سۈرىيەدە ئېقىۋاتقان قانلار ئىچىدىكى ئىران ئىتتىپاقداشلىرى
ئۇزۇندىن بىرى سۆزلەپ كەلگەندەك سۈرىيە ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇش يولىدا ئىران ئەتراپتىكىلەر، ھىزبۇللا ۋە ئىراقلىقلار بىلەن ئىتتىپاقداش مەيدان تەشكىللەپ بەششار ئەسەد نىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلاپ، دۆلەتنى ۋەيران قىلىپ، مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى خانىۋەيران قىلىشتەك جىنايىتىگە ھەسسە قوشۇپ، زالىمغا يانتاياق بولغان جىنايىتى ئۈچۈن ئىران ھامان بىركۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، پۇرسەت كەتكەندە پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ دەپ كەلگەنىدۇق. ئىراننىڭ بۇ قارارى ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن ئالغان ئەڭ يامان قارار بولىشى مۇمكىن. بۇ مۇلاھىزە ھەقىقەتكە ئايلىنىدىغانلىقى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىران بۇ قىلمىشى ئۈچۈن زەھەر يۇتۇشتىن باشقا ئامال بولمىسا كېرەك. ئاخىرىدا سۈرىيە خەلقى ئۆزى رازى بولىدىغان چىقىش يولى ئىزدىمەي ئامال يوق. ئەمما ئىران ۋە ئۇنىڭ ئىراق ۋە ھىزبۇللادىن ئىبارەت ئىتتىپاقداشلىرىدىن بورۇن ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىدىغان تەرەپ يەنىلا سۈرىيە خەلقى ئىكەنلىكىدىمۇ شەك يوق. سۈرىيە ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر، خەلقنىڭ ۋەيرانچىلىقى، تائىپىۋازلىق جىنايەتلىرى ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان زىيانلار بولۇپ، بۇ پەقەتلا سۈرىيە خەلقىنىڭ ئورتاق زىيىنى، مەزكۇر زىيانلارنىڭ جىنايەتچىلىرى بولسا، بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ رىجىمى، بەششارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتكە شېىرىك ئىكەنلىكىدە ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى بولمىسا كېرەك.
سۈرىيە كىرىزىسىدا ئەڭ چوڭ پايدا ئالغانلار سۈرىيەخەلقىنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە ئۇنىڭ بېشىدا جوھۇدلار) ئىسرائىلىيە(دۆلىتىدۇر. ئىنساننى ئېچىندۇرىدىغىنى بەششار رىجىمى، ئىران ۋە ھىزبۇللادىن ئىبارەت ئىتتىپاقداشلار ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەشچى ئىتتىپاقداشلار دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە قەدەم ئېلىشى يەھۇدلارنى خۇشال قىلىشى چۈشىنىش قىيىن بولىدىغان مەسىلىلەردۇر. قارىغاندا جوھۇت دۆلىتى ۋە غەربلىك ئەرەبلەرنىڭ كۈچىنى(ئەگەر كۈچى باردېيىلسە) سۈرىيەدە تېخىمۇ ئېغىر خورىتىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. ھىزبۇللا پەلەستىننى ئازات قىلىش دەۋاسىنى قىلىدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ تۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىت، مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىت مەيدا ندا تۇرۇپ ئۇمۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى دۈشمەن بىلەن بىر سەپتە تۇرۇىشى ھىزبۇللانىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. سۈرىيەدە ئىسرائىلىيە يالغۇز پايدا ئېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن ئۆزىنىڭ رايوندىكى دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىنى خورىتىشتا ھاياتىدا ئويلاپ باقمىغان پايدا-مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نېمىلا بولسۇن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى خەلقلىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر تۇتقان سىياسەتلەردىن رازى ئەمەس، ئېتىراپمۇ قىلمايدۇ. سۈرىيە كىرىزىسىدا غەرب ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداشلىرى زىيان تارتقاندەك، ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلاردىن مۆتىدىل پىكىردىكىلەرمۇ زىيان تارتقانلىقى ھەممىگە ئايان. سۈرىيە سۈركىلىشىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۇزىراپ كېتىشىدىن پايدا ئالىدىغان بىرلا تەرەپ يەنىلائىسرائىلىيە ئىكەنلىكى ئېنىق. سۈرىيە ئورۇشىدا ھىزبۇللا بولسۇن ئىران بولسۇن ھەممە تەرەپ بەششار رىجىمى شۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسا ئاللىبۇرۇن يىقىلىپ بولىدىغانلىقى، بەششارنىڭ ئۆمرىنى ئىران ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئۇزارتىشتا بىر قەدەر غەلىبە قىلغانلىقى ئەمما بەششار رىجىمى يىقىلغان تەقدىر ھىزبۇللا ۋە مالىكى رىجىملىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ھىزبۇللاھ رەھبىرى: «سۈرىيەدىكى ئۇرۇش بىزگە نىسبەتەن ھايات ماماتلىق ئۇرۇشى» دەپ ئوچۇق بايان قىلدى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى يۇشۇرالمىدى.
