You Are Here: Home » ئومۇمى » مۇسۇلمانلار قۇرئانغا قانچىلىك ئەمەل قىلىۋاتىدۇ؟

مۇسۇلمانلار قۇرئانغا قانچىلىك ئەمەل قىلىۋاتىدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرئان كەرىم ئىسلام دىنىنىڭ روھى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دەستۇرى ۋە پۈتۇن ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايەت رەھبىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە پىرىنسىپى، ئەخلاق ئۆلچىمى، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە بارلىق مەسىلىلىرى قۇرئان كەرىمگە تايىنىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم بىردىنبىر ئىلاھىي تېكست، پاك مەنبەدۇر. ئۇنىڭدا ئىنسانىيەت يول خەرىتىسى سىزىلغان، ئۇلارنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتى كاپالەتكە ئېلىنغان. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە، ئۇنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئۆزلىرىگە دەستۇر قىلىشقا بۇيرۇغان. رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چۈشۈرۈلگەنگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى قويۇپ، باشقا دوستلارغا ئەگەشمەڭلار[1] ئىسلام ئۈممىتى بولغان مۇسۇلمانلارنى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنۇشقا ۋە ئۇنى بىردىنبىر قانۇن قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: سېنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەق كىتابنى چۈشۈردۇق[2] قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىش ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر. بۇ (قۇرئان) بىز چۈشۈرگەن مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقۇڭلار[3]

ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان تۈپتۈز يولنى ئىزدىگە ئادەمنىڭ قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىشى شەرت. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ ئالەملەر ئۈچۈن، سىلەردىن توغرا يولدا يۈرۈشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بىر نەسىھەتتۇر.[4] قۇرئان كەرىم شۇنداق بىر نۇرلۇق مەشئەلكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغانلارنىڭ يولىنى يۇرۇتىدۇ، قەلبلەردىكى شەك-شۈبھىلەرنى ۋە قاراڭغۇلۇقلارنى يوق قىلىپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھتىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى. ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى ئۇنىڭ بىلەن نىجاتلىق يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ، توپتوغرا بىر يولغا باشلايدۇ.[5]

قۇرئان كەرىم بىلەن ھەركىم ئاللاھ تائالاغا بارىدىغان يولىنى تاپالايدۇ: بۇ رەببىڭلاردىن كەلگەن، قەلب كۆزلەرنى ئاچىدىغان بايانلاردۇر، مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.[6]

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۈرگەن ئادەم سىراتۇل مۇستەقىمنىڭ ئۆزىدە ماڭغان بولىدۇ:ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن كەسكىن بىر دەلىل كەلدى، سىلەرگە ئوپئوچۇق بىر نۇرنى چۈشۈردۇق.[7]

شۇنداق، قۇرئان كەرىم ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ماھىر يولباشچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ ئاز تىرىشچانلىق بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارغا ئوقۇلىۋاتقان كىتابنى ساڭا چۈشۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا يەتمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بىر قەۋم ئۈچۈن ئۇنىڭدا رەھمەت ۋە ئىبرەت باردۇر.[8]

قۇرئان كەرىمنى قويۇپ باشقا يوللار بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىمىز دېگۈچىلەر ئەخمەقلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىزدەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تولۇقى بىلەن قۇرئان كەرىمدە بار.

قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا توغرا ئوقۇپ، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ، مەقسەت ۋە غايىلىرىنى بىلىپ، بىزدىن تەلەب قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن. ساڭا بۇ مۇبارەك كىتابنى ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ چۈشۈردۇق. [9] ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان چوڭ ئالاقىسى ئۇنى تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلاپ، مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تېكىستىنى تىلاۋەت قىلىشقىلا كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ئىبىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ قۇرئاننى ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۇن چۈشۈرگەن تۇرسا، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل سانىۋالدى. فۇزەيل ئىبىن ئىياز مۇنداق دېگەن: قۇرئان چوقۇم ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل دەۋالغان. مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ لەۋزى بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنىڭ، كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ۋە قەد كۆتۈرىشىنىڭ مەنبىئىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يولىنى يۇرۇتىدىغان چىراقنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، باشقىلارنىڭ سايىسىدا، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان، قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئۈممەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئۆتمۈشلەردە دۇنيانى سورىغان سەلتەنەتلىك مۇسۇلمانلار بۈگۇنكى كۈندە باشقىلارنىڭ سەلتەنىتىگە بېقىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلارنى ئەسلىدىكى سەلتەنىتىگە ۋە ئىززەت-ئابرويىغا ئېرىشتۈرىدىغان سېھىرلىك كۈچ ئۇلارنىڭ قولىدا بار. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىشقا كۇپايە قىلىپ، مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالماي كەلمەكتە.

