سىياسەت ۋە ھاكىمىيەت ساھەسىدە ۋىجداننىڭ رولى
گەرچە سىياسەت، ھاكىمىيەت ساھەسى كۆپىنچە چاغلاردا كىشىلەرنى زۇلۇم، مەغرۇرلۇق، ھەددىن ئېشىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىر ساھە بولسىمۇ، مانا مۇشۇ ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان تۇنجى ئىسلام خەلىپىلىرىدىكى دوستىغا يان باسمايدىغان، دۈشمەنگە زۇلۇم، ناھەقچىلىك قىلمايدىغان، تەبىقەۋازلىق قىلمايدىغان يېتۈك ئادالەتپەرۋەرلىك خىسلىتى توغرىسىدا تارىختا تەسىرلىك خاتىرىلەر قالغان. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۆمىنچە ۋىجدان ئۇلارنى ئەنە شۇنداق شەرەپلەرگە سازاۋەر قىلغان. مانا شۇ ۋىجدان، ھاجەت ئادا قىلىش ئۈچۈن باغقا كىرگەندە،: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ! شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ خەتتاپ جەمەتى ئاللاھتىن قورقسۇن، ياكى ئاللاھ سېنىڭ جاجاڭنى بەرسۇن دەپ ئەنەس باغنىڭ سىرتىدا توۋلىسا، شۇنداق قوپاللىقنىمۇ ھېچ نېمە بولمىغاندەك، كۆتۈرۈپ كېتەلەيدىغان ئۆمەردەك خەلىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ ۋىجدان ئۆمەرنى مەشھۇر رەماد يىلى دەپ ئاتالغان ئاچارچىلىق يىلىدا نان ۋە مايدىن باشقا ھېچنېمە يېمەيدىغان قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ تىللىرى قارىداپ كەتكەن. بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: پۇقەرالار ئاچ، مەن توق يۈرسەم، مېنىڭ ئەلگە باش بولىدىغان نەرىم قالىدۇ؟
بىر كۈنى ئاچلىقتىن سارغىيىپ كەتكەن بىر كىچىك قىزنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دېدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا:
ئۇ مېنىڭ قىزىم بولىدۇ، سەن بىزنى قولۇڭدا بار ئاشلىقتىن قىسقاندىن كېيىن بولغۇلۇقىمىز شۇ، دېدى. ئۆمەر:
ھەي ئابدۇللاھ سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا ئاللاھنىڭ كىتابى بار. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى سىلەرگە ئاللاھنىڭ بەلگىلىگىنىدىن باشقا ھېچنېمە بېرەلمەيمەن. سىلەر مېنىڭ سىلەرگە ھەقلىق بولمىغان نەرسىنى بېرىپ خائىن بولۇشۇمنى خالامسىلەر؟! دېدى.
ئىبنى كەسىر ئۆمەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ۋە شانلىق ئىش – پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئاللاھتىن بەك قورقاتتى. تۇرمۇشتا ئاددىي ساددا ئىدى، ئاللاھ توغرىسىدا قاتتىق قول ئىدى. كىيىمىنى تىرە بىلەن ياماپ كىيەتتى. شۇنچە ئابرۇيلۇق تۇرسىمۇ تۇلۇمنى مۆرىسىگە قويۇپ سۇ ئەكىلەتتى، ئېشەككە توقۇم سالماي مىنەتتى، ئاز كۈلەتتى. چىگە ئارقان بىلەن چۇلۋۇرلانغان تۆگىگە مىنەتتى. بىرىنى مازاق قىلمايتتى، ئۇنىڭ ئۈزۈكىگە ھەي ئۆمەر، ئۆلۈم ئەڭ يېتەرلىك نەسىھەت دېگەن سۆز ئويۇلغان ئىدى.