بۇ يەردە شۇنداق سوئال پەيدا بولىدۇ، ئىراننىڭ ياردىمى ئاستىدا ھازىرغىچە يىقىلماي تۇرغان بەششار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ئىنقىلابنى مەغلۇب قىلىپ، بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ سۈرىيەدە يەنىلا رەئىس بولۇپ، دىكتاتور تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ سوئالغا بەششار ۋە ئۇنىڭ رىجىمى، ئىران ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. سۈرىيە نىڭ بەزى رايونلىرىدىكى ئۇرۇشلاردا بەزى رايونلارنى بەششار قوشۇنلىرى ئىنقىلابچىلار قولىدىن قايتۇرىۋالغاندەك كۆرۈنۈشلەر ئۇلارغا بىر قەدەر ئۈمىت بېغىشلىسىمۇ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش رېتىمىنىڭ تەرەققىياتى، ئىنقىلابچىلارنىڭ مۇستەھكەم تۇرىشى، كۆپ ۋاقىتلاردا غەلىبە قىلىشى ئىران ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاچچىق يۇتۇشقا مەجبۇرلىماقتا. ھازىرقى سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ رېتىمىغا قارايدىغان بولساق، پەقەتلا ئىران، ھىزبۇللا نىڭ كۈچىنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەگەر ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئىتتىپاقداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي، روسىيەدىن ئىبارەت سۈرىيە خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى ئۇرۇشنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ زەپەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بولاتتى.
ئىنقىلابچىلار سۈرىيە نىڭ تەڭ يېرىمىنى ئىشغال قىلغان ھالدا تۇرماقتا، قارىغاندا ئىنقىلاپچىلارمۇ قارشى تەرەپنىڭ خورىتىش ئىستراتىگىيىسىنى قوللىنىشقا باشلىغاندەك. ئەمەلىيەتتە سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈچلەر بەششار رىجىمى بولماستىن ھىزبۇللا، ئىراقنىڭ ئەبۇلفەزلى ئابباس گۇرۇھى، باش ئاپىراتتى بولسا ئىران ئىنقىلابى مۇداپىئە قوشۇنلىرى. بەششار رىجىمى بولسا ھاۋا مۇداپىئە ھۇجۇمىغىلا مەسئۇل. سۈرىيە ئۇرۇشى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش بولۇپ، غالىب مەغلۇب مەسىلىسى ئەمەس، كۈچ سىناش ۋە خورىتىش مەسىلىسى بولۇپ قالغاندەك. يەنەبىر تەرەپتىن سۈرىيە يەرلىك، ئىخلىملىق ھەمدە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ھېسابات مەيدانى بولۇپ قالغانلىقى ھەممىگە ئايان.
بۇ ئەھۋالدا ئىران زەھەر قاچىسىدىن ئىچمىگۈچە توختىمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇرۇشتا بەششار رىجىمى غەلىبە قىلالماسلىقى ئېنىق، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچ خورىتىش ئارقىلىق قايسى تەرەپ ھارغىنلىق ھېس قىلسا يېڭىلىدۇ. دېمەك سۈرىيە ئورۇشى ئۇزۇن نەپەس ئۇرۇشىدۇر. پۈتۈن دۇنيا، ئىنقىلابنى قوللىغۇچى، ياردەم قىلغۇچىلارمۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپ شۇنىڭغا قارىتا ھېساباتىنى كۆرگەندەك قىلىدۇ. سۈرىيە ئۇرۇشى ئىراننىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى بىتچىت قىلىپ ئۇنى كۆپ چىقىمدار بولماستىنلا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھەجمى ۋە ماھىيىتىگە كەلتۈرۈشكە قاراپ كىتىپ بارغاندەك.
ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتىقاندا ئىران ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى باشتا بەششار رىجىمىنى ئىقتىسادى جەھەتتىنلا قوللاپ كەلگەن كېيىن ئەسكەرى ساھەگە ئۆتتى ئەمدىلەتتىن بولسا سىياسى مەيدانلاردا بەدەل تۆلەشكە باشلىدى. ھىزبۇللا كۆپ ساندا ئادەم چىقىمىغا دۇچ كەلدى. (ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلانغان كۈچى) سۈرىيەدە چىقىمدار بولۇپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراشقا باشلىدى. سۈرىيەدە ئۇرۇشتا ئۆلەۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەلەۋى تائىپىسى، ھىزبۇللا، ئىراق كۈچلىرىدۇر. مەزكۇر تەرەپلەرنىڭ تارتىۋاتقان زىيىنى نەدىن قارىساق ئىنتايىن ئېغىر تۇرماقتا. سۈرىيە ئۇرۇشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەقدىردىمۇ ئون يىلدىن ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىنىدۇ. ئىران ھەرتەرەپتىن سىقىلىشقا چۈشۈپ قالغان ئىچكى جەھەتتىن بولسا ئاتوم پروگراممىسى بېسىمى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى ئىمبارگولار. ئىراق بولسا بىر تەرەپتىن بەششارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشسا ئىچكى جەھەتتىن ئېغىر خەتەرگە يولۇقۇپ يەرلىك ئۇرۇش تەھدىدىگە دۇچ كەلمەكتە. ئىراقتا مالىكىنىڭ دىكتاتۇرلىقى ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرگەن بولسا ھىزبۇللا لىۋاندا ئۆزىنى تاركوچىغا تىقىپ سىياسى جەھەتتىن سىقىلىشقا دۇچ كەلمەكتە. ھەممىنى يىغىپ كەلسەك ئىراق، ھىزبۇللا ۋە ئىران ئىسلام ئۈممىتى بىلەن بىۋاسىتە ئاداۋەتكە كىرىپ قالدى. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى سۈرىيە ئىرانغا نىسبەتەن ئامېرىكا ۋېتنامدا سېپىلغان بىلەن ئوخشاش دېسەك بولىدۇ. ياكى ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئافغانىستانغا ئوخشاش بولۇپ قالدى. بورۇنلا تەكىتلەپ كەلگىنىمىزدەك ئۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى ھېچقاچان بەششار ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە بولمايتتى، ھازىرقى كۇچ خورىتىش ئۇرۇشىدا باش زىيان تارتقۇچى ئىران ئىتتىپاداشلىرى بولىشىدا شۈبھە يوق. ئىران ئالدىدا يەنىلا ئاز بىر پۇرسەت سۈرىيەدە ھاكىمىيەتنى قالدۇرۇپ بەششار ئەسەدسىز سىياسى چارە ئىزدەش ئىراننى زەھەر ئىچىشكە مەجبۇر بولۇشتىن قۇتقۇزىۋالالايدۇ. ئىنقىلابچىلار شۇپىرىنسىپ بويىچە جەنۋە ئىككى سۆھبىتىدە ئولتۇرۇشقا قوشۇلغانىدى. ئىرانمۇ شۇنداق قىلغاندا ئاق بايراق چىقارماستىن كىرىزىستىن ئۆزىنى سۇغۇرۇپ چىقالايدۇ.
ئەمما ھېس قىلىشىمىزچە ئىران رەھبەرلىكى ئۇنداق چىقىش يولىنى تاشلاپ، نۈسرەت زەپەر ھەۋىسى بىلەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قاراپ ماڭغاندەك قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىران سۈرىيە ئۇرۇشىدا ياردەمچى بولماستىن ئۇرۇشنىڭ قارشى تەرىپى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاسان ئىشنىڭ ئىچىدىن چىقالىشى قىيىن بولسا كېرەك. ھىزبۇللا رەھبىرى ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندەك سۈرىيەدىكى ھىزبۇللا ئۇرۇشى بىزگە نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى.
ياسر زەئاتىرە
سىراجىدىن ئەزىزى تەرجىمىسى
مەنبە:
http://www.aljazeera.net/opinions/pages/45547b3a-f266-4770-aaef-712cdb9051e6