مۇسۇلمانلارنىڭ شان شەرىپى قۇرئان بىلەندۇر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەخت-سائادەتنىڭ مەنبىئى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپنىڭ ۋە ئىززىتىنىڭ مەنبىئى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: شەكسىزكى، بىز سىلەرگە ئىچىدە سىلەرنىڭ شەرىپىڭلار بولغان بىر كىتابنى چۈشۈردۇق. تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟[10]

ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار بارچە كۈچىنى قۇرئان كەرىمدىن ئالغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن چۈشكەن كىتاب ئىكەنلىكىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ سەلتىنىتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئۈچ قىتئەگە يۆتكەلگەن. ئۇلار دۇنيادا ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىن كېيىنكى ۋە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا قۇرئان كەرىم ھازىر ۋە غائىب ھالەتتە بولۇپ قالغان. ھازىر دېگىنىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا، قارىيلارنىڭ دىلىدا بار ئىكەنلىكىنى، غائىب دېگىنىمىز قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىشنىڭ يوقالغانلىقىدىن ئۇنىڭ روھىنىڭ، مۆجىزىسىنىڭ ۋە ھاياتتىكى باشلامچىلىق رولىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يوقالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇپ ساۋاب تېپىشقا كۇپايە قىلىپ، ئۆزىمىزنى چوڭ ساۋابلىق ئىش قىلغانلار قاتارىدا ساناپ كېلىۋاتىمىز.

ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دېگەن: بىز قۇرئاننى ھاياتىمىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم. ئەمما ئۇنى ئۆيلەردە، دۇكانلاردا ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ساقلاپ تەۋەررۈك قىلىشقا ياكى قۇرئاننى ئېچىپ بىر ياكى ئىككى ئايەت ئوقۇپلا يېپىپ قويۇشقا بولمايدۇ.[11]

توغرا، قۇرئاننى ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، مەسىلە ھەل بولمايدۇ ۋە مەقسەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى تىلاۋەت سۆزى تلى، يتلۇدېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، مەنىسى داۋاملاشتۇرۇش، ئارقىسىدىن يۈرۈش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەرەب تىلىدا، بىراۋ يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغاننى يتلۇدەيدۇ. دېمەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەن بىر قانچە ئايەت ياكى بىر قانچە سۈرىنى ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغاننىڭ مەنىسىنى بىلىپ، روھىغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توختاپ قالماسلىق دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەن: قۇرئان كەرىم يۇقىرى ئۇپۇقتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش ياكى مازار بېشىدا ئوقۇش ياكى مۇسىبەتلەردە تىلاۋەت قىلىش ياكى قارىيلارنىڭ دىلىدا، ياكى كىتاب ھالىتىدە ساقلاش ياكى ئۆزىنى يادلاپ ئەھكاملىرىنى تاشلاپ قويۇش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتنى بەختلىك ياھاتقا باشلاش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر. سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.[12]

ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى ھاياتىنىڭ دەستۇرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مەنبىئى، قەلبىنىڭ نۇرى، ئىبادەتلىرىنىڭ ئاسالىقى قىلىۋالغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىپ ئوقۇش ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۇن ئۇنىڭغا قەلبىنى ئاچقان، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ھەۋزى كەۋسىرىدىن قانغۇچە ئىچكەن، شۇنىڭ بىلەن روھىنى سۇغۇرغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى ئاتا قىلغان. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەتلەرنى ۋەدە قىلغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولالمىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلالمىدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئاجىز، دىنىي ئىشلاردا زەئىپ بولۇپ قالدۇق.[13]

ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە تۇتقان مەۋقەسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قۇرئان كەرىمگە يۈرىكىدىن بېرىلەتتى، ئۇنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ تىلاۋەت قىلاتتى ۋە ئۇنى ئاڭلىغاندا ئىمانى كۈچىيەتتى. ئۇلار مۇنۇ ئايەتلەردىكى ئېسىل سۈپەتلەرگە سازاۋەر كىشىلەر ئىدى: مۇئمىنلەر پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، رەببىگە تايىنىپ ئىشەنچ باغلايدىغان كىشىلەردۇر[14] مۇئمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، بۇ قۇرئان ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار خۇشال بولىۋاتىدۇ[15]

سەييىد قۇتۇب مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ياكى بىلىم ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئوقۇمايتتى. بەلكى ئوزۇقلىنىش، ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيتتى.

توغرا، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر قومانداندىن بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك تاپشۇرۇپ ئالاتتى. شۇڭا ئۇلار كۈندىلىك ئالىدىغان تەلىملىرىدە ىزيادىنى خالىمايتتى. چۈنكى ئۇلار كۈندىلىك ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ ماڭغانلىقتىن، ئۈستىلىرىگە كۆپ تەكلىپلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىۋېلىپ ئەمەل قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار- ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇنىڭ رىۋايەت قىلغىنىدەك[16]- ئون ئايەتنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياتلاپ، ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئاندىن باشقىسىغا يۆتكىلەتتى.

ئۇلارنىڭ قۇرئان ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىش مەقسىتى بىلەن قوبۇل قىلىشىنى ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھالاۋەت ئىپۇقلىرىنى ئېچىپ بېرەتتى. ئۇلار قۇرئاننى ئىزدىنىش، مەلۇقامت ئىگىلەش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان بولسا، بۇنداق ھالاۋەت ئۇپۇقلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئېچىلمىغان بولاتتى. قۇرئان ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي دەستۇرىغا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى قۇرئان كەرىم خۇددى ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدا ئاققان قانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھايات ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى كۆرسەتكەن ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ خەزىنىسىگە پەقەت ئۇنىڭغا تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن يۈزلەنگەن ئادەمگىلا بېرىلىدۇ.

چۈنكى قۇرئان كەرىم ئوقۇپ كۆڭۈلنى خوش قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب ئەمەس ياكى ئەدەبىيات ياكى تارىخ كىتابى ئەمەس. بەلكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ دەستۇرى بولۇش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر.[17]

قۇرئان كەرىم ساھابىلارنىڭ ھاياتىدا ئۇلارنىڭ ئەقلىگە، ۋىجدانىغا ۋە ئەخلاقىغا ئەڭ زور تەسىر قىلىدىغان بىردىنبىر تەسىر مەنبەسى ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئۆزىنى، ئەقىدىسىنى، ئەخلاقىنى ۋە بىر پۈتۈن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېغىزىدىن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئاڭلىغانلىرىدا، ئۇلاردا چوقۇم ئۆزگىرىشلەر بولاتتى، ۋىجدانى ھەرىكەتكە كېلەتتى، ئەقلى ئويغىنشقا، ئەخلاقى ئۆزگىرىشكە باشلايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىمانى كۈچلىنىپ كېتەتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق قىسسىسى قۇرئان كەرىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆمەر ئىبىن خەتتابقا ئوخشاش قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ مۇسۇلمان بولغانلىرى كۆپ ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبىن ئۇمەيرنى مەدىنىگە ئىسلامنى تەبلىغ قىلىشقا ئەۋەتكىنىدە، ئۇنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كىشىلەرگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ بېرىش بولغان ئىدى. مەدىنە ئەھلى مۇسئەبنىڭ تىلاۋىتى سايىسىدا مۇسۇلمان بولغان ۋە ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەدىنىگە ئېلىپ بېرىش باغرىغا بېسىش ئارزۇسىدا ياشىغان.

ساھابىلارنىڭ، تابىئىنلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئىدى. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئقىدىسى بىلەن ئەخلاقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەننىڭ سىرتىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەرزىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن. بۇ ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتىدا، ئائىلىۋى ھاياتىدا، ئىجتىمائىي ھاياتىدا، ئىقتىسادىي ھاياتىدا، ئەدەبىي ھاياتىدا، سىياسىي ھاياتىدا ئۆز تەسىرىنى تولۇق كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قۇرئان ئۈممىتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. دۇنيا خەلقى ئۇلارغا قايىل بولغان، ھەممەئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز تۇتقان. نەتىجىدە ئۇلار دۇنيانىڭ ئۈچ قىتئەسىدە ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگەن. چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ جەۋھىرىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بېرەتتى، يەنى ئۇلار قۇرئانغا شەكلىي ياكى زاھىرىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى جەۋھىرىي تەرەپتىن ئەگىشەتتى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلاتتى، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى تەتبىق قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنەتتى، ئۆگەنگەن ئايەتلىرىنى تولۇق ھاياتلىققا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن باشقىسىنى ئۆگىنەتتى. ئىسلام خەلىپىلىرى ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك قوماندانلارمۇ بىراۋ قۇرئان ئايەتلىرىنى دەلىل كەلتۈرۇپ ئۇنىڭغا قارشى چىققاندا سۈكۈت قىلاتتى ۋە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا بوي ئېگەتتى. بىر قېتىم ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبىن خەتتابقا بىر سەھرالىق ئەرەب ئەدەپسىز گەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا بۇ سەھرالىق ئەرەبنىڭ بىر ھەمراھى ئۆمەرگە ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئەپۇچانلىق يولىنى تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلاردىن يۈز ئۆرۈگىن دېگەن سۆزىنى تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆمەر تەبەسسۇم قىلغان. يەنە بىر قېتىم ئۇ مەسجىدتە ئاياللارنىڭ مەھرىنى ئۆرلىتىۋاتماسلىق توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقاندا، بىر ئايال ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ئۇلارنىڭ بىرىگە(مەھرى قىلىپ)كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلاردېگەن سۆزىنى تىلاۋەت قىلغاندا، ئۆمەر ئايال توغرىسىنى تاپتى، ئۆمەر خاتالاشتىدېگەن مەشھۇر سۆزىنى قالدۇرغان. ھەججاج ئىبىن يۈسۈپ زالىملىقى ۋە رەھىمسىزلىقى بىلەن تونۇلغان مۇسۇلمان قوماندان ئىدى. ئۇ بىر كۈنى بىر گۇناھسىز ئادەمنى باشقا بىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك قولغا ئالغان. بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ھەججاج ئۇنىڭغا بىراۋنى تۇغقانلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك جازالىسا بولىدۇ، دېگەننى ئىپادىلەيدىغان شېىرلارنى ئوقۇغان ۋە ئۇنى سۈكۈت قىلدۇرماقچى بولغان. بۇ ۋاقىتتا بۇ ئادەم قۇرئان كەرىمدىكى: (يۇسۇف): ئاللاھ ساقلىسۇن! نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز دېدى[18] دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھەججاج بۇ ئادەمنى قويۇپ بەرگەن.

قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىۋالغان قارىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەردىن سانىلاتتى، ئۇلار خەلىپىلەرنىڭ كېڭەشلىرىگە قاتنىشاتتى، جىھاد مەيدانلىرىدا ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىدى. يەمامە ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى قارىيلار ئىدى. قارىيلار قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس نۇرنى دىلىدا ساقلىغانلىقى سەۋەبلىك شۇنچىلىك ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئەقلىنى يورۇتىدىغان، يولىنى كۆرسىتىدىغان، ھاياتىنى پارلاق قىلىدىغان بىردىنبىر نۇر ئىدى. ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز چۈشۈرگەن نۇرغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار[19] دېگەن ئايەتتىكى نۇر دەل قۇرئان كەرىم ئىدى.

ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە تۇتقان مەۋقەسى

ھازىرقى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمگە شەكلىي ياكى زاھىرى تەرەپتىنلا كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋىتىگە ۋە ئۇنى يادلاشقا ئەھمىيەت بەرگەندەك ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتتا تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ھازىرقى زاماندا يۈز مىڭلارچە مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىدۇ، مىڭلارچە ياش قۇرئان كەرىمنى يادلىماقتا، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىنى، ئىشخانىلىرىنى ۋە ماشىنىلىرىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن زىننەتلىمەكتە. يەنە نۇرغۇنلىرى قۇرئان كەرىمنى ماشىنىسىدا ياكى يانچۇقىدا ساقلاش ئارقىلىق ئۇنى تەۋەرۈك قىلماقتا. بەزى ئاۋاملار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى كېسەللىرىگە شىپالىق ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستاندەك بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئايەت بىلەن داۋالاش مەركەزلىرى ئېچىلماقتا. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رادىيو، تېلېۋىيەلىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلىنىپ، يەنە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن يېپىلىدۇ، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە مەخسۇس قۇرئان كەرىم رادىيوسى بولۇپ، كېچە-كۈندۈز قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ. دېمەك، قۇرئان كەرىم شۇنچىلىك كۆپ تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرماقتا.

ئەمما ئەپسۇسكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان، ئۇنى لايىقىدا قەدىرلىيەلمىگەن، ئۇنىڭ چۈشۈرۈلۈشىدىن بولغان ئاساسىي مەقسەتنى ئورۇندىمىغان، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەرىپىگە ئەھمىيەت بەرمەستىن، پەقەت زاھىرىي تەرىپىگىلا ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئاچالمايدىغان، قەلبىگە تەسىر قىلالمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئىسلام ئۈممىتى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەنگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتۈرگەن ئۈممەت بولۇپ، بىزمۇ _ ئەگەر ئەمەل قىلساق _ شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتىرىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بۇ ئۇممەتنىڭ ئاخىرىنىڭ ئەھۋالى پەقەت ئالدىنقىلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈزۈلگەن نەرسە بىلەنلا تۈزۈلىدۇ.[20]

قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىپ قارىي بولۇش ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر. ئەمما ئۇنى يادلاپ قويۇش بىلەن، يىلدا رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزىدا خەتمە قىلىپ قويۇش كۇپايە ئەمەس. ئەرەبلەر قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىپ، مەنىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭ قانۇن-پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنى تىلى، دىلى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ياشناتقان ئادەمنى ھامىلۇل قۇرئان يەنى قۇرئاننى كۆتۈرگۈچى دەپ ئاتايدۇ. بۇ كۆتۈرۈش قۇرئاننى يادلاپ مېڭىدە ساقلاپ نەگە بارسا شۇ يەرگە كۆتۈرۈپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇرئاننىڭ تېكىستىنى، مەنىسىنى، قانۇن-پرىنسىپلىرىنى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئەمر-پەرمانلىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئاۋۋال ئۆزىگە يەرلەشتۈرۈپ، ئاندىن كىشىلەرگە يەتكۈزۈش، ئۇلارغا ئۆگىتىش دېگەنلەرنى تەقەززا قىلىدىغان كۆتۈرۈشتۇر. بۇ كۆتۈرۈش قۇرئاننى يادلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئۆگەنمىگەنلەرنى ياكى ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھامىل ئەل قۇرئان دېگەن ئۇنۋان كاتتا ئۇنۋان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ قارىم، قاراخۇنۇم ۋە قارىھاجىمدېگەن ئۇنۋانلىرىمىزدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر.

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن تۇمار قىلىپ بويۇنلارغا ئېسىۋېلىش، كېسەللىكلەرنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن داۋالاش دېگەنلەر ساھابىلارنىڭ زامانىدا بولۇپ باقمىغان غەلىتە ئىشلاردۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغىنى كېسەللەرگە: ئى ئىنسانلارنىڭ رەببى! كېسەلگە شىپالىق بەرگىن، سەندىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ شىپايىڭ بىلەن كېسەل قالمايدۇ دەپ دۇئا قىلىشنى، فاتىھە، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تىلەش قاتارلىقلاردۇر. ئەمما ساھابىلاردىن ياكى ئۇلاردىن كېييىنكىلەردىن كېسەللەرنى ئايەت بىلەن داۋالاش ئۈچۈن شىپاخانا ئاچقانلار بولمىغان. چۈنكى قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا مەنىۋى شىپادۇر. جىسمانىي كېسەللەردىن شىپا تېپىشنىڭ چارىسى دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شىپالىق پەقەت ئۈچ نەرسىدىدۇر. ئۇلار: ھەسەل يېيىش، قان ئالدۇرۇش ۋە داغلاشتۇردېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالدىم دەپ كەلگەن بىرىنى ئايەت ئوقۇپ سۈپلەشكە ياكى سۇغا ئوقۇپ ئىچىشكە ياكى تۇمار ئېسىشقا بۇيرۇغان ئەمەس. بەلكى كېسەللەرنى تېۋىپلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇغان. شۇ ۋاقىتتا مەدىنىدە ھارىس ئىبىن كەلدە ئىسىملىك بىر تېۋىپ بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن كېسەل بولۇپ قالغانلارنى شۇ تېۋىپقا بېرىشقا بۇيرۇيتتى. مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمدىكى: بۇ (قۇرئان) ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن بىر يولباشچى ۋە شىپادۇر[21] دېگەن ئايەت قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ قەلبلەرگە شىپا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە ئوچۇقراق قىلىپ: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن بىر ئۆگۈت بولغان، دىللاردىكى (كېسەللىكلەر) ئۈچۈن شىپا بولغان، مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى[22] دېيىلگەن. دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ شىپالىقى مەنىۋى شىپالىق بولۇپ، دىللاردىكى شەك-شۈبھە، نادانلىق، ئازغۇنلۇق قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.

