ئۇيغۇرلاردىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆزگىرىشى
مۇتەللىپ ئىقبال
ئىپتىدائىي ئېتىقاد ھادىسىسى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىغا، ھايۋانات – ئۆسۈملۈكلەرگە ۋە ئەجداد – قەھرىمانلارغا چوقۇنۇشتەك ئېتىقاد شەكىللىرىگە ئىگە. ئىپتىدائىي ئېتىقاد ھادىسىسى ھەرقايسى خەلق مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىدا ساقلىنىۋاتقان ئىپتىدائىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەرنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىپتىدائىي ئېتىقاد ھادىسىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىي شارائىتىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتىكى سەۋەبلىرى ئېچىپ بېرىلىدۇ.
ماقالىنىڭ تامامىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: ئۇيغۇرلاردىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆزگىرىشى
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2012 – يىللىق 1-سان