You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 18-قارار تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى

18-قارار تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي تىل ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن قەرەللىك ھالدا ئۈچ ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى داۋاملىق ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 18-قارارلىقى بولۇپ، بۇرۇنقى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى قوللىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ياخشى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ. تۈركچە كۇرسىغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرستىن سىرت تارىخ ۋە تۈركىيە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلىش بىلەن بىرگە، تۈركچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىدە ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ھالدا ئىستانبۇلدىكى تارىخى ماكانلارغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ھازىرغىچە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە سودىگەرلەرگە جەمىئىي 17 قارار تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن تۆۋەن ئوقۇش ھەققى تۆلەپ قىسقا ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ تۈركچە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئېھتىياجىدىن چىققان ئىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىللاردىن بېرى ئېچىلىپ كېلىۋاتقان تۈركچە كۇرسىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركچە ئوقۇتۇش پىروگرامىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

تۈركچە ئوقۇتۇشىدا، تۈركىيەلىك جان يامان مۇئەللىم تۈركچە دەرس بېرىۋاتقان بولۇپ، تۈركچە ئۆگىتىش بىلەن بىرگە تارىخ ۋە تۈركىيە جەمىئىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىدۇ.

تۈركچە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۈچ ئايدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتىش ۋە تۈركىيە جەمىئىيىتىنى تونۇتۇشنى نىشان قىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

3 ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى تەپسىلاتى: 

تۈركچە كۇرس مۇددىتى:

  • جەمىئىي 3 ئاي (باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيە)

دەرس باشلاش ۋە تىزىملاش ۋاقتى:

  • 12 – ئاينىڭ 08-كۈنى پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 09:30 دا
  • تىزىملىتىش ۋاقتى: 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى سەيشەنبە كەچ سائەت 6:00 گىچە

3 ئايلىق تۈركچە كۇرس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 

  • 2-ئاينىڭ 26- كۈنى يەكشەنبە (جەمىئىي 12 ھەپتە)

دەرس كۈنى ۋە ۋاقىتلىرى:

  • پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئەتىگەن سائەت (12:30 – 09:30) ئارىلىقى
  • شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن (06:00 – 03:00) ئارىلىقى

تىزىملىتىش شەرتى: ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرى

دەرس كىتابى: تۈركچە ئۆگىنەيلى (Türkçe Öğrenelim)

ئايلىق ئوقۇش پۇلى:

  • ئايلىق 140 تۈرك لىراسى، 3 ئايلىق جەمىئىي 420 تۈرك لىراسى

كىتاب پۇلى: 30 تۈرك لىراسى

سان چەكلىمىسى: 12 ئوقۇغۇچى

تىزىملىتىش ۋاقتى: 06 – دىكابىر سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6:00 گىچە

تېلىفۇندا تىزىملىغۇچى:  مەمتىلى مەمتىمىن (يانفۇن: 05312763291)

تۈركچە كۇرسىدا ھەپتىدە 4 كۈن، كۈندە 3 سائەت ۋە ئايدا جەمىئي 48 سائەت ئۆتۈلىدۇ.

تۈركچە كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار تۆۋەندىكى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ uyghuracademy@gmail.com ئېلخەتىگە ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى

3 ئايلىق تۈركچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە تۈركچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت تۈركچە تىل كېنىشكىسى بېرىلىدۇ.

يەنە بىر ئايدىن كېيىنكى تۈركچە كۇرسى ئېچىلىش ۋاقتى: 02 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى

ئادرىس: مىللەت كوچىسى، بۆرەكچى ۋەلى تار كوچىسى 4|38-نۇمۇر، چاپا، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Türkçe Kitap

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركچە كۇرسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دەرس كىتابى

(ئىستانبۇل سۇلايمانىيە فىلىز كىتاب ئۆيى نەشىرى)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top