپتىن قول ئۇزارتتى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇبالىغلاشتۇرۇلۇپ تەشۋىق قىلىنىپ خەلق ئاممىسىنىڭ زېھنىدە ئىسلام ئۈممىتى قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇشقا، يېڭىدىن ئىش باشلاشقا قادىر بولالمايدىكەن، دېگەن ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ھەر زامان كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەر ئۈمىدسىزلىككە چاقىرىدىغان بۇ خەتەرلىك تەشۋىقاتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى ۋە بۇنى ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرەزلىرىگە خىزمەت قىلدۇردى. ئۆز دىنىگە، ئىززىتىگە قايتىش، تەرەققى قىلىش، بۇزۇلغان سەپلىرىنى قايتا رۇسلاش ئۈچۈن ئويغۇنۇۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، ئۇلارنى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ تەسلىم بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. چۈنكى دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئويغىنىشى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە، پىكرىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كونتروللىقىغا بىۋاستە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.
ئەپسۇسكى، ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن رەھبەرلەر ۋە تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىسلام ئۈممىتى قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ, دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالدى. سىز گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى ئاچسىڭىزلا يۈرىكىڭىزنى ئازابلايدىغان، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان شۇم خەۋەرلەر ۋە يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتىسىز، بۇنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئۈممىتى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە – مىكرىلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر، بۇ ئەھۋال شۇنداق خەتەرلىك يەرگە يەتتىكى، ئىرادىسىز بەزى شائىر ۋە ئەدىپلەر ئۆزلىرىنى ئىسلامغا نىسبەت بېرىشتىن ئادا – جۇدالىق ئېلان قىلدى.
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ غەم – ئەندىشە، ھەسرەت – نادامەت ۋە بالايۇ – ئاپەتلەرگە تولۇپ تاشقانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئوچۇق ھەقىقەت. لېكىن بۇ جەمئىيەتتە ھەم بەزى بىشارەت نۇرلىرىنىڭ بارلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىز بۇ بىشارەت نۇرلىرىنى پەرۋىش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ بارلىق بولۇڭ پۇچقاقلىرىغا كېڭەيتىشكە تىرىشمايمىز؟!
غەم – ئەندىشە، ھەسرەت – نادامەت ۋە بالايۇ – ئاپەتلەرگە تولغان بۇ جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەسسە قوشۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ جەۋھىرى سانىلىدىغان ھەر بىر ئالىمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتتىن قاقشاش ۋە ئۇنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىچىپ بېرىشلا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا ھەسسە قوشقانلىق بولمايدۇ. مىللەتنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى تونىغان ئىنسان چوقۇم ئاز بولسىمۇ ئەمەلىي خىزمىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا تۆھپە قوشۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئورنىغا ئۈمىدۋارلىق كېلىدۇ ۋە ئىسلاھات خىزمىتى چوقۇم مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى تەرجىمىسى.
مەنبە: ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى