كولانىڭ خەتەرلىك سىگنالى!
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئاكادېمىيىدىن ئەخمەتجان پولات
فرانسىيە دۆلەتلىك ئىستىمالچىلار ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، 19 خىل كولا مەھسۇلاتىدا كۆپىنچىسىدە ھەر لىتىرىدا 20 قەنتكە باراۋەر شېكەر بولىدىكەن. شېكەر مىقدارى ئاز دەپ قارالغان كولالاردا (Light Cola) قوشۇلغان تەم كىرگۈزگۈچى ماددىلارنىڭ ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى ۋە كولالاردا بەك ئاز مىقداردا ئىسپىرىت بارلىقى ئىسپاتلانغان.
فرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىلمى تەتقىقاتتا، شېكەت ئامبىرى بولغان كولانىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئاتمىش مىليون ئىستېمالچى» ناملىق ژۇرنالدا فرانسىيە دۆلەتلىك ئىستېمالچىلار ئىدارىسىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ژۇرنالدا، فرانسىيە سالامەتلىك ھەققىدە تالاش تارتىشقا سەۋەب بولغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ «ئىنساننى چۆچىتىدىغانلىقى» نى ۋە كولا ئىچىدىغانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى يازدى.
فرانسىيە دۆلەتلىك ئىستېمالچىلار ئىدارىسى كولادىكى ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ، ئۇنىڭدىكى شېكەر مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 19 خىل كولا ماركىسى « coca cola »، «pepsi»، «Auchan»، «cora»، «casino»، «leader price»، «Man U-cola» … ھەققىدىكى تەتقىقاتتا، كولادا شېكەر، تەم كىرگۈزگۈچ ماددىسى، خىمىيەتلىك ماددىلار، قەھۋە، ئىسپىرت قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى تېپىپ چىقتى. كۆپىنچىسىدە بىر لېتىر (100 گرامدىن ئارتۇق) يەنى 20 دانە قەنتكە تەڭ شېكەر تېپىلغان. بۇ سان، كوكا كولادا 18 دانە، پېپسىدە 17 دانە دەپ ئېلان قىلىندى. «Light» كولادا، ئۇنىڭغا قارىغاندا تەم كىرگۈزگۈچى ماددىسىنىڭ، ئىنساق سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئىستېمالچىلار ئىدارىسى، كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلىشنىڭ سېمىزلىك، دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تەتقىقاتچىلار، تەتقىقات جەريانىدا ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە، كولادا دارچىن (سىننامون)، كوكۇس، ئاپېلسىنغا ئوخشاش بەزى ئۆسۈملۈك ۋە مىۋىلەرنىڭ بارلىقىنى تېپىپ چىقتى. ئستېمالچىلار ئىدارىسى، بەزى ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئۆسۈملۈك ۋە مىۋىلەرگە قارشى زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى ئارتىۋاتقان يېمەكلىك زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ بىر سەۋەبىنىڭ كولا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى گازلىق ئىچىملىكلەردە بارلىقى بىلىنمىگەن «تېرپېن » لىرىنىڭ تەبىئى خۇش پۇراقلىق ماتېرىيال قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى بىلىندى. ئامېرىكىنىڭ كالېفورنىيە شىتاتىدا راك كېسەللىكىگە سەۋەب بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن «فوسفورىك كىسلاتا» ياكى «ئاممۇنىي سۇلفات» كراخمالىدىكى E150D ناملىق يېمەكلىككە رەڭ قوشۇش ئۈچۈن ئىلىتىدىغان ماددىلارنىڭ كولا ئىشلەپ چىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
بەك ئاز مىقداردا ئىسپىرىت بار.
تەتقىقاتتا، ئەڭ ھەيران قالدۇرغان نەتىجە بولسا، كولادا ئىسپىرىت بارلىغى بولدى. تەتقىقاتچىلار، Cola cola، pepsi cola، coca cola light، coke ۋە coke zero قاتارلىق 10 نەچچە كولا ئىچىملىكىدە ئىسپىرىت بارلىغىنى ۋە بۇنىڭ فرانسىيەدە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىك دەپ قوبۇل قىلىنغان %1.2 نىسبەتتىن كۆپ ئاز بولۇپ، %0.001 نىسبەتتە ئىكەنكىنى بىلدۈردى. بۇ بىر لېتىردا 10 مىللى گرام ئىسپىرىتقا توغرا كېلىدۇ. فرانسىيەدىكى kola kola نىڭ دىرېكتورى Michel Pepin «مەخپى رىتسىپ» بولغاچقا، بەزى باسقۇچلاردا ئىسپىرىتنىڭ قوللىنىلغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىگىنى بىلدۈردى. Pepsi ئۈچۈن سۆز بايان قىلغان باياناتچى، بەزى ئىچىملىكلەردە ئىسپىرىت بارلىغىنى، ئەمما pepsi كولادا ئىسپىرىت يوقلىغىنى دەپ ئۆتتى.