ئەگەر ئاۋۋالقى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار كېسەللىرىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن داۋالاش يولىنى تۇتۇپ، سەۋەب قىلمىغان بولسا، ئىسلام ھەزارىتىدە تېبابەتنىڭ ئورنى بولمىغان ۋە دۇنياغا مەشھۇر مۇسۇلمان مېدىتسىنا ئالىملىرىمۇ مەيدانغا كەلمىگەن بولار ئىدى. ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلاردىن چىققان ئالىملارنىڭ تولىسى دىن ۋە پەن ھەر ئىككى جەھەتتىن يېتىشكەن كىشىلەر ئىدى. مەسىلەن: ئىبىن رۇشد دىنىي ئىلىمدە يېـىشكەندەك دوختۇرلۇقتىمۇ يېتىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دىنىي ئىلىم ساھەسىدە بىدايەتۇل مۇجتەھىد دېگەن كىتابى، مېدىتسىنا ئىلمىدە مېدىتسىنادا ئاساس ناملىق كىتابى دۇنياغا تونۇلغان. ئاتاغلىق مۇپەسسىر فەخرىددىن رازى ئەينى ۋاقىتتا مېدىتسىنادا پېشۋا ئىدى، ئىبىن نەفىس مېدىتسىنادا قان ئايلىنىش مەركەزلىرىنى كەشپ قىلغان بولسا، دىنىي ئىلىملەر ساھەسىدە شافىئىي فىقھىدا مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ بەرىكىتى ئۇنى سۇغا ئوقۇپ ئىچىش ياكى كېسەلگە سۈپلەش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ روھىغا ئەگىشىش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ھاياتىغا تەتبىق قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. كاشكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلار بۇنى چۈشەنسە ئىدى.

[1] ئەئراف سۈرىسى3-ئايەت.

[2] نىسا سۈرىسى105-ئايەت.

[3] ئەنئام سۈرىسى155-ئايەت.

[4] تەكۋىر سۈرىسى27-28-ئايەتلەر.

[5] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.

[6] ئەئراف سۈرىسى203-ئايەت.

[7] نىسا سۈرىسى174-ئايەت.

[8] ئەنكەبۇت سۈرىسى51-ئايەت.

[9] ساد سۈرىسى29-ئايەت.

[10] ئەنبىيا سۈرىسى10-ئايەت.

[11] قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟ ناملىق ئەسەر59-بەت.

[12] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.

[13] نەزەرات فى كىتابىللاھ ناملىق ئەسەرنىڭ34-بېتىدىن.

[14] ئەنفال سۈرىسى2-ئايەت.

[15] تەۋبە سۈرىسى124-ئايەت.

[16] ئىبنى كەسىر تەپسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نەقىل قىلغان.

[17] يولدىكى ئىشرەتلەر(مەئالىم فىتتەرىق).11-12-نەتلەر.

[18] يۇسۇف سۈرىسى79-ئايەت.

[19] تەغابۇن سۈرىسى8-ئايەت.

[20] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[21] فۇسسىلەت سۈرىسى44-ئايەت.

[22] يۇنۇس سۈرىسى57-ئايەت.

مەنبە: ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top