جەئد ئىبنى ھۈبەيرە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقا شۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، يېنىڭغا ئىككى ئادەم كېلىدۇ، بىرسى سېنى ئۆز ئائىلىسى ۋە مالىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بىرسى قولىدىن كەلسىلا سېنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشتىن يانمايدۇ، شۇڭا سېنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە پايدىلىق، سېنى يامان كۆرىدىغان ئادەمگە زىيانلىق ھۆكۈمنى بېرەرسەن، دېگەندە، ئەلى جاۋابەن: بۇ ئىش ئۆزۈمنىڭ ئىشى بولغان بولسا شۇنداق قىلاتتىم. لېكىن، بۇ دېگەن ئاللاھنىڭ ئىشى دەيدۇ.
شۆئبى مۇنداق دەيدۇ: ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ساۋۇتىنى يۈتۈرۈپ قويۇپ كېيىن ئۇنى بىر ناسارانىڭ قېشىدا ئۇچراتتى. (ناسارا ساۋۇتنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىغاندىن كېيىن) ئەلى ئۇنى قازى شۈرەيھنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئەلى ئېيتتى:
ـــ بۇ ساۋۇت مېنىڭ، مەن بۇ ساۋۇتنى ئۇنىڭغا ساتمىغان ھەم بەرمىگەن. شۈرەيھ ناساراغا دېدى:
ـــ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ سۆزىگە نېمە دەيسەن؟ ناسارا:
ـــ ساۋۇت مېنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ.
شۇرەيھ:
ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، گۇۋاھچىڭ بارمۇ؟ دەيدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنىڭ گۇۋاھچىم ئىككى ئوغلۇم دەيدۇ ۋە ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ.
شۇرەيھ:
ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، بالىنىڭ ئاتىغا گۇۋاھچى بۇلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
شۇرەيھ توغرا ئېيتتى، مېنىڭ پاكىتىم يوق، دېدى.
شۇنداق قىلىپ ساۋۇت ناساراغا ھۆكۈم قىلىندى. ناسارا ساۋۇتنى ئېلىپ بىرنەچچە قەدەم ماڭار ماڭمايلا بىردىنلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مانا بۇ، پەيغەمبەرلەر بېرىدىغان ھۆكۈم، پادىشاھ مېنى ئۆز قازىسى ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. قازى پادىشاھنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ساۋۇت سېنىڭ ئىدى، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سەن سىففىنغا كېتىۋاتقۇچە ئۇنى چۈشۈرۈپ قويغاندا، مەن ئۇنى ئېلىۋالغان ئىدىم، دېدى.
ئەلى:
مۇسۇلمان بولغىنىڭدا، ئەمدى ئۇ سېنىڭ بولسۇن، دېدى.
خەلىپە ۋە قازىنى باشقۇرۇپ تۇرغان نەرسە مۆمىنچە ۋىجدان ئىدى. مۆمىن پادىشاھ ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلەتمىدى ياكى قازىغا ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىشقا بەلگە بەرمىدى. قازى پادىشاھنىڭ گېپىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ تۇرغان بولسىمۇ پادىشاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن دەۋانى ھىيلە بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرمىدى. ئىمان شەرىئىتى ھەممىگە ھۆكۈمران، پادىشاھ ياكى پۇقەرا، مۇسۇلمان ياكى ناسارا بولسۇن ھەممىگە باراۋەردۇر.
ئەلى ئۈچ تەڭگىگە سېتىۋالغان كۆڭلەكنى كىيەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: ماڭا ئۆي ۋەجىم ئىچىدىن كىشىلەر ئارىسىدا چىرايلىق يۈرگۈدەك ۋە ئۇيات يېرىمنى يۆگىگىدەك بىر نەرسىنى ماڭا تىگىل قىلىپ بەرگەن خۇداغا مەدھىيە ئېيتىمەن.
ئەلى ئۆزى پادىشاھ تۇرۇقلۇق بازارلاردا يالغۇز يۈرەتتى. ئېزىپ كەتكەن ئادەمگە يول كۆرسىتەتتى. ئاجىزلارغا ياردەم بېرەتتى. باققال ۋە سېتىقچىلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆتسە ئۇلارغا قۇرئاننى ئېچىپ: ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى ئاقىۋەت) تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.[1] دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ بېرىپ مۇنداق دەيتتى: بۇ ئايەت ئادىل ۋە كەمتەر پادىشاھ، ئەمەلدار ۋە كۈچى بار كىشىلەر توغرىسىدا چۈشكەن.
ئاخىرەت دۇنياسىغا ۋە ئاللاھنىڭ قېشىدىكى ياخشى ئاقىۋەتكە ئىشتىياق باغلاش بۇ يۈكسەك نەمۇنىلەر ۋە بۈيۈك ئىشلارنىڭ رېئاللىققا چىقىشىدىكى يوشۇرۇن ئامىل.
ئۆمەۋىيلەرنىڭ توغرا يولدىكى خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز توغرۇلۇق مالىك ئىبنى دىنار مۇنداق دېدى: كىشىلەر مالىك زاھىت، دېيىشىدۇ. مىنىڭ قانداق زاھىدلىقىم بار ئىكەن؟ ھەقىقىي زاھىت دېگەن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدۇر. دۇنيا ئۇنىڭ ئالدىغا ئېغىزىنى ئېچىپ كەلگەن بولسىمۇ دۇنيانى پۈتۈنلەي تەرك ئەتتى.
راست، ئۇ خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلدىمۇ كىيىدىغانغا بىرلا كۆڭلىكى بار ئىدى. كۆڭلەكنى ھەر يۇغاندا ئۇنىڭ قۇرۇشىنى كۈتۈپ ئۆيدىن چىقالماي ئولتۇراتتى. ھالبۇكى ئۇ بەكمۇ باياشات ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن يىگىت ئىدى.
ئۇ بىر كۈنى ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۈزۈم ئېلىپ يېيىش ئۈچۈن بىر تەڭگە قەرز سورىدى. ئايالى بەرگىلى پۇل تاپالمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: سەن خەلىپە تۇرساڭ خەزىنەڭدە ئۈزۈم سېتىۋالغۇدەك پۇل يوقمۇ؟ دېدى. ئۇ:
مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئەتە جەھەننەم ئوتىدا ئازاب ۋە زەنجىرلەر ئىچىدە تىپىرلىشىمدىن ئاسانراق، دېدى. ئۇ خەلىپىلىك تەختىدىكى چىغىدا جەمئىيەتتە قازىخانىغا دەۋا كەلمەيدىغان دەرىجىدە ياخشىلىنىپ كەتكەن. ئۇ ھەرقانداق بىر ھەق ئىگىسىگە تېگىشلىك ھەققىنى بېرەتتى. ئۇنىڭ جاكارچىسى ھەركۈنى شۇنداق دەپ جاكارلاپ تۇراتتى: قەرزدارلار بارمۇ؟ توي قىلىدىغانلار بارمۇ؟ يېتىملار بارمۇ؟ قىسلغانلار بارمۇ؟ ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىمىز!
ئۇ ئادىل، دۇنيا سۆيمەس، ئېزىلگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدىغان، ئۆز جەمەتىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان خەلىپە بولسىمۇ يەنە مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ، ئۆمەر سېنىڭ رەھمىتىڭگە لايىق ئەمەس. لېكىن رەھمىتىڭ ئۆمەرنى تېپىشقا لايىقتۇر.
بىر ئادەم ئۇنى ماختاپ ئۇنىڭغا: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئىسلامغا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدى، دېگەندە ئۇ جاۋابەن: بەلكى ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق ماڭا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدى دېدى.
ئۇ ھەقىقەتنى ئۆز ۋايىغا يەتكۈزدى، ئۇ پەقەت ئىسلام مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى، ئىمان زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى.
مىساللارنى كۆپ سۆزلەپ كەتتۇق. چۈنكى مۆمىن كىشىلەر ئېلىپ بارمىغان ھۆكۈمدارلىق، مۆمىن ۋىجدانلار يۈرگۈزمىگەن سىياسەت شائىر دېگەندەك بولىدۇ.
دۇمباقتەك يىراقتىن ئاڭلىنار ياڭراق،
ئىچ قارنى ياخشىلىق دېگەندىن يىراق.
دوكتور يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ ئىمان ۋە كىشىلىك ھايات ناملىق كىتاۋىدىن ئارىيە.
[1] قەسەس سۈرىسى 83- ئايەت.
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى